مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 894|ئىنكاس: 8

« ‹سامساق› مەشرىپىدىن تۇغۇلغان ئويلار» ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 962
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11039
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 03:31:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

« ‹سامساق› مەشرىپىدىن تۇغۇلغان ئويلار» ھەققىدە

مۇھەممەدجان  

ئاپتور: مۇھەممەدجان
       مەن ئاتۇش چوڭ جامە مەسچىتى ئالدىدىن ئۆتىدىغان ئۆستەڭ بويىغا جايلاشقان «گۈلىستان كىتابخانىسى»نىڭ خوجايىنى تۇرسۇنجان قۇرباننىڭ تەمىنلىشى بىلەن «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 1-سانىنى قولۇمغا ئېلىپ، ئەڭ ئالدى بىلەن «شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى»دە ئېلان قىلىنغان «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق1-سانىنىڭ مۇندەرىجىسىدىن ۋاقىپلانغان « ‹سامساق› مەشرىپىدىن تۇغۇلغان ئويلار» دېگەن ماقالىنى ئوقۇپ چىقتىم. ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تۇيغۇلىرىم تەرىپىدىن ئالدىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن
«گۈلدىيار تورى»دىن «سامساق مەشرىپى»نىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تېپىپ كۆرۈپ چىقتىم. شۇندىلا كاللام سەل سەگىگەندەك بولۇپ، « ‹سامساق مەشرىپى› دىن تۇغۇلغان ئويلار» ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆزلەپ بېقىش قارارىغا كەلدىم.                    
       « ‹سامساق مەشرىپى› دىن تۇغۇلغان ئويلار» دا ئاساسلىق تەنقىدلەنگەن مەشرەپ نومۇرلىرى ئىككى بولۇپ، بىرى، يىگىت بېشىنىڭ «كاتىپ» ئەگەشتۈرۈپ كەلگەنلىكى؛ يەنە بىرى، ئۇستاز ئىتوتچىمىز ئابلىكىم كەلكۈن يازغان «ئېشىنغاندا بېرىۋال» ناملىق ئىتوت بولۇپ، ماقالە ئاپتورى شۇ ئىككى نومۇرنى تەنقىدلەش ئارقىلىقلا پۈتكۈل «سامساق» مەشرىپىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى خۇنۈكلەشتۈرمەكچى بولغان. مەن تۆۋەندە بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك توختىلىپ ئۆتىمەن:                          پۈتكۈل «سامساق» مەشرىپى پاششاپلار ئورۇنلىغان مۇقەددىمە بىلەن 10نومۇردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ماقالە ئاپتورى ئۆزىنىڭ ماقالىسىدە توققۇز نومۇرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ، تاماشىبىنلار تېخىچە ھۇزۇرىنى سۈرۈپ بولالمايۋاتقان، دوقمۇش-دوقمۇشلاردىكى دەي(لېنتا) ساتىدىغان دۇكانلاردا ياڭراۋاتقان، پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزدىن ئابدۇرېشىت يۈسۈپ بىلەن ئەيسابەگ مامۇت ئورۇنلىغان «ئاتۇشچە» دېگەن ناخشا ھەققىدە قىلچىلىك توختالمىغاننى ئاز دەپ، ئىسمىنىمۇ تىلغا ئېلىپ قويمىغان. تولۇق تۆت بەت چىقمايدىغان تەسىرات ماقالىسىدە بىر بەتتىن ئارتۇقراق «ئېشىنغاندا بېرىۋال» ھەققىدە تەسىرات يېزىپ، ئىتوتنىڭ ۋە مەشرەپنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرگەن.                 
      ئەمدى، ئاپتورنىڭ يازغانلىرىغا قاراپ باققاچ، شۇ ھەققىدىكى ئويلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتىمەن.                          
