نۇر مىسالى پاك ياشايدۇ ئىلىلىق
بەختسىزگە بەخت تىلەر ھەر نەپەس،
دىتسىزلىقنى مەڭگۈ راۋا كۆرمەيدۇ.
ساخاۋەتنى ئۇلۇغ بىلەر شۇقەدەر،
ھەر بىر نەپەس ئەل ، مىللەتنى كۆزلەيدۇ.
ئەركەك ئۇدۇم بىللە ھامان ھەر يەردە،
بۈركۈت قونغان قىيالاردا خۇشاللىق.
ئاق تىلىكى ئامەت نۇرى چىللايدۇ،
نۇر مىسالى پاك ياشايدۇ ئىلىلىق.
يۈرىكىدىن ئاق تېلەكلەر تۆكۈلەر،
مېھنەت قىلىپ ھالال ،دۇرۇس ياشايدۇ.
ئاجىزلارغا پەرۋاز تىلەر ھەر كۈنى،
تۈنلىرىدە قۇياش بولۇپ چاقنايدۇ.
ياۋ توقۇغان ئارغىماققا مىنمەيدۇ،
سۈزۈك ئارمان يۈرىكىدە لىپمۇ-لىق.
سادىر مۈككەن ئۆڭكۈرلەرنى ئۇلۇغلاپ،
نۇر مىسالى پاك ياشايدۇ ئىلىلىق.
نا ئەھلىنىڭ يۈرىكىگە خەنجەردۇر،
قادالغان مىخ رەزىللەرنىڭ كۆزىگە.
ئازغۇنلارنىڭ نەيرىڭىدىن پەخەستۇر،
كۈلگۈن تاڭلار ، ئالتۇن قۇياش قەلبىدە.
مات قىلىدۇ مۇشەققەتنى، جاپانى،
سۈزۈك ئارمان يۈرىكىگە تولغان لىق.
نۇرلۇق-نۇرلۇق ئىز قالدۇرۇپ يوللاردا،
نۇر مىسالى پاك ياشايدۇ ئىلىلىق.
يۈرەكلىرى ئوت قويىدۇ كېچىگە،
يالقۇنلىرى تارار تەرەپ- تەرەپكە.
« ئاق ئات » مىنگەن يىگىتلىرى مەردانە،
غالىبلىقنىڭ نۇرى چاقنار قەھرىدە.
ئوتلۇق-ئوتلۇق ئارزۇلىرى شۇقەدەر،
يۈرىكىدە پىنھان-پىنھان سىرلار لىق.
سادىر چىققان چوقىلارنى نىشانلاپ،
نۇر مىسالى پاك ياشايدۇ ئىلىلىق.
سۈكىتىدە چۇقانلىرى غەلبىنىڭ،
نەپرىتىدىن دىر-دىر تىترەر جاھالەت.
جەزبىسىدىن تاسقىلىدۇ بۇ ئەلەم،
يۈرىكىدە ئۆركەشلەيدۇ ئادالەت.
پەرۋازخۇمار ئۈمىدلىرى،ئارمىنى،
قەلبى ئويغاق، روھى ئويغاق داۋاملىق.
دىل ئوتلىرى ئۇلۇغ-ئۇلۇغ يانىدۇ،
نۇر مىسالى پاك ياشايدۇ ئىلىلىق.
ئىلى ئاخشىمى
ئەجەپ گۈزەل ئىلى ئاخشىمى،
ئەجەپ سىرلىق ئىلى ئاخشىمى.
ئويغا پاتتىم، خىيالغا چۆكتۈم،
ئاڭلاپ سادىر ئېيتقان ناخشىنى.
ئولتۇرىمەن خىيالغا غەرق،
ئاقارماقتا نۇرلىنىپ شەرق.
تولماقتىدۇر يۈرىكىم شۇتاپ،
خۇشاللىققا، قايغۇلارغا لىق.
باردۇر ئۇلۇغ- ئۇلۇغ ھېكمەتلەر،
باردۇر تالاي دەرتلىك قىسمەتلەر.
پەرۋاز قىلار يۇلتۇزغا قاراپ،
بىر-بىرىدىن نۇرلۇق ئىستەكلەر.
يۇلتۇزلىرى نۇرلۇق ھەم خىرە،
تۇتىلىدۇ ئايمۇ بەزىدە.
چولپانلىرى چاقنايدۇ يالت-يۇلت،
شاھىد گۈزەل ئەسلىمىلەرگە.
ئالما پۇرار ئېتىز-ئېرىق قىرلىرىڭ
يېشىل گېلەم ئىدىرلىرىڭ ،تاغلىرىڭ،
ياڭراپ تۇرار سۆيگۈ-ۋاپا كۈيلىرى.
گويا جەننەت گۈلزارلىرىڭ ،باغلىرىڭ،
ھېكمەت سۆزلەر ساداقەتنىڭ گۈللىرى.
تاڭنى سۆيگەن تاڭدەك دىيار ئەي ئىلى،
مېھرىڭ بىلەن ئەركىلەتتىڭ تاڭلارنى.
خەلقىڭ باتۇر ،تىز پۈكمەستىن تىك ياشار،
قەھرى بىلەن سىلكىندۈرۈپ تاغلارنى.
ئەركەكلىرىڭ ھەم قىزلىرىڭ ياراملىق،
مەردانىلىق ياڭراپ تۇرار سۆزىدىن.
ئويغاق دىللار تېلەكلەرگە تولغان لىق،
ئۈمىد نۇرى چاقناپ تۇرار كۆزىدىن.
ئالما پۇرار ئېتىز-ئېرىق ، قىرلىرلىرىڭ،
تالىشىدۇ سەندىن جاھان نازاكەت.
ئالما پۇرار چېچەن ،چىۋەر قىزلىرىڭ،
يىگىتلىرىڭ باتۇر ، جەسسۇر ئالامەت.
جاپا قويغان توساقلاردىن ئاتلايدۇ،
تېلەكلىرى باغاش ئەتكەن ھۆرلۈكنى.
مۇشكۈللەرنىڭ بەللىرىنى قاتلايدۇ،
گۈلگە ئورار پاك تەرلىرى چۆللۈكنى.
شەپقىتىدىن يايراپ كېتەر يۈرەكلەر،
جەسسۇر ، قەيسەر يىگىتلىرىڭ ، قىزلىرىڭ.
مېھرى باھار ، گۈلگە تولار ئېتەكلەر،
ئالما پۇرار ئېتىز-ئېرىق ، قىرلىرىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-3 04:17 PM