سۆيگۈ سىرلىرىم
ئەقىدەڭنى گۈل قىلىپ سۇنساڭ قولۇم بەرمىدىم،
ۋاپا بىلەن ئايناتقان سۆيگۈ گۈلۈڭ تەرمىدىم.
كۆز ياشلىرىڭ تۆكۈلسە مېنىڭ ئۈچۈن يامغۇردەك،
سەن كۈتكەندەك كۆيگەندەك دىل ئۆيۈڭگە كىرمىدىم.
كۆيۈپ كەلدىڭ دىلىڭدىن ئەقىدەڭنى چىڭ ئوراپ،
ئېرىسىمۇ يۈرىكىم مەن ئېيىتمىدىم، ئېيىتمىدىم.
ئېيتالمايمەن سېنىڭدەك دىل سىرىمنى سۆيگۈمنى،
يۇتۇپ كىتەر كۈلكەمنى قايغۇ ،ئەلەم، ھەسرىتىم.
بىلەلمەيسەن يۈرەكنىڭ چاك يېرىلغان زەخمىنى،
ئامالسىزمەن كۆيسەممۇ دېمەي ساڭا كۆيمىدىم.
ئەسلى ساڭا تەئەللۇق ئىدى ئاجىز يۈرىكىم،
ئەپسۇس تەقدىر ئالدىدا شۇنداق قاتتىق يىقىلدىم.
"قولۇڭنى بەر جانانىم"دەپ توۋلىغۇم بولسىمۇ،
ھەمرا بولدى پەقەتلا ئۈنسىز ئاچچىق كۆز يېشىم.
كەتمەك بولدۇم يېنىڭدىن،بەختىڭ ئۈچۈن ،سەن ئۈچۈن،
ئايرىلىشتىن ياخشىراق ئامال راۋا كۆرمىدىم.
دېدىڭ: قاچان كەلسىڭىز يۈرىكىمدە ئورۇن بار،
كىلەر بولسام ئاھ سېنى يالغۇز تاشلاپ كېتەمدىم.
كەتكىنىمدىن زارلاندىڭ...نەپرەتلەندىڭ...سېغىندىڭ...
نېمە ئويدا نە خىيال سۈردۈڭ جانان بىلمىدىم.
كۈنلەر ئۆتۈپ ئاي ئۆتۈپ،كۆنۈپ قالدىم ئۆتمۈشكە،
خىيالىمدا سەن بىلەن سەيلى قىلدىم دىلبىرىم.
شۈنچە تاتلىق ھەم گۈزەل ئەسلىمىگە باغلانغان،
مەنسىز يۈرگەن چاغلىرىڭ،سەنسىز يۈرگەن كۈنلىرىم.
سېغىنساممۇ ھەر كۈنى سېنى ئەسلەپ ئۇيقۇسىز،
دىدارىڭنى ھېچ يەردە ئۇچراتمىدىم،كۆرمىدىم.
ئىزدەي دېدىم نەچچە رەت،سېغنىشقا چىدالماي،
تۇنجۇقتۇردى ئويۇمنى لەختە-لەختە يۈرىكىم.
يۈرەك كىچىك بولسىمۇ ئالەمچە دەرت پاتاركەن،
ئەلەم بىلەن يۈرۈپمۇ دەرت ئىچىدە ئۆلمىدىم.
ئەنە شۇنداق ئۆتتى كۈن قايمۇقۇشتا نىشانسىز،
خىياللىرىم سەن بىلەن مەن سېغىنماي ئۆتمىدىم.
شۇندا كەلدىڭ سەن يەنە سۆيگۈ ئۈچۈن يول ئېچىپ،
مەن قولۇمنى سۇنۇشقا ئەمدى تاقەت كۈتمىدىم.
چوغ يۈرىكىم ئوت بولۇپ كەلدىم سېنىڭ يېنىڭغا،
ياش بىلەن تەڭ تۆكۈلدى ساڭا يۈرەك سىرلىرىم.
تاتلىق كۈلدۈڭ ئەزىزەم ماڭا بولۇپ تەسەللى،
ئۇچۇپ كەتتى يىراققا دىلنى تىلغان تەشۋىشىم.
كۆز تەگمىسۇن بىزلەرگە ۋىسال تاپسۇن سۆيگۈمىز،
بەختىمىزنى مەن پەقەت بىر ئاللاھتىن تىلىدىم.
(ئۇلۇغ ئاللاھ ھەر بىرىمىزنىڭ بەختىنى بەرسۇن قېرىنداشلىرىم.)
ئاپتور:مەلىكە
2013-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا malika706 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-17 09:59 AM