       بىرىنچى، ئاپتور يىگىت بېشىنىڭ «كاتىپ» ئەگەشتۈرۈپ كەلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ كۆرۈنۈش كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىدە خۇنۈك كۆرۈنۈش قالدۇرۇپ كەتتى» دەپ ئاھ ئۇرغان. خوش، ئەمدى ئاپتورنىڭ ئاھىغا قارايدىغان بولساق، يۇقىرىقى جۈملىنىڭ كەينىدە ئىشلىتىلگەن «كۆرۈنۈش» دېگەن سۆز جايىغا ئىشلىتىلمىگەن. چۈنكى، كۆرۈنۈش كۆرۈش سەزگۈمىزدە كۆرۈنۈش قالدۇرۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى تەسىر قالدۇرۇپ كېتىدۇ. شۇڭا جۈملى ئاخىرىنى «...خۇنۈك كۆرۈنۈش قالدۇرۇپ كەتتى» دېمەي، «...خۇنۈك تەسىر قالدۇرۇپ كەتتى» دېيىشىمىز كېرەك. يەنە بىرى، يىگىت بېشىنىڭ دەيدىغان سۆزلىرى مەشرەپ پروگراممىسىنىڭ ئاپتور، نازارەتچىلرىنىڭ  نەزەرىدىن ئۆتۈشى كېرەك. شۇڭا يىگىت بېشىنىڭ سۆزلىرى قەغەزگە پۈتۈلگەن بولىدۇ. يىگىت بېشى ئۆزى قەغەزگە قاراپ دېكلىماتسىيە قىلىپ بەرمىگەن ئەھۋال ئاسىتىدا يېنىدا ئولتۇرغان ئادەم نۇتۇق تېكىستىنى كۆرۈپ باقسا نېمە بوپتۇ؟ شۇنىڭلىق بىلەن يىگىت بېشىنى ئەيىبلەپ، يېنىدىكى ئادەمگە «كاتىپ»لىق ئۇنۋانى بېرەمدۇق؟ كاتىپ دېگەن قانداق بولىدۇ؟ قارىغاندا ماقالە ئاپتورى تازا چۈشەنمەيدىغان ئوخشايدۇ. كاتىپ دېگەن باشلىقلارنىڭ ۋە مۇھىم شەخسلەرنىڭ نۇتۇق تېكىستىنى يېزىپ بېرىدىغان ئادەم بولىدۇ. ئەكسىچە، نۇتۇق تېكىستىگە قاراپ بېرىدىغان ئادەم ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، يىگىت بېشىنى «كاتىپ» ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن دەپ ئەيىبلەش ئارتۇقچە.         
       ئىككىنچى، ئاپتور مەشرەپنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە يېتىپ كەلگەندە «زىيارەت قىلغىلى كەلدىم»، «دۇتارىم» قاتارلىق نەچچە بەت تەسىرات يازسا يەتكۈدەك ئەسەرلەرنى تىلغا ئېلىپ، ھەربىرىگە بىر ئابزاستىن تەسىرات يېزىپ ئۆتۈپ كېتىپلا، ئۆزى «يىپيېڭى ناخشا بىلەن كېلىدۇ» دەپ ئويلىغان نۈرگۈل ئېلىنىڭ «ۋەتەننى لالىزار دەيمەن» دېگەن ناخشىنى ئوقۇغىنىدىن «بىر نەچچە قۇر» ئاغرىنىپ ئۆتۈپ كەتكەن. ئەگەر نۈرگۈل ئېلى مەشرەپتە شۇ ناخشىنىمۇ ئوقۇمىغان بولسا، نېمە گەپلەرگە قالار بولغىيتى؟               
        ئۈچىنچى، ئاپتور مانا يۇقىرىقى ئاۈرىنىشىدىن كېيىنلا، ئاساسلىق تەنقىد ئوبيېكتى بولغان «ئېشىنغاندا بېرىۋال» دېگەن ئىتوت ئۈستىدە توختالغان. قارىغاندا، ئاپتور ئىتوتنى دىققەت بىلەن كۆرۈپ، سوغۇقققانلىق بىلەن ئويلانمىغان بولسا كېرەك. ئوبراز يارىتىش ھەققىدە توختىلىپ، «نەچچە مىليون پۇلى بار باي ئادەم يىلىكنىڭ نەچچە يۈزمىڭ يۈەنگە يارايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان گالۋاڭغا ئوخشىتىپ قويۇلغان» دەپ تەنقىدلىگەن. مەن بۇ تەنقىدنى مۇۋاپىق دەپ قارىمايمەن. چۈنكى، جەمئىيىتىمىزدە يىلىكنىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئادەم ئۇنچە كۆپ ئەمەس، ئۇنى پەقەت دوختۇرلار، يىلىك ئالماشتۇرۇشى زۆرۈر بولغانلار، يىلىك ساتقانلار ۋە ساتىدىغانلار بىلسە يېتەرلىك. ئىتوتتىكى باش قەھرىماندەك تېرىچىلىك، تۆمۈرچىلىك، ئۆي، دۇكان ئىجارىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار يىلىكنىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىمۇ تامامەن مۇمكىنغۇ؟ يەنە بىرى، ئاپتور ئىتوت باش تېمىسىنى سودىگەرنىڭ خەسىسلىكىنى تەنقىدلەشكىلا يىغىنچاقلاپ قويۇپ، ئۆزى گەپ ئوينىتىشقا چوڭ بوشلۇق قالدۇرغان. يەنى ئىتوتتىكى باش پېرسۇناژ(سودىگەر)نىڭ ئوغلىغا دېگەن بىر جۈملە سۆزى ئارقىلىق ئۇنى «ئىمانسىز ئىبلىس»قا ئوخشىتىپ، بۇ نۇقتىنى ئىتوت ئاپتورىنىڭ خاتالىقى دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ماقالە ئاپتورى بۇ نۇقتىدا ئۆزى خاتالاشقان. جەمئىيىتىمىزدە شۇ ئىتوتتىكى سودىگەردەك «بىر موچەننىڭ ئۈسىتىدە تىك تۇرىدىغان»، ئازراقلا ئىش بولسا «بېشىڭنى يە» دەپ قاغايدىغان، يەنە ئاللاقاندۇقتۇر تىللار بىلان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئادەملەرنى كىم يوق دەيدۇ؟! ئىتوت ئاپتورى سودىگەرنىڭ خەسىسلىكىنى تەنقىدلەشنى باش تېما قىلىپ، سودىگەرنىڭ تىلى بىلەن جەمئىيىتىمىزدىكى شۇنداق ساخاۋەتسىز بايلارنى تەنقىدلىسە جاتا بولامدۇ؟ يەنە شۇنداق ئەسكەرتىشكە بولىدۇكى، بۇنداق «ئىبلاس»لار ماقالە ئاپتورىغا ئۇچرىمىغانلىقى ئۈچۈنلا جەمئىيەتتە رېئالنى ئاساسى يوق بولۇپ قالمايدۇ.                          
        تۆتىنچى، ماقالە ئاپتورى ئىتوتتا بىرقىسىم ئاغزاكى تىلنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قاراپلا «ئىتوت تىلىنى قوپال، پىششىقلاشتىن ئۆتمىگەن» دەپ ئەيىبلىگەن. مەن بۇنداق قارىمايمەن. چۈنكى، ئىتوت تىلى دىئالوگنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا، چوقۇم ئكلچەملىك ئەدەبىي تىل ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەگەر دىئالوگقا بۇخىل تەلەپنى قويساق، ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلىنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلىن قىلىنغان ھېكايىلىرىنى ئەخلەت قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىۋەتسەك بولىدۇ. ئىتوتتا ماقالە ئاپتورى تىلغا ئالغان سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىتوت ئاپتورىنىڭ كەمچىلىكى بولماستىن، بەلكى، زور ئۇتۇق قازانغانلىقى. يەنى ئۆزى ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە، ئەدەبىي تىل بويىچە سۆزلىشىدىغان زىيالىيلار قاتارىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئۆز دىيارىنىڭ شېۋىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقى، ئەسەرنىڭ تىل خاسلىقى ۋە بەدىئىي ئۈنۈمىنى كۆزدە تۇتقانلىقىدىن ئىبارەت. قېنى ماقالە ئاپتورى ۋە ئوقۇرمەنلەر دەپ باقسۇن، «ئوخخوي»، «بولدىلاۋا»، «ھەقاسىڭ»، «ماڭاۋا» دېگەن سۆزلەرنىڭ قايسىسى ئاتۇش شېۋىسى ئەمەس؟ مەن مۇشۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتۇپ ماقالە ئاپتورىنىڭ تەنقىدىنى قوبۇل كۆرمەيمەن.                        
           بەشىنچى، ماقالە ئاپتورى يەنە مۇشۇ ئىتوت ھەققىدە توختىلىپ، ئىتوتتىكى سودىگەر تىلى بىلەن بېرىلگەن «تىجارەت قىلىمەن دېگۈچە، ساتىراشخانا ئاچسا بولمامدۇ دەيمەن» دېگەن جۈملىنى تەنقىدلەپ، مەزمۇنىنى توغرا چۈشەنمىگەننىڭ ئۈستىگە، باشقا تەرەپكە بۇرمىلاپ، ئىتوت ئاپتورىنى ساتىراشلارنى كۆزگە ئىلمايدىغانلار قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن، ھەمدە ساتىراشلارنى ئابلىكىم كەلكۈننىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا كۈشكۈرتكەن. ئەگەر ئاپتورنىڭ ئويى بويىچە بارلىق ئۇيغۇر ساتىراشلىرى ئابلىكىم كەلكۈن ئۈسىتىدىن ئەرز قىلسا، ئابلىكىم كەلكۈننىڭ ھالىغا ۋاي! لېكىن، ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمايدۇ. چۈنكى، ماقالە ئاپتورى ئۇنداق بىمەنە چۈشەنگەن بىلەن، باشقا كۆرۈرمەنلەر ۋە ساتىراشلار ئۇنداق چۈشەنمىدى بولغاي. ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككە، سودىگەر تىلى بىلەن بېرىلگەن ئۇ بىر جۈملىدىن، قانداقتۇر ماقالە ئاپتورى دېگەندەك «ساتىراشلىق پەس كەسىپ، پۇلى يوقلار قىلىدىغان كەسىپ، ئاددى كەسىپ» دېگەندەك مەنىلەر چىقماستىن، «ھەركىم ئۆزى قىلالايدىغان، قۇربى يېتىدىغان ئىشنى قىلسۇن، قىلالمايدىغان، قۇرنى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىمەن دەپ ئارتۇقچە رىيازەت چەكمىسۇن» دېگەن مەنالار كېلىپ چىقىدۇ. بۇ نۇقتىدىن بىز بۇ جۈملىنى ئۇيغۇر خەلق ئىدىئوملىرىغا يېقىنلاشقان جۈملە دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. چۈنكى بۇ جۈملە بۇ ئىتوتتىن بۇرۇنمۇ ئىشلىتىلگەن ھەم داۋاملىق ئىشلىتىلگۈس!
        شۇنداق قىلىپ، ماقالە ئاپتورى يۇقىرىقىدەك بىر تەرەپلىمە پىكىرلەر بىلەن ئىتوتنى «كېسەلمەن» قىلىمەن دەپ، ئۆزى بىر مۇنچە «كېسەلمەن» سۆزلەرنى قىلغان.              
      ئالتىنچى، ماقالە ئاپتورى «كاتتايلاق ئەلنەغمىسى» ۋە «ئۇيغۇر نېنى» ھەققىدە بىر نەچچە قۇردىن قىسقا تەسىرات سۆزلەپ ئۆتۈپلا، ماقالىنىڭ خۇلاسىسىدە «سامساق» مەشرىپىنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان مەشرەپ قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن. مەن بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ چىداپ تۇرالمىدىم. چۈنكى«سامساق» مەشرىپى «ئېشىنغاندا بېرىۋال» نامىلق ئىتوتى ۋە ماقالە ئاپتورى تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى توختىلىشقا پېتىنالمىغان «ئاتۇشچە» ناملىق ناخشىسى بىلانلا ئۇتۇق قازانغان مەشرەپتۇر. ماقالە ئاپتورى يەنە «سامساق» مەشرىپى «سامساق روھى»نى قازالمىغان دەپ تەنقىدلىگەن. خوش، ئۇنداقتا، پۈتكۈل مەشرەپ نومۇرلىرى قازالمىغان «سامساق روھى» قانداق روھ؟ ماقالە ئاپتورى بۇ ھەقتە «كاتتايلاق ئەلنەغمىسى» ياكى «ۋەتەننى لالىزار دەيمەن» ھەققىدە توختالغانچىلىكمۇ توختىلىپ قويمىغان. شۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە «سامساق روھى»دىن ئىبارەت بىر مۇئەممانى قالدۇرۇپ قويغان. ئەمدى بىز پەرەز قىلىپ باقايلى، «سامساق» مەشرىمۇ بەزىبىر شىركەتلەر ئۆتكۈزگەن مەشرەپتەك ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىنى ئېلى سامساقنى سۆزگە تەكلىپ قىلىپ، «سامساق تېڭىقخانىسى»نى ئېلان قىلغان بولسا، «سامساق تېڭىقخانىسى»نى تەشۋىق قىلىدىغان نومۇرلارنى ئىشلەپ، تاماشىبىنلارنى زېرىكتۈرگەن ياكى ئالدىغان بولسا ئاندىن «سامساق روھى»نى قازالىغان بولارمىدى؟ ئىشىنىمەنكى، ئەگەر ئۇنداق قىلغان بولسا، «سامساق» مەشرىپى چاكىنىلىشىپ كەتكەن بولاتتى.                     
      ماقالەمنىڭ باش تېمىسى «سامساق»مەشرىپى ھەققىدە بولماستىن، « ‹سامساق› مەشرىپىدىن تۇغۇلغان ئويلار»ھەققىدە بولغاچقا، ماقالە ھەققىدە دەيدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك بولۇپ، ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، ماقالە ئاپتورى ئۆزىنىڭ چولتا تەسىراتى ئارقىلىق «سامساق» مەشرىپىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ قويغاننىڭ ئۈستىگە، «سامساق»مەشرىپى ھەققىدىكى ئويلىرىنى «چالا تۇغدۇرۇپ»، ئاساسلىق تەنقىدلىگەن «ئېشىنغاندا بېرىۋال» ناملىق ئىتوتقا ئۇۋال قىلغان.
2012-يىلى 8-ئاي.                  



«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدىن.         

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tax1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-19 03:42 PM  


ھەقىقەت چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. -ئا. مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2015-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 04:45:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئوقۇدۇم ئۇ ماقالىنى ،ئىچى پۇشۇپ يازغان نەرسە ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 05:39:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما تەكرار يولنىپ قاپتۇ ئەتىگەن بىر قىتىم يولانغانغۇ دەيمەن

gadankax111 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 06:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89877
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 08:28:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ ‹‹قىزىلسۇ ئەدبىياتىى››نىڭ تۆت بىتىنى ئاۋارە قىپتۇ دەڭا

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 962
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11039
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 09:29:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aa0998 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-19 05:39 PM
بۇ تىما تەكرار يولنىپ قاپتۇ ئەتىگەن بىر قىتىم يولانغان ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەپەندى، بۇ تېما تەكرار ئەمەس، ئەتىگەن يوللانغىنى « ‹سامساق› مەشرىپىدىن تۇغۇلغان ئويلار» ئىدى. سىز ئىنكاس يازغان بۇ تېما   «  ‹ «سامساق» مەشرىپىدىن تۇغۇلغان ئويلار›ھەققىدە » ناملىق ماقالىدۇر.

ھەقىقەت چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. -ئا. مۇھەممەتئىمىن

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 962
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11039
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 09:30:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gadankax111 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-19 06:15 PM
‹‹ئوبزورچى›› نامىدىكى غاجاقچىلار نېمە قىلىدۇ موشۇن ...

بۇ گېپىڭىز سەل ئېشىپ كېتىپتۇ ، ئەپەندى.

ھەقىقەت چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. -ئا. مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85632
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-10-2
ئاخىرقى: 2013-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 10:28:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئىشلەنگەن مەشرەپتى ئۇ،،،،،،شۇنىڭدىنمۇ قۇسۇر تېپىپتىكەندە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85632
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-10-2
ئاخىرقى: 2013-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 10:28:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئىشلەنگەن مەشرەپتى ئۇ،،،،،،شۇنىڭدىنمۇ قۇسۇر تېپىپتىكەندە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش