ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 549 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1221|ئىنكاس: 7

مۇقام ناملىرىنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
5 سائەت
شۆھرەت
15
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-2-18
تىزىملاتقان
2008-3-10
نادىر
0
جۇغلانما
15
يازما
10
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-11 18:54:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇقاملارنىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى



كۇرشات



مۇقام دېگەن بۇ ئاتالغۇ «ئورۇن»، «دەرىجە»، «دائىرە» دگەن مەنىدە بولۇپ، مۇزىكىدا مۇقام ئاتالغۇسى مەلۇم دائىرىدىن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن،
بەلگىلىك دەرىجىدە سېستىمىلاشتۇرۇلغان مۇزىكىلىق ئەسەر دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.
ئاتاقىق خەلق مۇقامچىسى تۇردى ئاخۇن ئاكا (1881-يىل 5- ئايدا تۇغۇلۇپ، 1956-يىلى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى ۋاپات بولغان) ئورۇنلىغان 12 مۇقام بىر قەدەر تولۇق بولۇپ، ھەر بىر مۇقامنىڭ مەخسۇس نامى ۋە بىر پۈتۈن مەزمۇنى بار. ھازىر غىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مۇقاملارنىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ ئاھاڭلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە؛
1-  راك مۇقامى   --   23 ئاھاڭ ،
2- چەببىيات مۇقامى   23 ئاھاڭ ،
3- مۇشەۋرەك مۇقامى  31 ئاھاڭ،
4- چارگاھ مۇقامى     18ئاھاڭ ،  
5- پەنجىگاھ مۇقامى  23ئاھاڭ ،
6- ئۆزھال مۇقامى     29 ئاھاڭ ،
7- ئەجەم مۇقامى        17 ئاھاڭ ،
8- ئوشاق مۇقامى        23 ئاھاڭ  ،
9- بايات مۇقامى         19 ئاھاڭ .
10- ناۋا مۇقامى         21ئاھاڭ ،
11- سىگاھ مۇقامى      6 ئاھاڭ،  
12- ئىراق مۇقامى       8 ئاھاڭ ،  
ئۇنىڭدىن باشقا 12مۇقامنىڭ تەركىۋىگە ئۆز سېستىمىسى بويىچە كىرگۈزۈلمىگەن، لىكىن  12 مۇقامنىڭ تەركىۋى قىسمى بولغان ئابۇ چەشمە مۇقامىنى(ئابى چەشمە=سۈزۈك سۇ دېگەن مەنىدە) قوشقاندا( ئابۇ چەشمە مۇقامى 20 ئاھاڭ) مۇقام جەمى 268 ئاھاڭ(نەغمە)، 2700مىسرادىن ئارتۇق. ئەگەر مۇقامنى باشتىن-ئاخىر ئۇلاپ چېلىشقا توغرا كەلسە توپ-توغرا 24 سائەت ۋاقىت كىتىدۇ.
مۇقاملارنىڭ ناملىرى ھەرخىل تارىخىي ھۆججەتلەردە ۋە مۇزىكانت، شائىرلارنىڭ خاتىرىلىرىدە ھەرخىل ناملار بىلەن ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە تۇردى ئاخۇن ئاكا ساقلاپ كەلگەن مۇقاملارنىڭ نامى خەلق ئىچىگە سىڭگەنلىكى ئۈچۈن 12 مۇقامنى ئاشۇ ناملار مەزمۇنى بويىچە چۈشىنىمىز:
بۇ ناملارنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
(1) راك مۇقامى:
«راك» مۇقامىنىڭ ئەسلى نامى «راھابى» مۇقامى بولۇپ، «راھابى» دېگەن سۆز «ئازاتلىق تىلەش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەسلى تەلەپپۇزى«راك» بولماستىن، بەلكى «راق»، «رەك» ئىدى، دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تىل تەلەپپۇزىنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە «راك» قا ئۆزگەرگەن. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «راۋا ئىزلەش، شىپالىق ئىزلەش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. موللا ئىسمەتۇللانىڭ «تارىخى مۇسقىيون» دىگەن كىتاۋىغا ئاساسلانغاندا، راك مۇقامىنىڭ مەزمۇنى خەلق ئاممىسىنىڭ تاڭغا، ئازاتلىققابولغان سېغىنىش، ئۈمىدلىنىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
(2) چەبىيات مۇقامى:
بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى«ھۈسەيىن مۇقامى» بولۇپ، «ھۈسەيىن» دېگەن سۆز «نەپىس»، «گۈزەللىكنى سېغىنىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىرقى ئىسمى « چەبىيات»مۇ يەنىلا «گۈزەللىكنى سېغىنىش»، « گۈزەللىكنى ئەسلەش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
(3)مۇشاۋىرەك مۇقامى. بۇ مۇقامنىڭ ئەسلى ئىسمى «راست» مۇقامى بولۇپ،بۇ سۆز «راستلىق»، «چىنلىق»، «توغرىلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كىيىن ئۆزگەرگەن نامى «مۇشاۋىرەك» بولۇپ، بۇ سۆز « مۇڭدۇشۇش»، «مۇڭ ئېيتىشىش»، « چىنلىقنى سۆزلەش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
(داۋامى بار)
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت يىغىش سەۋەبى
sama0995 + 15

ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 15   باھا خاتىرىسى

Rank: 1

توردا
5 سائەت
شۆھرەت
15
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-2-18
تىزىملاتقان
2008-3-10
نادىر
0
جۇغلانما
15
يازما
10
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-11 19:01:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ئىزاھات: ھەممىنى بىراقلا يوللىسام، مەزمۇن بەك ئۇزۇن بوپ كەتتى دېگەن ئۇچۇر چىقىۋالغاچقا بۆلۈپ يوللىدىم)
(4)چارىگاھ مۇقامى. بۇ مۇقامنىڭ ئەسلى نامى «ھىجاز» بولۇپ، بۇ سۆز ئىككى دەريا ئارلىقىنىڭ مەنزىرىسى دېگەن مەنى بىلدۈرىدۇ. كىيىنكى نامى« چارىگاھ» بولۇپ، بۇ سۆزدىكى «چار» تۆت تەرەپنى، «گاھ» ئورۇن، مەنزىرە دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، «چرىگاھ» دىگەن سۆز گۈزەل مەنزىرىگە تەلپۈنۈش مەنىسىدە بولۇپ، بۇ مۇقام خەلق ئاممىسىنىڭئاسايىشلىققا، تاڭغا، گۈزەل ھاياتقا بولغان ئۈمىد-تەلپۈنىشىنى مەزمۇن قىلغان.
(5)پەنجىگاھ مۇقامى. بۇنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى«بوزرۇك» مۇقامى بولۇپ، «بوزرۇك» دېگەن سۆز «ئۇلۇغلۇق»، «يۈكسەكلىك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كىيىنكى نامى «پەنجىگاھ» بولۇپ، بۇ سۆزدىكى « پەنج» بەش دېگەن مەنىدە، «گاھ» ئورۇن دىگەن مەنىدە بولۇپ، «پەنجىگاھ» يۈكسەكلىككە، راۋاجلىنىشقا، گۈللىنىشكە ئىنتىلىش مەزمۇنىنى ئىپادىلەيدۇ.
(6)ئۆزھال مۇقامى. بۇنىڭ بۇرۇنقى نامى «كۆجەك» مۇقامى بولۇپ، «كۆجەك» دېگەن سۆز كىچىك پىئېللىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كىيىنىكى نامى «ئۆزھال» بولسا «ھال-ئەھۋال»، «ھال-ئوقەت» دېگەن مەنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مۇقامنىڭ ئاساسى رىتىمىمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ھال ئېيتىش، دەرت تۆكۈشىنى مەزمۇن قىلغان.
(7) ئىراق مۇقامى. «ئىراق» دېگەن سۆز دەريا قىرغىقىنىڭ ئۇرۇلىشى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ قاينام تاشقىنلىق جەڭگىۋار ئىسيانكار روھىنى، غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىلەيدۇ.
(8) ناۋا مۇقامى. «ناۋا» __ جاسارەت، كۈچ - قۇۋۋچەت دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ مۇقامنىڭ ئاساسى كۈيى __ خەلقنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش روھىنى، ئۈمىدۋارلىق كەيپىياتىنى بايان قىلىدۇ.
(9) ئوشاق مۇقامى.  «ئوشاق» سۆزى « ئاشىقلار»، « پىدائىلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ خەلقنىڭ پاك مۇھەببەتلىك، جان پىدالىق، ھەمدەملىك روھىنى بايان قىلىدۇ. خەل ئىچىدە بۇ مۇقام  « ئاشىقلار ساداسى» دەپ تەرىپلەنگەن.
(10)بايات مۇقامى. بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى « ساباھان» بولۇپ، بۇ سۆز ئەسلەش دېگەن مەنىدە.ھازىرقى نامى «بايات» بولۇپ، بۇ سۆز ئەسلى « بايادى» ئىدى. « بايادى» ئۆتكەن كۈننى ياد ئىتىش، يورۇقلۇقنى ئىزدەش دېگەن مەنىدە.
(11) ئەجەم مۇقامى. ئەجەم دېگەن سۆز ئەرەب مىللىتىنىڭ غەيرى ئەرەب مىللەتلىرىگە (ئەرەب ئەمەس مىللەتلەرگە) بەرگەن نامى بولۇپ، ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلار  ئۆزىنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرىنى ئېزىزلەش مەقسىتىدە، ئەرەبلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاتىغان بۇ سۆزىنى ئۆز ناخشا مۇزىكىلىرىنىڭ بىر نامى سۈپىتىدە قوللانغان.
(12) سىگاھ مۇقامى. بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى «پەسىللىك» مۇقامى بولۇپ، بۇ سۆز ئارسىلاننى ھەيران قالدۇرۇش دېگەن مەنى بىلدۈرىدۇ. «سىگاھ» سۆزىنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى «شىگاھ» بولۇپ، بۇ « غەپلەتتىن ئويغۇنۇش»، «غەيرەتلىنىش» دېگەن مەنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مۇقامنىڭ ئاساسى روھىمۇ قەھرىمانلىقنى، ئويغۇنۇشنى، غەيرەت جاسارەتنى ئىپادىلەيدۇ.
يۇقارقىلاردىن بىز شۇنى ھېس قىلىمىزكى، بىزنىڭ مۇقاملىرىمىز نوقۇل كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى ئاھاڭ ناخشا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاتلىققا، ھۆرلۈككە، راۋاجلىنىشقا، ئىنتىلىش؛  پاكلىق، گۈزەللىكنى قەدىرلەش؛ غەزەپ نەپرەت، دەرت-ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەش؛ قەھرىمانلىق، مەردانىلىقنى ئېزىزلەش؛ ئۆزلىكنى قەدىرلەش قاتارلىق ناھايىتى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق مول مەزمۇنلارنى ئىپادىلىگۈچى بۈيۈك قامستۇر.
___________________________-
                                            پايدىلانغان مەنبەلەر:
          مۇھەممەت زۇنۇن، ئابدۇكېرىم راخمان : «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1981-يىل 1- نەشىرى
          ماكان:  « 12 مۇقام ھەققىدە تەپسىلى سانلىق مەلۇمات» ماكان مۇزىكا مۇنبېرى

Rank: 4

توردا
502 سائەت
شۆھرەت
552
پۇل
1262
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
552
يازما
1199

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2009-2-11 20:24:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن  12 مۇقام نەزىريەسىدىن   تۇلۇق خەۋەردار  بولدۇم   
يەنە مۇشۇنداق ئۆلمەس تېمىلار بولسا  داۋاملىق  يولىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن   

Rank: 8Rank: 8

توردا
77 سائەت
شۆھرەت
124
پۇل
140
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-28
تىزىملاتقان
2008-9-17
نادىر
0
جۇغلانما
124
يازما
167
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-11 20:44:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتاھىن مۇھىم ئۈزۇمىزنىڭ بىباھا گوھىرىنىڭ ئەسلى ناملىرىنى بىلىۋالدىم (سىزگە كوپ رەخمەت قۇلىڭىزغا يەتمىسۇن زىيان زەخمەت) بولسا (مۇستەھزات)دىگەن ۋارىيانتىنىڭمۇ مەنىسىنى بىلسىڭىز بىر چۇشەندۇرۇپ ئوتكەن بۇلسىڭىز (بۇ مىنىڭ چۇشەنمەيدىغان بىر ئۇقۇمۇم)

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2100 سائەت
شۆھرەت
2725
پۇل
3728
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
53
جۇغلانما
2725
يازما
2715

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2009-2-11 21:23:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇرشات ئەپەندى تېچلىقمۇ؟ يوقاپ كەتتىڭىز .....ئىقتىسادى كىرزىس سىزنىمۇ ئۇچۇرۋەتتىمۇ قانداق ، ئىسىل تېمىلىرىڭىزنى سېغىندۇق~~~~~~~~~~~~~

Rank: 2

توردا
80 سائەت
شۆھرەت
57
پۇل
51
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-8
تىزىملاتقان
2008-5-20
نادىر
1
جۇغلانما
57
يازما
190
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-12 00:37:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە نەچچە يىل مۇزىكا كەسپىدە ئۇقۇپ ھەم مۇزىكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپمۇ مۇقام ئىسىملىرىنىڭ ئەسلى مەنىسىنى بىلمەيدىكەن مەن ياخشى بىلىمكەن.

Rank: 1

توردا
5 سائەت
شۆھرەت
15
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-2-18
تىزىملاتقان
2008-3-10
نادىر
0
جۇغلانما
15
يازما
10
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-12 00:53:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى يوللانما nazar تەرىپىدىن 2009-2-11 20:44 دە يوللانغان
ئىتاھىن مۇھىم ئۈزۇمىزنىڭ بىباھا گوھىرىنىڭ ئەسلى ناملىرىنى بىلىۋالدىم (سىزگە كوپ رەخمەت قۇلىڭىزغا يەتمىسۇن ز ...

«مۇستەھزات» نىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى «مۇستەھزاد» بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئادەتتىن تاشقىرى دېگەنلىك بولىدۇ. مەن بۇ سۆزنىڭ قايسى مۇقامنىڭ قوشۇمچە نامى ئىكەنلىكىدىن خەۋېرىم يوقكەن. بىراق بۇ سۆز كىلاسسىك شېئىرىيەتتە مىسراسى 16 بوغۇمدىن ئېشىپ كىتىدىغانلىقى ئۈچۈن بىر ئۇزۇن بىر قىسقا بوغۇمدىن تۈزۈلىدىغان بىر خىل شېئىر  شەكلىنىڭ نامى بولۇپ قوللىنىلىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
205 سائەت
شۆھرەت
244
پۇل
383
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-3
تىزىملاتقان
2008-7-7
نادىر
1
جۇغلانما
244
يازما
353

Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2009-2-12 01:50:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمە ت !!
.......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-5-14 23:01 , Processed in 0.236349 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش