 |
 |
 |
 |
تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرى نىجات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: 2013-يىل 15-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ھەرەمباغ تېز تاماقخانىسىغا جەم بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تولۇق كۇرس، ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 19 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 2000 يۈەندىن جەمئىي 38 مىڭ يۈەن پۇل ياردەم قىلىپ، بۇ ئىستۇدېنتلارنى خاتىرجەم، ياخشى ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
ياردەمنى قوبۇل قىلغان ئىستۇدېنتلار بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن ساخاۋەتچى ئاتىلارغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى ھەمدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، خىزمەت ئورنى تاپقاندىن كېيىن قولىدىن كېلىشىچە ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
|
 |
 |
 |
 |
|