يېتىز لىرىكىلىرى
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن تەرجىمىسى
قېرىغاندا ، بېشىڭدا ئاق ، ئۇيقۇڭمۇ ئېغىر ،
مەش يېنىدا ئۈگدىگەندە بۇ شېئىرنى ئال ؛
ئۇقۇ ئاستا ، ئەسلە ئىللىق ، چاقناق كۆزۈڭنى ،
ھەم ئۇندىكى كۆلەڭگىنى ئۆز ئېسىڭگە ئال ؛
سېنىڭ قوۋناق ياشلىقىڭنى سۆيگەن قانچىلار ،
كۆيگەن ساڭا ، بولسۇن مەيلى چىن ياكى ساختا ،
پەقەت بىرسى سۆيگەن ئۇلۇغ روھىڭنى ، سۆيگەن
چىرايىڭنى – ھەسرەت قۇرۇق سالغان ئازاپتا ؛
يېنىپ تۇرغان مەش يېنىدا ساڭگىلىتىپ باش ،
دىگىن غەمكىن : غايىپ بولدى شۇ مۇھەببەتمۇ ھەم ،
چوقاڭدىكى تاغ ئۈستىدە يېيىلىپ ئاستا ،
بىر توپ يۇلتۇز يۇشۇرماقتا چېھرىڭنى بۇدەم .
قۇڭۇر تۇپراق
پەس ئاۋازدا دېدىم : «مەن بەك ياش» .
كەينىدىنلا دېدىم : «قېرىدىم »
ئالدىم ھەمدە بىر سىقىم تۇپراق ،
تاپالمىدىم سۆيگۈنى ئۇندىن .
«سۆيگىن ، سۆيگىن يىگىت ، ئاشۇ قىز
ياش ھەم گۈزەل بولسا مۇبادا .»
ئاھ ، تۇپرىقىم قوڭۇر رەڭ تۇپراق
مەن يۆگىشىپ قالدىم ئۇنىڭكى
دولقۇنسىمان بۈدرە چېچىغا .
سىلاپ تېپىپ ئالالايدىغان
ئۇنداق نەرسە ئەمەس مۇھەببەت
يوقتۇر ئۇنداق ئەقىل ئىنساندا
كۆڭۈلدىكى شېرىن سۆيگۈنى
ئۇنچە ئېنىق سېزەلىگۈدەك ؛
چۈنكى ئۇ سۆيگۈنى ئويلار ئۆزى دەپ ،
يۇلتۇزلار غايىپ بولغانغا قەدەر .
ئار ، تۇپرىقىم ، قوڭۇر رەڭ تۇپراق ،
ئادەملەر ، ئادەملەر بۇنچە ئالدىراپ ،
قويمىسۇن سۆيگۈگە بالدۇر ئىشتىياق .
ئارزۇلايمەن جەننەتنىڭ گۈزەللىكىنى
ئېرىشسەم جەننەتنىڭ گۈزەللىكىگە ،
ئالتۇنرەڭ ، كۈمۈشرەڭ نۇرلارغا تولغان .
بولسا ئۇ سۇس ، زەڭگەر ، كۆك ھەم قاپقارا ،
كېچىدە ، كۈندۈزدە تۇتۇق نۇر ئالغان ،
ياياتتىم مەن ئۇنى پۇتۇڭ ئاستىغا ؛
بىراقكى نامراتمەن ، ھېچنىمىسى يوق ،
بار پەقەت چۈشۈم ،
پۇتۇڭنىڭ ئاستىغا سالاي مەن ئۇنى ،
دەسسەپ ئۆت سەن ئۇنى يېنىڭ ھەم ئاستا
چۈنكى سەن دەسسىمەكتىسەن مېنىڭ چۈشۈمنى .
ئاياللارنىڭ يۈرىكى
ماڭا نە مەززىسى ئۇ كىچىك ئۆينىڭ ،
بولسىمۇ گەر ئۇندا جىملىق ۋە ئىستەك ؛
چىرلايدۇ ئۇ مېنى گۈگۈم قوينىغا ،
مەن يېقىن كېلىمەن ياقىمەن كۆكرەك .
نە ھاجەت ئانامنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ،
ھەممىدىن خاتىرجەم بولساممۇ ئۆيدە ؛
بۇ گۈللەر باغجانلاپ پاخپىيىپ چىققان ،
يۇشۇرار ئۆزىنى بوران ئىچىگە .
ئۇنىڭ شۇ چاچلىرى ، سۈپسۈزۈك كۆزى
بىلمىدىن تىرىكمۇ مەن ياكى ئۆلۈك ،
ياققاندا يۈرەكنى يۈرىكىمگە چىڭ
نەپىسىمىز قۇشۇلۇپ كېتەر مەڭگۈلۈك .
بوستان ژورنىلى 1999 – يىل 2 – سانىدىن ئېلىندى
ۋىزانتىيىگە سەپەر
مۇختار مەخسۇت تەرجىمىسى
1
قېرىلارغا ئۇندا يوق ئورۇن ،
ياشلار يۈرەر سۆيۈشۈپ قىزغىن .
ئەسلىگەندەك زەئىپ كۈنلەرنى
قۇشلار شاختا سايرايدۇ غەمكىن .
شاقىراتما ، زەڭگەر رەڭ دېڭىز ،
جاندارلارغا جەننەت بۇ ماكان .
كۈيلەپ چىقار ياز بۇيى قۇشلار ،
ھايات - مامات ئېتىدۇ داۋام .
ئەسىر ئۇلار شەھۋەت كۈيىگە ،
پىسەنىت قىلماس ئەقىل سۈيىگە .
2
بىراك مالغا ئوخشار قېرىلار –
تون يېپىنغان ھاسا تاياققا .
جۇلدۇر كېپەن ئالەمنى كۈيلەپ
مىسكىن دىللار قاتار قوشاققا .
كىم نامايان قىلماس دۇنيادا
شانلىق ئەشئارىنى ئۆزگىگە .
كېچىپ دېڭىز – ئوكيانلارنىي مەن ،
كەلدىم بۈيۈك ۋىزانتىيىگە .
3
ئوتتا كۆيگەن ئاھ ، شۇ بەندىلەر
نەقىشلەنگەن تاملاردا ئايان① .
چىق شۇ ئوتتىن ، چەرخنى پىرقىرات②،
روھ كۈيۈمگە بولغىن پىر كالان .
گۇمران بولسۇن شەھۋەت ئىستىكىم ،
ئۇنتۇپ كېتەي تەبىئىتىمنى .
ياشاي ئەبەت نەپىس بۇيۇمغا
ئايلاندۇرسۇن كاسىپلار مېنى ③.
4
تەبىئەتتىن ھالقىسام ئەگەر ،
زىنھار ئۇندىن ئالمايمەن ئەندىز .
زەر يالاتقان تۇتىقۇش قىلىپ
سوقسۇن مېنى يۇنانلىق زەرگەر .
غەپلەتتىكى شاھلار ئويغانسۇن ،
ئالتۇن شاختا ئېيتاي ناخشامنى ④ .
ۋىزانتىيىلىك ئېسىلزادىلەر
تىڭشىسۇن بۈگۈن ، ئەتە ، ئاخشامنى .
«ئىلاھە چوققىسى»دىن ئېلىندى