يازغۇچى\布鲁斯小子تەرجىمە\ماكان
يازغۇچىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىندى،رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
دۇمباق ئاۋازى مۇزىكا ئىشلەشتە، ھەرقانداق بىر سازنىڭ مۇزىكا ئىشلەشتىكى رولىدىن قىلىشمايدۇ.بولۇپمۇ ھازىرقى زامان مۇزىكىلىرىدىن HIP-HOP、R&B قاتارلىقلار.دۇمباق ئۇدار رېتىمى ھەر قانداق مۇزىكىنىڭ دەسلەپكى شەكلى يەنى قىلىپىدۇر.50~60- يىللاردىكى جاز دۇمباقلىرىدىن 80- يىللاردىكى تولغانمائۇسۇل مۇزىكىلىرىغىچە ۋە ھازىرقى زامان دۇمباق ئاۋازلىرىنىڭ رەڭگارەڭلىگى ۋە كۆپ خللىغى ھەرقانداق بىر سازدىن ئىشىپ چۈشىدۇ.تۆۋەندە بىز مۇزىكا ئىشلەشتە دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە دۇمباق ئاۋاز تۈسىدىكى يۇمشاق دىتاللار بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى.
1-دۇمباق پاسلىرىنىڭ مۇتەخخەسىسى تەقلىدىي دۇمباقچى:Groove Agent

Steinberg شېركىتى تەقلىدىي گىتتارچى يۇمشاق دىتالىنى بازارغا سىلىپ بولۇپلا،ئارقىدىن تەقلىدىي دۇمباقچى --Groove Agent,Groove Agentنى بازارغا سالدى،ئۇ دۇنيادىكى داڭلىق دۇمباق ئاۋازلىرىنى ۋە ئۇسلۇبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.ئۇ 50 نەچچە خىل دۇمباق ئاۋازىدىن تەشكىل قىلدى.ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالىدىغا ھەر خىل ئوخشىمىغان پاس ۋە ئارا(ناخشىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى دۇمباق ) دۇمباق ئاۋازلىرى بار .سۆرىتىنىڭ ئوخشىماسلىغى ۋە ئۇسلۇبۇنىڭ ئوخشىماسلىغىدىن پايدىلىنىپ نەچچە مىڭ خىل دۇمباق پاسلىرىنى ياسىغىلى بولىدۇ.شۇنداڭلا ئۇنىڭ ئاۋاز تۈسلىرىنى MIDI شەكىلىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ،ئكزىڭىزنىڭ خاھىشى بويىچە خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ،ئەڭ يۇقۇرى نەشىرى:2.0
2-Native Instruments شېركىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى دۇمباق ئاۋازى يۇمشاق دىتالى :Battery

Battery بولسا دۇمباق ئاۋازلىق قىستۇرما يۇمشاق دىتال،ئۇ نۇرغۇنلىغان دۇمباق ئاۋازلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ،لىكىن ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل پاسلىرى يوق،يىقىدا ئۇنىڭ 2.0 نەشىرى بازارغا سىلىندى،(پېقىر ماكان بۇنىڭ 3.0 نەشىرىنى كۆرگەن)تۆۋەندە 2.0 نەشىنرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تونۇشتۇرىمەن(يېڭى ئىقتىدارلىرى).
ئەڭ يېڭى ئۈلگە ئىلىش ئىقتىدارى
ئاۋاز ياساش ۋە تەڭشەش ئىقتىدارى
ئۈلگە ئىلىش سېستىمىسى 72 گە كۆتۈرۈلگەن
دولقۇن سۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە،15 خىل دولقۇن سۈزۈش شەكلى
پىرىسلانغان ئاۋاز ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى
32bit لىق نازۇكلۇق دەرىجىسىنى تەڭشىگۈچ
ھەر بىر ئۈلگە ئىلىش سېستىمىسىنىڭ 128 ئۈلگە ئىلىش قەۋىتى بار
16 تاق يوللۇق ۋە 8 ئىستىرولۇق چىقىرىش تۆشىگى،128 ئىستىرولۇق ئاۋاز بۆلىگى
ئۈلگە ئىلىش سېستىمىسىنىڭ يىڭىچە ئۈستەل يۈزى كۆرۈنىشى،ئۈلگە ئىلىش سېستىمىسىنىڭ سانىنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتىلىشى،ۋە چوڭ كىچىكلىگىنى تەڭشەش
يىڭىچە 3.5GB لىق ئاۋاز تۈسى
قوللايدىغان ئۈلگە ئىلىش سېستىمىلىرى:EXS24、Gigasampler、HALion、 AKAI S-1000/S-3000、REX I/II、AIFF、WAV、SDII、SoundFont2、SampleCell、LM4、KONTAKT、INTAKT、KOMPAKT、BATTERY(version 1)
Battery2 نىڭ ئىقتىدارىدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى ئۇ ئاددىي دۇمباق ئاۋازى بولماسىتىن بەلكى شەكىل ۋە قىلىپ جەھەتتىن تولۇق بولغان ئۈلگە ئالغۇچتۇر(采样器).ئەمما، ئاسالىق دۇمباق ئاۋازلىرىنى تەھرىرلەشكە مۇۋاپىق يۇمشاق دىتالدۇر.
3-CUBASE ئىچىدىكى دۇمباق ئاۋاز تۈسى LM7

LM7 تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرماي ،ئۇ CUBASE نىڭ ئىچىدە بار دۇمباق ئاۋازلىق يۇمشاق دىتال،ئۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى مۇزىكىلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ.
4-Best Service شېركىتىنىڭ ئىككى خىل دۇمباق ئاۋاز تۈسىدىكى يۇمشاق دىتالى Artist Drums ۋە Artist Grooves


Best Service شېركىتى ئىشلەپ چىقارغان بۇ دۇمباق ئاۋازلىق يۇمشاق دىتال Simon Phillips,Dennis Chambers,Kenny Aronoff ۋەMel Gaynor قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق دۇمباق ئاۋازىدىن ئۈلگە ئىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ،دۇنياغا داڭلىق ئاۋازغا ئىلىش ئۆيى يەنى بىلگىيەنىڭ Galaxy Studios ئاۋازغا ئىلىش ئۆيىدە ئۈنگە ئىلىپ تەھرىرلىنىپ ئىشلەپ چىقىرىلغان.
Artist Drums دا ھەر بىر ئۇسلۇبتىكى دۇمباقلارنىڭ نۇرغۇنلىغان MIDI ھۆجىتى بار بولۇپ،سىز MIDI ھۆججەتنىڭ ئاساسىدا ئۇنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز،دۇمباق ئاۋازلىرىنى ياساشقا بەك ئەپلىك.
Artist Grooves دۇنيادىكى داڭدار دۇمباقچىلارنىڭ چىلىش ئۇسلۇبىنى ئۈلگە قىلىپ ياسالغان بولۇپ ،پاسلىرى شۇنداق مول،ئۇنىڭ loops لىرىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن پاسلىرى دەششەت ئىسىل.
Artist Drums ئىككى دانە CD بولۇپ سېغىمى:1.1G
Artist Grooves بولسا 1G ئەتراپىدا،بۇلارنى دوسلارغا تەۋىسسىيە قىلىمەن.
5-دۇمباق ئاۋازلىق يۇمشاق دىتاللار ئىچىدىكى ئاتلىق ئەسكەر:EZ drummer

EZ drummer ھەجىمى كىچىك بولۇپ 600M ،ئاۋاز تۈسى خىلى ئىسىل،ئۇنىڭ تەھرىرلەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ پاسلىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز،شۇنداق ئەپلىك ،دۇمباقلارنىڭ چىڭ-بوشلىغىنى ۋە سۆرىتىنى،ئاۋازنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىگىنى.............تەڭشىيەلەيسىز.
ئەڭ ئىسىل ئىقتىدارى MIDI ئىقتىدارى بولۇپ MIDI ئاۋازلىرىنى بىۋاستە CUBASE قاتارلىق مۇزىكا ئىشلەيدىغان يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئىچىگە سۆرەپ ئىكىرەلەيسىز.دوسلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەنundefined
6-تارخىتىن بۇيانقى ئەڭ دەششەت نوچى دۇمباق ئاۋاز يۇمشاق دىتالى:BFD

FXPansionشېركىتى ئىشلەپ چىققان BFD دۇمباق ئاۋازلىق يۇمشاق دىتال دۇنيادىكى ئەڭ نوچى دۇمباق ئاۋازلىق يۇمشاق دىتال ھىساپلىنىدۇ.
2 دانە DVD ھەجىمى 5.5GB،كومپىيۇتىرغا بولغان تەلىېى يۇقۇرىراق بولۇپ سەپلىمىڭىز ياخشى بولسا ئومدان ئىشلەيدۇ.كىيىن بۇنىڭ ھەجىمى يەنە چوڭايتىلدى .1-قىسىمى 5 دانەDVD بولۇپ 14.1GB،ئىككىنجى قىسىمى 3 DVD بولۇپ 8.7GB،ئۇنىڭ MIDI تەھرىرلەش ئىقتىدارى شۇنداق ئەپلىك، BFD سىزنىڭ مۇزىكا ئىشلىشىڭىزدىكى ئاخىرقى تاللىشىڭىز.
7-يەنە بىر بودەك، دۇمباق ئاۋازلىق قىستۇرما يۇمشاق دىتال ،«دوزاق دۇمبىغىى» دەپ نام ئالغان يۇمشاق دىتال rumkit From Hell Superior

«زاقنىڭ دۇمبىغى»Drumkit From Hell Superior بولسا SOSژورنىلى تەرىپىدىن 5 يۇلتۇزلۇق ئۈنىۋانغا ئىرىشكەن،ژورنال ئۇنۇڭغا مۇنداق باھا بەرگەن«ئويلاپ يەتكۈسىز،ئاۋازى كارامەت ئىسىل،بىز ھەر قانداق تولغانما مۇزىكا ۋە مودا ناخشا ئىشلەيدىغان مۇزىكانتلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمىز،شەك شۈبىسىز.5-دەرىجىلىك!».
5 تال DVD بولۇپ 33G چوڭلۇقتا،ئالامەت ئىسىل يۇمشاق دىتال ،دوسلارغا تەۋىسسىيە قىلىمـــــەن.
8-دۇمباق ئاۋاز تۈسىدىكى يۇمشاق دىتاللار ئىچىدىكى يېڭى ئاق سۆڭەك:XLN Audio Addictive Drums

BFD نىڭ كومپىيۇتىرغا بولغا تەلىۋى يۇقۇرى، ئەمما Addictive Drums بولسا ئىقتىدار جەھەتتىن BFD تىن قىلىشمايدۇ،كومپىيۇتىرغا بولشان تەلىۋىمۇ يۇقۇرى ئەمەس،ھازىر ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشىۋاتقىنى يەنىلا Addictive Drums.
Addictive Drumsنىڭ ئاۋاز بىرلەشتۈرۈپ تەھرىلەش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئەپلىك،ئۇنىڭ ئۈنۈم قوشۇش ئىقتىدارىمۇ شۇنداق ياخشى بولۇپ ئۆزىڭىز خىالىغان ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.ئۇنىڭ ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى MIDI پاسلىرى بار،بىۋاستە مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالىغا سۆرەپ ئىكىرىپ ئىشلىتەلەيسىز،ھەجىمى:1.8G.
9-Best Service شېركىتى چىقارغان ،ئاۋاز تۈسى جەھەتتە قاتتىق دىتاللار بىلەن تىركىشەلەيدىغان ئىلىكتىرونلۇق دۇمباق ئاۋاز يۇمشاق دىتالى rums Overkill

Drums Overkill بولسا 155 خىل دۇمباق ئاۋازىدىن تەركىپ تاپقان،60-يىللاردىكى ئىلىكتىرونلۇق دۇمباق ئاۋازىدىن،70-80-90- يىللار ۋە ھازىر قى ھەر خىل دۇمباق ئاۋازلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،27مىڭ خىل ئوخشاش بولمىغان دۇمباق ئاۋازىدىن تەركىپ تاپقان،دۇمباق ئاۋازنىڭ ئۇسلۇبلىرى:1980's Pop & Dance、Club、 House、 Dance、Techno、Garage、Trance、Hardcore、Drum & Bass、 Electronic、Experimental、80's Rap & Old School、HipHop、RnB、Pop、Vintage & Oldies、 Big Beat、Pop Ballads قاتارلىق.
ئاۋاز سۈپىتى ئادەتتىن تاشقىرى ئىسىل،ئۆزنىڭ ئاۋاز ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ۋە ئاۋاز تەھرىرلەش ئىقتىدارلىرى بار،ئاۋازلارنى خالىغانچە تەھرىرلىيەلەيسىز.سېغىمى:2.8GB بولۇپ KONTAKT نىڭ ئۈستەل يۈزىنى باشقۇرۇش كۆزىنىگى قىلغان ،باشقۇرۇشقا ئەپلىك.
10-Ueberschall شېركىتىنىڭ LOOP ئاۋازلىق قىستۇرما يۇمشاق دىتالى:BPM120

Ueberschall شېركىتى ئىشلەپ چىققان LOOP ئاۋازلىق قىستۇرما يۇمشاق دىتاللار VLP120、PLP120、VCP120、BPM120,BPM120،ئۇ دۇمباق پاسلىرى تىپىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتال،پاسلىرى ئالامەت ئىسىل،ئۇنىڭ LOOP ئاۋازلىرى ئاۋاز چاستوتىسى شەكلىدە(音频) بولغاچقا ئۇنى ئۆزگەرتىش ئەپسىز،لىكىن ئاۋاز سۈپىتى 1-دەرىجىلىك،ساقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك.
11-HIP-HOP مۇزىكىلىرىنى ئىشلەشتىكى ياردەمچىڭىز ،دۇمباق ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتال :E-LAB Obsession

E-LAB Obsessionنىڭ 8يولىدا LOOP ئاۋازلىرىنى قويغۇلى بولىدۇ،ئۇ 3.5G لىق دۇمباق ئاۋاز تۈسىنى ،loops ئاۋازلىرىنى شۇنداقلا شۇنداق جىق پاسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،ئۇ HIP-HOP、R&B مۇزىكىلىرىنىڭ دۇمباق ئاۋازلىرىنى ئىشلەشتىكى دەسلەپتىكى تاللىشىڭىز.
12-دەرىجىدىن تاشقىرى، دۇمباق پاسلىرىنىڭ پىرى،ئۇ بولسىمۇ ئەڭ نوچى دۇمباق تۈسىدىكى بىرىكتۈرمە چالغۇ قىستۇرما يۇمشاق دىتالى: Stylus RMX

Spectrasonics شېركىتىنىڭ بۇ ئىسىل بىرىكتۈرمە چالغۇ دىتالى 7.4GB لىق دۇمباق ئاۋاز تۈسىگە ئىگە،1-ئەۋلاد Stylus نىڭ ھەجىمىگە قارىغاندا 3 ھەسسە چوڭ ،ئۇئاپتۇماتىك ھالدا ئۇدار رىتىمىگەئەگىشىپ ماڭالايدۇ،ئۇنىڭ بىلەن نەق مەيداندا ئۇيۇن قويسىڭىز قەتتى ئالدى كەينى بولمايدۇ،رىتىمى قالايمىقانلاشمايدۇ،ئۇنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرى تولۇق،ئۇنىڭ پاسلىرىنى بىۋاستە مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتاللىرىغا سۆرەپ ئىكىرىپ ئىشلىتەلەيسىز،چوڭلىغى10.6GB ،ئۇ ھەقىي دۇمباق،ئىلىكتىرونلۇق دۇمباق،ھەر خىل بىركىتۈرمە دۇمباقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسىل دۇمباق ئاۋازلىق يۇمشاق دىتال،دوسلارنى ئىشلىتىشىگە تەۋىسسىيە قىلىمەن.
13-ئىقتىدارى تولۇق دۇمباق ئاۋازلىق يۇمشاق دىتال:Miracle

Miracle ئاساسەن ئىلىكتىرونلۇق دۇمباق تىپىدىكى دۇمباق ئاۋازلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،ئىسىللىرىدىن :808、909 مۇ بۇنىڭ ئىچىدە،پاسلىرى ئىنتايىن مول،سىز بىۋاستە ئۇنىڭ LOOP ئاۋازلىرىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ،يەنە ئۇنىڭ دۇمباق ئاۋازلىرىدىن پايدىلىنىپ پاس ياسىسىڭىزمۇ بولىدۇ،بولىدىغان يۇمشاق دىتال.
14-ئۇسۇل مۇزىكىلىرىنى ئىشلەشتە ئىشلىتىلىدىغان دۇمباق ئاۋازلىق قىستۇرما يۇمشاق دىتال:The Elements Of Trance

راس گەپنى قىلساقThe Elements Of Trance ئۇسۇل مۇزىكىسىنى ئىشلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قىستۇرما يۇمشاق دىتال،ئۇنى دۇمباق ئاۋازلىق قىستۇرما يۇمشاق دىتال دىسەك بەك چوڭ قالپاق كىيدۈرۈپ قويغان بولىمىز.The Elements Of Trance نۇرغۇن LOOP ئاۋازلىرىدىن باشقا باس ئاۋازلىرى ۋە باشقا بىرىكتۈمە يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،ئۇنىڭ LOOP ئاۋازىدىن پايدىلىنىپ ئىسىل ئۇسۇل مۇزىكىلىرىنىڭ دۇمباق پاسلىرىنى يارىتالايمىز.
15-Ueberschall شېركىتىنىڭ يەنەبىر يۈرۈش پاس تىپىدىكى يۇمشاق دىتالى:Elastik

Elastik بولسا دۇمباق پاسلىرىنى ئاساس قىلغان يۇمشاق دىتال،ئۇ:Ueberschall.60's.GOGO、Ueberschall.Oriental.RnB、Ueberschall.The.Resource、Ueberschall.Hip.Hop.Underground、 قاتارلىق 4 خىل ئۇسلۇبتىن تەركىپ تاپقان،ئۇ دۇمباق ئاۋازلىرىنىڭ پاسلىرى ۋە باشقا سازلارنىڭ LOOP پاسلىرىدىن تەشكىللەنگەن،يەنى:گارمون،گىتتار،باس،نەيلىك-تارىلىق چالغۇلارنىڭ قاتارلىق سازلارنىڭ LOOP پاسلىرىدىن تەركىپ تاپقان.ئۇ ھەقىقىي چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازنى ئۆرنەك قىلىپ ئىشلەنگەن.ئۇنىڭ ئاۋاز نوتىلىرىنى ئۆزگەرتىش شۇنداق قۇلايلىق،ئاۋازنى يۇقۇرى-تۆۋەن،سۆرەتنى تېز-ئاستا قىلىشقا بولىدۇ.ئۇنىڭ LOOP ئاۋازلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىسىل HIP-HOP ۋە R&B پاسلىرىنى ئىشلىگىلى بولىدۇ.
16-Ueberschall شېركىتىنىڭ يۇمشاق دىتاللىرى ئىنتايىن كۆپ،بۇ دۇمباق ئاۋازلىق قىستۇرما يۇمشاق دىتال LP120 نى چوقۇم سۆزلەپ ئۆتىمەن

PLP120 دۇمباق پاسلىرىنى ئىشلەيدىغان ئىسىل يۇمشاق دىتال،پاسلىرىنىڭ ئۇسلۇبلىرى تولۇق، 1000 دانە 4 تاكىتلىق loops ۋە 400 دىن ئارتۇق ئارا دۇمباق(ناخشا مۇزىكىنىڭ ئوتتۇرسىدا قوشۇپ قويىدىغان ئاۋازلىرمىز) بار.PLP120 نىڭ ئىشلىتىشچانلىغى ھەقىقەەتەن ياخشى،شۇنداق يىقىملىق،مۇزىكا ئىشلەشتىكى ياخشى ھەمرا،دوسلارنىڭ ئىشلىتىشىگە تەۋىسسىيە قىلىمەن.
17-Zero G ئىشلىگەن ئافىرىقا لاتىن پاسلىرى تىپىدىكى دۇمباق ئاۋازى:Afrolatin Slam

Afrolatin Slam ئافىرىقا ۋە جەنۇبى ئامىرىكىدىكى مىللەتلەر ئىشلىتىدىغان لاتىنچە پاسلارنى ئاساس قىلغان يۇمشاق دىتال،لاتىنچە دۇمباق پاسلىرىنى ئىشلەشتىكى ياخشى قۇرال،سېغىمى 600 مىگابايىت،INTAKT نىڭ ئۈستەل يۈزى كۆرۈنىشىنى كونتىرول قىلىش يۈزى قىلغان،ئاۋازلارنى تەھرىرلەش شۇنداق قۇلايلىق.
شۇنىڭ بىلەن دۇمباق تۈسىدىكى قۇستۇرما يۇمشاق دىتاللارنى تونۇشتۇرۇشۇم مۇشەگىچە بولىدۇ،نۇرغۇن،مەسىلەن:Wizoo Darbuka and La،East west Adrenaline、 Hip-Hop،R&B،Nu Jointz،Analogue Sequencer Loops،Stormbreakz قاتارلىق نۇرغۇن نۇرغۇن.....دۇمباق تۈسىدىكى يۇمشاق دىتاللارنى تونۇشتۇرمىدىم،دۇمباق تۈسىدىكى يۇمشاق دىتاللار شۇنداق كۆپ.ئۆزىڭىز لايىق كۆرگەننى ئىشلىتىڭ،ھەممىسىنى قاچىلاپ، مەدىنىي يادىكارلىقلارنى يىغىپ ساقلىغۇچى بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ.بىزنىڭ مەخسىدىمىز ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەننى ئىشلىتىپ ئىسىل مۇزىكا ئىشلەش. |