ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 416 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1625|ئىنكاس: 9

كومپۇزىتور ئەبەيدۇللا تۇردى ۋاپات بولدى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
0 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-1-6
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-6 11:03:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاقلىق ، مەشھۇر كومپۇزىتور ئەبەيدۇللا تۇردى 2009-يىلى1-ئاينىڭ 3-كۈنى كىسەل سەۋەبى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 68يېشىدا ئالامدىن ئۆتتى! ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي !



كومپوزىتور ئەبەيدۇللا تۇردىنىڭ سەنئەت ھاياتى

· شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى كومپوزىتور ئەبەيدۇللا تۇردىنىڭ سەنئەت ھاياتى قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش، جاپاغا چىداپ ئۆگىنىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش بىلەن ئۆتكەن ھايات. شۇڭا خەلقىمىز ئۇنىڭ نامىنى پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئالىدۇ.
· ئەبەيدۇللا تۇردى 1941 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىلا ئىلى ۋادىسىدىكى ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىلىرىنىڭ يېقىملىق ناخشىلىرىغا مەپتۇن بولۇپ ئۇنى ئۆگىنىشكە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان ھەمدە چوڭ بولغاندا خەلق ئالقىشلايدىغان سەنئەتكار بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن.
- 1955·يىلى ئەبەيدۇللا تۇردى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق تېخنىكومىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ سەنئەت تالانتى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان ھەمدە ئوقۇتقۇچىلرىىنىڭ سەمىمىي ياردىمىدە كەسپىنى ئۆزگەرتىپ، 1958-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتىنىڭ ئاكتىيورلۇق فاكولتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن سەنئەتكە چەكسىز ئەقىدە باغلىغان ئەبەيدۇللا تۇردىنىڭ يۈرىكىدىكى ئارزۇ گۈللىرى پورەكلەپ، قەلبى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز شادلىققا چۆمگەن. ئۇ بۇ مەكتەپتە ئالاھىدە ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇپ، 1965 - يىلى 3 - ئايدا شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ بۇ ئۆمەكتە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، "كۆرەش يولى" ئوپېراسىدا باش قەھرىمان ۋە سىياسى كوممۇسارنىڭ ئوبرازىنى؛ "قىزىل چىراغ ىاتىرىسى" ئوپېراسىدا سەلبى ئوبراز - ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ باشلىقى جۇشەننىڭ ئوبرازىنى ۋە باشقا ئىجابى ۋە سەلبى پېرسۇناجلارنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپىيەتلىك يارىتىپ زور ئالقىشقا سازاۋەر بولىدۇ . *
· ئەبەيدۇللا تۇردى ئوپېرا ئۆمىكىگە كەلگەندىن كېيىن كۆپلگەن چوڭ - كىچىك سەھنە ئەسەرلىرىدە ۋە كونسېرت ئويۇنلىرىدا ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە روللارنى ئويناپ زور مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قازانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇزىكىغا بولغان ئىشتىياقى قىلچە سۇسلىشىپ قالمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇزىكا سەنئىتىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كومپوزىتور بولۇشقا بەل باغلايدۇ. ئاخىرى ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئاكتىيۇر، چالغۇچى، ناخشىچى ھەم كومپوزىتور بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ . )
· ئەبەيدۇللا تۇردى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا بىر نەچچە كونسېرت نومۇرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىجاد قىلىدۇ ھەمدە بىر تىياتىردا ئۆزى رول ئېلىپ، رولدىن كېيىن يەنە تىياتىرنىڭ مۇزىكىسىنىمۇ ئۆزى ئورۇنلايدۇ. شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە كەلگەندىن كېيىن ئاتاقلىق مۇقامشۇناس ۋە كومپوزىتورلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ۋە ئىجادىيەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆز ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ۋە خەلق ناخشا - مۇزىكىلىرىنى ئوپېرا مۇزىكا ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسى مەنبەئەسى قىلىشتەك ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوپېرا مۇزىكا ئىجادىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتتە ئەتراپلىق ئىزدىنىدۇ ھەم مۇۋەپپىيەت قازىنىدۇ .
· ئەبەيدۇللا تۇردى 1972 - يىلى باشقىلار بىلەن بىرگە ئون ئىككى مۇقام مۇزىكىلىرىنى خام ماتىرىيال قىلىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە ئوپېرا "قىزىل چىراق" نىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىگە ۋە 1982 - يىلى غىياسىدىن بارات قاتارلىقلار بىلەن بىرگە "ئانا - بالا" ئوپېراسىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەشكە قاتنىشىدۇ . 1987 - يىلى "مۇقام ئەجداتلىرى" ناملىق ئوپېرانىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىگە قاتنىشىدۇ. شىنجاڭ كىنو سىتودىيىسى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن "يۇرتۇمنىڭ كۈيى" ناملىق ھېكايە فىلىم، "ئىلى ۋادىسىدا مەشرەپ"، "ئىللىق دۇنيا"، "دېھقانلار شادلىقى" قاتارلىق بەتئىي فىلىملەرنىڭ مۇزىكا ئىجادىيەت خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. 1985 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇنىڭ "باھار قوشىقى" ناملىق ئوركىسلاشتۇرۇلغان مۇزىكىلار توپلىمى نەشىر قىلىنىدۇ. بۇ توپلامغا ئۇنىڭ " ۋەتەن بېغىدا "، "سالام سىزگە مۇئەللىم"، "بىر ئۆمۈر يارىڭ بولاي"، "قەدىرلەيمەن سېنى جانان" قاتارلىق 30 نەچچە پارچە ناخشا - مۇزىكىسى كىرگۈزىلىدۇ. ئۇنىڭ يەنە "ھايات سۆيگۈسى"، "ئانا ۋەتەن"قاتارللىق بىر تۈركۈم ناخشا - مۇزىكىلىرى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا - مۇزىكا ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 1982 - يىلى ئۇ ئىشلىگەن "ۋەتەن بېغىدا " ناملىق مۇزىكا مەدەنىيەت مىنستىرلىكى، مەملىكەتلىك مىلەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە رادىئو - تېلېۋىزىيە مىنىستىلىكى قاتارلق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان يەككە چالغۇلار بىلەن ئورۇنلانغان مۇزىكا ئىجادىيەت كۆرۈكىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ . - 1992·يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن "90 - يىللار ناخشىلىرى " مۇزىكا ئىجادىيىتىنى باھالاش پائالىيىتىدە ئۇنىڭ " تۆھپىكار ئەجداد نەسلى بىز" دېگەن ناخشىسى ئۈچۈنچى دەرىجىلىك مۇزىكا ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ .
· ئەبەيدۇللا تۇردى 1976 - يىلى ئوپېرا ئۆمەك تەركىبىدىكى مۇقام گۇرۇپپىسىنى تەسىس قىلىشقا قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ تەشكىللىشى، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن زىكرى ئەلپەتتا، ھۈسەنجان جامى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە "راك مۇقامى"، "چەبىيات مۇقامى"، "مۇشاۋرەك مۇقامى"، "ئوششاق مۇقامى" قاتارلىق مۇقاملارنى رەتلەپ ئۆزلەشتۈرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى داستانچلار، ھاپىزلار ۋە قوشاقچىلاردىن كۆپلىگەن خەلق ناخشا - مۇزىكىلىىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىدۇ. ماتىرىيال توپلايدۇ. ھەمدە ئون ئىككى مۇقامنىڭ ۋاريانتلىرىنى، يەرلىك ئاھاڭلارنى تەتقىق قىلىدۇ.
ئەبەيدۇللا تۇردى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ مۇزىكا ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە خاس يول تۇتىدۇ. "قېرى يىگىتنىڭ تويى" ناملىق درامىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، سەھنە ئەسرلىرى مۇزىكىسىنى ئىشلەشتە يەنە بىر قېتىم بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىدۇ. ۋە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تىياتىر كۆرىكىدە بىرىنچى دەرىجخلىك مۇزىكا ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.a
· ئەبەيدۇللا تۇردى جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئون ئىكى مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان .

Rank: 3Rank: 3

توردا
486 سائەت
شۆھرەت
381
پۇل
917
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
381
يازما
1141

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2009-1-6 11:23:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن ئۇ رەھمەتلىكنىڭ ئىجادىيەتنى بەك ئۇبدان قىلاتتى ياخشى بىر كومپوزۇتورىمىزدىن ئايرىلىپتۇق دە  
چوڭ ئوغلى ئابدىغېنى بىلەن ساۋاغداش ئوقىغان مەن خەۋەردار قىلغىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
728 سائەت
شۆھرەت
431
پۇل
574
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-5-12
نادىر
2
جۇغلانما
431
يازما
772

makan makan

يوللىغان ۋاقتى 2009-1-6 13:04:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي !!!!

Rank: 2

توردا
89 سائەت
شۆھرەت
91
پۇل
69
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-3
تىزىملاتقان
2008-10-22
نادىر
0
جۇغلانما
91
يازما
75
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-6 13:35:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان  يىرى جەننەتتە بولغاي!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2009 سائەت
شۆھرەت
2240
پۇل
2933
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2240
يازما
2620

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2009-1-6 16:52:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي،ئامىن!!!!
مىللىتىمىزنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان مۇشۇنداق كىشىلىرىمىزنىڭ تۆھپىسى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.

Rank: 1

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
28
پۇل
199
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-9-12
نادىر
0
جۇغلانما
28
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-6 17:06:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان  يىرى جەننەتتە بولغاي!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
263 سائەت
شۆھرەت
250
پۇل
522
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
1
جۇغلانما
250
يازما
783
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-6 17:12:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ئامىن !

Rank: 1

توردا
83 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-19
تىزىملاتقان
2008-9-19
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
59
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-6 19:01:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي.

Rank: 1

توردا
6 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-9
تىزىملاتقان
2008-11-28
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
9
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-7 03:37:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي .

Rank: 1

توردا
2 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-25
تىزىملاتقان
2008-7-8
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-10 12:41:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي..........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-7 11:23 , Processed in 0.372365 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش