پىشانەمگە پۈتۈلگەن ئەمەس ئىكەنسەن
ئابدۇكىرەم ئوسمان دەتمەن
 
نە قىلاي ئالدىڭدا ئۆزۈمنى خار قىلىپ .
پىشانەمگە پۈتۈلگەن ئەمەس ئىكەنسەن .
نە قىلاي ئۆزۈمگە ئازاپنى  يار قىلىپ ،
پىشانەمگە پۈتۈلگەن ئەمەس ئىكەنسەن .
 
كەتتىغۇبۇ شۇم تەقدىر يۈرەكنى يىرىپ.
ئىككىمىزگە ھىجراننىڭ گۈلىنى بىرىپ .
قىلدىممۇ مەن خاتا كۆڭلۈمنى بىرىپ .
پىشانەمگە پۈتۈلگەن ئەمەس ئىكەنسەن .
 
بىزچۈن ئەمدى باغلاردا بۇلبۇل سايرىماس .
بۇ يۈرەك سىنىڭسىز خۇشال يايرىماس .
قوشۇلسا تەقدىرىمىز ھىچكىم ئايرىماس .
پىشانەمگە پۈتۈلگەن ئەمەس ئىكەنسەن .
 
2013-يىل 8-ئاينىڭ19-كۈنى
 
تەنھا ياشاپ ئۆتۈپ كەتكۈم بار
 
مەندىن بىزار بولۇپسەن گۈلۈم ،
ساڭا شاتلىق بەخىش ئەتكۈم بار ،
يۈرىكىڭدە ئورنۇم  يوق ئىكەن ،
تەنھا ياشاپ ئۆتۈپ كەتكۈم بار .
 
سىنىڭ ئۈچۈن دەرتلەر تاتقۇچە .
ئۇيقۇ بىدار تاڭلار ئاتقۇچە .
مۇھاببەتنى پۇلغا ئالغۇچە .
تەنھا ياشاپ ئۆتۈپ كەتكۈم بار .
 
مۇھەببەتنى بىلەمسەن گۈلۈم.
بىلەلىسەڭ قىلما ھەرگىز خار .
سەن مىنىڭدىن بولساڭ گەر بىزار ،
تەنھا ياشاپ ئۆتۈپ كەتكۈم بار .
 
پۇل- مال-دۇنيا ئەمەستۇر دوستۇم .
ماڭا كىرەك ساداقەتمەن يار  .
مال –دۇنيانى تۇتساڭ گەر دوس ،
تەنھا ياشاپ ئۆتۈپ كەتكۈم بار .
 
2013-يىل 8-ئاينىڭ19-كۈنى
 
كىشىلىرىم بارمىدۇ مىنىڭ
 
دەرتلىرىمگە دەرمان بولغۇدەك .
يۈرۈكۈمدە ئارمان بولغۇدەك .
مىنىڭ ئۈچۈن ياشاپ ئۆلگۈدەك .
كىشىلىرىم بارمىدۇ منىڭ .
 
شاتلىقىمچۈن خۇشال كۈلگۈدەك .
ئەقىدەمنى دىلدىن بىلگۈدەك .
سىغىنغاندا بىرگە يۈرگۈدەك .
كىشىلىرىم بارمىدۇ منىڭ .
 
تۈن كىچىلەر خىيالىم سۈرگەن .
چۈشلىرىدە مىنىلا كۆرگەن .
بەختىمنى ھەم بەختىم دەپ بىلگەن.
كىشىلىرىم بارمىدۇ منىڭ .
 
ياسىساق گەر گۈلشەن باغلارنى .
بىللە تالقان قىلىپ تاغلارنى .
ئۆتكۈزىدىغان خۇشال چاغلارنى .
كىشىلىرىم بارمىدۇ منىڭ .
 
بىللە كۆرگەن راھەت- جاپانى .
دوستى قىلغان مىھىر – ۋاپانى .
يىتلدۈرگەن ئىسىل ساپانى .
كىشىلىرىم بارمىدۇ منىڭ .
 
2013-يىل 8-ئاينىڭ 25-كۈنى
 
كىلەلمىسەڭمۇ
 
تاڭ سەھەردە چىقارمەن يولۇڭغا قاراپ ،
بولسىمۇ گەر ئىشقىڭدا ھالىم بەك خاراپ .
كەتتىڭ سەن تاشلاپ ماڭا ھىجران ۋە ئازاپ ،
كۈتۈپ باقتىم سۆيگەچكە كىلەلمىسەڭمۇ .
 
بىرگە يۈرگەن كوچىلار قالدى چۆلدەرەپ ،
تەنھالىقىم ئىزناسىن تۇرا بىلدۇرۇپ .
ئۆتكەن ئىدۇق شاد –خۇرام كۈلۈپ-كۈلدۈرۈپ .
ئەسلەپ باقتىم سۆيگەچكە كىلەلمىسەڭمۇ .
 
تىلەپ باقتىم ئاللاھتىن ساڭا چىىن بەخىت .
ساداقەتنىڭ بابىدىن تاجۇ ھەم تەخىت  .
ئەقىدەڭدىن يانساڭمۇ تىلەيمەن بەخىت .
بەختىڭ تىلىدىم سۆيگەچكە كىلەلمىسەڭمۇ .
 
يىرىپ بەرسەم يۈرەكنى كۆرۈپ باقامسەن .
يا قىينىلىپ يۈرىكىڭ يىغلاپ ياتامسەن .
يىلان كەبى سەن مىنى شۇنداق چاقامسەن .
ئويلاپ قالدىم سۆيگەچكە كىلەلمىسەڭمۇ .
 
2013-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى
 
لازىم ئەمەس
 
ساڭا زار بوپ تەلمۈرگىنىمدە ،
مىنى ئەسلەپ كىلەلمىدىڭغۇ .
كۆزلىرىڭگە ئۈمۈتلۈك باقسام ،
سۆيگىنىمنى بىلەلمىدىڭغۇ .
 
تۈنجى سۆيگۈم ئەمەس سەن ئىدىڭ ،
سىنى تۇنجى بىلەلىدىمغۇ  .
تاپاي دىسەڭ ئۆزگىدىن بەخىت ،
ساڭا بەخىت تىلەلىدىمغۇ  .
 
لازىم ئەمەس ماڭا ئۇ سۆيگۈ ،
مەنچۈن ئوتتا كۆيەلمەيدىغان .
لازىم ئەمەس سىنىڭدەك بىر يار ،
قەدىرلىسەم بىلەلمەيدىغان .
 
ھايات يولدا تىكەنلەر كۆپ ،
قاراپ ماڭغىن كەتسەڭمۇ تاشلاپ ،
چوڭ بىلگىنىڭ قىلمىسا ۋاپا ،
قالمىغىن سەن كۆزۈڭنى ياشلاپ .
 
2013-يىل9-ئاينىڭ 1-كۈنى
 
مىنى ئۇنۇت
 
ئۇنتاي دىدىم مەن سىنى ،
بىرگە يۈرگەن كۈنلەرنى .
ئەسلىمەيمەن بىل جىنىم ،
خىيال سۈرگەن تۈنلەرنى .
 
كۆز ئالدىمدا سىمايىڭ ،
ئەكىس ئىتەر ھەر سىكۇنت ،
تاپقىن ئەمدى بەختىڭنى ،
ئەمدى مىنى سەن ئۇنۇت .
 
باشقا بىرگە كۆيىسەن ،
باشقا بىرنى سۆيىسەن .
دەتلىرىڭدە يىغلىسام ،
پەرۋا قىلماي يۈرىسەن .
 
 
2013-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى
 
ئۈمۈت كۈتمە ساڭا كۆڭۈل بەرمەيمەن
 
ماڭا دەستە گۈللەر ئىلىپ كەلسەڭمۇ ،
يۈرىكىڭنى ياكى يىرىپ بەرسەڭمۇ ،
يار سىز ياكى تەنھا يۈرۈپ ئۆلسەممۇ ،
ئۈمۈت كۈتمە ساڭا كۆڭۈل بەرمەيمەن .
 
سۆيىمەن دەپ يۈرۈپ مىنى ئالدىدىڭ ،
ئەقىدەمنى نىچۈن شۈنچە خارلىدىڭ ،
كۆڭلۈم باردەپ ئايرىلشنى تاللدىڭ ،
ئۈمۈت كۈتمە ساڭا كۆڭۈل بەرمەيمەن .
 
مىنى ھىجران قىيناپ زارلاپ يۈرسىمۇ ،
دوس دۈشمەنلەر مازاق قىلىپ كۈلسىمۇ ،
يالغۇزلۇققا ئەگەر ئادەم ئۆلسىمۇ ،
ئۈمۈت كۈتمە ساڭا كۆڭۈل بەرمەيمەن .
 
تەلمۈرمىگىن يوللۇرۇمغا سەن ئەمدى  ،
تەلمۇرسەڭمۇ يانلىرىڭغا بامايمەن ،
قالساڭمۇ سەن گەرچە ئاخىر نەپەستىن ،
ئۈمۈت كۈتمە ساڭا كۆڭۈل بەرمەيمەن .
 
2013-يىل 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
 
ئايرىلىش
يامان بولدى بۇ ئايرىلىش ،
يۈرەككە دەت –ئازاپلار سىلىپ ،
شات كۈلدى رەقىپلەر ئەمدى ،
ئايرىلىشتىن خۇشاللىق تىپىپ ،
يامان بولدى بۇ ئايرىلىش ،
بارچە ئارزۇنى كەتتى ئىلىپ .
ھىجران ئوتى كۆيدۈرەر مىنى ،
خەنجەر بولۇپ يۈرەكنى تىلىپ .
 
يامان بولدى بۇ ئايرىلىش ،
كىچەلىرى بىدار ئۇيقۇدىن .
مەن ئۆزۈمنى تاپالمىدىم ،
ھاياتلىقتىن ئۈشبۇ تۇيغۇدىن .
 
يامان بولدى بۇ ئايرىلىش ،
بۇ يۈرەكنى ھەسرەتكە قويۇپ .
قوپ قويغۇچە ئاشىق يۈرەكنى ،
ئىپ كەتسەڭچۇ بۇنىمۇ ئويۇپ .
 
يامان بولدى بۇ ئايرىلىش ،
سۆيگۈ گۈلۈم كەتىىغۇ توزۇپ .
تەلمۈرىمەن كەتكەن يولۇڭغا ،
غىرىپ كەبى بوينۇمنى سوزۇپ .
 
يامان بولدى بۇ ئايرىلىش ،
كۆزلۈرۈمدىن ئۇيقۇلار قىچىپ .
كەل دىلبىرىم سۆيەي مەن سىنى ،
بۇ دۇنيادا ھەممىدىن كىچىپ .
 
ھىجرانىم
 
يوللۇرۇڭغا تەلمۈرۈپ جىنىم ،
كۈندە سىنى زارىقىپ كۈتەيمۇ .
ساڭا بولغان يۈرەك سۆزۈمدىن ،
مۇھاببەتلىك داستان پۈتەيمۇ .
 
ھىجرانلارنىڭ سىناقلىرىدا ،
ئويلاپ سىنى غەمگە پاتايمۇ .
ياكى ھىجران ناخشىسى توۋلاپ ،
گۈلۈم سىنى كۈيگە قاتايمۇ .
 
ئويلاپ ھەر كۈن ھەر نەپەس سىنى ،
ۋىسالىڭدىن ئۈمۈت كۈتەيمۇ .
تاھىر پەرھات مەجنۇنلار كەبى  ،
ھىجرانلارنى يار قىپ ئۆتەيمۇ .
 
شۇ ھۆرمەتلىك ئىنسان مىنىڭ ئانامدۇر
 
مىنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئوتلاردا كۆيگەن .
بەختىڭ تاپ دەپ پىشانەمگە سۆيگەن .
قايغۇمغا قايغۇرۇپ بەختىمچۈن كۈلگەن.
شۇ ھۆرمەتلىك ئىنسان مىنىڭ ئانامدۇر .
 
ياراتقان ئىگەمدىن بەختىمنى تىلگەن .
رەقىپلىرىمگە خەنجىرىن بىلىگەن  .
يىقلغىنىمدا دەررۇ مىنى يۆلىگەن  .
شۇ ھۆرمەتلىك ئىنسان مىنىڭ ئانامدۇر .
 
تىلىكىم شۇ ئۆمرىنى ئۈچۈن قىلسىكەن  .
يوللىرى راۋان خۇشپۇراق گۈلگە تولسىكەن .
تىلىكىم جەننەتتىن ئورۇن بەرسىكەن  .
شۇ ھۆرمەتلىك ئىنسان مىنىڭ ئانامدۇر .
 
تۇرمۇش دەپ تەرەپكە نىچۈن چاپىمەن .
دۇئاسىدىن ئانامنىڭ ھۆرمەت تاپىمەن ،
جەننەتنى ئايىقى ئاستىدىن تاپىمەن .
شۇ ھۆرمەتلىك ئىنسان مىنىڭ ئانامدۇر .
 
ۋاپاسىزكەنسەن
 
سەندىن كۈتكەن ئۈمۈتلىرىمنى .
تەڭ قىلدىڭغۇ ھەممنى نۆلگە .
ساڭىلا كۆيگەن بۇ يۈرەكنى .
تاشلىدىڭغۇ باياۋان چۆلگە .
 
ئويلاپ باققىن ئاشۇ كۈنلەرنى .
بىرگە كۆڭۈل بىرىش ئاسانمۇ .
يەتسە ئاشىق مەقسەت مۇراتقا ،
نەزىرىڭدە ئىيىتقىن يامانمۇ  .
 
جاۋاپ بەرگىن ماڭا ئەي جانان ،
قىنى ماڭا بەرگەن ۋەدىلەر .
ۋىسال ئۈچۈن خىياللار سۈرۈپ ،
تاڭغا ئۇلاپ كۈتكەن ئەتىلەر.
 
كۆيۈشلىرىڭ شۈنچىلىكمىدى .
سۆيۈشلىرىڭ شۈنچىلىكمىدى .
دىمە بىزنى تەقدىر ئالدىدى .
سەن ئەسلىڭدىن ۋاپاسىزكەنسەن .
 
توۋا دەيمەن بۇ تەقدىر بىزنى ،
ئۇچراشتۇرغان نە سەۋەپ بىلەن .
دىدىڭ ئەمدى ئۆزگىنى يارىم ،
سەن ئەسلىڭدىن ۋاپاسىزكەنسەن .
 
كەتكىڭ باركەن بولسۇن ئاق يول .
تىلىكىم شۇ ساداقەتلىك بول.
ئۇندىن باشقا چىقماسمىدى يول .
سەن ئەسلىڭدىن ۋاپاسىزكەنسەن .
 
2013-يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
 
ھايات يولۇم
 
باسسا مىنى غىرىپلىق  كىملەر كىلەر قىشىمغا ،
دەريا كەبى دەرت-ئەلەم كىلىپ قالدى بىشىمغا .
نىچۈن بۇنچە ئازاپنى تارتىپ ئۆتەي دۇنيادا ،
يار بولىدۇ بۇ غەملەرقايسى قىلغان ئىشمغا.
 
 
ھىچبىر مىنىڭ سىردىشىم سىرداشلرىم بارمىدۇ،
غەملىرىمگە غەمخانە يۈرۈكۈمگە مىھمانە .
ئەخلاقنىمۇ دوستى قىلغان ساداقەتنىڭ يارلىرى،
گۈلخان كەبى مەن ئۈچۈن يىنىپ تۇرغان جانانە .
 
 
تەنھا ئۆتەي دۇنيادە مىھىر كۈتۈپ ئۇنىڭدىن ،
ھاياتىمىنىڭ گۈلزارى  تەنھالىقمۇ بولمايتى .
غەم ئەندىشە ئۇنتۇلار دەتلەرمۇ ھەم يىراقتا  ،
ئاڭا تەشنا بۇ يۈرەك قۇرۇپ قاقشال بولمايتى .
 
مەنبەسى ئۆزۈم 
 
 
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-10-22 04:19 PM):
ئاۋۇ خەت ئارلىقىنى  تەڭشەپ قويساڭلارچۇ باشقۇرغۇچىلار .