مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6446|ئىنكاس: 28

بەس قىلماڭلار،چۈنكى بۇ تىمىدا مەنمۇ يوق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6911
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 03:52:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بوغالتىرنىڭ ئوغلى توپ  ئويناپ دەرېزىنى چىېقىۋېتىپتۇ .بوغالتىر غەزەپلىنىپ بالىسىنى قانداق جازالاشنى  بىلمەي ئاخىرى؛-مەن  سېنى توخۇ كاتىكىگە سولاپ قويىمەن -دەپتۇ
بالىسى قارشىلىق قىلىپ مۇنداق دەپتۇ ؛
--ياق  مەن تۇخۇم تۇغالمايمەن

ئوۋچىلىققا چىققان باھادىر ئېيىققا ئوق چىقارماقچى بولغاندا،ئېيىق شىرىن_شېكەر سۆزلەر بىلەن مۇنداق دېدى:سۆھبەتلىشىش ئوق چىقارغاندىن ياخشى ئەمەسمۇ؟سىزگە نىمە كېرەك دەڭ؟

باھادىر:مىلتىقىنى قويۇپ، ماڭا تېرە پەلتۇ كىرەك.

ئېيىق:بۇ تەس ئەمەس،بىز ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشەيلى.بىردەمدىن كىيىن ئېيىق دومبايغان قورسىقىنى سىلىغىنىچە ماڭغاچ مۇنداق دېدى:قارا،ھەر ئىككىلىمىز رازى بولدۇق.مېنىڭ قورسىقىم تويدى.سەنمۇ تېرە پەلتۇ كىيدىڭ



چارتىكىن ساياھەتكە چىقىپ  بىر قەدىمى قەلئەدەئايلىنىپ كىتىۋىتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر گۇل تەشتىكىنى چېقىۋېتىپتۇ،بۇنى  كۆرگەن ساياھەت يىتەكچىسى ؛
-ۋاي تەڭرىم بۇ دېگەن 17-ئەسىرنىڭ تەشتىكى ئەمەسمىدى ،-دەپ ۋارقىراپ كىتىپتۇ .بۇنى ئاڭلىغان چارتىكىن خاتىرجەم ھالدا دەپتۇ ؛
- ئۇھ ،خۇداغا شۇكرى ھېلىمۇ يېڭى ئالغان نەرسە ئەمەسكەن


-سىز نىمىشقا مەخسۇس مەنزىرە رەسىمنىلا سىىز ىسىز؟
شاتۇتى:
-چۈنكى ھازىرغا قەدەر  مەنزىرە ئوبىېكىتلىرى مېىنى ئىزدەپ كىلىپ،سىزغان رەسىملرىمنىڭ ئۆزىگە پەقەت ئوخشىمايدىغانلىقىنى دەپ باقمىدى.

ئەپچىلەم باي خىنىمغا توي تەكلىپى قويۇپتۇ.باي خىنىم ئۇنى رەت قىلپتۇ.ئەپچىلەم ئازاپلانغان ھالدا باي خىنىمغا ؛
-تۈگەشتىم،بۇ ئۆمۈرۈمدە توي قىلالمايدىغان ئوخشايمەن،-دەپتۇ.
باي خىنىم؛-نىمشقا بۇنداق خىيالغا كىلىپ قالدىڭىز ؟مەن سىزنى رەت قلىغىنىم بىلەن باشقا قىزلار رەت قىلماسلىقى مۇمكىن-دەپتۇ.
ئەپچىلەم- سىز ياراتمىغان يەردە،باشقا قىزلار مېنى يارىتارمۇ؟-دەپتۇ

مىسرانىم قاتناش ۋەقەسى بولغان توپقا كىرەلمەي، دەرھال بىر ئامال ئويلاپتۇدە، ۋاي دادام، ۋاي دادام دەپ يىغلاپ توپقا قىستىلىپتۇ، خەقلەر يول ئىچىپ بەرگەندىن كىيىن قارىسا يەردە بىر ئېشەك ياتقان، شۇنىڭ بىلەن ئوڭايسىزلىنىپ كەينىگە قايتاي دەپ تۇرۇشىغا، بىرەيلەن: ---  توختاپ تۇسىلا ئوغاۋالا، دەپ كەينىدىنلا ئېشەكنىڭ قۇيرىقىنى قايرىپ قاراپ بىقىپ:--- ما دادىللىرى ئەمەسكىن، ئانىللىرىكىنغۇ

ئۆل مەكتەپتە ئوقۇۋاتقا ۋاقىتلىرىكەن، ئىمتىھان دىسە بېشى ئاغىرىيدىكەن، بىر كۈنى ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ ئىمتىھان قەغىزىگە قارىسا ھېچقايسى سۇئالغا جاۋاپ بېرەلمەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان قەغىزىنىڭ ئارىسىغا 100سوم پۇلنى تېقىپلا «مۇئەللىم بىر نومۇر بىر كوي»دەپ يېزىپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى مۇئەللىم ئىمتىھان قەغىزىنى تارقىتىپتۇ، ئۆل ئالدىراش قەغەزنى ئاچسا ئىچىدە 60سوم پۇل، 40نومۇر قويۇپ قويۇپتۇ

2.بىر كۈنى خۇراز مىكيانغا دەپتۇ :
- ئاۋۇ بالىمىز چوڭ بولسا چۇقۇم مەندەك بەستىلىك بولىدۇ .
مىكيان بۇنى ئاڭلاپ :
_ مىنىڭ تۇخۇملىرىمىنى بىرنىمۇ قوياي خوجايىن يەۋەتكەن تۇرسا ... بالاڭنىڭ ئانىسىنى تېپىپ دىگىنەۋا _ دىگىنىچە كىتىپ قاپتۇ

  ئېتىش ھەۋەسكارى كەلگۈندى ئۇستاز ئېزدەپ مېڭىپتۇ.ئۇ بىر كەنىتتىن ئۆتۇپ كىتىۋىتىپ ئالدىدىكى ئۆينىڭ تىمىغا نۇرغۇن چەمبىرەك سىزىلغانلىقىنى .ئۇ چەمبىرەكلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا ئوق تەشكەن توشۇك بارلىقىنى سېزىپ .قەلبىدە بۇ ئۇستازغا ھورمەت تۇغۇلۇپتۇ ۋەئۆيگە كىرىپ ياش ئۇستازدىن قانداق قىلغاندا مەرگەنلەردىن بولالايدىغانلىقىنى سورىغاندا ،ئۇ يىگىت ئويلانماي تۇرۇپلا،
-بۇ ناھايتى ئاددى ئاۋۋال ئوق ئېتىپ بولۇپ بېرىپ چەمبىرەك سىزسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ،--دەپتۇ

يېڭى توي قىلغان مۇسلىنە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋاپتۇ.ئەتىسى مۇكاپات ئېچىلغاندامۇسلىنە قاتتىق ۋارقىراپ كىتىپتۇ؛

-ۋايجان ھەممىگە ئاپىڭىز ئەيىپلىك .

يولدىشى ھەيرانلىق ھىس قىلىپ ؛   --بىزنىڭ بۇ لاتارىيە بىلىتىمىز بىلەن ئاپامنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى --دەپ سوراپتۇ .  

    مۇسلىنە ؛

--ئەلۋەتتە مۇناسىۋىتى بار .مەن لاتارىيە  بىلىتىنى سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز بويىچە تاللىغان ،ئەگەر ئاپىڭىز سىزنى بىر كۇن بۇرۇن تۇغقان بولسا كاتتا  مۇكاپاتقا ئېرىشمەمتۇق ،--دەپتۇ


بىرلا ماشنا پاتىدىغان تار كوچىغا شاھزات بىلەن كەلگۈندىنىڭ ماشىنىسى قارمۇ -قارشى كىلىپ قالدى ،ئۇلار بىرئاز سۈكۈتتىن كىيىن

بىر - بىرىگە يول بىرىشنى خالىماي تۇرۇپ قېلىشتى .

كەلگۈندى ، يېنىدىكى سومكىسىدىن بىر كىتاپنى ئېلىپ ئوقۇغاچ ساقلاپ ئولتۇردى،

بۇنى كۆرگەن -شاھزات كۈلۈپ تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىدى : بۇرادەر سەن ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ماڭا ئارىيەت بېرىپ تۇرغىن .

ئىككىسى قاقاقلاپ كۈلۈشكىنىچە يېقىن دوسلاردىن بۇلۇپ قالدى


چوغ ئاقساپ مېڭىپ دوختۇرنىڭ  ئالدىغا كىرىپتۇ.

دوختۇر ؛نىمە بولدىڭىز ؟

چوغ ؛ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا يارىلاندىم .

دوختۇر ؛ئەمسە سىز پۇتبولچىكەنسىز--دە؟

؛ئەمسە چېلىشچىمۈ؟

چوغ؛ياق ،تۇنۇگۇن قېيناتام بىلەن ماجاڭ ئويناپ ،دەسلەپ قېيناتامنى يەڭدىم ،كېيىن قېينانامنى يەڭگەنىدىم ،ئايالىم ئۇستەل ئاستىدىن پۇتۇمغا  شۇنداق قاتتىق تەپتىكى ،پۇتۇم سىرقىراپ ئاغرىپ كەتتى


.تىل-ئەدەبىيات دەرىسىدە مۇئەللىم سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ۋەتەن توغرىسىدا سۇئال سوراپتۇ؛
مۇئەللىم:ۋەتەن دىگەن نېمە؟؟؟
قېنى سىز تۇرۇپ جاۋاپ بىرىڭ دەپتۇ كەترەننى كۆرسېتىپ.
كەترەن:ۋەتەن دىگەن ئانام،دەپتۇ .
مۇئەللىم:ناھايىتى .توغرا جاۋاپ بولدى ياخشى دەپ ماختاپتۇ.ئارقىدىن ئۇلاپلا سەھرالىقتىن سوراپتۇ!ۋەتەن دىگەن نېمە؟
سەھرالىق:بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن جاۋاپ بېرېپتۇ.ۋەتەن دېگەن كەترەننىڭ  ئانىسى


__ 1809- يىلى قانداق تارىخى ۋەقە يۈز بەرگەن؟
--مۇھەببەتسىمان:
__ ئامرىكىنىڭ مەشھۇر زۇڭتۇڭى ئابىراھام لىنكۇلىن تۇغۇلغان
__ ياخشى ئۇنداقتا 1819 - يىلىچۇ؟
__ لىنكۇلىن ئون ياشقا كىرگەن كۈنى تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزگەن


ھامىلدار شىرىن ئىرىگە ؛

-بالام قورسىقىمنى تىپىۋاتىدۇ،-دەپتۇ .        ئىرى تۇرۇپ  كىتىپ  دەپتۇ .   بايا بىر تال ئۈزۈم يىگەنتىڭىزغۇ ،شۇنىڭغا تىپىۋاتامدىكىن ؟   شىرىن       چۇشىنەلمەي ؛  -مەن يىگەن ئۈزۈم بىلەن بالىنىڭ تىپىشىنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى ،-دەپ سوراپتۇ.ئېرى چۇشەندۇرۇپ دەپتۇ -قاراڭ .ئۈزۈم دېگەن يۇمىلاق كىلىدۇ ،بالىمىز ئۇنى توپ دەپ قىلىپ تېپىپ ئويناۋاتاندىكىن  دەيمىنا



سەۋدايى1 ئۈن-سىن دۇكىنىغا كىرىپ سىن بويۇملىرىنى كۆرگەچ دۇكان خۇجايىنىغا مۇنداق دەپتۇ؛
-يىللىق مۇكاپات پۇلۇمغا چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور ئالماقچى ئىدىم .
دۇكان خۇجايىنى ئۇنىڭغا تېلېۋىزورلارنى ھەدەپ ماختىغىلى تۇرۇپتۇ .ئۇ تېلېۋىزورلاردىن ھاۋاينىڭ گۇزەل مەنزىرىلىرىنى تويماي كۆرۇپتۇ ..دۇكان خۇجايىنى ئۆزىگە قالىدىغان پايدىنى تازا پەيزى بىلەن ھېسابلاۋاتقاندا سەۋدايى1 تۇيۇقسىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ ؛
-بولدى ،مەن  يىللىق مۇكاپات پۇلۇمغا ھاۋايغا ساياھەتكە بارىمەن ،--دەپتۇ

بىر ساياھەتىچى ئايال ساياھەت يتەكچىسى شوخ سەنەم886گە دەپتۇ : خېنىم سىز نەچچە كۈندىن بېرى بىزەگە يىتەكچىلىك قىلىپ نۇرغۇن گۆزەل مەنزىرلىك رايونلارنى كۆرستىمەن دەپ بەك جاپا تارتتىڭىز ، شوڭا مىننەتدارلغىمنى  بىلدۈرۈش ئۆچۈن سىزگە بىر سوۋغا بىرەي دىگەن ، سىز نىمىنى ئەڭ ياخشى كۆرسىز ؟
ساياھەت يىتەكچسى  شوخ سەنەم 886 سەل ئاچكۆز نەپىسى تويمايدىغانلاردىنكەن ،  ئۇ بەك ئېنىق دېيىشتىن سەل خىجل بۇلۇپ  تىلىنى چاينماپ كېكەچلەپ تۇرۇپ  :  مەن ياسىنىشقا سەل ئامىراق ئىدىم شوڭا   .... ھە ... مۇشۇ قۇلاقىلىرىمغا ،  قۇلامىڭ بارماقلىرىغا ياكى بويانلىرىمغا  ئىشلىتىشكە ماس كالدىغان نەرسە بولسا بولدۇ " دەپتۇ .
ئىككنجى كۈنى راس دىگەندەك ھېلقى ساياھەتىچى  سوۋغىنى ئەۋەتىپ بىرپتۇ ، شوخ سەنەم886نىڭ  گۈلقەقىلىرى ئېچلىپ خۇشال بولۇپ  نىمە سوۋغا قىلدىكىن دەپ ئېچىپ قارسا ... بىر تال بەدەن سوپۇنى


ھەرە ئاسما مايكا ،ساپما كەش بىلەن كىنو كۆرگىلى بېرىپتۇ.ئىشىكتىن كىرگەندە بېلەتچى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ ؛
-كەچۇرۇڭ خېنىم بىز ساپما كەش كىيگەنلەرنى كىرگۇزمەيمىز .  
ھەرە دەرھال ساپما كەشىنى سېلىپ قولتۇقىغا قىسىپ ؛
-ئەمدى كىرسەم بولار ،--دەپتۇ بېلەتچى ھەيران قىلپ ؛
-ھىلىمۇ ياخشى ئاسما مايكا كىيگەنلەرنى كىرگۇزمەيمىز دېمەپتىمەن ،دەپتۇ

توپ مەستانىسى زۇلنۇرى توپ مۇسابىقىسىنىڭ بىلىتىنى ئالالماي ،مەيدان سىرتىدىكى بىر دەرەخكە يامىشىپ مۇسابىقە كۆرۇشكە مەجبۇر بوپتۇ،ئۇ تازا پەيزى بىلەن مۇسابىقە  كۆرەۋاتسا ،بىر ساقچى ئۇ  تەرەپكە قاراپ كەپتۇ ،ئۇ قورقۇپ كىتىپ چۇشمەكچى بولغاندا ساقچى ؛   ھەي قانداق بولدى ؟--دەپ سوراپتۇ .ئۇ ؛  -بىردە نول ،بىز ئالدىدا ،-دەپتۇ .ساقچى -- ئەمسە داۋاملىق كۆر ،-دەپ قويۇپ كىتىپ قاپتۇ .بىردەمدىن كىيىن ئۇ ساقچى يەنە كىلىپ سوراپتۇ،زۇلنۇرى ئىككىدە بىر قارشى تەرەپ ئالدىدا دېيىشىگە ساقچىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ،ئەمسە يەنە كۆرگىدەك نەرى بار ،دەرھال بۇ ياققا چۇش دەپ ۋارقىراپتۇ .زۇلنۇرى قورۇققىنىدىن دەرەختىن سىيىرلىپ چۇشۇشىگە مۇسابىقە مەيدانىدىن قاتتىق گۈلدۇراس ئالقىش ساداسى كۆتۇرلۇپتۇ،بۇنى ئاڭلىغان ساقچى دەرھاللا ؛

--نىمىگە قاراپ تۇرسەن ،قايسى تەرەپ توپ كىرگۇزدىكىن قاراپ باقە ماڭە ؟--دەپتۇ


دوختۇر بىر ھامىلدار ئايالغا كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بىرىشنى تاپىلاپتۇ .ئۇ ئايال دوختۇرنىڭ گىپى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا باشلاپتۇ ،ئۇ ئايلىنىپ بىر باشلانغۇچ  مەكتەپنىڭ ئالدىغا كىلىپ قاپتۇ .ئۇ يەردە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى توپ ئويناۋاتقانىكەن ،تۇيۇقسىز توپ ئۇچۇپ بىرىپ ئايالنىڭ بىشىدىن ئوتۇپ چىملىققا كىرىپ كىتىپتۇ ،ئايالنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ئېچىدە غۇدۇراپ قويۇپ.ئالدىغا مىڭىۋىرىپتۇ .تۇيۇقسىز كەينىدىن بىرسى كىلىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ ئارقىسىغا قارىسا ،ھىلىقى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى سىم@سىم كەينىدىن كىلىۋاتقانىكەن  ئۇ سەل خىجىل بولغان ھالدا ئۇنىڭ قورسىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ؛

--خاپا بولماي توپىمىزنى بىرېۋەتكەن بولسىڭىز ،--دەپتۇ


پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تەنتەربىيە گىزىتىنىڭ مۇخبىرى مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى تەييارلىق ئېشلىرىنى قىلىۋاتقان شەجەرىمنى تاماشىبىنلىرىغا يۇرەك سۆزىنى قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىپتۇ .شەجەرىم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن ؛
-مەن مۇسابىقىگە چۇشۇپ توپنى ئوڭۇشلۇق ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ۋارىتارى ئالدىغا تېپىپ ئەكىلىپ ،ۋارىتارغا تىپىدىغان چاغدا قارشى تەرەپ ۋارىتاسىنىڭ تۇيۇقسىز پۇتىنىڭ پېيى تاتىشىپ يىقىلىپ چۇشۇشىنى ئومىد قىلىمەن --دەپتۇ


ئىككى يىڭى توي قىلغان ياشقا ئۆي ئايرىپ بىرىلىپتۇ،ئايرىم ئۆيگە ئىگە بولۇپ خوش بولغان ئايالى بىكـتەر؛-بۇگۇن نىمە تاماق يەيسىز ئىتىپ بىرەي؟

-پولو ئەتكىن،

بىكتەر پولونى شويلا قىلىپ قويۇپتۇ.ئەتىسى يەنە سوراپتۇ،

-بوپتۇ بۈگۈن شويلا قىلغىن.

بىكتەر شويلىنى شوۋىگۈرۈچ قىلىپ قويۇپتۇ،ئەتىسى يەنە سوراپتۇ،

-خوتون،تاماقنى ئاۋال ئەت،ئىسمىنى ئاندىن قويايلى


قان پۈتۇن ۋۇجۇدى بىلەن رادىئودىن ئاڭلىنىۋاتقان مۇزىكىغا كەلتۇرۇپ گىمناستىكا ئويناۋاتسا قىزى كېلىپ ئۇنىڭغا گەپ كىلماقچى بولۇپتۇ ،بىراق قان ئۇنى سەل تۇرۇپ كەل دەپ كەتكۇزىۋىتىپتۇ .نەچچە بۆلەك گىمناستىكا ئويناپ بولغان قان قىزىغا ئېچى ئاغرىپ قېلىپ ،قىزىنىڭ يىنىغا كەپتۇ ،ۋە ؛       -قىزىم بايا ماڭا نېمە دېمەكچى ئىدىڭىز دەپتۇ .     قىزى  ---  دادا بايا مەن سىزگە بۇ ھامىلدارلارنىڭ گىمناستىكا مۇزىكىسى دەپ قوياي دېگەنىدىم


مۇسابىقە مەيدانىدىكى نەچچە يۇزلىگەن ئادەم نەچچە مىتىر ئېگىزلىكتىكى سۇغا سەكرەش سۇپىسىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ مۇسابىقە كورۇشكە ئالدىراپتۇ .بىردەمدىن كىيىن ئورۇق بىر بوۋاي(مۇنبىرىمىزدىكى شوخ-شوخ24) ھالسىرغان ھالدا سۇغا سەكرەش تاختىسىغا چىقىپتۇ ۋە ---ھۆرمەتلىك تاماشىبىنلار ،بۈگۈن مەن سىلەرگە سۇغا سەكرەش ماھارىتى كۆرسىتىپ بىرىمەن .مەن بۇ يىل 99ياشقا كىردىم دېيشىگە ھەممەيلەن بىردەك ئۇنىڭغا كۆڭۇل بۆلگەن ئاساستا ؛     بولدى سەكىرمەڭ .دەپ ۋارقىراپتۇ ،   (مۇنبىرىمىزدىكى شوخ-شوخ24)؛     -بوپتۇ ئەمسە رەھمەت سىلەرگە .كىلەركى مەيدان ئويۇنىمىز سائەت 10دا باشلىنىدۇ ،كۆرمەكچى بولساڭلار بېلەتنى ۋاقتىدا ئېلىڭلار ،--دەپتۇ


مەخەتجان ئۆزىنىڭ چوڭ بولغاندا كاتتا پۇتبولچى بولۇشىغا قاتتىق ئېشىنىدىكەن .بىر كۇنى پۇتبول كۇلۇبىغا بىرىپتۇ ،ئۇ يەردىكى تېرېنىر ئۇنىڭغا قاراپ كىتىپ - سىنىڭ كەلگۇسىدە پۇتبولچى بولۇشۇڭغا ئىككى نەرسە دەخلى قىلىدۇ ،-دەپتۇ،     مەخەتجان قايسى ئىككى نەرسە ؟-دەپ سوراپتۇ  تېرېنىر جاۋاپ بىرىپ ؛-ئوڭ پۇتۇڭ بىلەن سول پۇتۇڭ ،-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ


رېپىر ئوتتۇرا مەيدان مۇسابىقىدىن چۇشۇپ ناھايتى ئاچچىقلانغان ھالدا ۋارىتار شابان010غا ۋارقىراپتۇ ؛    سەن نېمە دەپ توپقا ئېتىلماي ئادەمگە ئېتىلىپ يۇرۇيسەن ،--دەپتۇ  شابان010؛    --بايامقى ئەبلەخ ئادەم سۇرىتى بار مايكا كىيىۋاپتىكەن ،مەن سۇرەتنى لايىقىمغا ئوخشىتىپ قىلىپ ئۆزۈمنى ئېتىپتىمەن


مىسرانىمنىڭ ئۆيىدە توك توختاپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ  ئوغلىغا 2كوي پۇل تۇتقۇزۇپ《ئۆينىڭ ئالدىدىكى دۇكاندىن ئىككى تال ئاق شام ئەكىرگىن》-دەپتۇ، بۇ بالا پۇلنى ئېلىپ دۇكانغا چىقىپ :

-ئايشەمگۈل ئاچا، دادام سىزنى ماۋۇ پۇلغا ئىككى ئاخشام بەسۇن دەيدۇ-دەپتۇ،

بۇنى ئاڭلاپ دۇكانچى ئايالنىڭ ئاچچىقى كىلىپ:

-چىقە ۋاي شۇم،بۇ پۇلۇڭغا ئىككى ئاخشام ئەمەس ،بىر ئاخشاممۇ بىرەلمەيمەن-دەپتۇ


  يەسلى ئوقۇتقۇچىسى كەترەن دوسكىغا بىر ئالما سىزىپ بالىلاردىن سوراپتۇ:
-بۇ نىمە؟
-قوڭ!!!-دەپ توۋلىشىپتۇ ئوماقلار،شۇنىڭ بىلەن كەترەن يىغلاپ يەسلى باشلىقىنى باشلاپ كىرىپتۇ.
-قايسىڭ يىغلاتتىڭ خانىمنى دەپتۇ ۋە ئارقىدىنلا دوسكىغا قاراپ غەزەپ بىلەن:
-قايسىڭ سىزدىڭ ما قوڭنى ،-دېگۈدەك؛

بايا مەكتەپ ئاشخانسىدا تاماق يىگەندە ئككى خىل سەي قورۇتۇتقان ، سەيدىن بىر ئېغىز يەپ ئاچچقىمدا : جاھاندا مۇشۇنداقمۇ لاۋزا سەي بۇلامدۇ دەپ كەتتىم دە يېندكى باشقا سەيدىن بىر ئېغىز يەپ : ۋاي راستنلا باركەن دەپ كەتتىم


ئالىنۇر مېھمانلار ئالدىدا ماختىنىپ شۇنداق دەپتۇ ؛

ماركا توپلاش ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئەقلىنى بېيىتىدىكەن . ئىشەنمىسەڭلار ، ئوغلۇمنىڭ مەن  سورىغان سوئالىمغا قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بېقىڭلار .

ئۇ شۇنداق دېگەچ بىر مۇنچە ماركىنى ئويناپ ئولتۇرغان ئوغلىغا قاراپ سوراپتۇ ؛

بالام ، ۋېنگرىيە قەيەردە دەپ باققىنە ؟

ئىتالىيەنىڭ ئىككى بەت ئالدىدا ،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوغلى خۇددى تولۇق ئېسىدە تۇتىۋالغاندەك خاتىرجەم ھالدا



بىر كۈنى سەھرالىق نىڭ قىز دوستى ئۇنىڭغا : مەن ناھايتى ئۇزۇن ئويلاندىم ، بىز ئىككىمز ئايرىلىپ كېتەيلى دەپ ئۇچۇر يوللاپتۇ، سەھرالىق نىمە ئىش بولغانلقنى ئۇقۇشقمۇ ئۈلگۈرمەي تۇرسا قىز دوستدىن يەنە : كەچۈرۈڭ بايا خاتا ئەۋەتىپ قاپتمەن دەپ بىر پارچە قىسقا ئۇچۇر كەپتۇ


گۈلنىگار دوسكىغا يۈرەك سىزىپ بالىلاردىن سوراپتۇ:
-بۇ نىمە؟
ئالما!!!
-ياق ،خاتا بولۇپ قالدى،-دەپتۇ گۈلنىگار ھەم يۈرىكىنىڭ ئۇدۇلىنى كۆرسىتىپ:
-بۇ يەردە نىمە بار؟
-مەممە!!!
-ئەستاغپۇرلا،ياق ياق ئۇنىڭ ئىچىدىچۇ؟؟؟
-سۈت!!!!


       تۈرىكيار بىلەن ئەلشاھ ئوغۇللىرىنى ماختاشقا باشلىدى:     

     تۈرۈكيار:  مىنىڭ ئوغلۇم نەك تالانىتلىق ،ئۇ تۈنۈگۈن تامغا بىر يېڭناغۇچ سىزىپ قۇيۇپتىكەن،ئاپىسى راسىت يېڭناغۇچ ئوخشايدۇ دەپ ،بىر مەچچە قېتىم تۇتماقچى بولدى.

    ئەلشاھ:ئۇ قانچىلىك ئىشتى ،مىنىڭ ئوغلۇممۇ پولغا بىر يىلان سىزىپ قۇيۇپتىكەن،مەن قورققىنىمدىن ئىشىك تەرەپكە يۈگۈردۈم،كىم بىلسۇن،ئەسلىدە ئۇ ئىشىكنىمۇ ئوغلۇم سىزىپ قۇيغانىكەن


شىركەت خۇجاينى بارلىق ئىشچىلارغا  يىغىن ئېچىپ  : بىز گىرىم بۇيۇملىرى ساتىدىغانلار ، شۇڭا خانىم قىزلار سىناپ بېقىشقا ئامىراق، خانىم قىزلار سىناپ بېقىپ ئالىغىسى بۇلسىمۇ خجىل بۇلۇپ ئېغىز ئاچالماسلىقى مۈمكىن ،شوڭا  سىلەر بىر ئامال قىلىپ ئۇلارغا سىناپ بېقىشقا يىتەكلەپ ئەلا مۇلازىمەت قىلڭلار  " دەپ تاپلاپتۇ.
ئەتىسى ئوتتۇرا ياشلىق بىرئايال گىرىم بۇيۇملىرى ساتىدىغان دۇكاندىكى  ئەر مۇلازمەتچى تۇز سۇراپتۇ : ئاۋۇ لەۋ گىرىمى ، ھېلىقى تېلىۋۇرۇزدا ئېلان قىلغان خانىم قىزلارنىڭ 7 خىل لەۋ سۇرۇخى بۇلۇش كىرەك دىگەن ماركىدىكى شۇمۇ ؟
تۇز : شۇنداق خانىم ،  بۇ لەۋ سۇرۇخ سىزگە بەك ماس كىلىدۇ .
ئوتتۇرا ياشلىق ئايال تارتىنىپ سوراپتۇ :  باللىرىم ئەكىلەپ مېنى سۆيۋالسا رەڭگى ئۆچۈپ كىتەرمۇ ؟
بۇ چاغدا تۇز خۇجايننڭ يىغىن ئاچقاندىكى گېپى ئىسگە كىلىپ دەرھاللا :  بۇلمىسا ئىككىمىز ئاۋۋال سۆيۈشۈپ سىناق قىلىپ باقامدۇق يا

     ئاق-لالە:مەن سېنى ئېرى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتسە ،چوقۇم ئەنسىرەيدۇ ،دەپتىمەن.   

   

شاتئاي:نېمە؟ بىز چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسىنى ئىشلەتكەندىن بۇيان ،ئېرىم ئۆيدىن چىقمىسا ،تېخىمۇ ئەنسىرەيدىغان بۇلۇپ قالدىم



مىسرانىم ئەر ئايال  بىللە  بازار  ئايلىنىپتۇ .بىر قانچە  سائەتتىن كىيىن  ،خوتۇنى  مىسرانىمنىڭ  يىنىدا  يوقلۇقىنى بايقاپتۇ -دە ،ئۇنىڭغا تىلىفون قىلىپ ،ئۈنلۈك  سوراپتۇ .
-سىز نەدە ؟
-سۆيۈملۈكۈم  ،ھىلىقى ئۈنچە مەرۋايىت ماگزىنى ئىسىڭىزدىمۇ ؟سىز ئاشۇ ماگزىندا  بىر دەنە  بىرىلىيانىت   كۆزلۈك مىدالىيونقنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ  قىلىۋىدىڭىز ،لىكىن  شۇ چاغدا يىنىمدا پۇل يوق ،ئىلىپ  بىرەلمىگەنىدىم .سىزگە <<قەدىرلىكىم  ،ھامان  بىر كۈنى   ئىلىپ بىرىمەن دىۋىدىمغۇ >،
-ئىسىمدە -دەپتۇ  خوتۇنى ھاياجان بىلەن .
-مەن دەل شۇ دۇكاننىڭ يىنىدىكى قاۋاقخانىدا

نازىخان: بالام ،يۆتەلگەندە ئاغزىڭنى قۇلۇڭ بىلەن ئېتىۋال، بولامدۇ؟

     نەۋرىسى:ئەنسىرىمە، موما، مېنىڭ چىشىم چۈشۈپ كەتمەيدۇ.



بۇگۈن خوجايىن ئابابەكرى BMWماركىلىق  يىپيىڭى  ماشنىسىنى  بىنانىڭ  ئالدىدا  توختىتىپ  تۇراتتى ،مەسىتلىكىم  كىلىپ كۆزۈمنى  ماشنىدىن  ئۈزۈۋالالمىدىم  ،خوجايىن مىنىڭ قاراۋاتقانلىقىمنى بايقاپقالدى -دە ،ماڭا  دىدى.
-سىز تىخىمۇ ئوبدانراق  تىرىشىپ ،ئىجتىھات بىلەن  خىزمەت قىلىسىڭىزلا ،يۇمۇرلارنى مۇنبەرگە ھاماي يوللىسىڭىزلام كىلەر يىلى  مۇشۇ  چاغدا  مەن تىخىمۇ ياخشى  بىر ماشنىغا  ئىگە  بولۇپ قالىمەن

ئككى يىگىت ئۆز دولەتلىرىدىكى پوچتا تارماقلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۇمىنىڭ بەك توۋەنلىكىدىن شىكايەت  قىلىشقا  باشلاپتۇ .
-قارا دوستۇم !مىنىڭ  تىخىچە بويتاق يۇرگەنلىكىمنى بىلەمسەن ؟-دەپتۇ بىرىنجى يىگىت ،-قىز دوستۇم ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن يىلى بىر پارچە سۆيگۇ مەكتۇپى ئەۋەتكەن ئېدىم ،پوچتتىدىكىلەر خەتنى ۋاقتىدا يەتكۇزۇپ بىرەلمىگەنلىكتىن ،قىز دوستۇم مىنى ئوزگىرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ،ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان باشقا بىرى بىلەن توي  قىلىۋاپتۇ !
سەن تىخى ماڭا قارىغاندا تەلەيلىك ئىكەنسەن -دەپتۇ ئىككىنجى يىگىت مەيۇسلەنگەن ھالدا ،-مېنىڭ تۇنجى سۆيگەن قىزىم ئاتا -ئانىسى  بىلەن باشقا شەھەرگە كۆچۇپ كەتكەن ئىدى ،ئۇنىڭغا سۆيگۈ-مۇھببىتىمنى  ئىزھار قىلىپ ،مۇھەببەت خىتى  ئەۋەتسەم ،خەتنى تاپشۇرۋىلىپلا ئېرى بىلەن بەش بالىسىنى ئەگەشتۇرۇپ مېنىڭ بىلەن كورۇشكىلى كەپتۇ

بىر پالچى دائىم ئادەملەرگە ئېگىلىپ تەزىم قىلغاندا شۇنداقلا ئېگىلىپ قويىدىكەن ،شۇڭا باشقىلار ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىپ ؛
-تەزىم قىلغاندا ئىچىڭدە يانۋار.فېۋرال،مارت دەپ تاكى دېكابىرغىچە ساناپ.ئاندىن بېشىڭنى كۆتۇرسەڭ تەزىمنى تولۇق قىلغان بولىسەن.-دەپتۇ،   بىر كۇنى پالچى كوچىدا كىتىۋاتسا ئۇنىڭ تۇتۇق دادىسى يولۇقۇپ قاپتۇ ،پالچى تەزىمنى ۋاي دادىغا يەتكۇزۇپ قىلاي دەپ تۇتۇق دادىسىغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ ئىچىدە <يانۋار،فىۋرال ....>دەپ سانىغىلى تۇرۇپتۇ ،تۇتۇق دادىسىنىڭ يەنە ئېشى بولغاچقا ،ئۇنىڭ بىشىنى كۆتۇرۇشنى ساقلىمايلا كىتىپ قاپتۇ .پالچى بېشىنى شۇنداق كۆتۇرۇپ قارىغۇدەك بولسا ئالدىدا ھېچكىم يوق ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ  يولدىن ئۆتۇپ كىتىۋاتقانلاردىن سوراپتۇ؛    -تۇتۇق دادام قانچىنجى  ئايدا كېتىپ قالدى؟


يېزىدىن تۇنجى قېتىم  شەھەرگە كىرگەن مارشال ھاجەتخانىغا كىرىپ سۇ چۈشۈرمەيلا  چىقىشىغا بىرسى ئۇنىڭ ئالدىنى تۆسۇپ ؛
-نېمە دەپ سۇ چۈشۈرمەيسىز ؟-دەپتۇ.
مارشال جاۋاپ بىرىپ ؛
مېنى يېزىدىن كەلگەن ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ دەپ قالماڭ ،تامغا سۇنى تېجەپ ئىشلىتەيلى دەپ يېزىپ قويۇپسىزغۇ؟ ھەر ھالدا ساۋاتىم بار،-دەپتۇ


بىر دولەتنىڭ چۇشلۇك دەم ئېلىش ئادىتى بار ئىكەن ،ھەر كۇنى چۇش  بولغاندا چوڭ-كىچىك ماگىزىنلارنىڭ ھەممىسى تىجارەت توختىتىدىكەن .بىر كۇنى چۇشتە ،چەت ئەللىك  بىر ساياھەتچى ناھايتى ئۇسساپ  كىتىپتۇ-دە،بىر بوتۇلكا ئېچىملىك ئېلىپ ئېچمەكچى بوپتۇ،بىراق ماگزىنلار تاقالغاچقا ،ئۇ ئېچىملىك ئالالماپتۇ،ھەتتا بەزى دۇكان خۇجايىنلىرى ئۇنىڭغا  ھاقارەت قىپتۇ .بۇ  كىشىنىڭ ناھايتى  ئاچچىقى كەپتۇ ھەم  شۇ  ئاچچىقىدا قولىدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى بىر  بۇلۇڭدا ئولتۇرغان تىلەمچىگە سۇنۇپتۇ ۋە ئەمدىغۇ بىرەر ئېغىز چىرايلىق گەپ ئاڭلارمەن دەپ ئويلاپتۇ.بىراق ئويلىمىغان يەردىن ،ئۇ  تىلەمچى خوش ياقمىغان ھالدا؛-كەچۇرۇڭ ئەپەندىم ،ھازىر چۇشلۇك دەم ئېلىش ۋاقتى ،پۇل ئالمايمىز ،-دەپتۇ


مارشال ھۇجۇمچى تۇرۇپ ئۇدا نەچچە رەت ئۇدۇل كەلگەن توپنى ئۆتكۇزىۋىتىپتۇ ،مۇسابىقە ئارلىقىدىكى ئارام ۋاقتىدا رېپىر ئاچچىقلىنىپ ئۇنىڭغا كايىپتۇ ۋە كىلەركى مەيدانغا چۇشمەسلىكىنى ئېيتىپتۇ ،مارشال ئەمدى چۇشۇپ كىتەي دەۋاتسا تاماشىبىنلار ؛                    -بىزگە مارشال كىرەك ،مارشال داۋاملىق توپ ئوينىسۇن -دەپ ۋارقىراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ دەرھال رېپىرغا يالۋۇرغىلى تۇرۇپتۇ؛    -رېپىر ،ئاڭلىغانسىز .تاماشىبىنلار ماڭا قىزغىن مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ ،مېنىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا چۇشمەسلىككە ئاساسىم يوق ،--دەپتۇ                   رېپىر بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ ؛    سەن خاتا چۇشىنىپ قالدىڭ ،ئۇلار دېگەن قارشى تەرەپ كوماندىنىڭ تاماشىبىنلىرى ،--دەپتۇ


ياۋرۇپا لۇڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى سەھەردە ئۆتكۈزىلىدىغان بولغاچقا ،توپ مەستانىسى مارشال ئايالىغا ئۆزىنى سەھەردە ئويغۇتۇپ قويۇشىنى تاپىلاپتۇ..ئايالى تەكرار بېرىدىغىننى كۆرسىڭىز بولمامدۇ دېسە مارشال ئاچچىقلىنىپ مۇنداق دەپتۇ؛
-تۇنجى توي بىلەن ئىككىنچى توي ئوخشامدۇ دەپ باقە قېىنى ؟
شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى سەھەردە ئايال مارشالنى ئويغىتىپ؛
-قوپۇڭە، چىقىپ كېلىنچكىڭىزنى كۆرۇڭ دەپتۇ

بىر ساياھەتچى ماگىزىننىڭ ئالدىدىن ئۆتۇپ كېتىۋېتىپ دېرىزىگە يېزىلغان خەتلەرنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۇپ دۇكان خۇجايىنىغا دەپتۇ؛
خۇجايىن ماختىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ ؛
-بۇنى بىلىمەن ،خەتنى خاتا يازسام باشقىلار مېنى ئەخمەق،دۆت چاغلاپ بىر قويۇپ.ماللىرىنى ئەرزان ئالىمىز ،دەپ كىرىدۇ،شۇ خاتا خەتنىڭ دۆلىتىدىن مەن خېلىلا بېيىپ قالدىم


ئۈنچە -مەرۋايىت دۇكىنىدىن نەرسە سېتىۋالغان مارشالنىڭ ئايالى پۇل تاپشۇرىۋاتقاندا مال ساتقۇچى ھەيران بولۇپ مۇنداق دەپتۇ ؛
-خانىم بۇ پۇل نېمانچە ھۆل ؟

-كەچرۈڭ ، يولدىشىم بۇ پۇللارنى ماڭا بەرگەندە شۇنداق يىغلاپ كەتكەنىدى ،- دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ



بىر كۈنى مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپ بويىچە يىغىن ئېچىپ ئوقوغۇچىلارغا دەپتۇ؛
-ساۋاقداشلار ،مەكتەپنىڭ تۇرلۇك قائىدە-تۇزۇملىرىگە ھەر ۋاقىت ئاڭلىق بويسۇنۇڭلار ،قانداق گەپ سۆزلىرىڭلار بولسا مېنى داداڭلارنىڭ ئورنىدا كۆرۇپ دەۋەرسەڭلا بولىدۇ .بۇنى ئاڭلىغان ئوقوغۇچى مۇنداق دەپتۇ ؛
-بولىدۇ، دادا كەچتە بىر يەرگە بارماقچى ئىدىم ،ماشىنىڭىزنى بېرىپ تۇرالارسىزمۇ؟

كونا مەھبۇس يېڭى  مەھبۇسىتىن سوراپتۇ  :

- سەن نېمە سەۋەبتىن كىرىپ  قالىدىڭ  ؟

-ئىچىم سىقىلىپ ، دەرىزىنى ئېچىۋەتكەن  ئىدىم .

-دەرىزىنى ئېچىش قانۇنىغا خىلاپ  بولامىدىكىن !

سەن زادى  نېمە ئىش  قىلاتتتىڭ؟

-سۇ  ئاستى  پاراخۇتىدا  ئىشلەيتتىم


مۇسلىنە كورىيە ھەۋەسكارى بولغاچقا ئۈستىلىگە كورىيلىك ئارتىس لى جۈنشەننىڭ سۇرىتىنى تىزىپ قويۇپتۇ .بىر كۇنى باشلىقى ئۇنىڭ يىېنىدىن ئۆتۇپ كىتىۋېتىپ مۇنداق دەپتۇ ؛-پاھ مۇسلىنە لايىقىڭىز قاملاشقان يىگىتكەن جۇمۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك  يۇپۇرلۇپ مۇسلىنەنىڭ  قېشىغا كەپتۇ-،پاراققىدە كۈلۈپ كېتىپ مۇنداق دەپتۇ ؛  باشلىق بۇ دىگەن لى جۇنشەن     باشلىق  تېخىمۇ ھەيران  قىلىپ ؛-ۋۇي ھەممىڭلار مۇسلىنەنىڭ لايىقىنى تونۇمسىلەر ،--دەپتۇ


تۇز دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ قالدى ، بۇنى كۆرگەن مۇئەللىم تېرىكىپ ئۇنى مۇنبەرگە چىقىرىپ سوئال ئىشلەتكۈزۈپ تازا تىللىماقچى بولدى .

ئۇ ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇشىغا ، مۇئەللىم سۆزلەپ كەتتى :

- نەتىجىسى ناچار تۇرۇپ ،دەرس ۋاقتىدا خىجىل بولماي ئۇخلاپ كەتكىنىنى .....

تۇز گەپمۇ قىلماي مۇنبەرگە چىقىپ مەسىلىنى ئىشلىۋېتىپ ، ئورنىغا قايتىپ كالدى - دە ، مۇنداق دېدى :

- مەن ئۇخلىۋالاي چۈشەنمىسىڭىز يەنە سوراڭ



ئىككى ئايال تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىپ قاپتۇ .بىر ئايال يەنە بىر ئايالغا دەپتۇ؛-بىچچارە ئېرىم پۇتبول مۇسابىقىسىدە يارلاندى ,  يەنە بىر ئايال قىزىقىپ سوراپ -بىلىشىمچە .ئېرىڭىز ئەزەلدىن توپ تەپمەيتىغۇ .   -
-توغرا ئۇ دۇنيا لۇڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى كورۇپ ۋارقىرايمەن دەپ ئاۋازىنى بۇزىۋالدى .-دەپتۇ ئايال ئېچ ئاغرىتقان ھالدا

بىر مەلدە ناھايتى كوڭلدە گەپ ياتمايدىغان بىر ئايال باركەندە بىرەر ئىشنى بىلىپ قالسا ياكى كۇرۇپ قالسا پۇتۇن مەھەلگە يەتكۇزمەي قويمايدىكەن شۇنىداق كۇنلەرنىڭ بېردە بۇ ئايال خوشنسىنىڭ چوڭ بۇلۇپ قالغان بىر قېزنىڭ بىر يىگىت بىلەن بېرىش -كىلىش قىلۋاتقانقنى كۇرۇپ قاپتۇ شۇنىىڭ بىلەن ھېلقى قىز بۇ ئشنىڭ تارقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن قېشغا بېرىپ يۇز كوي بېرىپ ئۇتۇنۇپ تۇرۇپ بۇ ئشنىڭ باشقلارغا تارقلىپ كەتمەسلكنى دەپتۇ بۇنىڭغا ۇئايالمۇ قۇشۇلۇپتۇ شۇنىڭ بىلەن ھېلقى قىز بىلە يىگت  باردى كەلدى قىلىپ يۇرۋېرىپتۇ بىرەر ئاي ئوتكەندە ھېلقى ئايال قىز بالنى ئىزدەپ كېلىپ شۇنداق دەپتۇ  ئېلىڭ ما يۇز كوينى پەقەت چېدىغۇچىلغىم قالمدى !!!!!!

ھەم پاكار ،ھەم سېمىز بىر يىگىت بولۇپ ، كىشىلەر ئۇنىڭىغا << كاۋا >> دەپ لەقەم قويۋالغان ئىكەن .

بىركۈنى ، يېڭىدىن تونۇشقان قىز دوستىى ئۇنىڭىدىن سوراپتۇ :

- كىچىك چاغلىرىڭىزدىمۇ باشقىلار سىزنى << كاۋا >> دەپ چاقىرامتى ؟

- ياقاي ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىدا باشقىلار مېىنى << سويما >> دەپ چاقىراتتى


بىر قاتناش ساقچىسى ماشنىسى سۈرئىتى ئېشىپ كەتكەن  بىر ماشننىڭ شوپۇرغا ماشننى توختۇتۇپ تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلشنى ئاگاھلاندۇرۇپ دەپتۇ ، شۇپۇر ماشننى تۇختۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن سۈرئىتىنى 200 كە چقىرىپ بۇراندەك  قۇغلاپ ھەيدەپتۇ ، قاتناش ساقچىسىمۇ ئۇنڭىغا چىڭ يېپىشپ قۇغلاپ كەپتۇ .
شۇپۇر ئويلاپ تۇرۇپ كېتىپ  بەرىبىر قېچىپ قۇتۇلساممۇ  ئەتە يەنە تۇتۇۋالىدۇ ، بۇلدىلا توختاي دەپ ماشننى توختۇتۇپتۇ.
قاتناش ساقچىسى شۇپۇرنىڭ قېشىغا كىلىپ  :" ھەي قارا ، مەنمۇ ئانچە ئەسكىلىك قىلىپ كەتمەي ، ئىشتىن چۆشدىغان ۋاقتىممۇ بۇلۇپ قاپتۇ ، سىنى بىر تەرەپ قىلىمەن دېسەم ئۆيگىمۇ كەچ قالدىكەنمەن ، ساڭغا رەھىم قىلىپ بىر پۇرسەت بىرەي . ئەگەر سەن بايام قاچقانلقڭىنى سەۋەبىنى مىنى قايىل قىلغدەك چۆشەندۈرۈپ بىرەلىسەڭ سىنى قۇيۋېتىمەن "دەپتۇ  .
شۇپۇر بىر ھازا ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ مۇنداق دەپتۇ : "   مېنىڭ خۇتۇنۇم تەخمىنەن 7 كۈننىڭ ئالدىدا سىزگە ئۇخشاش بىر قاتناش ساقچىسى بىلەن قېىچىپ كەتكەنتى ، مەن تېخى سىزنى ئاشۇ  خۇتۇنۇمنى ماڭغا قايتۇرۇپ بىردىغان ئۇخشايدۇ دەپ جېنىمنىڭ بارىچە قاچقانتىم ئەمەسمۇ


كەترەن رېستۇرانغا تاماق يىگىلى كىرىپ ، تۇيۇقىسز تەرتى قىستاپ ، ھاجەتخانا تاپالماي ، مۇلازىمىدىن ھاجەتخاننىڭ قەيەردىلىكىنى سورىدى .

- ئىشىكىتىن چىقىپ ، ئوڭغا بۇرۇلسىڭىز ، بىر ئاممىۋى ھاجەتخانا بار ، ئۇ ھاجەتخانا بىزنىڭ رىستۇران بىلەن شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىدۇ . ئۇ يەرگە كىرسىڭىز سىزدىن ھەق ئالمايدۇ ، - دېدى مۇلازىم .

-ئۇلار مېىنى كىرگۈزمىسە قانداق قىلمەن ؟

- سىز ئۇلارغا مە ن بۇ يەرگە تاماق يېگىلى كەلگەن دېسىڭىز ، سىزنى كىرگۈزىۋېتىدۇ


پويىز خادىمى دېرىزىگە يۆلىنىپ ئۇخلاپ قالغان يولۇچىنى ئويغىتىپتۇ .
-ھەي ئەپەندىم بىلىتىڭىز  قىنى ؟
-بىلەت ؟نىمە بىلەت ؟بىلىتىم يوق.
-بىلىتىڭىز يوق ئەمسە نەگە بارماقچى ؟
-ھىچ يەرگە بارمايمەن .
-ئەمسە نىمەدەپ پويىزغا  چىقىۋالدىڭىز ؟
-بايا پويىز يىنىدىن ئۆتۇپ  كىتىۋاتسام سىز تېز پويىزغا  چېقىڭلار دەپ ۋارقىرىغاننىدىڭىز ،شۇڭا چىققانىدىم


بانكا دېرىكتۇرنىڭ ياردەمچىسى ئوچۇقلا :
-مېنىڭ ھېس قىلشىمچە سىز ماڭا تازا ئىشەنمەيدىكەنسىز-دەپتۇ.

-ۋاي سىز نېمىلەرنى ئويلايدىكەنسىز؟مەن ھەتتا بىخەتەرلىك ئىشكاپنىڭ ئاچقۇچىنىمۇ ئوچۇق تۇرىدىغان ئۈستەل تارتمىسىغا قويۇپ قويدىغان تۇرسام-دەپتۇ،بانكا دېرىكتۇرى.
-شۇنداق،لېكىن ئۇ ئاچقۇچتا بىخەتەرلىك ئىشكاپ زادىلا ئىچىلمايدىكەن.-دەپتۇ دېرىكتۇر ياردەمچىسى


بىر نامرات بوۋاي بىلەن باي بوۋاي بىللە بىلىق تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ.باي بوۋاي ھېچ چۈشەنمەي سوراپتۇ ؛
-مىنىڭ ئىشلەتكىنىم داڭلىق ماركىلىق قارماق تۇرسا نېمە دەپ مەن بېلىق تۇتالمايمەن ؟
نامرات بۇۋاي ئۇنىڭغا قاراپ ؛
-چۈنكى ،بۇ دەريادا  داڭلىق ماركىلىق بېلىق يوقتە.،-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ


بەش ياشلىق ئوغۇل بالا ئانىسىنىڭ كالتە يوپكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
-ئانا،سىز بۈگۈن بەك قالتىس بوپ كېتىپسىز-دەپتۇ.ئانىسى ئاچچىقلىغىنچە:

-ئىتنىڭ بالىسى،ئاناڭغا مۇشۇنداق گەپ قىلىشنى كىمدىن ئۆگەندىڭ-دەپتۇ.بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ ئون ياشلىق ئاكىسى ئۇنۇڭغا يېقىنلىشىپ كېلىپ:
-مەن ساڭا يولدىشى بار قىز-چوكانلارغا بۇنداق دېمە دەپ نەچچە قېتىم دەيمەن- دەپتۇ


بىر يىگىت  كۆزىگە   كۆز دورىسىنى تېمىتىپ ، بىر دەمدىن   كىيىن كۆزىنى  ئېچىپ  ھېچنىمىنى كۆرەلمەپتۇ  -دە ،  يالغان  كۆز دورىسى ئىشلىتىپ  ئەما  بولۇپ  قالغان  ئوىشايمەن ، دەپ ۋارقىراپ  يىغلاشىقا  باشلاپتۇ . بۇ  چاغدا   يىگىتنىڭ  ئاتىسى   شامىنى  كۆتۇرگىنىچە  كىرىپ : <<  نېمە قىلىق  بۇ  ؟  چوپچوڭ   تۇرۇپ   توك  كەتكەندىمۇ    قورققان  بارمۇ !  >>    دەپ  قاقشاپتۇ


بىر جۈپ قىز-يىگىت باغچىدا مۇھەببەتلىشىپتۇ.
قىز:-سىز كۆزەينىكىڭىزنى ئېلىۋىتىڭ بولامدۇ؟ يۈزۈمنى ئاغرىتىۋەتتى.

بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن......
قىز:-سىز كۆزەينىكىزنى تاقىۋىلىڭ بولامدۇ؟بايدىن بېرى سىز ئورۇندۇقنى سۆيدىڭىز


بىر  موماي خەت  تونۇمايدىكەن ، بىراق  راىيو  ئاڭلاشىنى   ياخشى  كرىدىكەن  ، ئۇ   ئۇ كۈندە بېرىلگەن ھاۋا  رايدىن  ئالدىدىن  مەلۇماتىنى  تىڭشايدىكەن . ئۇ بىركۈنى  تاماق  يېگەچ  بالىلىرىدىن سوراپتۇ : قىسمەن جايلار   دېگەن  قەيەر ؟ ئەجەپ كۈندە يامغۇر  ياغدىغان جايكىنا


بىر ساقچى يېقىندا قويۇپ بېرىلىپ يەنە دېلو سادىر قىلغان بىر ئوغرىنى تۇتىۋىلىپ سوتچىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.سوتچى:
-سېنى قايتا كۆرۈشنى خالىمايمەن دېگىنىمنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.

-ئېسىمدە،ئەمما ساقچىغا قانچە چۈشەندۈرسەممۇ گېپىمگە پەقەتلا ئىشەنمىدى-دەپتۇ ئوغرى نارازى بولغان ھالدا


دەرىستە ناچار بىر ئوقۇغۇچى تېخى ئۆتۈلىمىگەن فورمۇلارنى ئىشىلىتىپ تاپشۇرۇق ئىشلەپتۇ . مۇئەللىم ئۇنڭدىن ..
تاپشۇرقىنى ئۆزۈڭ ئىشىلىدىڭىمۇ ؟ دەپ سورىسا ، ئۇ ..
بىلمەيمەن دەپتۇ . مۇئەللىم ئۇنڭىدىن يەنە ..
بۇ تاپشۇرۇقىنى زادى كىم ئىشىلەپ بەردى ؟
دەپ سورىغانكەن ، ئۇ ھېىچىبىر ئەيمەنمەسىتن .
مۇئەللىم ، تاپشۇرۇقىنى كىمىنىڭ ئىشىلەپ بەرگىنىنى نەدىن بىلەي ، چۈنكى مەن ئاخشام بالدۇرلا ئۇخلاپ قاپتىمەن ، دەپتۇ .


ئىككى ئوغرى بىر بوكىس چىمپېيونىنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا چۇشۇپتۇ .ئۇلار ئالىدىغىننى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن بىرسى يەنە بىرسىگە قاراپ دەپتۇ .--تېزرەك بولايلى ،بۇ دېگەن ئېغىر دەرىجىلىكلەر بويىچە چېمپىيون بولغان بوكسىيورچېنىڭ ئۆيى جۇمۇ ،دېسە يەنە بىرسى قىلچىمۇ ھۇدۇقماي تۇرۇپ ؛
-ئەنسىرمە ،ئۇ بىر مىلىيون يۇەن بەرمىسە مەيدانغا چۈشمەيدۇ،--دەپتۇ

ئېرى  كەچتە ئۆيگە قايىتمىدى  ئايالى  تېلېفۇن
    ئۇرۇۋىدى. ئېرى   ئاۋازىنى  ئۆزگەرتىپ مۇنداق  دېدى  :  ياخشىمۇ  سىز   ؟ بۇ ئاجراشساڭ  ئاجراش لىنيىسى  ،
خاتالىقىڭىزنى  تۇنغان بولسىڭىز  1نى  بېسىڭ ، ئاجراشماقىچى  بولسىڭىز  2نى  بېسىڭ ،  ئۇرۇشماقىچى   بولسىڭىز بىز  سىزگە 110نى ئۇلاپ  بېرىمىز  ، ئايالى ئاچچىقلاپ تېلېفۇننى قويۇۋەتتى ،  يېرىم كېچىدە ئەر ئۆيگە قايىتىپ  كېلىپ .  ئىشىكىنىڭ  ئىچىدىن تاقۋېتىلگەنلىكىنى   بايقىدى  دە ،  ئايالىغا  تېلېفۇن  قىلدى. ئايالى تېلېفۇننى  ئېلىپ  ئاۋازىنى  ئۆزگەرتىپ  تۇرۇپ  مۇنداق  دېدى :  ياخشىمۇ  سىز ؟   بۇ  كىم كىمدىن   قۇرقىدۇ مۇلازىمەت  قىزىق  لىنيىسى ، ئۆيگە كىرمەكىچى بولسىڭىز كىر  يۇيۇش  تاختىسىغا بىر  سائەت يۇكۇنۇپ   ئولتۇرۇڭ  ، ئاجراشماقىچى بولسىڭىز مىخ  تاختىغا  يۇكۇنۇپ  بىر  سائەت  ئولتۇرۇڭ  .ئەگەر  بىزارلىق  ھېس قىلىسىڭىز بىز سىزگە  120 نى  چاقىرىپ  بېرىمىز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زاغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-5 04:05 PM  


سەن مىنڭ ھەققىمگە ئاللاھتىن نىمە تىلىگەن بولساڭ ئاللاھ ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2890
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2555 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 09:02:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كۈلكە خۇرىچلىرىغا خېلى كۈچ چىقىرىپسىز...رەھمەت...

sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 09:12:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 09:14:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 09:17:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1978
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 929 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 09:51:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زاغراخۇن،ما تىمىڭىزنى خەپ مىسرانىمكام كۆرۈپ قالمىغاي جۇمۇچەكلىنىپلا كىتىسىزغۇ كۆرۈپ قالسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98236
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 10:11:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەھشەت قىزىقكەنغۇ..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 10:17:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋدايى1 ئۈن-سىن دۇكىنىغا كىرىپ سىن بويۇملىرىنى كۆرگەچ دۇكان خۇجايىنىغا مۇنداق دەپتۇ؛
-يىللىق مۇكاپات پۇلۇمغا چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور ئالماقچى ئىدىم .
دۇكان خۇجايىنى ئۇنىڭغا تېلېۋىزورلارنى ھەدەپ ماختىغىلى تۇرۇپتۇ .ئۇ تېلېۋىزورلاردىن ھاۋاينىڭ گۇزەل مەنزىرىلىرىنى تويماي كۆرۇپتۇ ..دۇكان خۇجايىنى ئۆزىگە قالىدىغان پايدىنى تازا پەيزى بىلەن ھېسابلاۋاتقاندا سەۋدايى1 تۇيۇقسىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ ؛
-بولدى ،مەن  يىللىق مۇكاپات پۇلۇمغا ھاۋايغا ساياھەتكە بارىمەن ،--دەپتۇ

:ئەپسۇس پاسپورىت بىجىرەلمىدىم. ھازىرچە سەنيانى ساياھەت قىلاي. لىكىن توۋا دەيمەن، مىنىڭ يىللىق مۇكاپات پۇلۇمنى ئالسام ساياھەتكە چىقىشنى پىلان قىلغانلىقىمنى سىز قانداق بىلگەنسىز دەيمەن.

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگە/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3642
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 10:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوۋۋۋۋۋۋۋۋۋ بۇ قەشقەرلىك دىگەن ئاجايىپ كېلىدىكەن جۇمۇ، يەيدىغاننى بىزنىڭكىدىن يىگەندىن كېيىن چىقىرىدىغاننىمۇ ئەكەتمە دەپ قىلىۋالغان قىلىقىغا قاراڭلا........ ھى ھى ھى

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 10:18:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
asma507 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-5 09:51 PM
زاغراخۇن،ما تىمىڭىزنى خەپ مىسرانىمكام كۆرۈپ قالمىغاي  ...

دىمىسىمۇ ئاۋۇ يۇمۇر دەششەتكەن لىكىن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ㄟSāωのя + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگە/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش