يولتۇز يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 03:57 PM 
بۇ تىمىنى يوللاپ ناھايىتى ياخشى قىپسىز ، ئەلۋەتتە ئاي ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
بىر توخۇغا 10تال تۇخۇمنى باسۇرۇپ بەرسىڭىز خورازمۇ چىقىدۇ مېكىيانمۇ چىقىدۇ،بىرتۈپ ئالما دەرخىدە مايماق،كۈرۈمسىز،چىرايلىق ئالمىنىڭ مىۋىگە كىرگىننى كۆرگەنغۇ سىزمۇ؟
شۇنىڭغا ئوخشاش جەمىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە ،ئاشۇنداق ئوغۇل -قىزلارنىڭ،مال-دۇنيانى بىرىنجى ئورۇنغا قۇيدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ،ئەخلاقسىزئايال،مەسئۇلىيەتسىز ئەر،ۋاپاسىز پەرزەنىتلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشى نورمال ئەھۋال!
ئەتراپىڭىزغا قارايدىغان بولسىڭىز تۇرمۇشى غورگۈل،ياكى قەدىر ئەھۋال بولسىمۇ ئىنتايىن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان نامراتلار،پۇلىنىڭ ھىسابىنى بىلمەيدىغان قولىنى قەيەرگە سوزسا شۇيەرگە يىتىدغان ئەمما خاتىرجەملىكنىڭ نىمىلىگىنى ،بەخىتنىڭ نىمىلىگىنى بىلەممەي ياشاۋاتقان بايلار،پۇل ،يۈز-ئابروي ئۈچۈن ئۈزىنىڭ كىملىگىنىمۇ بىلمەي ياشاۋاتقان پۇلپەرەس،ئابروي پەرەسلە ساماندەك!
نامراتلار كۈرنىشتە نامراتتەك كۈرىنگىنى بىلەن ئۇلار شۇنى بىلىدۇ يەنى شۈكۈر قىلىشنى بىلىدۇ،بايلار،ئابرويپەرەس،پۇلپەرەسلەرچۇ؟
چەكلىك دۇنيادا ئاشۇ نەرسىلەرگە ئالدىنىپ جەھەننەمدىن ئۆزلىرگە بىركىشلىك ئورۇن زاكاس قىلشىدۇ،ئۇلارغا پۈتۈن دۇنيانى بەرسىڭىزمۇ شۈكىر قىممايدۇ،تاپقانسىرى تويمايدۇ،ئەمىليەتتە ئۇلار بىلگەن بولسا مىنىڭچە ئۇنداق قىمماستى،شۇ تويماس نەپسىنىڭ ئاخرەتتە تۈگىمەس ئازاپقا دۇچار قىلدىغىننى بىلسە ئۇنداق قىممايتى!
خوش!سىزنىڭچە قىزلار مۇقۇم كىرىمگە ئىگە بولسا يولدىشنىڭ ئالدىدا گىپى پۈتۈن بولامۇ؟مۇكەممەل نىكاھقا ئىرشەلەمۇ؟قىزلارنىڭ خىزمىتى سەۋەپلىك بۇزۇلۇپ كىتىپ بارغان كۆڭۈللىك نىكاھلارچۇ؟
سىزنىڭ دىگىنڭىز تامامەن توغرا لىكىن بەزى يەرلىرى خاتا،خىزمىتى يوق قىزلار ئەرگە تىگەممەيدۇ،خىزمىتى يوق ئوغۇللار خوتۇن ئالاممايدۇ. دىگەن گەپنى سىز ئاڭلىغان بولسىڭىز مەن ئاڭلاپ باقمىدىم ھەم كۈرەپمۇ باقمىدىم!
قىزلار ئىتائەتچان ،شۈكىر قانائەتچان بولسا،ئوغۇللار مەسئولىيەتچانلىق،ئادىمىيلىكنىڭ نىمىلىگىنى بىلسە،مۇيىمى شەرىئەتتىن چەتنەپ كەتمىسە مىنىڭچە بەخىتلىك بىر تۇرمۇش قۇرغىلى بولىدۇ ئاللاھ خالىسا!
بەلكىم سىزمۇ كۆرەگەنلىرڭىز،ئاڭلىغانلىرڭىزنى يىغىنچاقلاپ ،قىزلارنىڭ مۇقۇم كىرىملىك بولغىنى ياخشى دىگەن قاراشنى تىكلىگەنسىز،بۇ جەمىيەت نوختىسىدىن توغرا ،بىراق ئاخىرەت نوختىسدىن تۈپتىن خاتا دەپ قارايمە!