مۇھەببەت تارىخىم
(ھىكايە)
تىتىرگەن قوللىرىمدا تېلفوننى قويۇپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلغىنىمنى سەزدىم. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرى قېتىم دېگەن سۆزى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇراتتى"سىزگە بەخىت تىلەيمەن" .
مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇلۇق ئوتتۇرغا چىققاندا تۇنۇشقان بۇلۇپ تۇنجى كۆرۈشتىلا ياخشى كۆرۈپ قالغان دېسەممۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىقلىقى ،قىزلارغا خاس نازاكىتى مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغانىدى. ئۇنىڭ ئىشقى ئوتى مەندەك بىر ئاجىزنى ، ئۈستەلگە تىزىپ قويسىمۇ تۇرمايدىغان ئاجىز بەندىنى كاۋاپ قىلاتتى. ئۇنىڭ سۆزلىگەن ھەربىر سۆزى ماڭا شۇنداق بۇلبۇل سايراۋاتقاندەك ئاڭلىناتتى. ئۇ بەك چىرايلىق ئىدى، گۈزەل ھۆسنىدىن ئاي خىجىل بۇلۇپ ئۇ ئۇخلىغاندا ئاندىن قاراڭغۇ ئاسماندا پەيدا بولاتتى؛ ئۇ ئويغانغان چاغدا ئاي يەنە خىجىل بۇلۇپ غۇبارسىز كۆڭۈللەرگە نۇر چاچقۇچى قۇياشقا ئورۇن بېرەتتى، ئورغاقتەك قاشلىرى ھازىرلا ئېتىزغا بېرىپ بۇغداي ئورۇيدىغانغا تەييار تۇراتتى، سۇمبۇل چاچلىرى شاماللاردا يەلپۈنگەن جاغلاردا ئاشۇ شامالمۇ قەدەملىرىنى ئاستا قىلىپ يەنە چاچلىرىنى يەلپۈشكە تەمشىلەتتى، ئۇنىڭ غۇنچە بويلىرىغا ئېچىلىپ پورەكلەپ تۇرغان ئەتىرگۈللەرمۇ تەپ تارتىپ بېشىلىرىنى ئىگىپ سالام قىلاتتى، قىشتا چۈشكەن قارلارمۇ ھەي يۈرەكلىرىم.... قىسقىسى مېنىڭ بۇ 10سانتىمىتىر كەلمەيدىغان تىلىم بۇ قىزنى مەدىھلەشكە قىسقا كېلەتتى.
شۇنداق كۈيۈپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا ئۇنىڭغا تەلەپ قويۇش نىيىتىگە كەلدىم. ئىشقىلىپ كۈلگۈم كېلىدۇ، دۇنيادا مەندەكمۇ ساراڭ ئادەم بارمىدۇ دەيمەن. يېنىدا ئولتۇرغان قىزغا خەت يېزىپ يۈرىدىغان. ھەي ، ئامال قانچە ؟ مەندە شۇ يۈرەك بولمىغاندىكىن . ئۇنىڭ ئالدىغان بېرىپ دېيەلمەي، ئادەتتىكى بىر پارچە قەغەزگىلا ئۇنىڭغا خەت يازدىم. ئاشۇ قىسقا ئەمما مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز خېتىمگە نۇرغۇن پاساھەتلىك گەپلەرنى ، ھازىرغىچە ئاتا-ئانامغىمۇ دەپ باقمىغان گەپلەرنى ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېرىتىش ئۈچۈن توقىغان ھەرخىل پەلسەپەلىك گەپلىرىمنى ئۇيۇپ چىقتىم. خەتنى ئۇنىڭغا تىتىرەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن سۇندۇم، ئۇنىڭ ھەيرانلىق ئىچىدە يوغان ئېچىلغان چىرايلىق كۆزلىرىدىن ئۆزەمنى ئاران ئېلىپ قېچىپ بىردەمدە غايىپ بولدۇم.
خەتنى بېرىپ بىر ھەپتە جاۋابنى ساقلىدىم. بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتكىچە نەچچە قېتىم چۈشلۈرۈم بۇزۇلۇپ، نەچچە رەت تۈز يولدا پۇتلۇشۇپ بارچە نەس بېسىشلار ھەمىسى بىراقلا باستى. جاۋابىنى ئاڭلىغىچە ئىچىم تىتىلداپ سەۋدالىقتا ساراڭ بولغىلى تاسلا قالدىم .
مانا جاۋابىنى ساقلىغىلى بىر ھەپتە بولدى، ھېچبىر ئىنكاس يوق. يەنە ساقلاشقا پەقەت چىدىمىدىم .بىركۈنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپلا « خېتمنى كۆردىڭىزمۇ؟ جاۋابىنى ھېچ بەرمەيسىزغۇ دېسەم› ، ‹ ھە ھېلىقى خەتنى دەمسىز، مەن تېخى كۆرمىدىم.ھازىرچە ۋاقتىم يوق، كېيىنچە كۆرگە چاغدا جاۋاب بېرەي › دەپلا جىم تۇرۋالدى. گەپلىرىنى ئاڭلاپ بۇلۇپ ‹تاس قالدىم خەتنى ئەكىلىڭە، مەن بىر باشقا قىزلارغا بېرەي› دەپلا بېشىمنى ئوڭغا بۇراپ ماڭغىلى. لېكىن فىزىكىدىمۇ ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان بىر خىل كۈچ مېنى ماڭغىلى قويمىدى. يەنە شۇ تەمتىرەپ ‹ ھە مەيلى، كېيىنچە جاۋاب بېرىڭ › دەپلا ئارقامغا بۇيرۇق ساقلاپ تۇرغان ئەسكەردە قەدەملەپ مېڭىپ كەتتىم.
كۆنلەر ئۆتۈپ مەنمۇ ئۇ قىزغا يازغان خېتىمنى ئۇنتۇپ قالاي دېگەندە ئۇ قىز ماڭا جاۋاب خەتنى بىر لىپاپقا سېلىپ، ئەتلەس كۆڭلىكىدىن ئېزىز بىلدىغان مەكتەپ فورمىسىنىڭ يانچۇقىدىن چىقىرىپ بەردى دە سەل خىجىل بولدىمۇ كۆلۈپ قويۇپلا يولىغا راۋان بولدى. ئاشۇ كۈلگەن سىماسىغا قاراپ مەن بىلەن يۈرۈشكە قوشۇلغان ئوخشايدۇ دەپ قولۇمنى بىر قېتىم يۇيىۋېتىپ لىپاپتىن خەتنى چىقىرىپ ئوقۇشقا باشلىدىم. بېشىدا يېزىلغان رەھمەت ئارلاش كىنايە سۆزلىرىگە ئانچە ئېرەن قىلمايلا كەينىنى ئوقۇشقا باشلىدىم، ئاخىرىدا يېزىلغان خەتلەرنى كۆرۈپ سەل ئويغانغاندەك بولدۇم" رەھمەت مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىڭىزغا ،مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن ھازىر بىزنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن ۋاقىت ئۆتكۈزىغان ۋاقتىمىز ئەمەس، بىز يەنىلا تىرىشىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلايلى، ئاشۇ ئېمتىھانلاردىن ئۆتكەندە ئاندىن بىرگەپ بولسۇن" دەپلا تۈگەتكەن ئىدى.
ئوقۇپ بۇلۇپ مەنمۇ ئوينىلىنىپ قالدىم بۇ قىزنىڭ دېگىنىمۇ توغرا، بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ۋەزىپە شۇ ئالىي مەكتەپ ئۆتۈش . مۇشۇ خىيالنىڭ تۈرتكىسىدە تۇلۇق ئوتتۇردا ئالىي مەكتەپكە ئۆتسەملا مۇشۇ قىز بىلەن يۈرىمەن دەپ تىرىشىپ ئوقۇيالمىساممۇ ئەل قاتارى ئوقۇپ ،ھېچكىمگە كۆزقىرىمنى سالماي ئۇ قىزغىمۇ ھېچكىمنى يېقىن كەلتۈرمەي ،ئامال بار شۇ قىز بىلەن تەڭ تەھرار قىلىپ، بوش ۋاقىتلاردا باغچىلارغا بېرىپ ئايلىنىپ دېگۈدەك يۈردۈم. دادام ماشىنىغا چۈشۈپ مەكتەپكە بار دېگەن پۇلىرىمنى ئىختىساد قىلىپ تاماقلار بىلەن مېھمان قىلىپ، ئاپام ئەتىگەندە ئويغاتسىمۇ قوپمايدىغان ئادەم شۇ قىزنى دەپ سەھەر تۇرۇپ چاينى چالا بۇلا ئىچىپ يۈگۈرەپ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ مەكتەپكە تەڭ ماڭاتتۇق. كەچلىك مۇزاكىردىن چۈشكەندە يەنە ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ ئىشقىلىپ قىلغىدەكلا ئىش بولسا قىلىپ ئاشۇ يىلدا بىر كېلىدىغان تۇغۇلغان كۈنلىرىدە ئۆزەم كىيىۋاتقان كىيىملرىمدىن قىممەت سوۋغىلارنى ئېلىپ تەبرىكلەيتىم. دەرىسلەردە مەن تەبىي پەندە سەل ياخشى بولغاچقا ئۇنىڭغا ياردەم قىلاتتىم ،ماتىماتىكا دېسە بېشى ئاغرىيدىغان ئاددى ھىسابلاشلارنىمۇ بىلمەيدىغان بۇ سەبىي لېكىن سەل دۆت قىزغا زېرىكمەي تېرىكەي ئۆگۈتەتتىم. شۇنداق يۈرگەن ۋاقىتلاردا بىز تەلمۈرۈپ كۈتكەن ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانى يېقىنلاپ كەلگەن ئىدى، ھەمىمىز جىددىلىشىپ ئۆتەلمىسەك قانداق قىلارمىز دەپ كۆڭلىمىز يېرىم ۋاقىتتا ئەتە ئېمتىھانغا كېچىكىپ قالماڭلار دېگەن مۇئەللىمنىڭ ئاۋازى قۇلۇقۇمغا كىردى.
شۇنداق قىلىپ شۇنچە كۈتكەن ھەم قورققان ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانىمۇ ئاياغلاشتى، مەن ئۆزەمچە ئېسل بەردىم دېگەن نەتىجىلەرمۇ چىقتى. ئىمتاھان دىگەن بەرىبىر ئىمتاھاندە، ماڭا ئوخشاش ماتىماتىكا بىلدىغان ئادەم 18نۇمۇر، ئۇنىڭغا ئوخشاش سەل دۆت بالىلار 50 نۇمۇر ئېلىپ ئارزۇ قىلىشقان مەكتەپلەردىن چاقىرىق قەغەزلىرى كېلىشكە باشلىدى.............
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-6 11:00 PM):
كەينى ئالتىنچى بەتتە بار```
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-7 07:07 PM):
كەينى سەككىزنچى بەتتە بار
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-9 11:35 AM):
كەينى 11بەتتە بار
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-9 09:42 PM):
12بەتتە داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-10 01:22 PM