- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-7
- توردا
- 201 سائەت
- شۆھرەت
- 221
- پۇل
- 359
- تىزىملاتقان
- 2008-7-7
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 351
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 221
- UID
- 162
 
- توردا
- 201 سائەت
- شۆھرەت
- 221
- پۇل
- 359
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-7
- تىزىملاتقان
- 2008-7-7
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 221
- يازما
- 351
|
رەخمەت،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !
بۇنداق دىسەم يالغاندەك بوپ قالىدۇ ، لىكىن بايا سىرىتتىن كىرگىچە زادى نوتا ئۆگەنمىسەم بولمىدى ،قانداق ئۆگىنەرمەن ،نەدىن باشلىسام ياخشى بولار دەپ ئويلاپ ئىشىكتىن كىرگەن ،بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم .
ئۆزەم يولۇقۇۋاتقان كۆز ئالدىمدىكى مەسىلىلەرمۇ نوتا ئۆگىنىشنىڭ شۇنچىلىك مۇھىملىقىنى بىلدۈرۋاتىدۇ .بۇرۇن رىيال چالغاندا بۇ مەسىلە يوقتى، بىر ئۇدار چىقىرۋالسام شۇنىڭ بىلەن بىر مۇزىكا پۈتەتتى ،شۇنىڭ ئۈچۈنمىكى تازا بىلىنمەپتىكەن ، ھازىر تۇرۇپ-تۇرۇپ چوڭ تىپتىكى ئوركىستىل مۇزىكىللىرىنى ئاڭلىغىم كىلىدىغان ،شۇنداق ياخشى يۇمشاق دىتال ئاۋازلىرىدىن پايدىلىنىپ مۇزىكا ئىشلەپ باققۇم كىلىدىغان بوپ قالدىم ،لىكىن بۇنىڭدا ئەڭ ئاۋال نوتا بىلمىسە بولمايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەندىم ،پىئانىنو ،بىرنەچچە خىل ئىسكىرىپكا ،نەي يەنە نۇرغۇن سازلار بىلەن مەن ئويلىغان مۇزىكا پۈتىدىكەن ،ئۇ مۇزىكىلارنى ئادەتتە ئېلىكتورۇنلۇق رىيال ياكى گىتتار چالغاندەك بىر يول -بىريولدىن ھېسسىياتىغا تايىنىپ چالسا ئۆزى ئويلىغاندەك چىقىشى مۇمكىن ئەمەسلىككە يېقىنلىشىدىكەن ،پەقەت نوتىنى خاتىرلىيەلىسەم ،تىزكۆرۈپ ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ چېلىپ ماڭالىسام مەن ئويلىغاندەك بىر مۇزىكىنى پۈتتۈرەلىگىدەكمەن . دەپ كەلسەم مۇشنىڭغا ئوخشاش كۈندە قىيناۋاتقان كۆپ مەسىلىلەر بار .
مەن كىچىكىمدە ئۆگۈنۈشنى باشلىغاندا نوتىدىن باشلىغان (ئاددى نوتا)،خوشنىمىز مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، ئىككى يىلدىن كىيىن مەن ياخشى كۆرۈپ قالغان (مودا)ناخشىلارنىڭ نوتىسى بولماسلىق سەۋەبىدىن دەپ ئويلايمەن ، شۇ مۇزىكىلارغا قىززىقىپ كىتىپ نوتىنى شۇ تاشلىغانچە تاشلىۋىتىپتىكەنمەن . ئۆتكەن ئىشلار شۇنداق ،بۇنى دىيىشىمدىكى مەخسەت ماڭا ئوخشاش ماڭا ئوخشاش بوپ قېلىش يولىغا قاراپ ماڭغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش .بىز ئەگەر نوتىنى تولۇق ئۇقساقلا ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى دۇنياغا باشقىدىن تونۇتۇپ قويالايمىز .
بۈركۈتكا سىزدىن سورايدىغىنىم :مەن بەش سىزىقلىق نوتا ئۆگىنىشنى قەتئىي باشلايمەن ،مەن قانداق باشلىسام ئىتتىكرەك بىر نوتىغا قاراپ مۇزىكا چالالايدىغاندىمەن ؟ ئۆزەممۇ ئىزدىنىمەن ، شۇنداقلا ھەربىر ئىشنىڭ بىر ياخشىراق ئېپى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن ،سىزمۇ تەۋىتسىيە قىلىدىغان ماتىريال بولامدۇ ،ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى بولامدۇ مۇشۇ ھەقتە بىر يول كۆرسەتسىڭىز بوپتىكەن .
رەخمەت ~! |
|