 |
 |
 |
 |
قوقىمايتىم

قورقىمايتىم ھېچ بىر نەرسىدىن ،
بورانچاپقۇن جۇدۇن-يامغۇردىن .
قىلدى زامان ھەجەپ تەرەققى ،
ئۆزۈم سەزمەي ئەمدى قورقىمەن .
قورقىمايتىم ھېچبىرنەرسىدىن ،
سىناقلاردا سۆزلەيتىم تەمكىن.
مانا قالدى تىلىم تۇتۇلۇپ،
سۆزلەشتىنمۇ ئەمدى قورقىمەن.
قورقىمايتىم ھېچبىرنەرسىدىن،
ئۇيغۇرۇم دەپ ئۇراتتىم مەيدە.
ئەمدىلىكتە پەس دىدى خەقلەر،
تىلىم تۇتۇق ئەمدى قورقىمەن.
قورقىمايتىم ئۆزۇم ماختاشتىن ،
مەن ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادىمەن دەپ.
ماختىغانتىم يىدىم بۇرنۇمغا ،
ماختاشتىنمۇ ئەمدى قورقىمەن.
قورقىمايتىم تىلىم سۆزلەشتىن،
ۋاي -ئەمدىلىكتە تومپاي ئاتالدىم .
دوسىتلىرىمنىڭ ئارسىدىن قالدىم ،
سۆزلەشتىنمۇ ئەمدى قورقىمەن .
قورقىمايتىم دوپپا كىيىشتىن ،
يارشىپتۇ دەپ كۈلەتتى ئانام .
ھازدار بولۇپ ئاتالدام مانا،
كېيىشتىنمۇ ئەمدى قورقىمەن .
قورقىمايتىم لاي-لاي توۋلاشتىن ،
ئۇ مىللەتنىڭ شۇۋارى ئىدى.
ئارلىشىپتۇ لاي-لاي غا دى جى،
قورقۇپ قالدىم ئەمدى توۋلاشتىن .
قورقىمايتىم يەنە بازار ئارلاشتىن ،
ئىچكىرلەردە شۇنچىلىك تەمكىن .
ئاھ -ئەمدىلىكتە ئوغرى ئاتالدىم ،
ئۇشبۇ بازاردىنمۇ ئەمدى قورقىمەن .
قورقىمايتىم چەت دۆلەتلەر دە ،
دىيىشتىن مەن ئۇيغۇرمىللىتى .
بىرنىڭ پوقى مىڭغا سۈركەلدى ،
ئۇيغۇر دىيىشتىن ئەمدى قورقىمەن. 
قاچانمۇ ئۇيغۇرۇمنىڭ گۈزەل مەدەنىيىتىنى باشقىلارھەققى چۈشنۈپ يىتەر ...بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن...دوستلا مەيلى قەيەردە نىمىلا ئىش بىلەن شۇغۇللانمايلى ئۆزمىزنىڭ مىللىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىپ تۇردىغانلىقىمزنى ئۇنۇتمايلى!!!!! 
مەنبە:ئۆزۈم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-10 04:10 PM
|
 |
 |
 |
 |
|