- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-22
- توردا
- 48 سائەت
- شۆھرەت
- 87
- پۇل
- 79
- تىزىملاتقان
- 2008-12-16
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 56
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 87
- UID
- 405
 
- توردا
- 48 سائەت
- شۆھرەت
- 87
- پۇل
- 79
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-22
- تىزىملاتقان
- 2008-12-16
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 87
- يازما
- 56
|
2001 -يىلى بىرقانچە مۇزىكانىت دوستلار بىلەن كومپىيوتېر مۇزىكىسغا ئائىت بىر تور بەت قۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئىلىپ باردۇق .زادى قانداق تور بەت قۇرىمىز دىگەن مەسىلىدە مۇنازىرە تىمىسىدىكى تور بەت قۇرۇش ياكى سودا توربىتى قۇرۇش توغرىسىدا يەنىلا ئىنىق بىر قارارغا كىلەلمىدۇق . ئىنتىرنىتتىن كومپىيوتېرغا مۇزىكىسىغا ئائىت تور بەتلەرنى ئىزدەپ بىرمۇ ئۇيغۇرچە تور بەت تاپالمىدۇق .
ئاخىرى تاھىرجان (www.xjmidi.cmتور بىتىنىڭ قاتتىق دىتال تەمىنلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل)بىلەن مەن كومپىيوتېر مۇزىكىسغا ئائىت ھەم مۇنازىرە تىمىسىدىكى ھەم سودا تىمىسىدىكى تور بىكەت قۇرايلى دەپ رەسمى بىكىتتۇق .
ئۇ ۋاقىتتا تور بەت سىستىمىسىنى تۈزۈشتە بىزنىڭ ھىچقانداق تور بەت تۈزۈش تەجىرىبىمىز يوق بولغاچقا بەزى ئاددى مەسىللەرمۇ بىزگە تاغدەك قىيىنچىلىق بىلىنپ بۇ ئىشلىرىمىز بىر ئىزدا توختاپ قالدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە مال مەنبەيى تولۇق ئىشەنچىلىك ئەمەس ئىدى . شۇنداقلا ۋاكالەتچىلىك رەسمىيتى بىجىرىشكە بىزنىڭ مەبلىقىمىز يىتىشمىدى .
2005-يىللارغۇ دەيمەن ،ئۇيغۇرچە تور بەتلەمۇ خىلى تەرەققى قىلىپ بىزنى قايتىدىن ئۈمۈتلەندۈردىwww.uygoogle.com تور ببىتىدىن ئاخىرى ئۇيغۇر كومپىيوتېر مۇزىكىسىغا ئائىت بىر قانچە تور بەتلەرنى ئاخىرى ئىزدەپ تاپتۇق ۋە قەۋەتلا خوشال بولدۇق .ئەمما بۇ خۇشاللىقىمىز ئۇزاق ئۆتمەيلا بەربات بولدى . بۇ تور بىكەتلەر كۈرۈرمەنلەرنىڭ ئازلىقى ۋە مەبلىقىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى ئارقا -ئارقىدىن تاقىلىپ قالدى .
2008-يىلى تۇيۇقسىز يەنە www.uygoogle.com تور بىتىدىن ماكان تورنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق .ئاخىر ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا مۇكەممەل بىر كومپىيوتېر مۇنازىرە بىتى ياساپ چىقىپتۇ .
بۇ مەزگىلدە بىز دەل شىنجاڭ midiتورىنى قۇرۇش ئۇچۇن مۇۋاپىقى مال مەنبەسى ئالاقىلىشىۋاتقان ئىدۇق . ئەۋجىگە چىققان بۇ قايناق كەيپىياتقا تەڭ جۆر بولۇش ئۈچۈن تەييارلىقىمىزنى پۇختىلاپ تور بىتىمىزنى
رەسمى قۇرۇپ چىقتۇق .بۇ جەرياندا ماكان ئەپەندىنىڭ شۇنداقلا ماكان تورىدىكى بىرقىسىم تور داشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرىشتۇق . بىز ماكان مۇزىكا تورنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتىغا تىخمۇ كۆڭۈل بۆلىمىز ۋە ماكان تورنىڭ مۇشۇ ساھەدە ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنازىرە تور بىتى بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز .
[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى xjmidi ، ۋاقتى: 2009-3-17 22:08 ] |
|