- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-9
- توردا
- 488 سائەت
- شۆھرەت
- 391
- پۇل
- 936
- تىزىملاتقان
- 2008-10-11
- ھوقۇقى
- 30
- يازما
- 1144
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 391
- UID
- 270
 
- توردا
- 488 سائەت
- شۆھرەت
- 391
- پۇل
- 936
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-9
- تىزىملاتقان
- 2008-10-11
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 391
- يازما
- 1144
|
مۇزىكا ئامىلى ۋە مۇزىكا تىلى توغۇرسىغا
مۇزىكىنىڭ ئاساسىي ئامىللىرى مۇزىكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئېلمېتلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار ئاۋازلارنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى ئۇزۇن-قىسقىلىقى كۈچلۈك- ئاجىزلىقى ۋە ئاۋاز تۈسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسى ئامىلار ئۆز ئارا بىرلىشىپ مۇزىكىدا دائىم ئىشلىتىدىغان شەكلەن ئامىلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
مەسلەن رېتىم ، مىلودىيە ،گارمۇنىيە ئاۋاز تۈسى، كۈچ مىقدارى ،سۈرەت كۈي شەكلى ،ئاھاڭ شەكلى توقۇلما ۋەھاكازاكار .
مۇزىكا تىلى
مۇزىكىنىڭ شەكلەن ئامىللىردىن پايدىلىنىپ ئىنسان ھېسىياتىنى نامايەن قىلىدىغان بەدئىي ۋاستە .
رېتىم
ئۇ مۇزىكىنىڭ ھەركەت داۋامىدىكى ئاۋازنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى ۋە كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
كۈچ مىقدارى
مۇزىكىدىكى ئاۋازنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىق دەرىجىسى .
سۈرەت
مۇزىكىنىڭ ئىلگىرلەش داۋامىدا ئۇدارنىڭ تېز-ئاستىلىق دەرىجىسى .
مېلودىيە
دولقىنسىمان ئىلگىرلىگەن مۇزىكىلىق ئاۋازلارنىڭ مۇئەييەن رېتىم ۋە تەرتىپ بويۇچە توغرا يۆلۈنۈشتەشەكىللىنىشى مىلودىيەنى شەكىللەندۈرىدۇ .
كۈي شەكلى
مۇزىكىدا ئىشلىتىلگەن ئاۋازلار بەلگىلىك مۇناسىۋەت بويۇۋە ئۇلۇنۇپ بىر ئاۋاز (تۈپ ئاۋاز )نى مەركەز قىلغان ھالدا بىر سېستىمىنى شەكىللەندۈرۈدۇ مانا بۇ كۈي شەكلى دەپ ئاتىلىدۇ .مەسلەن چوڭ كۈي شەكلى، كىچىك كۈي شەكلى ،بەش ئاۋازلىق كۈي شەكلى دېگەندەك كۈي شەكىلدىكى ھەر قايسى ئاۋازلار تۈپ ئاۋازدىن باشلاپ تۆۋەندىن يۇقۇرغا ياكى يۇقۇردىن تۆۋەنگە تىزلىپ ئاۋاز باسقۇچىنى شەكىللەندۈرۈدۇ .
گارمۇنىيە
گارمۇنىيە (ئاكورت ) ۋە (ئاكورتلۇق ئىلگىرلەش ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .ئاكورتلارنىڭ توغرا يۆلۈنىشى گارمۇنىيەلىك ئىلگىرلەشنى ھاسىل قىلىدۇ .
ئاھاڭ شەكلى
مۇزىكىلىق ماتىرياللارنىڭ تىزلىش شەكلى ،مۇزىكا ئەسەرلىرى قۇرۇلمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى .
توقۇلما
كۆپ ئاۋازلىق مۇزىكا ئەسەرلىرىدە ھەر قايسى ئاۋاز قىسىملىرىنىڭ بىرلىشىش ھالىتى (تىك يۆلۈنۈشلۈك ۋە توغرا يۆلۈنۈشلۈك بىرىكىش مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) .
ئاۋاز تۈسى
ئاۋاز تۈسى ئادەم ئاۋاز تۈسى ۋە چالغۇ ئاۋاز تۈسىگە ئايرىلىدۇ . ئادەم ئاۋاز تۈسى بالىلىق ئاۋازى، ئاياللار ئاۋازى ،ۋە ئەرلەر ئاۋازى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ . چالغۇ ئاۋاز تۈسىنىڭ تۈرلىرى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ .مۇزىكىدا بەزىدە تاق ئاۋاز تۈسى بەزىدە ئارلاشما ئاۋاز تۈسى ئىشلىتىلىدۇ .
تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇزىكا نەزىريەسى توغۇرلۇق مۇ ئاددى ئۇقۇمنى ھوزېرىڭلارغا سۇندۇم پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس
ھەممىمىز .makanmusic تور بېتى ۋە ئۇنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى . |
|