مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5201|ئىنكاس: 19

قىرانى:ئۇيغۇر خەتتاتلىقى (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10638
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 10:23:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلار،ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام.پەرۋەردىگارىمىز ھەر بىرىڭلارنىڭ تېنىنى سالامەت،ئىشلىرىڭلارنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن.
       ھەمدۇسانالار بولسۇنكى،بۈگۈن ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمىز توغرسىدا ئىككى ئېغىز سۆز قىلماقچى بولۇۋاتىمەن.
       مەلۇمكى مەتبەئە كەشىپ قىلىنمىغان دەۋىرلەردە،مەيلى بۇرۇنقى ئەدىب_شائىرلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك ئەسەرلىرى بولسۇن،ياكى مۇقەددەس دىنىمىزغا ئائىت خىلمۇخىل كىتابلار بولسۇن. . . ئەيتاۋۇر مۇشۇ يېزىقىمىز ئىشتىلىدىغانلىكى ھەر قانداق ساھە، خەتتاتلىق ۋە خەتتاتلار ئارقىلىق ئۆز زامانىسىدا يۈرۈشۈپ تۇرغان ۋە زاماندىن زامانغا ئۇلىنىپ،داۋام ئېتىلىپ كەلگەن.بۇ گەپلەرنى دەپ ئولتۇرمىساقمۇ،خەتتاتلىقنىڭ ۋە خەتتاتلارنىڭ پارلاق تارىخىي مەدەنىيىتىمىز ۋە تەرەققىياتىمىزغا كۆرسەتكەن تۆھپىسىنىڭ مىسلىسىز ئىكەنلىكى كۆپىنچىمىزگە ئايدىڭ.
       ئەمدى ھازىرقى زامانىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق،بۇ خەتتاتلىق سەنئىتىمىز شۇ قەدەر يۈكسەك ، يۇقرى دەرىجىدىن بىراقلا ئادەمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان،كۆپ قىسىم خەلق ئېتىبارسىز قارايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشى،ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدۇ .
       زامانىۋىي باسمىچىلىق كەشىپ قىلىنىپ،تەرەققى قىلىپ،يۇقرى سەۋىيىگە يەتكەن بۈگۈنكى كۈندە خەتتاتلىق ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنىدىن .ئايرىلدى،ۋە بىراقلا <تۆردىن پەگاغا چۆرىۋىتىلدى>.چۈنكى ئەمدى كىتاب ۋە باشقا ماترىياللارنى يېزىش ۋە كۆپەيتىشتە خەتتاتلىقىمىزغا بۇرۇنقىدەك ئېھتىياج قالمىغان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن <سەن ئۆزەڭنىڭ تارىخىي ۋەزىپەڭنى ئورۇنداپ بولدۇڭ،ئەمدى سېنىڭ كېرىكىڭ قالمىدى،يوقال>دېگەن تۇزكورلۇق بىلەن،بۇ بۈيۈك سەنئەتكە بىپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدىغان بولۇپ قېلىندى. . .
      خەتتاتلىق سۆزىمىزنىڭ بېشىدا دىيىلگىنىدەك،ئۆزىنىڭ تارىختىكى بۈيۈك تۆھپىسىسىزمۇ ، زامانىمىزدىكى تۆھپىسى ۋە ئىشلىتىش ئورنى بۇرۇنقىغا سىلىشتۇرغاندا يوق دىيەرلىك بولسىمۇ،لىكىن قەدىلىنىشكە ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تامامەن ھەقلىق.مىسالەن:
        ئالدى بىلەن، مۇقەددەس شەرىئىتىمىزدە خەتتاتلىق_باشقا سەنئەتلەرگە (ناخشا،مۇزىكا،ئۇسسۇل،رەسساملىق،فوتوگىرافلىق<جانلىقنىڭ سۈرىتىنى سىزىش ۋە غەيرىي سۈرەتلەرگە چۈشۈش كۆزدە تۇتۇلىدۇ> سېھىرگەرلىك<ئاتالمىش بۇمۇ بىر خىل سەنئەتمىش>)ئوخشاش چەكلەنگەن (ياكى مەلۇم مىقداردا چەك قويۇلغان) بولماستىن ئەكسىچە،ئۇنى ئۆگىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا چاقىرىلغان. مۇقەددەس كىتابىمىزدا خەتتاتلىق،قەلەم،يېزىش خېلى كۆپ يەردە تىلغا ئېلىنغان.(باشقا باھانە تاپمىساقمۇ ، مۇشۇ بىر سەۋەب بىزنىڭ خەتتاتلىقنى ھەر قانداق سەنئەتتىن ئۈستۈن قويۇپ،بېشىمىزدا كۆتۈرۈشىمىزگە تامامەن يېتىپ ئاشىدۇ. )
        ئىككىنەنچىدىن،بايا دەپ ئۆتۈلگەندەك ، بىزنىڭ شانلىق تارىخمىزدا،خەتتاتلىق _ ئانا تىلىمىز بىلەن بىرگە بىزدەك بىر ئۇلۇغ مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى دۇنيا ئەللىرىگە جاكارلاپ كەلگەن. تارىخىمىزنى،مەدەنىيىتىمىزنى ۋەتەققىياتىمىزنى،قىسقىسى مىللىتىمىزنىڭ بارلىقىنى ئانا تىلىمىزسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغىنىدەك، خەتتاتلىقمىزسىز،خەتتاتلىرىمىزسىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.بۇ _ ئەجدادلىرىمىز ، ئانا تىلىمىز بىلەن بىرگە بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسى. بۇنى قەدىرلەش،ۋە كىيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش_بىزنىڭ قەرزىمىز. مۇشۇ تەرەپتى ئېيتقاندىمۇ خەتتاتلىقىمىزنى قەدىرلەش مەجبورىيتىمىز بار.
       ئۈچنەنچىدىن،ئانا تىلىمىز يوقىلىش خىرىسىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى سەزگەندىن بۇيان،بۇنىڭغا جان تىكىپ قارشى تۇرۇش دولقۇنى قوزغالدى.ئانا تىلىمىزنى قوغداش تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە، خەتتاتلىقىمزنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئەلۋەتتە مۇھىم ۋە تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالدى.
        خوشاللىنارلىق يېرى يىقىنقى يىللاردىن بۇيان خەتتاتلىقىمىز گۈللىنىش ۋە تەرەققى قىلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئىلگىرىكى يىللىرى ئابدۇلھەق ئوشۇرى،نىياز كېرىم شەرقى . . . قاتارلىق بىر قىسىم پېشقەدەم خەتتاتلىرىمىز خەتتاتلىقنى يوقىلىش گىردابىدىن قۇتۇلدۇرىۋالغان بولسا،قۇربانجان روزى شەيدائىي،قاينام جاببار قاتارلىق ئۇستاز خەتتاتلىرىمىز ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە يەنە يىڭى ئۇسلۇب يارىتىپ،خەتتاتلىقىمزنى بىر قەدەم ئىلگىرلەشكە ئىگە قىلدى.
        ھازىر مۇشۇ ئۇستازلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى ۋە يىتەكچىكى ئاستىدا،يەنە ياسىن كېرىم،ئەرشىدىن راشىد،يۇنۇس قۇددۇس،مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا ...قاتارلىق ياش خەتتاتلار يىتىشىپ چىقىپ،خەتتاتلىقىمزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلقئارا سەۋىيىگەيەتكۈزۈش ئۈچۈن تىنىم تاپماي خىزمەت قىلماقتا.ئەلۋەتتە بىز بۇ ئۇستازلىرىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرىغا ئۇتۇق،قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمىز.
        يىڭىياچى،گۆدەك بىر خەتتاتلىق ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قېرىنداشلىرىمىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم،خەتتاتلىقىمزغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويايلى.ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قىلىشتا ، ۋە تەرەققىي قىلدۇۇرۇشتا،ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ مەسئولىيىتى بار.
        ئاخىرىدا سۆزلىرىمنىڭ تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولمىقى ئۈچۈن ، ئۆزۈمنىڭ بىر قانچە پارچە مەشىق ئەسەرلىرىمنى قېرىنداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنماقچىمەن.مۇشۇ گۆدەكلەرچە بىلجىرلاشلىرىمنىڭ ، كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەتتاتلىقنى ئاز تولا چۈشىنىشىكەئىگە قىلغان بولسا،ئۆزۈمنى ئالەمچە بەختلىك ھېس قىلغان بولاتتىم.

                                                          كامالى ئھتىرام بېرلە:رۇسۇل ئۆمەر قىرانى

IMG_20130327_213923.jpg

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر.
IMG_20130413_233133.jpg

ئايلىنىپ كېلىدۇ دۇنيا.
IMG_20130414_142849.jpg

ۋەتىنىم سۈت بەرگەن ھالال ۋە ئاپئاق.
IMG_20130416_175806.jpg

شەھەرلەر سۇلتانى شەھىرى تۇرپان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kirani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-18 10:48 AM  


قەلەم ــــ ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10638
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 10:57:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقا رەسىمنى كۆپ چىقىرالمايمەن.. .ئاران 4 پارچىلا چىقتى. . .

قەلەم ــــ ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2409
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7194 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 01:34:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kirani يوللىغان ۋاقتى  2013-6-18 08:57 AM
نىمىشقا رەسىمنى كۆپ چىقىرالمايمەن.. .ئاران 4 پارچىلا چى ...


بىر كۈندە 20پارچە رەسىم يوللىيالايسىز، ھەر بىر رەسىم   چوڭلىقى 2048k دىن چوڭ بولمىسىلا بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-18 11:35 AM  


ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

سورمىغان گەپكە ج

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 538
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8845
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 02:26:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقىدىن تىخىمۇ ئۇستا بوپ كىتىپسىلەر ئاداش .

سورمىغان گەپكە جاۋەب بىرىش ئۆزۇڭگە دۈشمەن !!!

بۈيۈك نىشانىم: ھەقىقەتتە مېڭىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26921
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7480
تۆھپە نۇمۇرى: 293
توردا: 5853 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 02:53:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل چىقىپتۇ خەتلىرىڭىز قىرانى ئەپەندىم.داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10638
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 04:14:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلشاھ يوللىغان ۋاقتى  2013-6-18 01:34 PM
بىر كۈندە 20پارچە رەسىم يوللىيالايسىز، ھەر بىر رەسىم    ...

مەن سىزگە ئەۋەتىپ بەرسەم ئاستىغا ئۇلاپ چىقىرىپ قويالامسىز؟

قەلەم ــــ ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37456
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8192
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2533 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 04:34:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ قىزغۇچ رەڭ يېڭىدىن كەشىپ قىلىنغان رەڭدە يېزىلغانمۇ ياكى ئادەتتىكى رەڭدە يېزىلغانمدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86718
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1061
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 05:38:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرادەرلەر ئۇيغۇر ھۆسىنخەت لازىم بولسا مىنى ئىزدەڭلار  . مەندە 1000پارچىدەك توردىن ساقلىۋالغان ھۆسنخەتلەر بار .  ئورتاق پايدىلىنايلى .   چ  چ 384205014

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87904
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 635
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 07:26:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ بۇخەتلەر.

قەلبىمدە تەبەسسۇم،كۆزلىرىمدە ياش.
ئىسىمدىن چىقمىغاچ ئەشۇ بىر ئىسىم.
قانداقمۇ ئۆچۈرەي قەلبىم شامىنى ،
كەچۈرگىن ئەي مىنى بەڭباش ياشلىقىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27274
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8760
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 1610 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 09:50:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇسۇلجان خەتلىرىڭىز خەلقئارا ئۆلچەمگە ناھايىتى يېقىن ھالدا تۇلىمۇ ئۇز يېزىلىپتۇ.
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىڭىز بىلەن ئۈزلۈكسىز تىرىشىشىڭىز نەتىجىسىدە سىزدە ئىلگىرلەش زور ھەم كۈرىنەرلىك بولىۋاتىدۇ.

سىزنىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، كۈچلۈك خىرىسقا دۈچ كىلىۋاتقان ئانا تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى نامەيەن قىلىش جەھەتتە تىنىمسىز تىرىشىۋاتقان كەسىپداشلار سېپىدىن چۈشۈپ قالماي تېخىمۇ تىرىشىپ، بۇ ساھەدە نەتىجە قازىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arki تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-18 09:52 PM  


ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش