ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 418 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 733|ئىنكاس: 7

ئاۋا دائىرسىنى قانداق بىكىتىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
9 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-28
تىزىملاتقان
2009-3-20
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-6 22:24:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ يازغان بىر نەچچە مۇزىكللىرىم بار ئىدى.ناخشا ئۇقاي دىسەم قەيەردىن باشلاپ ئوقۇشنى بىلەلمەيۋاتىمەن.چىڭراق ئوقىسام يۇقىرىغا ئاۋازىم يەتمىگەندەك.توۋەنرەك .ئوقۇسام جانسىزدەك.باشقىلارamدا ئوقىغان ناخشىلارنى مەن dmدا ئوقۇىسام مۇۋاپىقتەك تۇىدۇ.مەن ئاۋازىمنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا f6تىگە ئېلىپ چىقالايدىكەنمەن.ئاۋازىم ئادەتتىمۇ تومراق بولغاچقىمۇ خېلى تۆۋەن چۇشەلەيمەن.مىنىڭ ئاۋاز دائىرەم زادى توۋەن دائىرىمۇ ياكى ئوتتۇرا دائىرىگە كىرەمدۇ تۆەن ،ئوتتۇرا ،يۇقىرى ئاۋازلارنى قانداق ئايرىلىدۇ.قانداق ئايرىلىشى بىلەنغۇ مىنىڭ كارىم يوق مۇھىمى مەن مۇشۇ دائىرىدە ناخشا ئىيتاسام بۇلامدۇ.مەن باشقا مىللەت ناخشىلىلرىنى ئاڭلاپ باقسام خېلى ئۇمىد تۇغىلىدۇ،چۇنكى ئۇ ناخشىلارنى مەن ئوقالىيالايدىكەنمەن.لىكىن بىزنىڭ ناخشىچىلارنىڭكىنى ئاڭلىسام مەن ناخشا ئىېتسام بولمامدۇ نىمە دەپ قالىمەن.چۇنكى ئۇلار بەكمۇ يۇقىرىغا ئەپ چىقىرىۋىتىدىكەن.بىزدە ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى ئاۋازلىقلارغا كىرەمدۇ قانداق.ئوتتۇرا ياكى تۆۋەن ئاۋازدا ناخشا ئىيتىدىغانلاردىن كىملەر بار.بولسا ئاشۇ ناخشىلارنى ئاڭلاپ باقسام دەيمەن.بۇ بىرىنچى سۇئالىم،
ئىككىنچى سۇئالىم.يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئىيقانلار ئوتتۇرا ياكى تۆۋەن ئاۋازدىمۇ  چۇقۇم ئىيتالامدۇ.
ئۇچىنچى.ئىيتقان ئاۋازىنىڭ يۇقىرى تۇۋەنلىكىگە قاراپ ناخشىچىلارغا باھا نەرگىنى بۇلامدۇ،دىمەكچى ،ئوتتۇرا ئاۋازدا ئىيقانلار مۇنداقراق ناىشىچىلار،يۇقىرى ئاۋازدا ئىيتالايدىغانلار ھەقىقى ناخشىچى دىگەندەك.
تۆتىنچى ،مەن يەنە ئاۋازىمنى ئىككى گىرادۇس يۇقىرىتىۋالسام يەنە g6گە ئىلىپ چىقىۋالاي دىگەنىدىم.قانداق قىلسام بۇلا.مەن ناخشا ئىيتىپ قالسام كۆكراك قىسمىم ئەمەس قورساق قىسسىم بەك كۆچاپ كىتىدۇ،بۇ نورمال ئەھۋالمۇ.
بەشىنچى ،沙哑ىئاۋاز دىگەن قانداق ئاۋاز.مىنىڭ خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم مەن ناخشا ئىيتسام سىنىڭ ئاۋازىڭ shayaكەن دەيدۇ.دىمىسىمۇ مەن سەل يۇقىرى ئىيتسەم شۇنداق چىقىدۇ، بۇ قانداق ئەھۋال.مەسىلەن تۇركىيەنىڭ بىر ناخشىچى بار arif susam دەيدىغان.ئاشۇنىڭ ئاۋازىغا سەل ئوخشاپ كىتىدۇ.ئۇ ئىيتقان بۇ ناخشىنى مەن ئىككى گىرادۇس چۇشۇرۇپ ئىيتسام (راس گەپ قىلسام گىرادۇس دىگەننىڭ نىمىلىكىنىمۇ تۇزۇك بىلمەيمەن.گىتتارنىڭ ئىككى پەدىسىنى ئىككى گىرادۇس دەيدىغاندۇ)خېلى قاملاشتۇرۇپ ئىيتالايمەن.سۇرىماقچى بولغىنىم بۇنىڭ ئىيتقىنى ئوتتۇرا ئاۋازمۇ يۇقىرى ئاۋازمۇ.ئىككى پەدە تۆۋەن بولسىچۇ..يەنە بىرسى بۇنىڭ ئاۋازى قانداقراقكەن.مۇشۇنداق ئاۋازنى 沙哑ئاۋاز دەمدۇ.بىزدە مۇشۇنداق 沙哑ئاۋازدا ناخشا ئىيتىدىغان ئەرلەر بارمۇ.ئۇيغۇرچە ناخشىلارغا بۇخىل ئاۋاز ماسلىشارمۇ؟بۇ ناخشىنىڭ ئادرىسى:http://v.youku.com/v_show/id_XNDc5ODc4MDA=.html
ئەمدى مۇنبەرنى يېقىن كۆرۇپ نۇرغۇن سۇئاللارنى سۇرىۋەتتىم.دىمىسىمۇ ھازىر تورغا كىرسەم بىرنچى بۇلۇپ ئاچىدىغان بىكەت مۇشۇ بۇلۇپ قالدى.بىرنەسە يوللاي دىسەم ئارمانغا تۇشلۇك دەرمان يوق.ھىچبولمىسا ئاۋا ناخشىنى قۇرمۇ قۇر تەرجىمە قىلىپ بىرەي.
اڭلىسام تۇيۇڭ بولغىدەك

ئاڭلىدىم توي قىلغۇدەكسەن سۆيگىنىم،
سۆزلە ،تۇيۇڭغا چاقىرىلدىممۇ،
سىنى ئاق تونلار ئىچرە كۆرۇشنى ئويلايمەن.
كىيىن بۇ دىياردىن تىزلا كىتەرمەن.

ھارام بولسۇن ماڭا سۆيمەك بىر قېتىم،
ھارام بولسۇن ماڭا كۆرمەك بىر قېتىم.
ئاچتىم قوللىرىمنى ئۇلۇغ ئاللاھقا،
ساڭابەخىتلەر تىلەپ كىتەرمەن.

بەلكىم ياشنىلار مىسكىن كۆزلىرىم.
قورقما ھىچكىم كۆرمەس تىزلار سۇرتەرمەن.
چىچەكلەرنى ئېلىپ،تەبرىكلەر قىلىپ،
كىيىن بۇ دىياردىن تىزلا كىتەرمەن.

ھارام بولسۇن ماڭا سۆيمەك بىر قېتىم،
ھارام بولسۇن ماڭا كۆرمەك بىر قېتىم.
ئاچتىم قوللىرىمنى ئۇلۇغ ئاللاھقا،
ساڭابەخىتلەر تىلەپ كىتەرمەن.

Rank: 1

توردا
105 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-28
تىزىملاتقان
2008-5-31
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
84
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-7 02:09:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئويلىغانلىرىڭىزنى  خېلى  تەپسىلى  ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز ،  مىنىڭچە ئاۋازنىڭ يۇقۇرى - تۈۋەن بۇلۇشى فىزىلوگىيلىك ئەھۋال ..   مەسىلەن ئىززەت ئىلياس ..پەرھات خالىق  ..يەنە بىر قانچە ناخشىچىلار بار ،،ئىسمىنى ئىنىق بىلمەيمەن تۈۋەن ئاۋازدا ناخشا ئۇقۇيدىغۇ ...شۇلارنىڭ ناخشىللىرىمۇ شۇنداق ياخشى ،،،سىز ئۈزىڭىزگە ئارتۇقچە بېسىم قىلماي ئۇزىڭىزنىڭ ئاۋاز دائىرىڭىز دىكى  ناخشىلارنى ئۇقۇڭ ....ئاۋاز دائىرىڭىزدىن چەتنىگەن ناخشىلارنى زورىغا ئۇقۇسىڭىز  ئاڭلىغۇچىغا  بىئاراملىق تەسىرى بىرىپ قۇيىسىز ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
488 سائەت
شۆھرەت
391
پۇل
936
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
391
يازما
1144

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2009-4-7 11:14:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز  ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭزنىڭ  ئاۋاز دائىرىڭىزنى ئۇمدان بىلىۋېلىڭ ئەرلەر يۇقىرى ئاۋازمۇ ،
ئوتتۇرار ئاۋازمۇ ياكى تۆۋەن ئاۋازمۇ ئاۋاز دائىرىڭىزنى  بىلگەندىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ ئاۋازىغا
چۈشىدىغان ناخشىنى تالاپ ئۈگەنسىڭىز ياخشى بولىدۇ ھەم  ناخشا ئېيتسىڭىز ئۆزىڭىزنى
راھەتتەك ھېس قىلىسىز  .
سىز نوتا بىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ قايسى كۈيدە ناخشا ئېيتىدىغانلىغىڭىزنى ئىنكاس قىلىپ يازسىڭىز
سىزنىڭ سىزنىڭ ئاۋاز دائىرىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ

Rank: 1

توردا
66 سائەت
شۆھرەت
20
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-2
تىزىملاتقان
2008-11-12
نادىر
0
جۇغلانما
20
يازما
84
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-7 11:33:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇركۈتكام توغرا دەيدۇ،شۇنداق قىلىڭ

Rank: 1

توردا
9 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-28
تىزىملاتقان
2009-3-20
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-7 21:16:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچىۋالا گەپنى يازسام تۇزۇك جاۋاپ چىقمىغىنى.مەن دىدىمغۇ ئەڭ كوپ بولغاندا f6گە چىقالايمەن دەپ.باشقىلار Emدە ئوقۇغاننى amدە ،am  دھ ئوقۇغاننى dmدە ئوقۇسام ئاۋازىم ساڭگىلاپ قالمايدىكەن،ھىچبولمىسا اۋۇ ناخشىا يۇقىرى ئاۋازمۇ ئوتتۇرا ئاۋازمۇ بىر بىلسەم بۇلاتتى.

Rank: 2

توردا
80 سائەت
شۆھرەت
56
پۇل
47
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-26
تىزىملاتقان
2008-5-20
نادىر
1
جۇغلانما
56
يازما
189
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-8 00:16:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىقلاپ كىتىپسىزغۇ بۇرادەر  f6گە  Emدە ،am  دە دىگەن نىمدىگەن گەپ ئۇ قارىغاندا گىتتار چالىدىغان ئوخشايسىز سىزنىڭ دىگەللىرىڭىزنىڭ ئىسمى ئاكوردلارنىڭ ئىسمى ئەگەر نوتا بىلسىڭىز مەن سىزگە تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قوياي
ئادەتتە چالغۇلارنىڭ ئىچىدە پىيانىنونىڭ ئاۋاز دائىرىسى ئەڭ تۇلۇق بۇلۇدۇ شۇ بىز ئاۋاز دائىرىسىنى ۋە ئاۋازلارنىڭ ئورنىنى پىيانىنونىڭ تىلىنى ئاساس قىلىپ ئايرىيمىز يەنى پىيانىنودا كىچىك خەتلىك گۇرۇپپا، كىچىك خەتلىك بىرىنجى گۇرۇپپا، كىچىك خەتلىك ئىككىنجى گۇرۇپپا، كىچىك خەتلىك ئۈچۈنجى گۇرۇپپا، كىچىك خەتلىك تۆتىنجى گۇرۇپپا، كىچىك خەتلىك بەشىنجى گۇرۇپپا،چوڭ خەتلىك گۇرۇپپا، چوڭ خەتلىك بىرىنجى گۇرۇپپا، چوڭ خەتلىك ئىككىنجى گۇرۇپپا،  قاتارلىق ئاۋاز گۇرۇپپىللىرى بۇلۇدۇ بۇلارنى سىزگە ئاددى قىلىپ چۈشەندۈرسەم كىچىك خەتلىك گۇرۇپپا دىگىنىمىز قانچە يۇقۇرلىغانسىرى ئاۋاز يۇقۇرلايدۇ، چوڭ خەتلىك گۇرۇپپا دىگىنىمىز قانچە يۇقۇرلىغانسىرى ئاۋاز تۆۋەنلەيدۇ يەنى كىچىك خەتلىك بىر ئىككى ئۈچ دىگەنسىرى ئاۋاز يۇقۇرلاپ ماڭىدۇ چوڭ خەتلىك بىر ئىككى ئۈچ دىگەنسىرى ئاۋاز تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ ھەر بىر گۇرۇپپىا 12 تەكشى ئاۋازلار سىستىمىسىدىن تەشكىل تاپقان بۇلۇدۇ بۇدىگىنىم ھەر بىر گۇرۇپپىدا ئاق ۋە قارا تىلنى ھىساپقا ئالغاندا 12تىل بار ياكى 12ئاۋاز باردىگەن گەپ.
ئەمدى ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك ئەرلەر يۇقۇرى ئاۋازى چوڭ خەتلىك بىرىنجى گۇرۇپپىدىكى دو ئاۋازىدىن كىچىك خەتلىك گۇرۇپپىدىكى لا ئاۋازغىچە بۇلۇدۇ مۇشۇ ئاۋاز دائىرىدە بولسا سىز ئاۋازىڭىزنى ئەرلەر يۇقۇرى ئاۋازىغا كىرىدىكەن دىسىڭىز بۇلۇدۇ.
ئەرلەر ئوتتۇرا ئاۋازى چوڭ خەتلىك ئىككىنجى گۇرۇپپىدىكى چۈشۈرۈلگەن شى ئاۋازىدىن كىچىك خەتلىك گۇرۇپپىدىكى فا ئاۋازىغىچە بۇلۇدۇ ئاۋازىڭىز مۇشۇ دائىرىدە بولسا سىز ئاۋازىڭىزنى ئەرلەر ئوتتۇرا ئاۋازىغا كىرىدىكەن دىسىڭىز بۇلۇدۇ.
ئەرلەر تۆۋەن ئاۋازى چوڭ خەتلىك ئىككىنجى گۇرۇپپىدىكى سو ئاۋازىدىن كىچىك خەتلىك گۇرۇپپىدىكى رەي ئاۋازىغىچە بۇلۇدۇ ئەگەر ئاۋاز دائىرىڭىز مۇشۇ دائىرىدە بولسا سىز ئاۋازىڭىزنى ئەرلەر تۆۋەن ئاۋازىغا كىرىدىكەن دىسىڭىز بۇلۇدۇ.
يۇقاردا دىگەنلىرىم ناخشىچىلارنىڭ مەخسۇس تەربىيىلىنىشتىن بۇرۇنقى تاۋۇش دائىرىسى.
ئەمدى مەخسۇس تەربىيلەنگەندىن كىيىنكى ناخشىچىلارنىڭ تاۋۇش دائىرىسى تۆۋەندىكىچە:
ئەرلەر يۇقۇرى ئاۋاز چوڭ خەتلىك بىرىنجى گۇرۇپپىدىكى دو ئاۋازىدىن كىچىك خەتلىك بىرىنجى گۇرۇپپىدىكى دو ئاۋازىغىچە
ئەرلەر ئوتتۇرا ئاۋازى چوڭ خەتلىك ئىككىنجى گۇرۇپپىدىكى لا ئاۋازىدىن كىچىك خەتلىك گۇرۇپپىدىكى لا ئاۋازىغىچە
ئەرلەر تۆۋەن ئاۋازى چوڭ خەتلىك ئىككىنجى گۇرۇپپىدىكى مى ئاۋازىدىن كىچىك خەتلىك گۇرۇپپىدىكى مى ئاۋازىغىچە بۇلۇدۇ.
مىنىڭچە سىز مەخسۇس مۇزىكىدا تەربىيەلەنمىگەن بولسىڭىز بۇگەپلەرنى ئاسانلىقچە چۈشىنەلمەيسىز يەنى چوڭ خەتلىك گۇرۇپپا كىچىك خەتلىك گۇرۇپپا دىگەن گەپلەرنى مەن سىزگە ئاددى بولغان ئۇسۇلدىن بىرنى دەپ بىرەي.
سىز ئالدى بىلەن ئىلىكتىرونلۇق رويالدىن بىرنى تېپىڭ يەنى دىيەنزىچىڭدىن بىرنى تېپىپ ئالدىڭىزغا قۇيۇپ ئولتۇرۇپ ئوڭ تەرەپتىن دو ئاۋازنى ساناپ تۆتىنجى دو ئاۋازدا توختاڭ مانا بۇ دو ئاۋاز كىچىك خەتلىك گۇرۇپپىدىكى دو ئاۋازنىڭ ئۆزى شۇ مۇشۇ دو ئاۋازدىن ئوڭ تەرەپكە سانىسىڭىز ئوڭ تەرەپتىكىسى كىچىك خەتلىك بىرىنجى گۇرۇپپىدىكى دو ئىككىنجىسى كىچىك خەتلىك ئىككىنجى گۇرۇپپىدىكى دو ئۈچۈنجىسى، تۆتىنجىسى دىگەندەك ئەمدە مۇشۇ ئاۋازدىن سول تەرەپكە سانىسىڭىز بىرىنجىسى چوڭ خەتلىك گۇرۇپپىدىكى دو ئىككىنجىسى چوڭ خەتلىك بىرىنجى گۇرۇپپىدىكى دو ئۈچۈنجىسى دىگەندەك. ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى دو ئاۋازنى تېپىۋالغاندىن كىيىن ئۇنىڭ كەينىدىكى رەي مى فا  سو لا شى قاتارلىق ئاۋازلار شۇگۇرۇپپىغا تەۋە بۇلۇدۇ.  ئەمدى شۇبۇيىچە سىز بىرناخشا ئېيتىڭ سىزنىڭ ئاۋازىڭىز زادى ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا قايسى ئاۋازغىچە يىتىدىكەن ئاۋازىڭىز يەتكەن ئەڭ يۇقۇرى ئاۋازنى ئىلىكتىرونلۇق رويالدىن تېپىۋېلىپ مەن يۇقىرىدا دىگەن ئۇسۇللار بۇيىچە قايسى گۇرۇپپىغا تەۋە ئاۋاز ئىكەنلىكىنى تېپىپ مەن ئالدىدا چۈشەندۈرگەن تاۋۇش دائىرىسىگە سېلىڭ قايسىنىڭغا چۈشىدىكىن ئاندىن بىلەلەيسىز.
سىزگە ئامەت تىلەيمەن مىنىڭچە ئەمدى ناھايىتى تەپسىلى جاۋاپ بولدىغۇ دەيمەن.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت يىغىش سەۋەبى
makan + 30 BAHALANDI

ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 30   باھا خاتىرىسى

Rank: 3Rank: 3

توردا
488 سائەت
شۆھرەت
391
پۇل
936
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
391
يازما
1144

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2009-4-8 11:19:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوتا بىلمىسىڭىز چۈشەنمەيسىز  مۇزىك دوستىمىز ئەتراپلىق ئېنىق قىلىپ  چۈشەندۈرۈپ قۇيۇپتۇ  
يۇقۇرى ئاۋازىڭىز زادى قايسى ئاۋازغا چىقىدۇ  بىر چىكىتلىق فاغىمۇ يا سوغىمۇ ئېنىق ئىگەنلەڭ

Rank: 1

توردا
9 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-28
تىزىملاتقان
2009-3-20
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-12 14:31:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە،ئۇنچە مۇنچە ئۇققاندەكمۇ قىلىمەن.مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم مەن نۇرغۇن تەقلىدى رويال دىتاللىرىىغا قارىسام ئۇلارنىڭ ئاۋاز دائىرسى قانداقتۇر چوڭ كىچىك دىگەندەكلەر بىلەن ئەمەس بەلكى c1,c2,c3,c4,c5,c6...يەنە ئڭغا ماڭغانسرى بۇ سانلار يۇقىرلاپ بارىدىكەن.سۇڭا مەن f6گە دىگەنىدىم.سىزنىڭ كىچىك خەتلىك گۇرۇپپىدىكى دو ئاۋازنىڭ ئۆزى شۇ دىگىنىڭىز c4مۇ ياكى c5مۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-9 23:33 , Processed in 0.411652 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش