ئىككى ئۆلچەملىك ھاياتلىق فونكىسىيسىنىڭ يېشىمى نەدە؟
ئەركيار
ھاياتلىق ئىككى ئۆلچەملىك دەپ قارالغاندا،ماددا بىلەن روھتىن ئىبارەت ئىككى ئۆزگەرگۈچىگە ئىگە.
بۇلارنى فونكىسيە مۇناسىۋىتىدە ئىپادىلىسە،
ماددا-ماددا
ماددا – روھ
روھ – ماددا
روھ – روھ
مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ.
بۇنىڭدىن ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىسىنى چىقىرىۋەتسەك (ئەلۋەتتە،بۇ چىقىرىۋېتىشىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى بار)،
ماددا-ماددا
روھ – روھ
ئېشىپ قالىدۇ.
بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ئەگەر بىرئۆلچەملىك ياكى كۆپ ئۆلچەملىك دەپ پەرەز قىلىنغاندىچۇ؟
ياردەمچى تېمىچاق:
جانلىق بىلەن جانسىزنىڭ پەرقى
«جان»نىڭ ئۇيغۇرتىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدىكى چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىنسان ۋە ھايۋان ياشىغاندا ساقلىنىدىغان، ئۆلگەندىن كېيىن ۋۇجۇدىدىن ئايرىلىدىغان ماددىي، غەيرىي تەبىئىي ئامىل.
«جان»نىڭ بەيدۇ قامۇسىدىكى چۈشەندۈرۈلۈشى:
جان: ئورگانىك ماددىلار ۋە سۇدىن تەركىب تاپقان بىرياكى كۆپلىگەن ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن بىرتۈردىكى مۇقىم ماددا ۋە ئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇش ھادىسىسى(مۇقىم ھالەتتە سىرتتىن ماددا ۋە ئېنىرگىيگە ئېرىشىدىغان ھەم بەدىنىدە شەكىللەنگەن كېرەكسىزماددىلار،ئاشقان ئىسسىقلىق مىقدارىنى سىرتقا قويۇۋېتىدىغان) بولىدىغان،ئىنكاس قايتۇرالايدىغان،ئۆزىنى كۆپەيتەلەيدىغان يېرىم ئوچۇق ماددىي سېستىما.
جانلىق:جېنى بار،يۇقىرىقى ئىككى ئېنىقلىمىغا قارالسۇن.
جانسىز:جېنى يوق،يۇقىرىقى ئىككى ئېنىقلىمىغا قارالسۇن.
جانلىق بىلەن جانسىزنىڭ پەرقى:
جانلىقنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ:
بىرىنچىدىن،تېنى رەتلىك تۈزۈلۈشكە ئىگە بولىدۇ؛بۇ يەردىكى رەتلىك تۈزۈلۈش دېگەندە ھاياتلىق تۈزۈلۈشى ۋە فونكىسىيسىنىڭ ئاساسى بىرلىكى بولغان ھۈجەيرە كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئىككىنچى،مىتابولىزم ئېلىپ بارالايدۇ؛
ئۈچىنچى،ئۆسىدۇ؛
تۆتىنچى،ئىنكاس قايتۇرۇش بولىدۇ؛
بەشىنچى،كۆپىيەلەيدۇ ۋە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ؛
ئالتىنچى،ئېرسىيەت ۋە ئۆزگىرىش بولىدۇ؛
يەتتىنچى،بەلگىلىك دەرىجىدە مۇھىتقا ماسلىشىدۇ ھەم مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مېتابولىزىم ئەڭ ئاساسلىقتۇر.
پەرقى:جانسىز شۇنىڭ ئۈچۈن جانسىزكى ئۇنىڭدا جانلىقنىڭ ئالاھىدىلىكى بولمايدۇ.
ئورتاقلىقى: ئوخشاشلا ئاتوم،مولېكولا قاتارلىق زەررىچىلەردىن تۈزۈلىدۇ.
دېققەت:بۇ تېما ئاپتۇرنىڭ خىيالى بولۇپ، ھېچقانداق كەسكىن ئىلمىي ئىدىيە ياكى تەشەببۇسقا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئۇستازلارنىڭ بۇ ھەقتە تەلىم بېرىشىنى سورايمەن.