يەكشەنبىلىك يۇمۇرلار
پەرىق
ئىگىلىك باشقۇرۇش دەرسىدە پىروفىسور قەرىز بەرگۈچى بىلەن قەرىز قايتۇرغۇچىنىڭ قانداق پەرقى بار؟—دەپ سوراپتۇ.ئەمەت ئورنىدىن تۇرۇپ:
ـ قەرىز بەرگچىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتى ياخشى بولىدۇ.قەرىز ئالغۇچىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتى ناچار بولىدۇ،ــ ،دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
كەشپىيات
ئەدەبىيات دەرسىدە مۇئەللىم ئالىمدىن بايقاش ۋە كەشىپ قىلىش دىگەن سۆزگە جۈملە تۈزۈپ باق،دەپ سوراپتۇ.
ئالىم ئورنىدىن تۇرۇپلا:
ــ دادام ئانامنى بايقاپ،مېنى كەشىپ قىلدى،دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
بۇزۇق قوڭغۇراق
ئىشىك قوڭغۇرقىنى تۈنۈگۈن ئوڭشاپ بەرمەكچى بولغان ئىدىڭىز،بۈگۈن كەپسىزغۇ؟
تۈنۈگۈن ئۈچ قېتىم كىلىپ،ئىشىڭ قوڭغۇرقىنى باسساممۇ،ھېچكىم چىقمىدى.ئامالسىز كەتتىم.
لاياقەتسىز دوختۇر
بىر دوختۇر ئۆزى داۋالاۋاتقان بىر بىمارنىڭ ئۆزىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرنى بىلدىغان بىلمەيدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، بالىنىڭ قۇلقىنى كۆرسىتىپ،<<بۇ سېنىڭ بۇرنىڭمۇ>> دەپ سوراپتۇ.بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى بالا دەرھال ئانىسىغا<<ئانا دەرھال باشقا دوختۇر تاپساق بولغىدەك >> دېگۈدەك.
ماتېرىيالىزىمچى
مەكتەپ مۇدىرى بىر ئوقۇغۇچىدىن،سەن ياخشى ئىش قىلساڭ،ئاغزاكى ماختىلىشنى خالامسەن ياكى ماددى مۇكاپاتلىنىشنىمۇ دەپ سوراپتۇ.
ئوقۇغۇچى:ماددى مۇكاپات ئېلىشنى خالايمەن دەپتۇ.
مەكتەپ مۇدىرى:نىمە ئۈچۈن دەپ سوراپتۇ؟
ئوقۇغۇچى:چۈنكى مەن ماتىريالىزىمچى دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
ھورۇنلۇق
بىر ھۇرۇن باشقىلارغا ئۆزىگە خىزمەت تېپىپ بېرىشنى ھاۋالە قىپتۇ.بىرەيلەن ئۇنىڭغا،قەبرىستانلىققا قارايدىغان ئىشنى تېپىپ بېرىپتۇ.ئۇ ھۇرۇن ئىككى كۈن ئىشلە–ئىشلىمەيلا قايتىپ كەپتۇ.باشقىلار نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورسا؟
ئۇ ھۇرۇن:ئۇ يەردە ھەممىسى ياتىدىكەن،مەنلا ئۆرە تۇراىكەنمەن شۇڭا قايتىپ كەلدىم دەپتۇ.
تىلفۇندا يازغاچقا ئىملا تەكشۈرۈشكە ئامال بولمىدى.توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
مەنبە: يىغىپ ساقلىۋالغانلىرىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-30 05:38 PM