- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-12
- توردا
- 205 سائەت
- شۆھرەت
- 237
- پۇل
- 381
- تىزىملاتقان
- 2008-7-7
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 353
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 237
- UID
- 162
 
- توردا
- 205 سائەت
- شۆھرەت
- 237
- پۇل
- 381
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-12
- تىزىملاتقان
- 2008-7-7
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 237
- يازما
- 353
|
دوسلىرىمىزنىڭ مۇزىكا ماستىرلاش جەھەتتىكى بەزى قىيىنچىلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن دىنوزاۋور ئەپەندىنىڭ بۇ تىمىسىنى تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم ،پايدىلانغايسىلەر ........
ماستىرلاش ھەققىدە سۆزلەشكەندە ئاكورتلاشتۇرۇشنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز ،چۈنكى مۇزىكا ئاكورتلاشتۇرۇشتا ئىشلەتكەن بارلىق ئاۋازلار ماستىرلاشقا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ .بەزى ۋاقىتتا بىر قىسىم دوسلىرىمىز بىر ناخشىنى ئاڭلاپ ئومۇمى جەھەتتىن ياخشى كۆرمىسە ماستىرنى ياخشى قىلماپتۇ دەپ ماستىرلىغۇچىدىن ئاغرىنىدۇ ،تىللايدۇ .ئەمىلىيەتتە سىلەر بۇ بۇ ناخشىنىڭ ماستىرلاشتىن بۇرۇنقى ھالىتىنى ئاڭلاپ باققانمۇ ؟ بىر قېتىم مەن بىر مۇزىكا ئەتىرتىگە مۇزىكا ماستىرلاپ بەردىم ،ئۇلار باس نىڭ ئاۋازىنى ياخشى بولماپتۇ دەپ تۇرۇۋالدى،ئۇلاردىن :ئۇنداقتا سىلەرگە قانداقراق قىلىپ بەرسەم بولىتى دىگىنىمدە ئۇلار بىر ئوپتىك دىسكىنى بېرىپ شۇنىڭ ئىچىدىكى باس ئاۋازىدەك بولسا بولاتتى دىدى ،مەن ئۇ مۇزىكىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇنىڭ قانداق ئاۋازلىقىنى ئۇقۇپ قىستۇرما يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئارىسىدىن بىر ئاۋازنى ئۇلارغا ئاڭلىتىپ مۇشۇ ئاۋاز شۇمۇ دىدىم ،ئۇلار شۇ دېدى ،مەن چاستوتا يۇمشاق دىتالىنى ئېچىپ ئۇلارغا بۇ باس نىڭ چاستوتىسىنى كۆرسەتتىم ئۇ 4500 گىرتىستە تۇراتتى ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ باس (قولدا چالغان ) نى كۆرسەتتىم 1500 گىرتىستىن ئاشمايتتى ،مەن ئۇلارغا دىدىم :سىلەر تەلەپ قىلغان ئۇنداق باس ئاۋازى پەقەت 4500 گىرتىستىن يۇقىرى بولغاندىلا سىلەر دىگەندەك چىقىدۇ ،سىلەرگە باشتىلا دىگەن لىكىن سىلەر يۆتكىمىدىڭلار ،مەندە نىمە ئامال بار ؟ ئۇ باسنى چالغۇچى مۇنداق دېدى :يەنە بىر ئاۋاز ئېلىش ئۆيىدىكى ماستىرلىغۇچى باسنىڭ ئەسلى ئاۋازنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇنداق ئاۋازنى ئۈنۈملەش ئارقىلىق چىقارغىلى بولىدۇ دىگەن .مەن دېدىم :ئۇنداقتا سىز ئۇنى باشلاپ كېلىڭ مەن پۇل بېرەي ئەگەر ئۇ قىلالىسا مەن بەرگەن پۇل ئۆگىنىش ھەققى بولسۇن . ئۇ باشلاپ كىلەي دېدى لىكىن ھېچكىم كەلمىدى ، ئەمىلىيەتتە ئۇ بىر قىززىقچىلىق ،ئەسلى ئاۋاز ئۇ چاستوتىدا ھېچنىمە بولمىسا مەن قانداق پەيدا قىلىمەن ؟؟
بۇ گەپ باشقا ئاۋازنى ماستىرلاشقا ئوخشاشلا چۈشىدۇ ،ئەگەر مۇزىكا ئاكورتلاشتۇرغاندا بىر ئاۋازنىڭ بىر پۈتۈن مۇزىكا گەۋدىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئوبدان ئويلاشمىغاندا ھەممە ياقتۇردىغان مۇزىكىنى ئىشلەپ چىقىش ناھايىتى تەس،مەنمۇ ئىجادىيەت ،ئاكورتلاشتۇرۇش ئىشىنى قىلىمەن ،ئىسىمدە قېلىشىچە بۇ ئىشلارنى قىلىشقا باشلىغاندا پىشقەدەم ئاۋازغا ئالغۇچى ،ماستىرلىغۇچىلاردىن تىل ئىشتقان ئەھۋاللار بولغان ،سەۋەبى يەنە مۇشۇ ئاۋازنى توغرا تاللاش مەسىلىسى .ئەگەر ئومۇمى ئۈنۈمدە مەسىلە بولسا ئۇبەلكىم بىر قانچە تەرەپتىكى مەسىلە ،مېنىڭ دىگىنىم پەقەت ئارىسىدىكى بىرسى ،كۆپچىلىك ھەرگىز ھەممىسى ئاكورتلاشتۇرۇشتىكى مەسىلە دەپ ئويلاپ قالماڭلار .مەن ماستىرلىغاندىن كىيىنمۇ ماستىرلاشتىن بۇرۇنقىغا يەتمىگەن مۇزىكىلارنى ئاڭلىغان ،راس گەپنى قىلغاندا مۇنداق ئىشنى مەنمۇ قىلغان .
ئاساسى گەپكە كىلەيلى، .ئالدى بىلەن ماستىرلاسنىڭ قەدەم باسقۇچىنى دەپ ئۆتەي .بۇ قەدەم باسقۇچ ھەربىر ئادەمنىڭ ئادىتىگە قاراپ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن ،مېنىڭ ئادىتىم :ماستىرلىماقچى بولغان مۇزىكا ئىچىدە باس ھەم دۇمباق بولسا ئالدى بىلەن شۇلارنى ئوڭشايمەن ،ئالدى بىلەن BASS DRUM تەپمە دۇمباق ،بۇ دۇمباقنىڭ مەسىلىسى ئاساسەن نىپىز ،قېلىنلىق(يېنىك،ئېغىر) مەسىلىسى ،ھەرگىزمۇ بارلىق مۇزىكىلارنىڭ تەپمە دۇمبېقى قانچە قېلىن،ئېغىر چىقسا ياخشى چىققان بولمايدۇ .ئۇ مۇزىكىنىڭ قايسى ئۇسلۇبدىكى مۇزىكا ئىكەنلىكىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ ،ماستىرلىغاندا ئۇنى كۈچەيتىمەن دەپ يېرتىلىپ كەتكەندەك چىقىرىپ قويماسلىق ، بۇنداق بولغاندا مۇزىكا ئاڭلاش ھارغىنلىق بولۇپ قالىدۇ ،ئومۇمى ئاۋاز چوڭ-كىچىكلىك كۆرسەتكۈچىسى قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش ھالىتىگە يەتمىسىمۇ ئاڭلىماققا ئاللىقاچان ئېشىپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ .
كۆپچىلىك ھەممىسى ئۇقىدۇ ،باس تەپمە دۇمباققا ئەگىشىدۇ دەپ گەپ بار ،بۇنىڭدا بۇ ئىككىسىنىڭ ئاۋازىنىڭ بىردەكلىگى كۆزدە تۇتۇلغان ،ئايرىۋىتىشكە بولمايدۇ ،چۈنكى بۇ ئىككىسى پۈتۈن مۇزىكىنىڭ ئاساسى ،ئەگەر ئايرىۋىتىلسە پۈتۈن مۇزىكا تۇراقسىز ،چىچىلاڭغۇ ئاڭلىنىدۇ .تەپمە دۇمباق بىلەن باس نى تەھرىرلەپ بولغاندىن كىيىن بۇ ئىككىسىنى ئايرىم ئاڭلاپ باقىمىز ،بۇ چاغدامۇزىكىنىڭ ئومۇمى ھالىتىنى كۆرەلەيمىز . ئۇ ئىككىسىنى تەھرىرلەپ بولغاندىن كىيىن باشقا دۇمباقلارغا ئۆتىمىز ،ئادەتتە SNARE ئاندىن HI-HATئاندىنTOMئاندىنCYM ئەڭ ئاخىردا دۇمباق تۈرىدىكى FX ئاۋازلاېنى بىر تەرەپ قىلىمىز .
شۇنىمۇ دەپ ئۆتەي ،مەن دىگەن بۇ ماستېرلاش ئۇسۇلى بىرقەدەر كونا ئۇسۇل ،ھازىر ماستىرلاستا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بار ،مەندىمۇ خېلى ئۆزگىرىشلەر بار ،لىكىن ئاساس جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ ئۇسۇل كۆپلىگەن دوسلارغا مەلۇم دائىردىكى ماستىرلاش ئۇسۇلىنى بىرقەدەر تېز ئىگەللىشىگە پايدىلىق ،ئاۋال مېڭىشنى ئاندىن يۈگۈرۈشنى ئۆگۈنىمىز .
ئەمدىكى قەدەمدە پىئانىنو ياكى گىتتار (مۇزىكىدا بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنىڭ مۇھىمراق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ)، مۇنداقچە ئېيتقاندا دۇمباق باسلار تۈگىگەندىن كىيىن پۈتۈن چالغۇلار ئىچىدىن ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغىنىنى تۇتۇپ ماستىرلايمىز ، بۇ ئاۋازنى ئالاھىدە ئاڭلىتىشقا بېرىلىپ كىتىپ پۈتۈن مۇزىكىنىڭ بىردەكلىكىنى بۇزماسلىققا دىققەت قىلىش كىرەك .پىئانىنونى ئېلىپ ئېيتساق ئەگەر پەقەتلا پىئانىنو بىلەنلا ئورۇنلانغان مۇزىكا بولسا ئالۋەتتە ئاۋازى قانچە ئېغىر،قېلىن بولسا شۇنچە ياخشى .لىكىن باشقا سازلار بار بولغان مۇزىكىدا ئۇنداق بولۇشى ناتايىن ،ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تۆۋەن ئاۋاز قېلىن يەرلىرى باس تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك شۇنداقلا يورۇق ئوينىتىلغان ئاۋازلىرى ئەڭ ياخشىسى SNARE دىن ئېشىپ كەتمىەسلىكى كىرەك .چۈنكى پىئانىنونىڭ كۈچ سالمىقى ناھايىتى ئېغىر ،ئەگەر ئۇ دۇمباقتىن ئېشىپ كەتسە پۈتۈن مۇزىكىدا دۇمباق ئارتۇقچىدەك ،ھاجەت ئەمەستەك تەسىر بېرىدۇ .
داۋاملاشتۇرساق يەنىلا يۇقىرقى قائىدە بويىچە باشقا ئاۋازلار ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغان ئاساسى ئاۋازلاردىن ئېشىپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىش . بەزى ئاۋازلار ئۇنىڭ سىرتىدا ،پەقەت ناھايىتى قىسقا ۋاقىت بارلىق سازلارنىڭ ئۈستىدە تۇرسا بولىدۇ لىكىن ئۇزۇن تۇرۇپ كىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ .تولۇقلاپ ئۆتىدىغىنىم :ئاساسى ساز ئاۋازى بىلەن باشقا سازلار مۇناسىۋىتى ھەرگىزمۇ يۈزەكى ئاۋاز يۇقىرى تۆۋەنلىك مەسىلىسى ئەمەس ،باشقا ئاۋازلارنى ئاساسى مۇزىكا ئاۋازلىرىدىن توۋەن قىلىپ قويسىلا بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىماڭلار . بۇ يەردە يەنە ئاۋاز ئورنىنى ئويلىشىمىز .قالغانلىرىنى كىيىن دەي ،مۇزىكىنى ماستىرلاپ بولغاندىن كىيىن ئەڭ ئاخىردا ئادەمنىڭ ئاۋازى .ئەڭ ياخشىسى ھەربىر سۆزىنى ئېنىق ئۇقالىغۇدەك قىلىش ، بولىدۇ ،بۇ بىر ماستىرلاشتىكى ئاددى چۈشەندۈرۈش، EQ ۋە باشقا ئۈنۈملىگۈچلەرنى داۋاملىق سوزلەيمەن .
تەرجىمە قىلغۇچى : www.makanmusic.com LOVEMUSIC
باشقا مۇنبەرگە يۆتكىسىڭىز كىلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ ! |
-
ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 45
باھا خاتىرىسى
|