- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-26
- توردا
- 80 سائەت
- شۆھرەت
- 56
- پۇل
- 47
- تىزىملاتقان
- 2008-5-20
- ھوقۇقى
- 20
- يازما
- 189
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 56
- UID
- 112

- توردا
- 80 سائەت
- شۆھرەت
- 56
- پۇل
- 47
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-26
- تىزىملاتقان
- 2008-5-20
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 56
- يازما
- 189
|
windows vista 64-bit مەشغۇلات سىستىمىسىنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدا مۇزىكا ئىشلەشنى سىناپ بېقىشنى تورداشلارغا تەۋىسسىيە قىلىمەن.
بىز ئادەتتە كۆپىنچىمىز windows xp 32-bit مەشغۇلات سىستىمىسىنى ئىشلىتىمىز ھەتتا كۆپ چىلىكىمىز كەينىدىكى 32بىت دىگەن خەتكە دىققەت قىلمايمىز، ھەم چۈشەنمەيمىز ئەمەلىيەتتە windows xp 64-bit لىق مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ ئىشلەش سۈرئىتى windows xp 32-bit مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ ئىشلەش سۈرئىتىدىن نەچچە ھەسسە تىز بۇنى ئاددى قىلىپ چۈشەنسەك كەينىدىكى 32دىگەن ھەرىپتىن ئەلۋەتتە 64دىگەن ھەرىپ چوڭدە ئەمدى بۇنى سەل ئىچكىرلەپ چۈشەنسەك بۇ 32ۋە64دىگەن خانىلەر 32ئات كۈچىگە ۋە 64ئات كۈچىگە تەڭ دىگەنگە ئوخشاش مەنىنى بۈلدۈرۈدۇ. (بەلكىم مىنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشۈم خاتا ياكى ئىلمى بولمىغان بۇلىشى مۇمكىن) لېكىن windows xp 32-bit مەشغۇلات سىستىمىسىدىن windows xp 64-bit مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ ئىشلەش سۈرئىتى نەچچە ھەسسە تىزلىكىدە گەپ يوق. كۆپ سانلىق كىشىلەر 32بىت ۋە 64 بىت دىگەن سۆزلەرگە دىققەت قىلمايدۇ ھەم بىلمەيدۇ. مەن بۇھەقتە ئۇزۇن ۋاقىت ئىزدەندىم زادى 32بىت مەشغۇلات سىستىمىسى بىلەن 64بىت مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ قانداق ئوخشاشماسلىقى بار بۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى زادى نىمە؟ نىمە ئۈچۈن كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇگەپلەرنى بىلمەيدۇ، ھەم چۈشەنمەيدۇ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئىزدەندىم. مىنىڭ بۇ ئىزدىنىشىم بىرىنجى قېتىملىق كومپىيوتىر سېتىۋېلىشىمدا ئالدامچىغا ئۇچۇراپ قۇيۇلۇپ كەتكەنلىكىمدىن بولدى دىسەممۇ بۇلۇدۇ مىنىڭ بۇ سېتىۋالغان كومپىيوتىرىم شۇ ۋاقىتتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كومپىيوتىر ھىساپلىناتتى لېكىن مەن بۇ كومپىيوتىرنى سېتىۋالغان ۋاقىتتا كومپىيوتىرغا بولغان چۈشەنچەمنىڭ يوقلىقىدىن ئاساسى تاختىدا ئالدىنىپ كەتكەن ئىدىم بۇ كومپىيوتىرىم windows xp sp1 كونا نەشىرنىلا تۇنۇيىتتى باشقا نەشىرلەردىكى مەشغۇلات سىستىمىسىنى قاچىلىغىلى بولمايىتتى ھەم ھەپتىدە بىرقېتىم مەشغۇلات سىستىمىسى بۇزۇلۇپ كىتەتتى مەن داۋاملىق بۇكومپىيوتىرنى ئوڭشۇتۇپ ھېرىپ ئاخىرى ئۈزۈم كومپىيوتىر توغرىسىدىكى چۈشەنچەمنى چوڭقۇرلاشتۇرمىسام بولمايدىكەن دىگەن ئىرادە بىلەن ئاخىرى ئۈزۈم ئوڭشاشنى ھەرخىل سىستىمىلارنى قاچىلاشنى رايۇنلارغا ئايرىش دىگەندەك بەزىبىر بىلىملەرنى ئۈگەندىم. شۇنداقتىمۇ كومپىيوتىر ھەر بىرقېتىم بۇزۇلسا مۇزىكا ئىشلەش دىتاللىرىنى قاچىلايمەن دەپ كۈنلەپ ئولتۇرۇپ بۇكومپىيوتىردىن بەكلا زىرىكىپ كەتتىم ئاخىرى بۇ كومپىيوتىرنى سېتىۋېتىپ ئىككىنجى قېتىم كومپىيوتىر سېتىۋالدىم لېكىن بۇ كومپىيوتىرىمنىڭمۇ مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچىسى ياخشى بولماي چىقتى ھەمدە قەدەمدە مەشغۇلات سىستىمىسىدىن چاتاق چىقىپ مىنى بۇرۇنقىدەك ئاۋارە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن كومپىيوتىر قاتتىق دىتاللىرى ۋە يۇمشاق دىتاللىرى ئۈستىدە ئىزدەندىم زادى قانداق قاتتىق دىتاللار ياخشى قانداق مەشغۇلات سىستىمىسى ياخشى دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىپ قاتتىق دىتال توغرىسىدا ئازتۇلا چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. يۇمشاق دىتال ئۈستىدە ئىزدىنىپ باشقىلاردىن 915تىپىدىكى ئانا تاختا ئورنىتىلغان كومپىيوتىرلارغا windows xp 64-bit مەشغۇلات سىستىمىسى قاچىلىمىسا مەشغۇلات سىستىمىسىنى كومپىيوتىر قاتتىق دىتاللىرى قوللىماي شۇڭا تۇلا چاتاق چىقىدۇ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ يۈزەكى ھالدا windows xp 64-bit مەشغۇلات سىستىمىسىنى ئىزدەشكە باشلىدىم لېكىن مەن 64بىتلىق xp دىسەم ھەتتا كومپىيوتىر سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ بىلمىدى شۇنىڭبىلەن مەن ئىزدەپ يۈرۈپ ئاخىرى بازاردىن ئۈستىگە windows xp sp2 64-bit دىگەن خەت يېزىلغان مەشغۇلات سىستىمىسىنى تاپتىم بۇنى قاچىلاپ بىر مەزگىل ئىشلەتتىم سەل نورمال ئىشلىگەندەك قىلدى لېكىن مەن كىيىن كومپىيوتىرنىڭ قاتتىق دىتاللىرىنى ۋە يۇمشاق دىتاللىرىنى تەپسىلى تەكشۈرۈدىغان بىر يۇمشاق دىتالنى توردىن چۈشۈرۈپ كومپىيوتىرنى تەكشۈرسەم مەن ئىشلىتىۋاتقان بۇ مەشغۇلات سىستىمىسى يالغان 64بىتلىق مەشغۇلات سىستىمىسى بۇلۇپ چىقتى ئۈستىگە 64بىت دەپ يېزىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە قاچىلانغىنى يەنىلا 32بىت ئىكەن شۇنىڭ بىلەن مەن توردىن 64بىتلىق مەشغۇلات سىستىمىسىنى ئىزدىدىم لېكىن تاپالمىدىم خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئىزدەش ئارقىلىق 64بىتلىق مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ ئىنگىلىسچە نۇسخىسىنى تاپتىم لېكىن بۇنى ئىشلىتىپ بولغىلى بولمايدىدە ھەممىسى ئىنگىلىسچە تۇرسا خەنزۇچە نەشىرى ھېچنەردە يوق مەن كىيىن windows vista مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ بۇنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتتىم بۇنى ئىشلىتىش جەريانىدا كۆرگەنلىكى يۇمشاق دىتالنىڭ بۇسىستىمىدا ئىشلىمەيدىغانلىقىنى بىلدىم.
شۇنىڭ بىلەن بىز ئىشلىتىۋاتقان 32بىتلىق مەشغۇلات سىستىمىسىدا ئىشلىگەن يۇمشاق دىتاللارنىڭ 64بىتلىق مەشغۇلات سىستىمىسىدا ئىشلىمەيدىغانلىقىنى xp مەشغۇلات سىستىمىسىدا ئىشلىگەن يۇمشاق دىتاللارنىڭ vista مەشغۇلات سىستىمىسىدا ئىشلىمەيدىغانلىقىنى ھەتتا 32بىتلىق vista مەشغۇلات سىستىمىسىدا ئىشلىگەن يۇمشاق دىتاللارنىڭ 64بىتلىق vista مەشغۇلات سىستىمىسىدا ئىشلىمەيدىغانلىقىنى بىلدىم.
ھەمدە vista مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ قاتتىق دىتاللارغا بولغان تەلىۋىنىڭمۇ ئىنتايىن يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى 64بىتلىق مەشغۇلات سىستىمىسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن سىز قۇراشتۇرغان كومپىيوتىرنىڭ قاتتىق دىتاللىرىنىڭ ھەممىسى 64بىتلىق قاتتىق دىتال سىز ئىشلىتىۋاتقان يۇمشاق دىتاللارنىڭ 64بىتلىق يۇمشاق دىتال بۇلۇش كېرەكلىكىنى شۇنداق بولغاندا سىز ھەقىقى تىز بولغان سۈرئەت ئۈنىمىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىزنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. |
|