ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
يىشىن (易信) ئىشلىتىپ كۆرۈش جەريانىدا ھەقىقەتەن ياخشىلىقىنى ھېس قىلدىم.
بۇنىڭدا يىشىن (易信) دېتالىنى قاچىلىمىغانلارغىمۇ ھەقسىز ئۇچۇر يوللىغىلى ۋە ھەقسىز سۆز قالدۇرۇپ قويغىلى بولىدىكەن. لېكىن ماۋۇنىڭ ئاۋاز سۈپىتى شۇنچىلىك ئېسىلكەن.
ئورگان بېتىنىڭ ئادرېسىنىڭ بەك تەستە تاپتىم..
بۇ ئورگان چۈشۈرۈش بېكىتىنىڭ ئادرېسى:
http://yixin.im/
مۇشۇ يەردىن چۈشۈرىدىكەنسىز. ئاندىن يەنە بىر ياخشى ئىش ،لېكىن مەن تېخى سىناپ باقمىدىم. سىز تېلگىراف ئابونتى بولسىڭىز يىشىن (易信) دېتالىنى تېلېفون نومۇرىڭىزدا تىزىملىتىپ 48 سائەت ئىچىدە سىزگە 300 مېگا بايىتلىق تور ئېقىمى سوۋغا قىلىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر ئايدا يەنە 60مېگا بايىت سوۋغا قىلىدىغاندەك گەپ بار. بۇ خەۋەرنى خەنزۇچە بەتلەردىن كۆردۈم. بۇ يىشىن (易信) دېتالى جوڭگۇ تېلگىراف شېركىتى بىلەن 网易بېكىتى بىرلىشىپ ياسىغان دېتالكەن.. شۇڭا تېلگىراف ئابونىتلىرىغا مۇشۇنچىلىك پايدىسى باركەن. مەنمۇ تېلگىراف ئابونتى.ھى ھى .

ئۈندىدارغا ئوخشاش بۇنىڭمۇ دوسلار چەمبىرىكى ئىقتىدارى باركەن.
دېتالنىڭ ئالاھىدىلىكى :
1.ئاۋازى سۈزۈك.شاۋقۇن ئاۋاز ئېلىنمايدۇ..
2. ئىپادىلەر ھەقسىز. ھەقسىز رەسىم چاپلىغىلى بولىدۇ. (ھازىر ئۈندىدار 5.0دە ھەقلىق قىلىۋەتتى ئەمەسمۇ)
3.يىشىن (易信) دېتالىنى قاچىلىغان ياكى قاچىلىمىغان تېلېفونلارغا ھەقسىز قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا بولىدىكەن. ھازىرچە ئۇچۇر سانىغا چەك قويۇلمايدىغان ئوخشايدۇ.)
4.ھەقسىز سۆز قالدۇرۇشقا بولىدۇ. مەن سىناپ باقتىم . بىز قالدۇرغان سۆز قارشى تەرەپكە تېلېفون كەلگەن ھالەتتە كېلىدىكەن. مەسىلەن:400 دىن باشلانغان بىر نومۇردىن كېلىدىكەن. ئاندىن بىرسى سىزگە سۆز قالدۇردى دەيدىكەن. كەينىدىن بىز قالدۇرغان ئاۋازنى قويۇپ بېرىدىكەن. بۇ ئىقتىدارىمۇ ھەقسىزكەن.مەنمۇ بەك ياقتۇردۇم بۇ ئىقتىدارىنى.
5.ئاندىن ھەقسىز مۇزىكا بەھىرلىگىلى بولىدىكەن. مەن ئۇيغۇرچە يېڭى يېزىقتا مۇھاببەت دەپ يازسام بىر مۇزىكىنى تېپىپ بەردى. بۇ ئىقتىدارىمۇ بولىدىكەن.
6. ھەقسىز 2 مېگا بايىت بولغان فىلىم بەھىرلەشكە بولىدىكەن.
باشقا ئىقتىدارلىرى ئىشلىتىش جەريانىدا داۋاملىق يوللىنىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://yixin.im/
قاچىلىغاندىن كېيىن سىزگە يىشىندىن ئۇچۇر كېلىدۇ ئۇنىڭغا 流量 دەپلا يوللىسىڭىز 48 ئىچىدە ئوتتۇز كۈن ئىناۋەتلىك 300 مىگا تور ئېقىمى سوۋغا قىلىدۇ .
بايا دوستلىرىمىز يىشىن دىگەن بۇ دېتالنىڭ نىمىلىكىنىبىلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يوللاپ قويدۇمئ
مەنبە:
http://bijirim.com/hkorux.asp?id=784&tur=2