ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 416 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 807|ئىنكاس: 12

(ياردەم) مىكرافون سېتىۋېلىش توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
2 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-23
تىزىملاتقان
2009-4-27
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-27 21:04:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تورچىلىقىدا كەسىپلەشكەن مۇزىكا بىلىملىرى تور بېتىنىڭ بولماسلىقىدەك بوشلۇقنى تولدۇرىۋاتقان «ماكان» مۇزىكا بىلىملىرى تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
مېنىڭ مۇزىكا جەھەتتىن ھىچقانداق ساۋادىم يوق، لېكىن مەن سورىماقچى بولغان سوئاللارغا بىزنىڭ مۇزىكانتلىرىمىز ياخشى جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىردىم.

مەن ئۈزۈم بىر تىل تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغۇچى. يېقىندا يىزىلارغا ئۇيغۇر تىلىنى(دىھقانلىرىمىزنىڭ قوشاق، ھىكايە-چۆچەك، ئادەتتىكى پاراڭ دېگەندەك) ئاۋازغا ئالغىلى چىقماقچى ئىدىم. بۇنىڭدىكى ئاۋازغا قويۇلىدىغان تەلەپ بىر قەدەر يوقىرى، شۇڭىلاشقا بىر ياخشى ئاۋاز ئالىدىغان ئۈسكۈنە ۋە ياخشى مىكرافون لازىم بولاتتى. ئاۋاز ئالىدىغانغا sony pcm d 50 تىپلىق ئاۋاز ئالغۇ  录音笔 ئالدىم. رەسىمى ئاستىدا:

PCM_D50_1.jpg




مېنىڭ بىرىنچى سوئالىم مۇشۇنداق ئاۋاز ئالغۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مىكرافونىنىڭ سۈپىتى ياخشى چىقامدۇ؟

ناۋادا بۇ ئانچە ياخشى چىقمىسا، مەن بىر ياخشى مىكرافون سېتىۋېلىشىم كېرەك.

مېنىڭ مىكرافونغا بولغان تەلىپىم تۆۋەندىكىچە:
1. باھاسى 500 يۈەن ئەتراپىدا بولسا. ئەلۋەتتە مېنىڭ تەلەپلىرىمگە ئۇيغۇن كېلىپ ئەرزانراق بولسا تېخمۇ ياخشى.
2. ئۇدۇلدىن كەلگەن ئاۋازنى ئېنىق يەتكۈزۈپ بېرەلىسە. ياندىن كەلگەن ئاۋازلار بىلەن كارى بولمىسىمۇ بولىدۇ.
3. سىملىق بولسا، چۈنكى سىمسىز بولۇشى مەن ئۈچۈن بىر ئارتۇقچە ئىش.
4. ئۆزىنىڭ ئايرىم توك مەنبەسى بولسا. بۇ دىگەنلىك مەن يىزىلاردا ئۇنى توكقا چېتىپ ئىشلىتەلمەيمەن، مۇمكىن بولسا باتارىيە چۈشىدىغان بولسا ياخشى.
5. ئەڭ موھىمى مەن ئالغان ئاۋاز ئالغۇ (录音笔) بىلەن ماسلىشىپ ئىشلەپ بېرەلىسە، يەنى ياخشى ئاۋاز ئالغۇ ئېلىپ، مىكرافۇن ناچار بولۇپ قالمىسۇن دەيمەن.


مېنىڭ بۇ تور بەتتىكى بىر يازمىدىن كۆرۈشۈمچە مىكرافون ئادەتتە ھەركەتچان كاتوشكىلىق مېكرافون(动圈话筒)،ئېلىكتىر سىغىملىق مېكرافون(电容话筒)،ئىلىكتىر لامپىلىق مېكرافون(电子管话筒) ۋە ئاليومىن مېكرافون(铝带) قاتارلىق تۈرگە بۆلۈنىدىكەن. مېنىڭ ھازىرغىچە كۆرگەن ماتېرىياللىرىمدا دېيىلىشچە ماڭا ئىلىكتىر سىغىملىق مىكرافون ماس كىلەرمىش، چۈنكى بىز ئىشلەتكەن مىكرافۇن ئۇدۇلدىن كەلگەن ئاۋازنى ئالسىلا بولدى، ئەتراپتىكى باشقا ئاۋازلارنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق مىكرافوننىڭ باھاسى نىسبەتەن ئەرزان بولارمىش.

ئۈچىنچى سۇئالىم:  يۇقىرىدىكى مۇشۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ؟
تۆتىنچى سۇئالىم: مەن مۇشۇنداق بىر مىكرافۇننى قانچە پۇللارغا سېتىۋالالىشىم مۇمكىن؟ ئۈرۈمچىنىڭ قەيەرىدىن سېتىۋالىمەن؟ ياكى ئارىمىزدا سېتىپ بىرىشنى خالايدىغانلار (كونا بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ) بارمۇ؟


[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى anatil ، ۋاقتى: 2009-4-27 21:07  ]
http://anatil.blogbus.com/

Rank: 8Rank: 8

توردا
200 سائەت
شۆھرەت
219
پۇل
357
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-7-7
نادىر
1
جۇغلانما
219
يازما
351

Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2009-4-28 01:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز ~ سىزنىڭ سوئالىڭىز مۇزىكا كەسپىدىكى ئۈن ئېلىش تېخنىكىسى تەرەپكە يېقىنلىشىپ قالسىمۇ يەنىلا نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلار بار .

4. ئۆزىنىڭ ئايرىم توك مەنبەسى بولسا. بۇ دىگەنلىك مەن يىزىلاردا ئۇنى توكقا چېتىپ ئىشلىتەلمەيمەن، مۇمكىن بولسا باتارىيە چۈشىدىغان بولسا ياخشى.

5. ئەڭ موھىمى مەن ئالغان ئاۋاز ئالغۇ (录音笔) بىلەن ماسلىشىپ ئىشلەپ بېرەلىسە، يەنى ياخشى ئاۋاز ئالغۇ ئېلىپ، مىكرافۇن ناچار بولۇپ قالمىسۇن دەيمەن


بۇ ئىككى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەڭ قىيىن مەسىلە دەپ قارايمەن . بۇنداق ئىشلەتكەنلەرنى ھازىرغىچە كۆرۈپ باقماپتىمەن.

سىز گە بېرىدىغان تەكلىۋىم :


كەسپى فېلىم ئېلىش ئاپىراتى ئىشلىتىڭ ياكى ئىجارىگە ئېلىڭ (ياخشىلىرىنىڭ باھاسى بەك قىممەت) ، ئۇنىڭ  سىرىتتا ئاۋازغا ئېلىشى ئۆلچەملىك دەپ ئويلايمەن  ،ئەگەر سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزچە بولغاندا :ھەركەتچان كاتوشكىلىق مېكرافون ئىشلەتسىڭىز مېكرافون  بىلەن ئادەم ئارلىقىنىڭ ئازراق ئۆزگىرىشىمۇ ئۈنگە ئېلىنغان ئاۋازنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ،ئېلىكتىر سىغىملىق مېكرافون بىرقەدەر سەزگۈر ،تەسىر يېتىدىغان ئاۋازلارنىمۇ تارتىپ كېتىشى مۇمكىن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئېلىكتىر سىغىملىق مېكرافون 48v لۇق توك بىلەن تەمىنلەش قاپچۇغىنى تەلەپ قىلىدۇ (بەزى مېكرافون سېتىۋالغاندا بىللە بېرىدۇ ،كۆپىنچىسىنىڭ يوق )،ئۇنى ھەل قىلدۇق دىگەندىمۇ سىزنىڭ ئۈن ئالغۇچىڭىز بىلەن چېتىش بىر مەسىلە .ياكى  مۇشۇ ئاپىراتىڭىزدا ئاۋازغا ئېلىپ كىيىن كەسپى ئاۋاز ئېلىش ئۆيلىرىدە رەتلەپ چىقىڭ .مەن بۇخىل مەسىلىگە ئۇچراپ باقماپتىكەنمەن ،مۇشۇنچىلىك ئويلىدىم ،بۇلار تامامەن شەخسى كۆز قارىشىم ،بىلىدىغان دوسلار بولسا ئاڭلاپ باقىلى نىمە دەيدۇ .



تەتقىقاتىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداشمەن .


[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى LOVEMUSIC ، ۋاقتى: 2009-4-28 02:02  ]

Rank: 1

توردا
2 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-23
تىزىملاتقان
2009-4-27
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-28 03:34:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى يوللانما LOVEMUSIC تەرىپىدىن 2009-4-28 01:59 دە يوللانغان
ياخشىمۇسىز ~ سىزنىڭ سوئالىڭىز مۇزىكا كەسپىدىكى ئۈن ئېلىش تېخنىكىسى تەرەپكە يېقىنلىشىپ قالسىمۇ يەنىلا نۇرغۇن ...

جاۋابىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ناھايىتى ئەستايىدىل جاۋاپ بېرىپسىز.
كەسپىي فىلىم ئاپپاراتى ئىشلەتمەسلىكىمدىكى سەۋەپنىڭ بىرسى، مەن بۇ ئاۋازلارنى ئالغاندىن كېيىن باشقا يۇمشاق دىتاللار ئارقىلىق تەھلىل ئېلىپ بارماقچى، باشقا دېتاللارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئاۋاز ھۆججىتى بولۇشى كېرەك. ناۋادا سىن ھۆججىتى بولسا، بۇنىڭدىن سىن بىلەن ئاۋازنى ئايرىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئايرىش جەريانىدا ئاۋازنىڭ سۈپىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ بىلمىدىم. يەنە بىر ئېھتىماللىق فىلىم ئاپپاراتىنى كۆتۈرۈپ دىھقاننىڭ ئالدىغا بېرىش دېھقانلىرىمىزدا ھودۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىھقانلىرىمىز «شەھەرلىكتەك» سۆزلەپ قېلىشى مۇمكىن. (بۇ خىل ئىھتىماللىق ئەلۋەتتە مېنىڭ قوللانماقچى بولغان ئۇسۇلىمدىمۇ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئامال بار بۇنداق تەسىرنى ئازايتىشقا تېرىشىشىم كېرەك)
يەنە بىر سەۋەب بىزنىڭ كەسىپتە بۇ ئىشقا ئەزەلدىن ئاۋاز ئالغۇ ئىشلىتىلىپ كېلەتتى. ھەتتا mp3 دە ئاۋاز ئالغانلارمۇ بار. لېكىن مەن ئامال بار ئاۋاز سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ياخشىراق ئۇسۇل قوللانماقچى بولغان.
ھەركەتچان كاتوشكىلىق مىكرافون مەسىلىسىگە كەلسەك، بىز ئاۋاز ئالغاندا كۆپىنچە ئادەم بىلەن مىكرافوننىڭ ئارلىقى ئانچە ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. ئاۋاز بەرگۈچىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، مىكرافوننى مۇقىم بىكىتىپ قويۇپ ئاۋاز ئالىمىز.
سىزنىڭ فوتو ئاپپاراتىنى تىلغا ئېلىشىڭىز بىر مەسىلىنى ئىسىمگە سالدى. رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرى قانداق ئۇسۇلدا ئاۋاز ئالىدىغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىشلىتىدىغىنى قانداق مىكرافوندۇ؟ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىشى بىلەن مېنىڭ ئىشىم يېقىن كىلىپ قېلىشى مۇمكىن. مېنىڭ ئالغان ئاۋازىم ئامال بار ياخشى چىقسىلا بولدى. ناخشا پىلاستىنكىسىدەك ئۇنچىۋالا يۇقىرى ئېنىقلىقتا بولمىسىمۇ بولىدۇ.
http://anatil.blogbus.com/

Rank: 1

توردا
2 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-23
تىزىملاتقان
2009-4-27
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-28 03:41:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى كۆرگەن دوستىلار ئۈرۈمچىدىكى ياخشىراق مىكرافون ساتىدىغان دۇكاننىڭ ئادىرىسىنىمۇ دەپ بەرسەڭلار. ئادەتتە مىكرافون قاتارلىق نەرسىلەرنى نەنمىن خەلق تىياتىرى ئەتراپىدا ساتامدۇ؟ مېنىڭچە قىزىل بايراق كومپيۇتىر بازىرىدا بۇنداق كەسپىيرەك مىكرافوننى تاپقىلى بولمايدىغۇ دەيمەن؟

[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى anatil ، ۋاقتى: 2009-4-28 03:43  ]
http://anatil.blogbus.com/

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2007 سائەت
شۆھرەت
2238
پۇل
2931
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2238
يازما
2620

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2009-4-28 10:51:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇالىن سودا بىناسىدا مېكرافونلار ئەڭ تولۇق ،شۇ يەرگە بېرىپ بېقىڭ،مەنمۇ شۇ يەردىن ئالغان.1- سودا بىناسىنىڭ 3-مۇ 4-مۇ قەۋىتىدە، ئىسىمدە قالماپتۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
شۆھرەت
168
پۇل
93
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
تىزىملاتقان
2008-7-8
نادىر
6
جۇغلانما
168
يازما
362
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-28 13:16:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە سىز ئارتۇق مىكىروفۇن ئىزدىمەي،ئاشۇ soniئۈنئالغۇڭىزنى خاتىرجەم ئىشلىتىۋىرىڭ!مىنىڭ بىر دوستۇم(ئۇ خەلىق مۇزىكىلىلىرىنى رەتلەش خزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ)شەكلى سىزنىڭكىگە ئوخشاپ كىتىدىغان بىر نىمىنى كۈتۈرىۋالىدۇ.باھاسىنىمۇ400-500ئەتىراپىدا دىگەن.بىز بىرقانچە سورۇندا بىللە بولدۇق.ئۇ خەلىق سازەندىللىرىنى ھۇدۇقتۇرۇپ قۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەزىدە ئۇ نەرسىىسنى كۆرسەتمەي يانچۇقىغا سېلىۋالىدۇ.لىكىن كومپىيوتېرغا ئەكىرىپ ئاڭلىساق شۇنداق تەبىئى.
قالغىنىنى ئۈزىڭىز ئويلىشىڭ!سىزگە ئاۋازنىڭ دەھشەت سۈزۈك بۇلۇپ كىتىشى ئەمەس بەلىكى ئېنىق،دانىمۇ-دانە بۇلىشى مۇھىمدەك قىلىدۇ.مىنىڭچە ئاشۇ ئۈسكۈنە سىزگە يىتىپ ئاشىدۇ!

Rank: 3Rank: 3

توردا
263 سائەت
شۆھرەت
250
پۇل
522
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
1
جۇغلانما
250
يازما
783
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-28 18:54:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ sindbat ئەپەندىنىڭ پىكىرىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايمەن ، چۈنكى سىزنىڭ سېتىۋالغىنىڭىز  sony شىركىتىنىڭ مەخسۇس ئاۋازغا ئېلىش ئۈسكىنىسى ئىكەن ، بۇنىڭدا ئادەتتىكى نورمال ئاۋازغا ئېلىش ئىقتىدارىدىن باشقا كۈچەيتىش ئىقتىدارىمۇ سەپلەنگەن بۇلۇشى مۇمكىن ، يۇقىردا دوستلىرىمىز ئېيتىپ ئۆتكەن 48v ئىلىىكتىر سىغمدىكى كۈچەيتكۈچ ئىقتىدارىنى دىمەكچى ،  سىز ئالدى بىلەن مۇشۇ ئۈسكۈنىڭىزنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئىقتىدارلىرىدىن تۇلۇق پايدلىنىشنى بىلىشىڭىز كېرەك ، مىكرافۇن سېتىۋېلىشىڭىز  مىنىڭچە ئارتۇقچە ئىش ، مەنمۇ بۇرۇن sony شىركىتى ئىشلپ چىقارغان n10 تىپتىكى  MD  ئاپاراتىنى ئىشلىتىپ باققان ئۇنىڭ ئاۋاز ئېلىش ئىقتىدارىمۇ ئىككى خىل ئىدى بىرسى نورمال ھالەتتە يەنە بىرسى كۈچەيتىلگەن ھالەتتە .قالغىنى ئۆزىڭىز قولىڭىزدىكى ئۈسكۈنىنى ئوبدان بىر سىناق قىلىپ بېقىڭ ، ئاخىرىدا تىلىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىدىكى ئىزدىنىشىڭىزنىڭ توختاپ قالماسلىقى ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشى تىنىڭىزنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن !!!

Rank: 2

توردا
143 سائەت
شۆھرەت
122
پۇل
287
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-4-30
نادىر
0
جۇغلانما
122
يازما
170
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-28 21:02:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزدىكى سوني ئاۋاز ئېلىش ئۈسكىنىسى ئالغان ئاۋاز نىڭ شەكلىنى كۆرۈپ بېقىڭ، mp3-wma-ac3-aac-amr دىگەندەك شەكىللەردە ساقلىسا مىنىڭچە ئانچە ياخشى چىقماسلىقى مۇمكىن wav شەكىلدە بولسا ئۆلچەملىك چىقىدۇ.مىكرافۇن مەسىلىسىدە مېنىڭچە ئاۋاز ئېلىش ئۈسكىنىڭىزنىڭ باشقا مىكرافۇنلارغا قارىغاندا ياخشىراق بولىشى مۇمكىن،بەك بولمىسا MDنىڭ مىكرافۇنىنى ئىشلىتىڭ .ئاۋاز ئېلىش ئۈسكىنىسىنى يانچۇققا سېلىپ  مىكرافۇننى كۆينەكنىڭ ياقىسىغا ياكى سورۇننىڭ ئوتتۇرسىغىلا تاشلىمامسىز .دىققەت قىلىڭ سىز نىڭ بۇ ئىشىڭىزدا قولىڭىزدىكى ئۈسكىنىنىڭ ئالغان ئاۋازنى ساقلاش شەكلى ئەڭ مۇھىم.(格式(

Rank: 1

توردا
2 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-23
تىزىملاتقان
2009-4-27
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-29 05:39:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىڭلار ۋە بىلگىنىڭلارنى ئايىمىغىنىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.
بۇ ئۈسكۈنە ئاۋازنىwav شەكىلىدە ئالىدىكەن. ماڭا لازىم بولغىنىمۇ مۇشۇ فورماتتىكىسى ئىدى، باشقا فورماتتىكىلەر ئاۋازنى پىرىسلىۋىتىدۇ دەپ ئاڭلىغان.
مەن سېتىۋالغان بۇ نەرسە ئەڭ ياخشى ھالەتتە بولغاندا 96.00kHz ، 24bit  ھالەتتە ئاۋاز ئالىدۇ دەپتۇ. بۇ ھالەت مېنىڭ تەلىپىمگە تامامەن يېتىدۇ. لېكىن مەن بۇنىڭ مىكرافونىنىڭ ياخشى چىقماي قېلىپ، ئاۋاز سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئېدىم. مۇشۇنىڭ ئۆزىنىڭ مىكرافونىنى ئىشلىتىشنىمۇ ئويلىشىپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.
يەنە بىرسى «Ezizim» نىڭ پىكىرىمۇ ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ. مەنمۇ چەتئەللىك تىلشۇناسلارنىڭ مۇشۇنداق مىكرافون ئىشلەتكىنىنى كۆرگەن ئىدىم.

ئۇنداقتا يەنە سوئال چىقىپ قالدى.
MDنىڭ مىكرافونىنى قانداق ئورۇندىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟
MDنىڭ مىكرافونىنىڭ ئاۋاز ئېلىش پارامىتىرلىرىنى بىلدىغانلار بارمۇ؟
http://anatil.blogbus.com/

Rank: 3Rank: 3

توردا
263 سائەت
شۆھرەت
250
پۇل
522
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
1
جۇغلانما
250
يازما
783
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-29 10:16:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋاز ئېلىش پارامىتىرى قولىڭىزدىكى ئۈسكۈنىنىڭكى بىلەن ئوخشاش ، ئادەتتە  MD ئاپاراتىنىڭ ئۆزىنىڭ مىكرافونى بولمايدۇ ،شۇڭا سىرتتىن مىكرافۇن سەپلەپ ئىشلىتىدىغان گەپ ، قولىڭىزدىكى بۇ ئۈسكۈنىنىڭ بولسا ئۆزىگە مىكرافۇن سەپلەنگەن ، ezizm ئاغىنىمىزنىڭ دىگنىمۇ ئورۇنلۇق چۈنكى مىكرافۇننىڭ ئارلىقى بىلەن ئاۋازمەنبەسىنىڭ ئارلىق مەسىلىسى بىۋاستە ھالدا ئاۋازنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئەگەر سىز ئاۋاز ئالغان ۋاقتىڭىزدا ئۈسكۈنىڭىز بىلەن سۆزلەۋاتقان ئادەمنىڭ ئارلىقى 1.5مىتىر دىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا سىرتتىن مىكرافۇن ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئەگەر تېخىمۇي سۈزۈك ئالىمەن دىسىڭىز ئۈسكۈنىڭىزنىڭ  cec level  نى ئازراق ئىتىۋەتكەندىن  كىيىن md ئاپاراتىنىڭ مىكرافونىنى سۆزلەۋاتقان ئادەمنىڭ ياقىسىغا قىسىپ قويۇپ ئاۋاز ئالسىڭىز بولىدۇ ،MD نىڭ مىكرافۇنى خۇالىڭ سودا سارىيىدا ياكى تىڭۋېي سودا سارىيىدا بار مىنىڭچە تىڭۋېيدىن تىزرەك تاپالايسىز ، سىزگە ئامەت تىلەيمەن ئارلىقىمىز يېقىن بولغان بولسا سىزگە ئۆزەملا ياردەم قىلاركەنمەن ...،.

تۆۋەندىكى ئادرىستا خەنزۇچە چۈشەندۈرىلىشى باركەن ،
http://www.pcpop.com/doc/0/354/354085_1.shtml
سىز rec level  دىگەن بۇرۇغۇچ ئارقىلىق ئېلىنماقچى بولغان ئاۋازنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقىنى بىۋاستە كونتىرول قىلالايدىكەنسىز

[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى MUSICPRO ، ۋاقتى: 2009-4-29 10:30  ]

Rank: 1

توردا
17 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-19
تىزىملاتقان
2011-3-26
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
124
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 15:49:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى كۆرگەن دوستىلار ئۈرۈمچىدىكى ياخشىراق مىكرافون ساتىدىغان دۇكاننىڭ ئادىرىسىنىمۇ دەپ بەرسەڭلار.

Rank: 1

توردا
62 سائەت
شۆھرەت
37
پۇل
301
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
تىزىملاتقان
2011-7-16
نادىر
0
جۇغلانما
37
يازما
102
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 01:51:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەھمىيەتلىك ئىشنىڭ كەسپىي بولغىنى ياخشى.

anatilياخشىمۇسىز ،مەنLOVEMUSICنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلىمەن ، ئەڭ ياخشىسى ۋىدىيو كامىرا ئىشلىتىڭ . ھەر قانداق ماركىدىكى ئاۋاز ئالغۇ录音笔  يەنىلا ۋىدىيو كامىرانىڭ ئاۋاز ئېلىش ئۈنىمىگە يەتمەيدۇ . 录音笔 مەخسۇس تېز سۈرەتتە خاتىرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئېلىنغان ئاۋازنى كەسپىي جەھەتتە  ئىشلەتكىلى بولمايدۇ . مېنىڭچە ئەڭ ياخشىسى ۋىدىيو كامىراغا48Vلىق ئېلىكتىر سىغىملىق مىكروفۇننى چېتىپ ، مىكروفۇننىڭ سىرتىدىكى شامالنى توسقۇچ بۇلۇتى چىقىرۋىتىپ، بىر ۋاراق قەغەز بىلەن مىكروفۇننىڭ ياندىن ئاۋاز ئېلىش تۈشۈكىنى ئتىۋېتىڭ (سېلىندىر شەكىلىدە ئوراڭ) ئانىڭدىن كېيىن ، شامالنى توسقۇچ بۇلۇتنى مىكروفۇنغا كەيگۈزۈپ ،ئاۋازغا ئالسىڭىز سىز دېگەندەك ئۇدۇلدىن ئاۋازغا ئېلىش ئۈنىمىگە ئېرىشەلەيسىز . ياندىن كىرگەن قۇشۇمچە ئاۋازلار قەتتئي كىرمەيدۇ . ئاساسلىق مەقسەت ئۈنگە ئېلىش بولغانلىقى ئۈچۈن ۋىدىيو كامىرانى دېھقانلارغا توغۇرلىشىڭىزنىڭ ھىچ قانداق ھاجىتى يوق(دېھقانلارمۇ ھۇدۇقمايدۇ).ۋىديو لېنتىنىڭ ئۇزۇنلىقى چەكلىك بولغاچقا،بىر لېنتىگەئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر سائەت ئەتراپىدا نورمال ئاۋازغا ئالالايسىز،شۇڭا لېنتىنى كۆپرەك ئېلىۋېلىڭ . ئاخرقى تەھرىرلەش باسقۇچىدا سىز دىگەندەك «سىن بىلەن ئاۋازنى ئايرىيمەن» دەپ ئاۋارە بۇلۇشنىڭىزنىڭمۇ ھىچ قانداق ھاجىتى يوق ، ھەر قانداق ۋىدىيو كامىرانىڭ ئاۋازنى چىقىرىش Audio out R/L ئېغىزى بار (ئوتتۇرا دەرىجىلىك كامىرانى دەۋاتىمەن ، ھەقاچاق ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان كىچىك DV نى ئاپارمايسىز) شۇ ئېغىزدىن پايدىلىنىپ ئاۋاز كارتىسى ئارقىلىق ئاۋازنى ئۈنگە ئالسىڭىز بۇلىدۇ . ئۈنگە ئېلىش جەريانىدا ئاۋاز تەڭشىىگۈچ (调音台) دىن پايدىلىنىپ ئاۋاز سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرسىڭىز بۇلىدۇ .ئۈنگەئېلىنغان ئاۋاز ئەلۋەتتەWAVشەكىلىدە بۇلدۇ. ئۈنگە ئېلىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ئاۋاز تەھرىرلەش سېستىمىسى ئارقىلىق خالىغانچە تەھرىرلىيەلەيسىز .

[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى ROCK ، ۋاقتى: 2011-7-25 02:10  ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
139 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
768
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
تىزىملاتقان
2009-1-21
نادىر
0
جۇغلانما
200
يازما
295
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-25 02:41:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئاكادىمىيەدە ئىشلەيدىغان بىر دوستۇم بۇلىدىغان، ئۇمۇ بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ مەخسۇس «پىئىل »تۈرلىنىشنى باشقا تىللارغا سېلىشتۇرۇپ تەتىقىق قىلاتتى، ئۇمۇ مۇشۇ دوستۇمىزغا ئوخشاشلا يېزىلارغا بېرىپ تەتقىقات ئېلىپ باراتتى، ئۇنىڭمۇ ئوخشاشلا سوني ماركىلىق ئۇنئالغۇ قەلىمى بار ئىدى، ئۇ ئالغان ئاۋازلارنى بىر دېسىرتاتسىيسى ئۈچۈن ئىشلىتىپ  ئامىركىدا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقى بۇيچە دوكتۇرلۇقتا بىلىم ئاشۇرۋاتىدۇ، بۇ دوستۇمنىڭ مەقسىتىنى ئىنىق چۈشۈنەلمىدىم، مىنىڭچە ئاشۇ ئۈنئالغۇ قەلەمدە ئالغان ئاۋاز سۈپىتى تەتقىقاتى ئۈچۈن يىتىپ ئاشىدۇ.
يەنە بىر تەكلىۋىم: قول كومپيوتېرغا يۇئېسپىلىق ئاۋاز كارتىسىدىن بىرنى سەپلەپ ئادەتتكى مىكرافۇن ( سونىي ماركىلىق ئادەتتكى سىملىق مىكرافۇن، 300 يۈەن ئەتراپىدا ئالغىلى بۇلىدۇ) نى ئاۋاز كارتىسىنىڭ 12v لۇق توك مەنبەلىك تۈشىكىگە چېتىپ ئاۋاز ئالسا بۇلدۇ. ئاۋاز سۈپىتى جەھەتتە سىز كۈتكەن ئۈنۈمگە ئىرشەلەيسىز. بۇنداق بولغاندا ئاۋازغا ئالىدىغان مەلۇم يۇمىشاق دىتالنى ئازراق بولسىمۇ ئۆگۈنىشكە توغىرا كىلىدۇ... ئاۋارىچىلىقتىن قورىقمىسىڭىزلا بۇمۇ ھەل بوپ كىتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-6 20:09 , Processed in 0.702060 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش