- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-4
- توردا
- 158 سائەت
- شۆھرەت
- 67
- پۇل
- 66
- تىزىملاتقان
- 2008-3-9
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 331
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 67
- UID
- 8
 
- توردا
- 158 سائەت
- شۆھرەت
- 67
- پۇل
- 66
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-4
- تىزىملاتقان
- 2008-3-9
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 67
- يازما
- 331
|
رىيال يوق ئەھۋال ئاستىدىمۇ مۇزىكا ئىشلىگىلى بولىدۇ ، ئەمما بۇنىڭغا خېلى مۇرەككەپ جەريان كېتىدۇ . يەنە كېلىپ مۇزىكىنىڭ بەزى ھېسىيات ئىپادىلەيدىغان نازۇك جايلىرىدا رىيال بىلەن ئىپادىلىگەنگە قاراغاندا ، ياكى ھەقىقى شۇ چالغۇنى چالغانغا قارىغاندا كۆپ قولايسىز بولىدۇ ، شۇنداقلا سۈپىتىمۇ يۇقىرى بولمايدۇ .
ئەلۋەتتە مائۇستا سىزىپ ياخشى مۇزىكا ئىشلىگىلى بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس . مەن مەلۇم بىر قېرىندىشىمىزنىڭ مائۇستا سىزىپ (nuendo 3 تە) ئىشلىگەن مۇزىكىسىنى ئاڭلىغان ، ھەم ھەيران قالغان . ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ .
سىز قايسى دىتالدا مۇزىكا ئىشلىمەكچى بولسىڭىز شۇ دىتالنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ، بولۇپمۇ midi گە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلىرىنى ئىگەللىشىڭىز كېرەك . كۆپىنچە مۇزىكا ئىشلەش دىتاللىرىدا مائۇستا مۇزىكا ئىشلەيدىغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ نۇرغۇنلىغان قولايلىق ئىقتىدارلار ، كونتىرول بۇيرۇقلىرى سەپلەنگەن . مۇشۇلاردىن چوقۇم ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان بولىشىڭىز كېرەك . ئاندىن كېيىن قىستۇرما چالغۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ، midi تەھرىرلەش دىتاللىرىغا ئەكىرگەندىن كېيىنكى ئىشلەش پىرىنسىپلىرىنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك .
سىزگە تەۋسىيەم يەنىلا رىيال سېتىۋېلىڭ ، چالالمايمەن دەپ ئويلىسىڭىزمۇ سېتىۋېلىڭ . بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ۋاقىتتىن ئۇتۇش ھېساپلىنىدۇ .  |
|