- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-6
- توردا
- 486 سائەت
- شۆھرەت
- 381
- پۇل
- 917
- تىزىملاتقان
- 2008-10-11
- ھوقۇقى
- 30
- يازما
- 1141
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 381
- UID
- 270
 
- توردا
- 486 سائەت
- شۆھرەت
- 381
- پۇل
- 917
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-6
- تىزىملاتقان
- 2008-10-11
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 381
- يازما
- 1141
|
خەلق ناخشىلىرنىڭ ئالاھىدىلىكى
خەلق ناخشىلىرى كەسپىي مۇزىكا ئىجادىيىتى تېخنىكىسنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمايدۇ، ئۇنى خەلىق ئاممىسى ئىستىخىيىلىك ھالدا
ئاغزاكى ئىجات قىلىدۇ. شئىېرى ۋە مىلودىيەسى ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىش جەريانىدا ئۆزلۈكسىز پىشىقلىنىدۇ ئاز-تولا راۋاجلاندۇرىدۇ
ۋە ئۆزگەرتىلىدۇ نوتىغا ئېلىش ياكى باشقا ۋاستىلەرگە تايانماي خەلق ئاممىسىنىڭ ئاغزى ۋە قۇلىقى ئارقىلىق تارقىلىدۇ .
كومپۇزوتېرنىڭ خارەكتىرى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلمەيدۇ، لىكىن روشەن مىللى ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك پۇراق
ئالاھىدە ساقلىنىدۇ .
جەنۇبىي شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى
بىرىنچى ،جەنۇبىي شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرنىڭ مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ ۋە ئۆزگۈچە بولۇپ كىلاسسىك مۇقام ۋە يەرلىك مۇقام
سەنەم ،مەشرەپ تۈسىگە ئىگە ئاھاڭلار كۆپ سانىنى ئىگەلەيدۇ .چۈنكى بۇ ناخشىلار ئۇزاق يىللىق ئەنئەنىۋى ئاساسى ھەمدە
يەرلىك شەكىلگە ئىگە .
ئىككىنچى . جەنۇبىي شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرى خەلق قوشاقلىرى ،داستان ۋە كېلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى مەنبە قىلغاچقا ئاھاڭ
بىلەن شئىېر گۆش بىلەن ياغدەك بىرىكىپ ھەرقايدى يۇرت ناخشىلىرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ، بولۇپمۇ يەرلىك شىۋىنى كۈچەيتكەن .
بۇ خىل ناخشىلار مەزمۇن بىلەن شەكىل تەبئىي بىرىكىپ بەدئى قىممەتنى يۇقۇرى كۆتەرگەچكە، ھەرقانداق كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ.
ئۈچۈنچى . جەنۇبىي شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرى يۇرتلار ئارا مۇزىكىلىق ئالاھىدىلىك جەھەتتە بىر-بىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ .
ئۇلار مىلودىيەلىك قۇرۇلما ئۇرغۇ ئۇرۇنداش ۋە ئۇسۇلوپ جەھەتتىكى پەرىقلەردىن ئىبارەت.
تۆتۈنچى . جەنۇبىي شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرى شېئىرى ۋە ئاھاڭىنىڭ كۆپ خىل بولۇش رېتىمىنىڭ ئۆزگۈچىلىكى، كەيپىياتنىڭ شوخ
تېتىكلىكى مىلودىيەسىنىڭ ئەگىتمىلىكى،سەكرەتمىلىكى ئاۋازلارنىڭ زىچلىقى،كۆپ خىل كۈي شەكلى بىلەن باشقا يۇرت ناخشىلىردىن
پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ.
بەشىنچى . جەنۇبىي شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرى يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە ژانىر بويۇچە ئەمگەك ناخشىلىرى ،مۇھەببەت ناخشىلىرى،
داستانلار، مەرىكە- مۇراسىم، ناخشىلار ، كالاسسىك مۇقام، يەرلىك مۇقام سەنەم ،قاتارلىق تۇرلەرگە بۆلىنىدۇ .
تورداشلار مۇزىكىنىمۇ ئىشلەپ چارچىغانسىلەر ناخشىنىمۇ تولا ئاڭلاپ تولا ئېيتىپ ھارغانسىلەر بىكار چېغىڭلاردا ئۆز مىلىتىمىزنىڭ
ناخشا مۇزىكا بايلىقى بولغان خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى توغۇرسىدا ئانچە-مۇنچە بىلىملەرگە ئىگە بولۇپ قالارمىكىن دەپ
بۇ تېمىنى يولاپ قويدۇم  |
-
ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 30
باھا خاتىرىسى
|