مۇشۇ تاكسىنىڭ گېپى چىقسىلا ناھايىتى كۈلكىلىك بىر ئىش ئېسىمگە كېلىدۇ. ئادەتتە قەشقەرگە ئانچە-مۇنچە بېرىپ قويىمەن، يالغۇز ياكى تۇققانلار بىلەن، بىر قېتىم باردۇق، ماشىنا باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ، شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشقانتۇق، قايتىپ كېلەشىمىزدە بىر تاكسىغا ئولتۇردۇق، ياش بالىكەن، پاراڭلىشىپ، كۈلكە-چاقچاق بىلەن ھىيتگاھقا ئەكىلىپ قويدى، گەپ ئارىلىقىدا بەزى تاكسىچىلارنىڭ سىرتتىن كەلگەنلەرنى قەستەن ئايلاندۇرۇپ، كۆپ پۇل ئېلىۋالىدىغان ئىنساپسىز كەسىپداشلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى دەپبەردى. ئارىمىزدىن بىرسىگە بۇ گەپ كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كەتتىمۇ، يۇرتىمىزغا كېلىپ، ماشىنىدىن چۈشۈپلا قەشقەر تەلەپپۇزىدا بىر تاكسىچىغا بارىدىغان يەرنى دېگەنتى، نەق شۇندىقىكەن، بىز ئىچىمىزدە كۈلۈۋاتىمىز، ئۇ قەستەن ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ، كېلىدىغان يەرگە كېلىپ، پۇلنى تەڭلىسەك بىر مۇنچە پۇل دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز تەڭلا كۈلۈپ كەتسەك ئۇ كىشى چۈچۈپلا كەتتى، ئاندىن ماشىنىدىن چۈشۈڭلا دېسەك چۈشكەنتى، يولنىڭ ئوتتۇرىغىراق ئاپىرىپ، بىز ماشىنىغا چىققان جاينى «ئەمەلىيەتتە بەكلا يېقىن، شۇ جايدىكى قىزىل چىراقنى كۆرگىلى بولىدۇ» بىز ئاۋۇ يەردىن چىققان، يول بىلمەيدىكەنسىلە ئاداش... دەپ سۆزلىگىلى تۇرساق، بىرنېمىلەرنى دەپ كەتكەنتى. توۋا...
.gif)
.gif)