- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-8
- توردا
- 38 سائەت
- شۆھرەت
- 200
- پۇل
- 0
- تىزىملاتقان
- 2008-5-1
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 152
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 200
- UID
- 80
 
- توردا
- 38 سائەت
- شۆھرەت
- 200
- پۇل
- 0
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-8
- تىزىملاتقان
- 2008-5-1
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 200
- يازما
- 152
|
ئاۋازنى پرىسلاش دىگىنى بىر ناخشا پۈتكەندىن كېيىن چوقۇم ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك بولغان ئىش. بۇ ئارقىلىق ناخشا ھەقىقىي ناخشىغا ئوخشايدۇ. بۇ يەردىكى پرىسلاش دىگەننى ئىنگىلىزچىدىكى Compressor دىگەن گەپتىن ئالغان بولۇپ بىر ناخشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئاۋاز پرىسلاش ئۈچۈن ئادەتتە Multiband Compressor لار ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بىزدە پرىسلاش دەپ ئاتىلىپ قالغان بۇلىشى مۈمكىن. ناخشىدىكى بۇ پرىسلاش ئىشىنى ئادەتتە ھەممە يەردە Mastering دەپ ئاتايدۇ، خەلقئارادا مۇشۇ ئاتالغۇ ئوموملىشىپ كېتىپتۇ. بۇ گەپنى تەرجىمە قىلساق ئادەتتە كونترول قىلىش، تىزگىنلەش دىگەندەك مەنىلەر چىقىدۇ، لېكىن قارىغاندا بىزدە پرىسلاش دىگەن گەپ قېلىپلىشىپ ئوخشايدۇ.
ئەمدى نىمىشقا بۇنى قىلىدۇ، قانداق پايدىسى بار دىگەندە :
بۇ پرىسلاش ئىشى بىر ناخشا ئالبۇمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ مۇشۇ ئىش تۈگىگەندە ناخشا ھەقىقىي پۈتكەن بۇلىدۇ. بۇ پرىسلاش ئىشىدا ئادەتتە Multiband Compressor ( كۆپ قاناللىق پرىسلىغۇچ دەمدۇق) ۋە Maximizer ، Equalizer ئىشلىرىنى قىلىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئىشلىتىلىدۇ. ( ئەلۋەتتە بۇ ئىشنى قىلىدىغان ھەقىقىي سايمانلار بار لېكىن قىممەت ). ۋە بۇ پرىسلاش ئىشىنى قىلىش ئارقىلىق بىر ناخشا ئالبۇمىدىكى بارلىق ناخشىلار ئوخشاش بىر خىل ئاۋاز سۈپىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ، مۇزىكىدىكى باس ۋە ئۇدارلارنىڭ بىر-بىرسىگە تاقىشىپ قالغان زايىن-دىيىنلارنى يوق قىلىنىدۇ، بوش چىقىپ قالغان ئاۋازلارنى ئالدى تەرەپكە، چىڭ چىقىپ قالغانلارنى ئارقا تەرەپكە ئېلىنىدۇ. ئىشقىلىپ ناخشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم پەدازلىرى بېرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرى بىز ئاڭلىغان چېغىمىزدا: ما ناخشا ھەجەپ پەيزە چىقىپتا. دىگەن باسقۇچقا كەلتۈرۈلىدۇ.
شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، Mastering يەنى ئاخىرقى پرىسلاش ئىشى بەك مۇھىم ئىش. ئەگەر سۈپەتلىك بىر ناخشا چىقىرىمەن دىگەن ئادەم بۇ ئىشنى چوقۇم قىلغۇزىشى كېرەك. بۇ يەردىكى يەنە بىر مۇھىم ئىش بولسا ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى بىلەن پرىسلاش ئىشىنى قىلىدىغان ئادەم ئايرىم بۇلىدۇ، چۈنكى پرىسلاش ئىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مول تەجرىبە، يۇقىرى بىر مۇزىكا-ئاۋاز بىلىمى، چاستوتا چۈشەنچىسى ۋە دەھشەت بىر قۇلاق لازىم. ياۋروپا-ئامېرىكىدىمۇ بۇ ئىشنى ھەقىقىي ياخشى قىلىدىغان ئادەملەر ئىنتايىن ئاز. داڭلىق ناخشىچىلار ناخشىلىرىنى پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە نەچچە يۈز مىڭ دوللار پۇل بېرىپ مۇشۇ كىشىلەرگە مۇشۇ ئىشنى قىلغۇزۇپ بولۇپ ئاندىن ناخشىلىرىنى بازارغا سالىدۇ.
ئەمدى بىزگە كەلسەك، شەخسەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام مەنمۇ بىر مۇزىكىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سەۋىيەمنىڭ يېتىشىچە Mastering يەنى پرىسلاش ئىشىنى قىلىمەن. لېكىن بىزنىڭ قىلغانلىرىمىز قانچىلىك بۇلاتتى دەيسىز.
ھازىرچە كومپىيۇتىردا بۇ ئىشنى قىلىدىغان دېتاللارنىڭ ئىچىدە ياخشىسى iZotop شېركىتىنىڭ Ozone دىگەن دېتالى بار، يەنە بىر نەچچە باشقا دېتاللار بار، ئۇلار بىلەن سىناپ باقساق بۇلىدۇ. |
|