1. ئەركىن ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ شاكىلات يەۋاتقانكەن ، سەل نېرسىدا ئەركىن بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر بالا دىماقلىرىنى چاكىلدىتىپ شۆيلىگەيلىرى ئېقىپ چۈشدىغاندەك قىلىپ ئۇنىڭ شاكىلات يېيشىگە قاراپ تۇراتتى . ئەركىن بۇنى بايقاپ قاپتۇ دە بۇ بالىغا ئىچ ئاغرىتىپ قول پۇڭلاڭلىتىپ ئۇنى چاقرىتىپتۇ ۋە ئۆيىدىن ئۇنىڭغا بىر كىچىك ئۇرۇندۇق ئېچقىپ بىرىپ : يىراقتا ئۆرە تۇرۇپ ئېنىق كۆرەلمەي قىينىلىپ كەتكەن بولساڭ ئولتۇرۇپ كۆرگىن .
2. بىر دوختۇر زۇكامنى پەقەتلا داۋالىيالمايدىكەن ، بىر كۈنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېغىر زۇكام بولغان بىر بىمار كەپتۇ . دوختۇر ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ قانداق قىلشىنى زادىلا بىلەلمەپتۇ . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ئوي كېلىپ بىمارنى توڭلىتىش ئىسكىلاتىغا باشلاپ كىرىپتۇ دە تېمپۇراتۇرانى ئەڭ تۆۋەن قىلىپ تەڭشەپ قۇيۇپ بىمارغا دەپتۇ : سىز ئەنسىرىمەي بۇ يەردە بىر نەچچە مېنۇت تۇرۇپ تۇرۇڭ . بۇڭ يەردە بىر نەچچە مېنىۇت تۇرسىڭىز سىزنىڭ زۇكىمىڭىز ئۆپكە ياللۇغىغا ئايلىنىدۇ ، مەن ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشقا ئۇستا .
3. بىر دىھقاننىڭ قىزى ناھايىتى سەتكەن
.gif)
( سەت بولغاندىمۇ ھازىر سىز تەسەۋۇر قىلىۋاتقاندىن نەچچە ھەسسە سەتكەن )، شۇنىڭ بىلەن دېھقان قىزىنى ئېتىزلىقىغا ئاپىرىپ قارانچۇق ئورنىدا توختىتىپ قاغا-سېغىزخانلارنىڭ زىرائەتلىرىنى نابۇت قىلشىدىن ساقلانماقچى بوپتۇ . ئويلىمغان يەردەن كۈتۈلمىگەن ئۈنۈمگە ئېرشىپتۇ : شۇندىن بېرى ئېتىزلىقىغا بىرمۇ قاغا-سېغىزخان كىرمىگەننىڭ ئۈستىگە يەنە 3 قاغا بۇرۇن ئوغۇرلاپ كەتكەن قۇناقلارنى يەنە ئېتىزلىققا ئەكىلىپ قۇيۇپتۇ .
4. قەھرىتان قىش كۈنلىرى ھاۋا ناھايىتى سوغوقكەن ، ئىككى بالا دەرياغا بېرىپ چانا تېيلىپ ئويناۋېتىپ بەك تولاپ كېتىپتۇ . ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى '' بىز ئوتۇن تىرىپ كېلىپ ئوت قالاپ سەل ئىسسىنۋېلىپ ئاندىن ئوينايلى ''دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىككى بالا ئازراق ئويۇن تىرىپ كىلىپ ئوت يېقىپ ئىسسنىشقا باشلاپتۇ . بىردەمدىن كېيىن ئىككى بالا تەڭلا دەرياغا چۈشۈپ كېتىپتۇ .
5. مېنىڭ بىر دوستۇم توردا ئويۇن ئويناپ باشقىلارغا ئالدىنىپ 1200يۈەن زىيان تارتقاندىن كېيىن ساقچىغا مەلۇم قىپتۇ . ساقچىلار ئۇنىڭغا '' ئالدانغان سومما 2000يۈەنگە توشمىسا دىلو تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ '' دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بۇ ئەخمەق دوستۇم ھېلىقى ئالدامچىنىڭ بانكا كارتىسىغا يەنە 800 يۈەن پۇل ئۇرۋىتىپ يەنە ساقچىخانىغا بارغاندا ساقچىلار توردا ئالدامچىلىق قىلغانلارنى تۇتۇشقا ئۆزلىرىنىڭ ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ، ھازىرلىقچە بۇ ئىشنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ .
.gif)
ھېلىقى ئالدامچى قانچە خوش بوپكەتكەندۇ ؟؟ مېنىڭ دوستۇم قانچە ئازاپلانغاندۇ ؟؟
6. مەن بىر قىزنى قوغلىشۋاتقىلى خېلى يىللار بولغان
.gif)
، بىر كۈنى غەيرەتكە كېلىپ QQ دا ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلدىم
.gif)
، ئۇ ئېنگىلىز تىلىغا بەك ئۇستا ئېدى ، ئۇ ماڭا If you do not leave me , I will by your side until life end دەپ قايتۇرۇپتۇ . مەن چۈشنىەلمەي ئېنگىلىز تىلى 6-دەرىجىدىن ئۆتكەن ياتاقدېشىمنى تەرجىمە قىلىپ بەر دېسەم ئۇ ماڭا بۇ '' ئەگەر سەن مەندىن يىراق تۇرمىساڭ مەن سەن بىلەن تەڭ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن ''
.gif)
دېگەن گەپكەن دېدى . شۇنىڭ بىلەن مەن قاتتىق ئازاپلىنىپ ئۇ قىز بىلەن قەتئىي ئالاقە قىلمىدىم .
بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەنمۇ ئېنگىلىز تىلى 6-دەرىجىدىن ئۆتتۈم ھېلىقى گەپ ئەسلىدە '' ئەگەر سەن مەندىن ئايرىلمىساڭ مەن سەن بىلەن ھاياتىمنىڭ ئاخىرغىچە بىللە بولىمەن '' دېگەن گەپكەن .
.gif)
مېنىڭ ھېلىقى ياتاقدېشىم ھازىر ئۇ قىزنىڭ ئوغۇل دوستى ، خەپ !!!!
ئاز بولسىمۇ ئالغاچ كەلدىم
مەنبەسى :تىڭشۈن مىكروبلوگى