- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-8
- توردا
- 38 سائەت
- شۆھرەت
- 200
- پۇل
- 0
- تىزىملاتقان
- 2008-5-1
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 152
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 200
- UID
- 80
 
- توردا
- 38 سائەت
- شۆھرەت
- 200
- پۇل
- 0
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-8
- تىزىملاتقان
- 2008-5-1
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 200
- يازما
- 152
|
مۇزىكىنىڭ تەبىرى
مۇزىكا بولسا ئەڭ ئاددىيچە ئېيتقاندا بىر ئاۋازنىڭ شەكىل ۋە ھەرىكەتكە ئايلانغان ھالىتىدۇر. ئادەتتە ئىچىدە شەكىل ۋە ھەرىكەت بولغان بىر ئاۋاز تۈزۈلمىسىنىڭ مۇزىكا دەپ قارىلىشى ئۈچۈن ئاڭلىغۇچىنىڭ تۇيغۇلىرىغا تەسىر قىلالىشىمۇ كېرەك دەپ قارىلىدۇ. تېخىمۇ بەكراق ئىچكىرلەپ كىرىپ تارىخىي دەۋىرلەر، رايونلار ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن كۈزەتكىنىمىزدە مۇزىكا ئاتالغۇسىغا بېرىلگەن تەبىرنىڭمۇ بىر-بىرسىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بولۇپمۇ 20- ئەسىردىكى زامانىۋىي غەرپ مۇزىكىسىدا پەيدا بولغان نۇرغۇنلىغان پەرقلىق مۇزىكا ئېقىملىرى ئورتاق بىر تەبىرنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دەۋرىمىزدە ياشاۋاتقان ھەممە كىشىنىڭ دىگۈدەك ئاڭلاش پۇرسىتى بولغان ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرگە تەۋە يەرلىك مۇزىكىلارمۇ بۇ تەبىرنى تېخىمۇ بەك مۇرەككەپ ھالغا كەلتۈرىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مۇزىكىنى يالغۇز بىر تەبىر بىلەن ئىزاھلاشنىڭ ئورنىغا ئوخشىمىغان نۇقتىنەزەردە تۇرۇپ ( ئىجتىمائىي، پسىخولوگىيە، ئاۋاز، سىياسىي ۋە باشقا جەھەتتىن ) بىردىن جىق تەبىر بىلەن ئىزاھلاش ئۇسۇلى كەڭ تارقالغاندۇر. بىر جەمىيەتشۇناس بىلەن بىر ئاۋاز فىزىكچىسىنىڭ مۇزىكىغا بولغان قارىشى، تەبىرى ۋە مېتودى بىر-بىرسىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.
مۇزىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى
مۇزىكا تۆت ئاساسىي ئامىلدىن تەركىپ تاپىدۇ:
1. تىكلىك
2. قۇيۇقلۇق
3. داۋاملىشىش ۋاقتى
4. ئاۋازنىڭ تۈسى
1. تىكلىك بىر ئاۋازنىڭ قانچىلىك «ئىگىز» ياكى قانچىلىك «پەس» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن ھەر بىر نوتا ( دو، رەي، مى ) ئوخشىمىغان تىكلىككە ئىگە. شۇنداقلا ئوخشاش نوتىلار ئۆزلىرى جايلاشقان ئوكتاۋانىڭ ئورنىغا قاراپ يەنە ئوخشىمىغان تىكلىككە ئىگە. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنىڭ دەرىجىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن چاستوتا سۆزى ئىشلىتىلىدۇ.
2. قۇيۇقلۇق بىر ئاۋازنىڭ چىقىش كۈچىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كۈچنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئادەتتە دېتسىبىل دىگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ.
3. ۋاقىت بىر ئاۋازنىڭ قانچىلىك داۋاملاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
4. تۈس بولسا ھەر خىل سازلاردىن چىققان بىر-بىرسىگە ئوخشىمايدىغان ئاۋازلارنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن ئوخشاش نوتىدا، ئوخشاش ئوكتاۋادا، ئوخشاش قۇيۇقلۇقتا ۋە ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا چېلىنغان ئىسكرىپكا بىلەن نەي ئارىسىدىكى پەرق بولسا دەل ئاۋاز تۈسى پەرقىدۇر. مۇزىكىنىڭ بۇ تۆت ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئىچىدە ئەڭ مۇرەككەپ بولغىنى بۇ.
********** ************ *************** |
|