باللار كۈلكىسى نەگە كەتتى
بالىلار ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىلىرى ھەم كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى .دۇنيانىڭ گۈزەللىگى شۇنداقلا ھاياتنىڭ قەدىر قىممىتى ،ئائېلىنىڭ بەختى بالىلارنىڭ كۈلكىسى بىلەن ھەقىقى مەنا تاپىدۇ .
مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىغىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنەتتىم ،چۈنكى مەن سەنئەت دەرىسى ئارقىلىق بالىلارغا خوشاللىق ئاتاقىلالىغانلىغىم ئۈچۈن ھەم ئۇلارنى شاتلاندۇرالىغانلىغىم ئۈچۈن ئۆزەمنى شۇنداق خوشال ھىس قىلاتتىم ،لىكىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى بالىلارنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىلەرنىڭ يوقاپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم ،بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ كۈلكىسى زادى نەگە كەتتى ؟بالىلارنى كۈلكىدىن زادى كىم مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ ؟بىز ئۇلارغا كەلگۈسىنىڭ چوڭ ۋە ئېغىر يۈكلىرىنى ئارتىپ قويۇپ ،ئۇلارنىڭ شاتلىق كۈلكىلىرىنى ،خوشاللىقىنى تارتىۋالدۇقمۇ قانداق ؟-دىگەن ھىسياتقا كىلىپ قالدىم ۋە سەۋەپلىرىنى ئىزدەپ كوردۈم .
مەن «ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىقلار »دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ ئادەم تەبىيئىتىنىڭ ماختاشقا ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئىنتايىن مۇھتاج ئىكەنلىگىنى بىلدىم ،مەن رادىئودىن «سۇنىڭ سېھرى كۈچى» دىگەن ماقالىنى ئاڭلاپ ،سۇنىڭمۇ ياخشى-يامان سوزلەرگە قارىتا ئىنكاس قايتۇردىغانلىغىنى بىلدىم ،شۇنىڭ بىلەن توساتتىن بالىلارنىڭ كۈلكىسىنىڭ نەگە كەتكەنلىگىنى ،ئۇلارنىڭ خوشاللىقلىرىنى كىمنىڭ تارتىۋالغانلىغىنى بىلىپ يەتكەندەك بولدۇم ...
مەن گېزىتتىن ئەنگىلىيىلىك بىر پىسخىلوگ ئالىمىنىڭ «ئايىلە تاپشۇرقى ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرسىدىكى ھىسيات قاتىلى»دىگەن ئىلمىي يەكۈننى كۆرۈپ قالدىم .توغرا ،تاپشۇرۇقتىن ئىبارەت بۇ ھىسيات قاتىلى بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا قانچىلىغان زىيانكەشلىكلەنى ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ ؟بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئاتا-ئانا مىھرىگە قېنىۋاتامدۇ ؟قانچىلىغان سەبىي بالىلىرىمىز ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئوز-ئارا ھىسيات ئالماشتۇرۇش ،كوڭلىدە ئويلىغان خىياللىرىنى يۈرەكلىك دىيىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋاتىدۇ ؟مەكتەپتىچۇ؟بالىلىرىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەببەسسۇم كۈلكىسىگە ئىللىك مىھرىگە ئېرىشەلىدىمۇ ؟ئوزگىرىش رېتىمى تېز بولىۋاتقان مۇئارىپ ئىسلاھاتى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى «ئۈگەتكۈچى»لەردىن «ئۈگەنگۈچى»لەگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندىن بېرى ئوقۇتقۇچىلار روھى جەھەتتىن ئىنتايىن ھاردى ۋە چارچاپ كەتتى ،شۇ سەۋەپلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئوز-ئارا پىكىرلىشىش ئازىيىپ ،پەقەت دەرىسلىك كىتاپنى پىلانغا توشقۇزۇپ ئۆتۈش ،ئىمتىھاندا نەتىجە چىقىرىشلا بولۇپ قالدى .
مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى ياخشىلانغانسېرى بالىلارنىڭ بېسىمى ھەسسىلەپ ئاشتى ،مەسىلەن: باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى دەرىس ئارلىقىدىكى دەم ئېلىشلاردا ئىختىيارى ھەركەت قىلىپ يۈگرەپ ۋاقىراپ ئويناشقا بولمايدۇ ،مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار تىگىشكە بولمايدىغان نەرسىلەر بەك جىق ،بالىلارنىڭ ئۆزى قىزىقىدىغان نەرسىلەرنى تۇتۇپ سىلاپ كۆرۈش خارەكتىرگە ئىگە ئىكەنلىگىنى ،بالىلارنىڭ ۋاقىراپ چىقىراپ ئوينىشى بالىلار تەبىئىتى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ساغلاملىغىغا پايدىلىق بىر خىل ئامىل ئىكەنلىگىنى ھەممىمىز بىلىپ يۈرىمىزيۇ ،لىكىن ئۇلارغا ھورمەت قىلمايمىز ،ئەكسىچە بالىلىرىمىز شۇ قىزىقىشى سەۋەپلىك بىزدىن دەشنام تىللارنى ئىشتىدۇ ئەسلىدە مەكتەپ بالىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇن بۇلۇپ ،ھەرقانداق نەرسە بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشى ،ساغلام پىسخىكا يىتىلدۈرىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ياكى بوي سۇنىشى كېرەك ئىدى ،لىكىن ھازىر بولسا بالىلار مەكتەپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يەنى جانلىق نەرسە جانسىز نەرسە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ياكى بوي سۇنۇش بولۇپ قالدى دىسەك مېنىڭچە مۇبالىغە بولۇپ كەتمەيدۇ.
مەن ياپۇنىيە بالىلار ناخشىسى «يىڭناغۇچ »دىگەن ناخشىنى بالىلارغا دەرىس قىلىپ ئوتۈپ بالىلاردىن :ساۋاقداشلار سىلەرمۇ ھازىرقى بالىلىق دەۋرىڭلارنى ئىنتايىن گۈزەل ،بىز ئىنتايىن بەخىتلىك دەپ ھىس قىلامسىلەر –دەپ سورىسام ،كوپ ساندىكى بالىلار ئوزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن تولىمۇ زېرىككەنلىگىنى ،ئىتتىك چوڭ بولۇپ كىتىشىنى ئارزۇ قىىلىدىغانلىغىنى ئېيتىپ مېنى ھەيران قالدۇردى ،مەن نىمە ئۈچۈن –دەپ سورىسام ،بالىلىق چاغ ياخشى ئەمەسكەن ھەممە ئادەم باشقۇردىكەن ،بىزنىڭ گېپىمىزنى ھىچ كىم ئاڭلىمايدىكەن ،مەكتەپتە مۇئەللىملەر كۈندە تەڭقىتلەۋېرىدىكەن ھەر كۈنى باش كوتەرماي تاپشۇرۇق ئىشلەيمىزكەن ،ئوزىمىز خالىغان ھىچ قانداق ئىشنى قىلالمايدىكەنمىز ،بىز بالىلىقىمىزغا ئۆچ بولدۇق –دەپ چۇۋۇرلىشىپ كۆڭلۈمنى ئىنتايىن يېرىم قىلىۋەتتى ،سىنىپتا بىر ئوقۇغۇچى سەۋەنلىك ئوتكۈزۈپ قويسا ئوقۇتقۇچى سىنىپتىلا ئاچچىقلاپ بالىنى تەنقىتلەپ ، پۈتۈن بالىلارنىڭ كايپىياتىغا تەسىر كورستىپ ،بالىلارنىڭ روھىنى چۈشكۈنلەشتۈرۋېتىدۇ ،كۈندە مۇشۇنداق ئاچچىق سوز،تاپا-تەنە گەپلەرنى كۆپ ئاڭلاۋېرىپ بالىلارنىڭ بىزگە دىيەلمەيدىغان يۈرەك ئاغرىقلىرى كۆپىيىپ ،بالىلارنىڭ روھى ۋۇجۇدىنى بىر خىل دەككە –دۈككىچىلىك ۋە ئەنسزلىك قاپلاپ ،چىرايىدىن ،نۇر،كۈلكىلەر قاچماقتا..پىسخىلوگىيە ئىلمىدىمۇ ئادەم بەدىنى ئېغىزدىن چىققان ياخشى يامان گەپكە قارىتا ئىنكاس قايتۇردۇ دەيدۇ .بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ بەدىنىنىڭ بىزنىڭ تەڭقىتلىرىمىزگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۋاتقانلىغىنى بىز بىلدۇقمۇ؟
مېنىڭ بىر خىزمەتدېشىمنىڭ ئوغلى 1-سىنىپقا يېڭىلا كىرىپ 2 ئاي بولغاندا مەن:بالام مەكتەپ ياخشىمىكەن –دەپ سورىسام ،ياخشى ئەمەسكەن ،مەكتەپتىن ئۇيقا ياخشىكەن ئۇيقا –دەپ جاۋاپ بەردى ،مەن:نىمە ئۈچۈن ئۇيقا ياخشى دەيسەن –دەپ سورىسام،ئۇخلىسا تاپشۇرۇقمۇ ئىشلىمەيدىكەن ،مۇئەللىمدىن تىلمۇ ئىشتمايدىكەن ،شۇڭا ھەممىدىن ئۇيقا ياخشى دىدى،مانا بۇ بىزنىڭ بارلىق سەبىيلىرىمىزنىڭ ئوي-خىيالى بۇلىشى مۇمكىن ،پۈتۈن جەمىيەت بالىلارنىڭ دەردىگە ،يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىپ سەبىي بالىلىرىمىزنىڭ شاتلىق كۈلكىلىرىنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرەيلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-7 04:34 PM