مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2871|ئىنكاس: 6

Amazon نىڭ يېڭى مەھسۇلات ئۇچۇرى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-4 01:06:14 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بلوگى TNWنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ﯐ ئامازون تۆنۈگۈن ئۆزىنىڭ Kindle Fire تاختا كومپيۇتېرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ رەسمىي ﻫالدا 7 دىيۇملۇق ۋە 8.9 دىيۇنلۇق ئىككى خىل نۇسخىدىكى Kindle Fire HDX تاختا كومپيۇتېرىنى ئېلان قىپتۇ.ئالدىنقى ئەۋلات Kindle Fire قا سېلىشتۇرغاندا يېڭى نۇسخىدىكى Kindle Fire HDX نىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىدە خېلى زور ئۆزگىرىشلەر بولغان بولۇپ يېڭى Kindle Fire HDX قارىماققا تېخىمۇ مۇستەﻫكەم كۆرۈنىدۇ﯐ ئېغىرلىقى ئالدىنقى ئەۋلات Kindle Fire نىڭ ئېغىرلىقىدىن 1/3 يەڭگىللىتىلگەن . 7 دىيۇملۇق Kindle Fire HDX نىڭ ئېكرانىنىڭ كۆرسىتىش ئېنىقلىقى 1200*1920 ﯐ 8.9 دىيۇملۇق نۇسخىسىنىڭ كۆرسىتىش ئېنىقلىقى 1600*2560 بولۇپ پېكسىل زىچلىقى 339ppi غا يەتكەن. ﻫەر ئىككى خىل نۇسخىدىكى Kindle Fire HDX تاختا كومپيۇتېرىغا چاستوتىسى 2GHz بولغان تۆت يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ ئەڭ يېڭى Fire OS 3.0 سىستېمىسى قاچلانغان. 8.9 دىيۇملۇق Kindle Fire HDX تاختا كومپيۇتېرىغا '' ﻫېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدىغان '' باتارېيە ئىشلىتىلگەن بولۇپ ﯐ ئامازون ئورگان تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە يېڭى نۇسخىدىكى Kindle Fire HDX نىڭ باتارېيەسىنى 11 سائەت ئارلاشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى ۋە 17 سائەت كىتاپ ئوقۇغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئامازون Kindle Fire HDX غا يەنە ئنىتايىن ئۆزگىچە بولغان MayDay تېخنىكا كۇنۇپكىسى لاﻫىيىلىگەن ﯐ بۇ كۇنۇپكىنىڭ رولى SOS مەلۇم قىلىش كۇنۇپكىسىنىڭ رولىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر MayDay كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ﻫەر قانداق ۋاقىتتا ئامازوننىڭ تېخنىكلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلار بىلەن سىنلىق پاراڭلىشىپ ئۆزلىرى يولۇققان تېخنىكىلىق مەسلىلەرنى ﻫەل قىلالايدۇ ﯐ بۇ مۇلازىمەت 24 سائەت ئوچۇق ئىكەن .قاتتىق زاپچاسنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىن باشقا يەنە ﯐ ئامازون يېڭى Kindle Fire HDX غا قارىتا يېڭى دېتال ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. مەسلەن ئىشلەتكۈچىلەر توردىن فىلم چۈشۈرۈپ تورسىز ﻫالەتتە Kindle Fire HDX دا خالىغانچە كۆرەلەيدىغان InstantPrime مۇلازىمىتى ﯐ ئىشلەتكۈچىلەر Kindle Fire HDX تاختا كومپيۇتېرىنى ئىشلىتىپ كىنو كۆرىۋاتقاندا ئوڭايلا كىنو ئۇچۇرىنى بىلەلەيدىغان X-Ray مۇلازىمىتى ( ئىشلەتكۈچىلەر بۇ مۇلازىمەت ئارقىلىق تېلېۋىزور ياكى باشقا ئۈسكۈنىدە قويۇلغان كىنونىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى Kindle Fire HDX تاختا كومپيۇتېرىدا كۆرەلەيدۇ ) ﯐ تورسىز ناخشا تېكىستى مۇلازىمىتى X-Ray for Music ۋە ئەپ ﯐ كىتاب-ماتېرىيال﯐ گېزىت ﯐ ژۇرنال قاتارلىق مەزمۇنلارنى قەدەمداش قىلغىلى بولىدىغان Cloud Collection مۇلازىمىتى قاتارلىقلار.باﻫا مەسلىسىگە كەلسەك ﯐ 7 دىيۇملۇق WiFi تورىنى قوللايدىغان Kindle Fire HDX (16G) نىڭ باﻫاسى 229 دوللار ﯐ LET تورىنى قوللايدىغان نۇسخىسىنىڭ باﻫاسى 329 دوللار ﳪ 8.9 دىيۇملۇق WiFi تورىنى قوللايدىغان Kindle Fire HDX نىڭ باﻫاسى 349 دوللار ,LET تورىنى قوللايدىغان نۇسخىسىنىڭ باﻫاسى 479 دوللار. ﻫازىر ئامازون بۇ ئىككى خىل تاختا كومپيۇتېرغا زاكاس قوبۇل قىلىشنى باشلىدى . 7 دىيۇملۇق wifi تورىنى قوللايدىغان 15Kindle Fire HDX-ئۆكتەبىردىن باشلاپ بازارغا سېلىنىدىكەن﯐LET نۇسخىسى بولسا بىر ئايدىن كېيىن بازارغا چىقىدىكەن ﯐ 8.9 دىيۇملۇق نۇسخىسى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا بازارغا چىقىدىكەن.                                                                             دوستلار سەمىگە: ئامازون شىركىتىنىڭ kindle ماركىلىق ئېلكىتاپ ئوقۇغۇچىغا elnk يەنە: رەقەملىك سىياھ تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ ئېكران يورۇقلۇق چىقارمايدۇ كۆزگە زەرەرسىز، توكى ئۇزاق يىتىدۇ. بۇ مەھسۇلاتنىڭ بەلەنلىكىنى ئىشلەتكەندە بىلىسىز. كىتاپخۇمارلارغا تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32286
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-4 01:56:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىللىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2907
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10679
تۆھپە نۇمۇرى: 415
توردا: 5286 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2014-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-4 10:41:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ 3000-2000 يۈەن ئارىسىدىكى تاختا كومپىيۇتىردىن بىرنى ئىلىشنى ئويلاۋاتقان ،بازارنى كۇرۇپ باقسام ئايپەد 2 يارىغاندەك قىلدى ، ئەمدى مانى كۆرىۋاتىمەن ،ئىككىسىنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى بار ؟ بىلىدىغانلار چۇشەندۇرۇپ باقساڭلار

ئابى زۇلال  شەربەتلىرى توپ تارقىتىلىدۇ .

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7442
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7747 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 12:06:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ بىلكان شركىتى بازارغا سالغان تاختا كومپىيۇتىرلا ئالدىن تاللىشىمىز بولسا بولاتتى.چۈنكى بىلكان شىركىتى ئاندىرويىدسېستىمىلىق ئۈسكۈنىلەرگە ئاز كۈچ سەرىپ قىلمىدى.تېخنىكلىق سالمىغىمۇ بوش ئەمەس.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

مۇھەببەتسىمان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23196
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7452
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 02:35:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەربەتى يوللىغان ۋاقتى  2013-10-4 10:41 PM
مەنمۇ 3000-2000 يۈەن ئارىسىدىكى تاختا كومپىيۇتىردىن بىرنى  ...

بۇ تېمىدا دېيىلگەن تاختا كومپىيۇتېرتېخى بازارغا سېلىنمىغان ئوخشايدۇ.Kindle Fire نۇسخسىنىڭ تاۋباۋ،ئامازون تورىدىكى باھاسىنى سۈرۈشتۈرسەم 1000-1800يۈەنگىچە ئىكەن،مەنغۇ بۇ ماركىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.مىللىتىمىز تىجارىتىنى قوللايمەن دېسىڭىز بىلگ پەد،بىلكان پەد لەرنى ئېلىڭ،پۇل جىق بولسا ئايپەد ئېلىڭ،داڭلىق ماركا،سۈپىتى ئىشەنچلىك(مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن ياكى ئىشەنچىلىك دۇكاندىن ئېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.باھاسى ئەرزانكەن دەپ قۇراشتۇرغان ياكى يېڭىلىغان مالنى ئېلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن).ۋەتەنپەرۋەر بولسىڭىز خەنزۇچە ماركىلىق تاختا كومپىيۇتېرلارمۇ بەك جىق.شۇلارنى ئېلىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ ھاجتىڭىزدىن چىقىدۇ.تاللاش ئۆزىڭىزدە قالدى.

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتسىمان...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 07:21:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چەتئەل تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ داڭلىق تاختا كومپىيۇتېر مەھسۇلاتى بولغان ئايپەدنى ياقتۇرىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، بىراق، ھەممە كىشىنىڭ ئايپەد سېتىۋىلىشى ناتايىن ئىكەن. ئەگەر سىز ئايپەدنىڭ ئورنىنى باسالىغۇدەك ئېسىل تاختا كومپىيۇتېرلارنى سېتىۋىلىشنى ئويلىسىڭىز، ئۇ ھالدا بازاردا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ياقىدىغان مەھسۇلات ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىملىرىنىڭ باھاسى ئايپەدتىن كۆپ ئەرزان. گۇگېل ۋە ئامازون قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا چىقارغان تاختا كومپىيۇتېرلارنىڭ باھاسى ئاران 199 دوللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەل دىيىشكە بولىدۇ. ئەگەر سىز پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدىغان كىشى بولسىڭىز، ئۇ ھالدا سىزنىڭ تاللىشىڭىز تېخىمۇ كۆپ، مەسىلەن، كۇنۇپكا تاختىسىنى چىقىرىۋالغىلى بولىدىغان ياكى بارماق ئارقىلىق خەت يېزىشنى قوللايدىغان تاختا كومپىيۇتېر دىگەندەك. قېنى، ئۇنداقتا دىققتىڭىزنى تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن 10 دانە ئېسىل تاختا كومپىيۇتېرغا ئاغدۇرۇڭ.
1. گۇگېل Nexus7

گۇگېل ئىشلەپچىقارغان Nexus7 نى 7 دىيۇملۇق تاختا كومپىيۇتېرلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىلى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭغا تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى.
2.ئامازون Kindle Fire HD

ئىككىنچى ئەۋلاد ئامازون تاختا كومپىيۇتېرى Kindle Fire HD  نىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، 1280x800 يېتىدۇ. بۇ تاختا كومپىيۇتېرنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى شۇكى، ئۇنىڭدا ئىنتايىن مول مەزمۇندىكى ئېلكىتاب، تېلېۋىزور پىروگراممىلىرى ۋە كىنو-فىلىملەر بار، ساقلاش بوشلۇقىمۇ چوڭ بولۇپ، باھاسى ئاران 199 دوللار.
3. بانو كىتابخانىسى Nook HD

بانو كىتابخانىسى يەنى Barnes & Noble بولسا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان كىتابخانا، بۇ كىتابخانا ئىشلەپچىقارغان 7 دىيۇملۇق Nook HD تاختا كومپىيۇتېرىمۇ ئىنتايىن ئېسىل چىققان مەھسۇلات بولۇپ، ئۇنىڭ ئىكران ئىنىقلىقى 1440x900 گە يېتىدۇ، باتارىيە قۇۋۋىتى ئالاھىدە يۇقىرى، شۇنداقلا كىشىگە ئىنتايىن راھەت بولغان كىتاب كۆرۈش تۇيغۇسى بىرەلەيدۇ.
4. خۇاشو Transformer Pad Infinity TF700

خۇاشو ئىشلەپچىقارغان Transformer Pad Infinity TF700 بولسا تۆت يادرولۇق تاختا كومپىيۇتېر بولۇپ، ئىكران ئېنىقلىقى ۋە باتارىيە قۇۋۋىتى ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدۇ.ئۇندىن باشقا، ئۇنىڭغا يەنە سىرىتتىن ئۇلىنىدىغان كۇنۇپكا تاختىسى چاتقىلى بولىدىغان بولۇپ، خىزمەت ۋە ئۈگىنىش ئىھتىياجىدىن چىقالايدۇ.
5.مىكروسوفىت Surface

مىكروسوفىت شىركىتى بازارغا سالغان Windows8 سىستېمىسى قاچىلانغان Surface تاختا كومپىيۇتېرى ۋە ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن سەپلەنگەن Touch Cover كۇنۇپكا تاختىسى بىرلىشىپ، بۇ تاختا كومپىيۇتېرنى ئايپەد بىلەن تەڭ تۇرغۇدەك ئاجايىپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان. ئۇندىن باشقا، ئۇنىڭغا يەنە Office 2013 قاچىلانغان بولۇپ، ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىدىن غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
6. گۇگېل Nexus10

گۇگېل Nexus10 غا ئاندىرويىد 4.2 مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان بولۇپ، ئىكران ئىنىقلىقى 2560x1600 گە يېتىدۇ، ھەمدە بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئايپەدتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
7. سامسۇڭ Galaxy Note 10.1

سامسۇڭ Galaxy Note 10.1 نىڭ ئىچىگە يەنە يېزىش قەلىمى سەپلەنگەن بولۇپ، كۆپ ۋەزىپە ئورۇنداش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، شۇڭا باشقا كۆپ قىسىم ئاندىرويىد تاختا كومپىيۇتېرىغا قارىغاندا خىزمەت قىلىشقا تېخىمۇ ماس كىلىدۇ.
8. سونىي Xperia Tablet S

سونىي بازارغا سالغان Xperia Tablet S نىڭ تاشقى شەكلى ئىنتايىن مودا لايىھىلەنگەن، ئۇندىن باشقا، ئۇنىڭغا يەنە ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان يىراقتىن باشقۇرغۇچ، تىزگىنەك سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ تەرىپى ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدۇ. Guest Mode ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بۇ تاختا كومپىيۇتېر كىچىك بالىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە تېخىمۇ ماس كەلگەن.
9.فۇخۇ ماركىسىدىكى Fuhu Nabi2

Fuhu Nabi2 تاختا كومپىيۇتېرى بولسا Fuhu شىركىتى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان مەخسۇس بالىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كىلىدىغان مەھسۇلات، ئۇنىڭغا ئاتا-ئانىلار كونتىرول قىلىش تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بالىلار چوڭلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، قانۇنسىز ياكى ناچار مەزمۇندىكى توربېكەتلەرنى زىيارەت قىلالمايدىكەن، ھەمدە ناچار مەزمۇندىكى ئەپلەرنىمۇ چۈشۈرەلمەيدىكەن.
10. سامسۇڭ Galaxy Note 8.0
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پىنھان00 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-6 07:23 PM  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-6 07:24:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش