نامەردلەر
يۈرۈگۈمدە ھەسرەت قالدى نامەردلەرنىڭ دەستىدىن،
شۇكرى ئاللاھ ساقلاپ كەلدى دۈشمەنلەرنىڭ قەستىدىن.
دوستۇم دىدىڭ قۇچاق ئاچتىم ھىچبىر ۋاپا كۆرمىدىم ،
شۇ يارەنلەر سەرسان قىلدى ھىجرانىنىڭ دەشتىدىن .
ھامان كىلەر بەخىت قۇشۇم كۆرەڭلىمە نامەردلەر،
بىر كۈن ئىچىڭ كۆيۈپ كىتەر ھۈر بەختىمنىڭ تەختىدىن .
سەنلەرسىزمۇ ياشاپ يۈردۈم ئېغر كۈندە بىز ئۆزۈم،
كۆرگنىڭدە ھۈر بەختىمنى ھىجايمىغىن ساختىدىن.
كولاپ كەلدىڭ چۆنتىكىمنى بارنى ئېلىپ تاشلىدىڭ،
ئەمدى كۆرەر كۆزۈم يوقتۇر يۈرەكتە قان لەختىدىن...
2013.يلىلى.9.ئاينىڭ 23.كۈنى يىزىلدى..
ئۈرۈمچى
ھايات يولۇم
سۇسلاشقان ئەقىدەم قىينايدۇ ھەر چاغ،
سوتلايدۇ ۋىجداننى تەقەززار قىلىپ.
نۇرى يوق يۇلتۇزدەك ئاجىز بىر ئۈمۈد
مۇجۇيدۇ قەلبىمنى دەيدەيگە سىلىپ.
قەدەمدە پۇلتىشىپ ماڭىمەن يالغۇز،
دوستىلىرىم يىراقتا بەخىت تىلەپ قالغان.
ئايرىلىپ شۇ دىلكەش جان جىگرلەردىن
يۈرۈگۈم ئەلەمدىن ئوت بولۇپ يانغان.
نىشانەم پۈتمىكى بىر مۈشكۈل سەپەر،
يوللىرىم تۈز ئەمەس قەدەمدە خەتەر.
دەستە گۈل تىزپ قوي قەبرەمگە دوستلار
ۋاجىتسىز دۇنيادىن خۇشلاشسام ئەگەر.
2013.9.26
ئۈرۈمچى
مەنبەسى : مەن