 |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى بارلىق تورداشلار. قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
دوسلارغا ھېيىتلىق ئازراق كۈلكە خۇرۇچلىرى ئېلىپ كەلدىم.ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىشالا... ھې ھې ھې ھې....
مىنىستىر،ئايال شوپۇر،ساقچى
مىنىستىر ماشىنا بىلەن سىرتقا كېتىۋاتقاندا, ماشىنا ئوتتۇرا يولدا بۇزۇلۇپ قاپتۇ.
ئايال شوپۇر پەسكە چۈشۈپ:
_ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ماشىنا رېمونت قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى, لىكىن شوپۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن رېمونت قېلماي ئامالىم يوق, _دېدى ۋە ماشىنىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتتى.
مىنىستىر خېلى ئۇزۇن ساقلىغاندىن كېيىن يەرگە چۈشۈپ:
_مىنىستىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ماشىنا رېمونت قېلماسلىقىم كېرەك ئىدى, لىكىن ئەر كىشى بولغانلىقىم ئۈچۈن رېمونت قىلماي ئامالىم يوق, _دېدى ۋە ماشىنا ئاستىغا كىرىپ كەتتى.
بىر پەستىن كېيىن ساقچى كېلىپ دېدى:
_يولۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا ئارلاشماسلىقىم كېرەك ئىدى, لىكىن ساقچى بولغانلىقىم ئۈچۈنسىلەرگە ئەسكەرتىپ قويىشىمغا تۇغرا كەلدى, سىلەرنىڭ ماشىناڭلارنى ئاللىقاچان ئوغرى ئېلىپ كەتتى.
ئەڭ كۈچلۈك پاكىت
ئۈچ يىگىت بىرلا ۋاقىتتا بىر قىزنىڭ ئۆيىگە ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئەلچى بولۇپ بىرىپتۇ.
_مەن قىزىمنى پەقەت بىرسىڭلارغىلا بېرەلەيمەن,_دەپتۇ قىزنىڭ دادىسى, _قېنى, ھەرقايسىڭلار ئۆزەڭلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى سۆزلەپ بېقىڭلار.
_مېنىڭ بىر ئۆمۈر يېتىپ يېسىمۇ تۇگىمىگىدەك مال-دۇنيارىم بار,_دەپتۇ يىگىتلەرنىڭ بىرى.
_مېنىڭ كاتتا تۇرالغۇ جايىم بار,_دەپتۇ يەنە بىر يىگىت.
_مېنىڭ بىر بالام بار, ئۇ قىزىڭىزنىڭ قۇرسىقىدا,_دەپتۇ ئۈچۈنجى يىگىت ئالدىرماي تۇرۇپ.
توينىڭ مەسلىھەتى
دادىسى قىزىغا كۆيۈنگەن قىياپەتتە دەپتۇ؛
-تۈنۈگۈن ئوغۇل دوستۇڭ مېنى ئىزدەپ كەپتۇ, سەن بىلەن بەك توي قىلغۇسى باركەن, مەن ئاخىر قوشۇلدۇم..
قىزى ؛
-بىراق دادا, مەن ئاپامدىن ئايرىلالمايمەن, شۇڭا توي قىلغۇم يوق,-- دەپتۇ.
دادىسى ؛
--شۇنداقمۇ, قىزىم سېنىڭ بەختىڭگە ئولتۇرغۇم يوق, بولدى, ئاپاڭنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكىن!
تەكلىپ قىلىشنىڭ سەۋەبى
-بايىقى ئادەم چىش تارتىش كەسپىنى پەقەتلا بىلمەيدىكەن, نىمىشقا ئۇنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىسىز؟ ---دەپ سۇراپتۇ بىر چىش دوختۇرىنىڭ ئايالى ئېرىدىن.
-ئۇ ئىلگىرى ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىگە كۆپ قېتىم قاتناشقانىكەن, ---دەپتۇ دوختۇر.
ئاپتۇبۇسقا چىقىمەن
بىر دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى ئاپتوبۇسقا چىقىپتۇ . ئاپتوبۇسنىڭ ئىچى بەك پاسكىنا بولغاچقا , ئۇ شوپۇرنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۆرە تۇرۇپتۇ . كېيىنكى بېكەتتىن بىر مەس ئاپتوبۇسقا چىقىپتۇ _ دە ,ئۇدۇللا ئوفىتسېرنىڭ يېنىغا بېرىپ بېلەت سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ .ئوفىتسېر :
__ بۇرادەر ,مەن بېلەت ساتقۇچى ئەمەس ,دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى . _ دېگەنىكەن , ھېلىى مەس :
__ ئۇنداق بولسا , پاراخودتىڭىزنى توختىتىڭ ,مەن پاراخوتقا ئەمەس ,بەلكى ئاپتوبۇسقا چىقىمەن ,_ دەپتۇ .
پوق تەڭلىسى
_ ھە ئوغلۇم , ئىمتىھاننى قانداقراق بەردىڭ ؟
_ كۆڭلۈم ئېلىشىپ كېتىپ ياخشى بىرەلمىدىم ...
_ نىمە ... ! كۆڭلۈڭ ئېلىشقىدەك نىمە يىگەنتىڭ ؟
_ ھېچنىمە يىمىگەن ...
_ ئەمىسە , بىكادىن-بىكا كۆڭلۈڭ ئېلىشتىما ؟
_ ياق , سوئاللارنىڭ جىقلىقىغا قاراپ ئېلىشىپ كەتتى ...
_ ھۇ پوق تەڭلىسى , تاماقلار ئىلەشتۈرەلمەيدىغان كۆڭلۈڭنى سوئاللار ئىلەشتۈرىۋېتىپتۇ-دە ...
|
 |