- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-7
- توردا
- 187 سائەت
- شۆھرەت
- 98
- پۇل
- 192
- تىزىملاتقان
- 2008-9-19
- ھوقۇقى
- 20
- يازما
- 181
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 98
- UID
- 236

- توردا
- 187 سائەت
- شۆھرەت
- 98
- پۇل
- 192
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-7
- تىزىملاتقان
- 2008-9-19
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 98
- يازما
- 181
|
تۆۋەندىكى مەزمۇنلار تۇرسۇنجان لىتىپنىڭ تۈزگەن مۇزىكا ئاساسى نەزىرىيەسىگە ئاساسەن رەتلەندى.
308. مۇزىكا دېگىنىمىز :- مۇزىكا دۇنياۋى ئورتاق تىل بولۇپ، ئۇ ئاۋاز سەنئىتىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ۋاقىت خاراكتېرلىك سەنئەت بولۇپ، ھەرخىل يېقىملىق ۋە قانۇنىيەتلىك ئاۋازلارنىڭ ئالاھىدە ئۇسلۇب بىلەن تەشكىللىنىشى (ئاھاڭلارنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى، ئۇزۇن قىسقىلىقى، كۈچلۈك-كۈچسىزلىكىدىن ئىبارەت خىلمۇخىل شەكىللىرىنىڭ مۇۋاپىق بىرىكتۈرۈلىشى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ خىلمۇ-خىل ئىدىيۋى ھېسسىياتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان سەنئەت تۈرىدۇر.
309. مۇزىكا:- ناخشا (ۋوكاللىق) ۋە ساز دەپ (ئىنىستىرومىنتاللىق) ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.
310. ناخشا:- ئادەملەرنىڭ تاۋۇشى ئارقىلىق بېجىرىلىدىغان مۇزىكىدۇر، (ئۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىلا بارلىققا كەلگەن،)
311. ساز:- چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق ئورۇندىلىدىغان مۇزىكىدۇر، (ۋوكاللىق مۇزىكا بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئىنسانلار شۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساپ چىققان.
312. نوتا:- ناخشا مۇزىكا ئاھاڭلىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، ئۇزۇن-قىسىقىلىقى، كۈچلۈك-كۈچسىزلىكى، يەنى تاۋۇشلارنىڭ باشقا ھەرخىل ھالەتلىرىنى ئۆز رېتىمى ۋە قىلىپى بويىچە قەغەز يۈزىدە ئىپادىلەشتۇر. قىسقىچە نوتا ناخشا مۇزىكىلارنىڭ يېزىقىدۇر
313. بەش سىزىقلىق نوتا:- مۇزىكىلىق تاۋۇش چېكىتلىرىنىڭ گىرافىتلىق بەش سىزىق ئۈستىدىكى ئورۇنلىششى ئارقىلىق سىزىقلارنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە ئاساسەن ئاھاڭلارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىك ھەرخىل ھالەتلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بىر خىل نوتا.
314. ئاددى نوتا :- تاۋۇشلارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىك دەرىجىسىنى رەقەملەرنىڭ ئاز-كۆپلۈك دەرىجىسى بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان بىر خىل نوتا.
315. بەش سىزىق نوتىنىڭ بارلىققا كېلىشى:- 11-ئەسىرنىڭ بېشىدىلا ئىتالىيىلىك دىنى كومپوزىتۇر گوئىدوۋ تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان، (995-1050)
316. ئاددى نوتا :- پارىژلىق دىنى خەلپەت سۇخەيت تەرىپىدىن 17-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئىپتىدائى رەقەملىك نوتا كەشىپ قىلىنغان.
317. 12تەكشى ئاھاڭلار تىزىلمىسى (12تەڭلىمىلىك قانۇنىيىتى) :- ئاۋاز گۇرۇپپىسىدىكى 5پۈتۈن ئاھاڭ (10دانە يېرىم ئاھاڭدىن تۈزۈلگەن) ۋە ئىككى يېرىم ئاھاڭ قوشۇلۇپ جەمئىي 12 دانە تەڭمۇ-تەڭ بولغان يېرىم ئاھاڭلاردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ، مانا بۇ ئاھاڭلار مۇزىكا ئىلمىدا «12تەكشى ئاھاڭلار تىزىلمىسى» دېيىلىدۇ. (d بىلەنgنى بىرلا قېتىم ئىشلىتىمىز)
318. ئوكتاۋا:- ئوخشاش نامغا ئىگە بولغان قوشنا ئىككى ئاۋاز ئارىلىقى يەنى ئوخشاش نامدىكى ئىككى ئاۋازنىڭ 8گرادۇس لۇق پەرقتىكى يېزىلىشى.
319. ئۇدار :- تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىرخىل قانۇنىيەتلىك داۋاملىشىپ دەۋر قىلىپ تۇرىدىغان ھەرىكەتلەر ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا دەۋر قىلىۋاتقان قانۇنىيەتلىك رەتلىك بولغان ھەرىكەت ۋە كۈچلۈك،-كۈچسىز ئۇدارلارنىڭ بىرلىك ئورگىنى بولۇپ، مانا مۇشۇنداق ھەرىكەت ۋە ئاۋازلار خۇسۇسىيىتىنىڭ مۇزىكا ئاھاڭلىرى ئىچىدە شەكىللەنگەن ھەربىر ئايرىم-ئايرىم بۆلىكى مۇزىكىدا ئۇدار دېيىلىدۇ.
320. ئۇدار ئىكى تۈرلۈك :- ئاڭلاش سەزگۈمىز ئارقىلىق ئاڭلىيالايدىغىنى ئاۋازلىق ئۇدار، كۆرۈش سەزگۈمىز ئارقىلىق پەرقلەندۈرىدىغىنى ھەرىكەتلىك ئۇدار.
321. تاكىت :- نوتا باشتىن ئاخىر «|» سىزىقچىلار بىلەن بۆلۈنۈپ تۇرغانلىقىنى بىلەلەيمىز، بۇلار تاكىت سىزىقى دېيىلىدۇ، بىر تاكىت سىزىقىدىن يەنە بىر تاكىت سىزىقىغىچە بولغان ئارىلىق بىر تاكىت دېيىلىدۇ.
322. تولۇقسىز تاكىت :- بەزى مۇزىكىلاردىكى يېرىم تاكىتتىن ياكى كۈچسىز ئۇداردىن باشلىنىپ يېرىم ئاياقلىشىدىغان قىسىملىرىنى كۆرسىتىدۇ. |
|