ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 421 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 2353|ئىنكاس: 11

كومپىيۇتىردا مۇزىكا ئىشلەش توغرىسىدا قىسقىچە دەرس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-8
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
4
جۇغلانما
200
يازما
152

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-4 20:21:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەممىڭلارنىڭ روزى ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

بۇ تېمىمىزدا، كومپىيۇتىردا مۇزىكا ئىشلەشنى يېڭى باشلىغۇچىلار ئۈچۈن قىسىقىچە قىلىپ مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن نىمىلەر كېرەك دىگەننى قىسىقىچە ئۈگىنىپ ئۆتىمىز.

مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن لازىملىق بىرىنچى نەرسە بولسا قابىلىيەت ۋە مۇزىكا سېزىمىدۇر. ئەگەر بۇ يوق بولسا ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشقا كىرىشمىگەن ياخشى.
ئىككىنچىسى بولسا ۋاقىت ۋە سەۋىر. بەزىدە بىر مۇزىكىنى ئىشلەشكە كۈنلەر ئەمەس ئايلار كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بۇلىدۇ.
ئۈچىنچىسى بولسا لازىملىق ئۈسكۈنە ۋە يۇمشاق دېتاللار. تۆۋەندە بۇلارنى ئۈگىنىمىز.

كومپىيۇتىر:

مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن چوقۇم ياخشى بىر كومپىيۇتىرىڭىز بۇلىشى كېرەك. كۈچلۈك بىر CPU رىڭىز بولسا VST لاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايسىز. چۈنكى VST لارنىڭ ئۈنۈمىنى CPU بىۋاستە ھالدا بەلگىلەيدۇ. ئاندىن ROM خاراكتېرلىق يەنى سىغىمى نەچچە جى كېلىدىغان VST لاردا ئىچكى ساقلىغۇچمۇ بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئامال بار ئىككى ياكى تۆت يادرولۇق CPU ۋە 800/1066 چاستوتىلىق ياكى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئەڭ ئاز ئىككى گىگابايت ئىچكى ساقلىغۇچلۇق بىر كومپىيۇتىر قۇراشتۇرۇش كېرەك.
قاتتىق دىسكىنى ئەگەر Raid 0 قىلىپ قۇرالىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى بۇ ئارقىلىق دىسكىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بۇلىدۇ. ئەگەر Raid 0 دىگەن نىمە ئۇ؟ يەيدىغان نەرسىمۇ يا؟ ماڭا بىلىدىغان نەرسە سۆزلە سۆزلە دېسىڭىز ئۇ چاغدا SATA II قاتتىق دىسكىلىرىدىن ئېلىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ. ھازىر سېتىلىۋاتقان قاتتىق دىسكىلار ئاساسەن دىگۈدەك SATA II نى قوللايدۇ.
سۈرەت كارتىسى بەك ئىلغار بولۇپ كەتمىسىمۇ بۇلىدۇ. لېكىن شارائىت يار بەرسە 2 تال DVI ئۇلىنىشى بولغان كارتا سېتىۋالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى بۇ ئارقىلىق كومپىيۇتىرغا ئىككى ئېكراننى باغلىغىلى بۇلىدۇ، كۆرۈنۈش ئىككى ئېكرانغا يېيىلىدىغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەركىن-ئازادە ئىش قىلغىلى بۇلىدۇ. كۆزنەكلەرنىڭ ئىچىدە بوغۇلۇپ قالمايسىز.  

يەنە بىر مۇھىم نەرسە بولسا قاتتىق دىسكا. كومپىيۇتىردا مۇزىكا ئىشلىگەندە مۇزىكا ھۆججەتلىرىنى چوقۇم باشقا بىريەرگە زاپاس ساقلاپ مېڭىش كېرەك. چۈنكى ئەگەر زاپاس ساقلىمىغان بولسىڭىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاتتىق دىسىكدىن چاتاق چىقسا پۈتۈن مۇزىكا ھۆججەتلىرىڭىزنى يوقىتىپ قۇيىشىڭىز مۈمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىغىمى چوڭراق قاتتىق دىسكا ئېلىپ مەسىلەن 250 ياكى 500 جى دىگەندەك، ئۇنى نەچچىگە بۆلۈمگە بۆلۈپ، سېستىمىنى بىر بۆلۈمگەقۇرۇپ زاپاس ھۆججەتلەرنى باشقا بۆلۈمدە ساقلىساق بۇلىدۇ. ياكى ماڭا ئوخشاش ئىككى ئايرىم قاتتىق دىسكا ئېلىپ بىر دىسكىغا سېستىمىنى قۇرۇپ يەنە بىر دىسكىنى ئامبار قىلىپ ئىشلەتسەك بۇلىدۇ.

ئاۋاز كارتىسى:
  
ئاۋاز كارتىسى بولسا مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن لازىملىق بولغان يەنە بىر مۇھىم پارچىلارنىڭ بىرسى. ئاۋاز كارتىسى ئالغاندا ASIO نى قوللايدىغان ۋە ئاۋاز كېچىكىشى ئاز بولغان كەسپىي كارتىلاردىن ئېلىش لازىم. كارتىنىڭ كىرىش-چىقىش تۆشۈكلىرى ئوخشىمايدۇ، بەزى كارتىلاردا جىق بەزىلىرىدە ئاز بۇلىدۇ. بۇنى كارتىغا باغلىماقچى بولغان ئۈسكۈنىلەرگە قاراپ تاللىساق بۇلىدۇ. مەن پەقەتلا VST ئارقىلىق مۇزىكا ئىشلەيمەن دېسىڭىز ( جىقىمىز مۇشۇنداق قىلىمىز)M-Audio 24/96 ئاۋاز كارتىسى ئىنتايىن مۇۋاپىق. ھەم باھاسى ئەرزان ھەم ئىقتىدارى ياخشى. ئەگەر، ياق مەن كومپىيۇتىرغا ھەقىقىي ئۈسكۈنە باغلايمەن ھەم VST مۇ ئىشلىتىمەن، مەندە ھەقىقىي Mixer بار دېسىڭىز، ئۇ چاغدا Firewire 18/16 كارتىلىرىدن ئالسىڭىز بۇلىدۇ.

M-Audio 24/96



E-MU 1820m Firewire



MIDI رىيال:




بۇنىڭ ئۈچۈن 2 ئىككى ئوكتاۋالىق 16 تىللىق بىر MIDI رىيال ئالسىڭىز دەسلەپكى قەدەم ئۈچۈن يېتىدۇ. ئەگەر، ياق يەتمەيدۇ، مەن دىگەن بىتخوۋىننىڭ مۇزىكىلىرىنى چالىدىغىنى دەپ تۇرىۋالسىڭىز 5 ئوكتاۋالىق 61 تىللىق رىيال ئالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.  

كەسپىي ياڭراتقۇ:

مۇزىكا ئىشلەشنىڭ ئەڭ مۇھىم يەرلىرىدىن بىرسى بۇ. توغرا ئاۋاز ئۈنۈملەش ئۈچۈن چوقۇم كەسپىي ياڭراتقۇ شەرت. ئاۋازنى توغرا ئاڭلاش ئىنتايىن مۇھىم، كەسپىي ياڭراتقۇلار پۈتۈن ئاۋازلارنى ئەڭ تۈز، باشقا نەرسە ئارىلاشمىغان ھالىتىدە چىقىرىپ بېرىدۇ. لېكىن كەسپىي ياڭراتقۇلارنىڭ باھاسى ئىنتايىن يۇقىرى، شارائىتى يار بېرىدىغانلار ئالسا بۇلىدۇ، يار بەرمەيدىغانلار ياخشىراق بىر تىڭشىغۇچ ( 耳机 ) بىلەن يۇلىغا داۋام قىلسا بۇلىدۇ. مەن مۇزىكا ئىشلىگەندە تولىراق تىڭشىغۇچ ئىشلىتىمەن. ياڭراتقۇغا M-Audio BX8 ئالساڭلار بۇلىدۇ، ھەم ئەرزان ھەم ئىقتىدارى ياخشى. تىڭشىغۇچنى ئامال بار كەسپىي تىڭشىغۇچ ئېلىڭلار.

M-Audio BX8 ياڭراتقۇ:



AGK-K 271 تىڭشىغۇچ :



مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دېتالى:

قايسى دېتال ئەڭ ياخشى دىگەندەك تالاش-تارتىشلارنى جىق كۆرۈپ كەتتىم، مېنىڭچە بۇ پۈتۈنلەي ئورۇنسىز تالاش-تارتىشلار. چۈنكى دېتالدىن بەكراق ئىشلەنگەن مۇزىكا مۇھىم. ئەڭ ياخشى دەپ قارلغان دېتالنى ئىشلىتىپ تۈزۈك مۇزىكا چىقىرالمىغاندىن ئۆزى بىلىدىغان ئاددىي دېتالنى ئىشلىتىپ ياخشى مۇزىكا چىقارغان تېخىمۇ ئەۋزەل. يەنى دېتال مۇھىم ئەمەس ئىشلەنگەن مۇزىكا مۇھىم. ئاللاغا شۇكرى بىزنىڭ ماكان تورىدا تېخى بۇنداق تالاش-تارتىشلار بولمىدى.  

يۇمشاق دېتاللار Mac ۋە PC دەپ ئىككى كاتىگورىيەكگە بۆلۈنىدۇ. ئەگەر Mac سېستىمىسى ئىشلەتسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق يۇمشاق دېتال Logic Pro . نۇرغۇنلىغان داڭلىق مۇزىكانتلار Logic Pro ئىشلىتىدۇ. لېكىن Mac سېستىمىلىق بىر كومپىيۇتىر قۇرۇش خېلىلا قىممەتكە توختايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە Mac نىڭ دېتاللىرى بەك قىممەت. بىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىمىزدىن قارىغاندا ئەڭ مۇۋاپىقى Window سېستىمىسى يەنى PC.

PC ئۈچۈن تاللاشلار جىق، مەسىلەن:

Cubase
Nuendo
Reason
FL Studio
Ableton Live
      Cakewalk Sonar قاتارلىق ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان دېتاللار بار.

Cubase بولسا VST تېخنىكىسىنى ئىجات قىلغان ۋە بۇ ئىشنىڭ ئاساسىنى قۇرغان بىر يۇمشاق دېتال. مۇزىكا ئىشلەش جەھەتتە ئىقتىدارى كۆپ، سۈپەتلىك بىر دېتال. نۇرغۇنلىغان داڭلىق مۇزىكانتلارنىڭ ئايرىلالمايدىغان دېتالى. ماكان ئەپەندىنىڭ Cubase توغرۇلۇق تەپسىلى كۆرۈنۈشلۈك دەرسلىكى بار. Cubase نى تاللىغانلار شۇنى چوقۇم كۆرۈڭلار.

Reason بولسا ئۆز ئىچىدە پۈتۈنلەي ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ بىلەن ئىشلەيدىغان باشقا دېتاللاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان بىر دېتال. VST نى قوللىمايدۇ، لېكىن ئۆز ئىچىدىكى قوشۇمچە دېتاللار ئارقىلىق ھەر خىل ئاۋازلارنى ئۆزىمىز تەڭشەپ چىقىرىمىز. باشتا سەل تەس كېلىشى مۈمكىن لېكىن كۆنگەندىن كېيىن ئايرىلالمايدىغانلارمۇ بار.

FL Studio بولسا 1998- يىلى چىققان ۋە مۇزىكا ئىشىدا خېلى كونا دېتاللاردىن بىرسى. مۇزىكىغا يېڭى باشلىغۇچىلارنىڭ جىقى بۇ دېتال بىلەن باشلايدۇ. ئىشلىتلىشى ئىنتايىن ئەپلىك ۋە ئاسان. بۇ دېتال ئارقىلىق دۇنياغا داڭلىق مۇزىكىلار ئىشلىگەن مۇزىكانتلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ دېتالنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن بىرسى بولسا بارلىق مۇزىكا تۈرلىرىنى ئىشلىگىلى بۇلىدۇ ۋە ئەڭ مۇھىمى بىر مۇزىكا ئىشلەش جەريانىدا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بۇلىدۇ. ئۆز ئىچىدىكى ئۈنۈملىگۈچلەرنىڭ سۈپىتىمۇ ياخشى. پېقىرمۇ مۇزىكىلىرىنى مۇشۇ دېتالدا ئىشلەيدۇ.

Ableton Live بولسا ئىسىمىدىن چىقىپ تۇرغىنىدەك يىنىك تۈردىكى مۇزىكىلارنى ئىشلەش ئۈچۈن چىقىرىلغان بولۇپ، كېيىن بولسا تەرەققىي قىلىپ نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكى بولغان بىر يۇمشاق دېتالغا ئايلاندى. سەل مۇرەككەپراق، لېكىن كۆنگەندىن كېيىن ئىشلىتىشكە ئەپلىك.

Cakewalk Sonar بەك جىق ئىشلىتىلىپ كەتمەيدىغان لېكىن بەزىلەرنىڭ ۋاز كېچەلمەيدىغان دېتالى. مۇشۇنى ئىشلىتىشنى خالايدىغانلار بولسا بۇ دېتال بىلەنمۇ ئىنتايىن ياخشى مۇزىكىلارنى ئىشلەشكە بۇلىدۇ.  

VST -ئاۋاز تۈسلىرى:

Vanguard :

Refx  شېركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇنلىغان مۇزىكانتلار ئىشلەتكەن بىر ئاۋاز تۈسى. بۇ چوقۇم بۇلىشى كېرەك، كېڭەيتىلگەن ئاۋاز بانكىلىرىمۇ قۇلىمىزدا بۇلىشى كېرەك.

V-Station:

Novation شېركىتىنىڭ داڭلىق رىيالىنىڭ بىرمۇ-بىر يۇمشاق دېتالغا ئايلاندۇرۇلغان ھالىتى. چوقۇم بۇلىشى كېرەك.

Z3ta :

ئاۋازلىرى جانلىق ۋە سۈپەتلىك ئىنتايىن ياخشى يەنە بىر ئاۋاز تۈسى.

Nexus :

يېڭى چىققان ئاۋاز سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى ئاۋاز تۈسى. ئىنتايىن جىق ئاۋاز بار. كېڭەيتىلگەن ئاۋاز تۈسلىرى بىلەن قوشۇلۇپ 10 جى ئەتراپىدا كېلىدۇ. چوقۇم قۇلىمىزدا بۇلىشى كېرەك. مۇنبەردە Nexus توغرۇلۇق پېقىر يازغان بىر تېما بار. كۆرۈپ باقساڭلار بۇلىدۇ.

ئاۋاز ئۆرنەكلىگۈچ:

ئاۋاز ئۆرنەكلىگۈچلەرنىڭ خىلى جىق. مەسىلەن Giga Studio, Vsampler, Kontakt دىگەندەك. بۇلارنىڭ ئىچىدە Kontakt جىق ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈنۈملىگۈچ:

مۇزىكىنى ئىشلەپ بولۇپ ئۇنىڭغا ئۈنۈم بېرىش ئۈچۈن ئۈنۈملىگۈچ لازىم. نۇرغۇنلىغان ئۈنۈملىگۈچلەر بار. مۇنبەردە ماكان ئەپەندى خېلى جىق چىقاردى. ئۈنۈملىگۈچلەرنىڭ ئىچىدە Waves نىڭ ئۈنۈملىگۈچلىرى داڭلىق ۋە سۈپەتلىك. Waves Mercury Bundle نى چۈشۈرۈپ قۇرسىڭىز پۈتۈن لازىملىق ھەممە ئۈنۈملىگۈچلەر قۇرىلىدۇ.

ئاۋازلار:

ئۇدار، چاۋاك، دۇمباق، چىك-چىك قاتارلىق ئاۋازلار ئۈچۈن بىر ئۇدارلىق Wav ياكى Rex شەكلىدىكى ئاۋازلار لازىم. بۇلاردىن چوقۇم بۇلىشى كېرەك. ياخشى بىر بوشلۇق تاپسام قۇلامدا بار ئاۋازلاردىن چىقىرىمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
شۆھرەت
71
پۇل
73
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
تىزىملاتقان
2008-3-9
نادىر
0
جۇغلانما
71
يازما
332
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-4 23:23:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوققىنى  مەن  ئاپتىمەن  دە،  رەخمەت   سىزگە ،   رويال  چالالمايدىغانلاغا  مۇزىكا  ئىشلەش  بەك  تەس  كېلىدىكەن ،  MIDI  گىتار  قانداقراق  نەرسىدۇ ؟  ئىشلىتىپ  باققان  دوستلار باھا   بېرىپ  باقمامسىلەر ؟

Rank: 2

توردا
145 سائەت
شۆھرەت
156
پۇل
351
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2008-4-30
نادىر
0
جۇغلانما
156
يازما
180
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-5 00:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Nexusماۋۇ دىتالىڭىزنى بوشلۇققا چىىرىپ قويمامسىز؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
728 سائەت
شۆھرەت
431
پۇل
574
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-5-12
نادىر
2
جۇغلانما
431
يازما
772

makan makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-5 00:47:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى يوللانما DJ_MardaN تەرىپىدىن 2008-10-4 20:21 دە يوللانغان
بىر بوشلۇق تاپسام قۇلامدا بار ئاۋازلاردىن چىقىرىمەن

http://www.qupan.com
ماۋۇ بوشلۇقنى ئشلىتىپ بىقىڭ ~~~~~
سىزگە كۆپ رەھمەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
شۆھرەت
168
پۇل
93
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
تىزىملاتقان
2008-7-8
نادىر
6
جۇغلانما
168
يازما
362
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-5 10:59:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت.بەك ياخشى بىلىملەرنى سۆزلەپسىز.بولسا ۋەدىڭىز بۇيىنچە ئۈزىڭىزدىكى ئاۋاز لارنى يوللاپ قويسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2278
پۇل
2994
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2278
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-5 18:15:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە ھەشقاللا!
دوسلار ئۈچۈن قىلغان ئەمگىگىڭىزگە رەھمەت،ھەممە باشقۇرغۇچىلار سىزدەك مۇشۇنداق مۇنبەرگە كۆيۈنسە ،بىلگەنلىرىنى ئايىماي ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇنداق يازمىلارنى سۇنسا تەرەققىيات تېز بولىدۇ ،شۇنداقلا نەزىريىۋى بىلىملەر بىزدە توختىماي تولۇقلىنىدۇ،يەنە سۆزىلىسەم تېمىدىن چەتنەپ كەتكىدەكمەن.................

Rank: 8Rank: 8

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-8
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
4
جۇغلانما
200
يازما
152

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-6 21:47:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بوشلۇق مەسىلىسى ئىچىمنى جىڭ پۇشادى جۇمۇ. يا ناخشا چىقارغىلى بولمىغان يا باشقا نەرسە چىقارغىلى بولمىغان. مەن كۆرگەننى باشقىلار كۆرەلمىگەن، باشقىلار كۆرگەننى مەن كۆرەلمىگەن. ھەجەپ بىر ئاشۇ .
ئەسلىدە يۇقىرىدىكى دېتاللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنىمۇ بىللە بەرمەكچىتىم، لېكىن مەن چۈشۈرگەن يەردىن سىلەر چۈشۈرەلمەيدىكەنسىلەر.

ۋاقىت چىقىرالىساملا قولۇمدىن كېلىشىچە يوللاپ تۇرىمەن. باشقا ئەزالارمۇ بىلىدىغىنىڭلارنى ئاز-تولا بولسىمۇ يوللاپ تۇرساڭلار بۇلاتتى. ئاران تەستە مۇشۇنداق پەيزە بىر مۇنبەر تېپىۋالغاندا يۇقىتىپ قويمايلى دەيمەن .

Rank: 1

توردا
0 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2008-10-8
تىزىملاتقان
2008-10-8
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
2
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-8 20:18:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ھەقىقەتەن قالتىس تىمىكەن .مۇنبەرگە يېڭى كىرىپتىمەن .مۇكاپاتلاي دىسەم ھېچ تەڭگەميوقكەن.ھارمىغايسىز

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2278
پۇل
2994
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2278
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-8 21:32:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھادىر ئەپەندى بۇنداق تورنىڭ بارلىغىنىمۇ بىلمەيتىڭىزغۇ دەيمەن؟ ،بۈگۈن كونا تورداشلار توردا ئۇچۇرۇشۇپ قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ تور بەتلىرىنى قالدۇرۇشتۇق،مىھمان بوپ كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز،ئۆز-ئارا قوللىشىپ بىرلىكتە تەرەقىي قىلىلى

Rank: 8Rank: 8

توردا
204 سائەت
شۆھرەت
237
پۇل
381
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
تىزىملاتقان
2008-7-7
نادىر
1
جۇغلانما
237
يازما
353

Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-8 22:06:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ناھايىتى تەپسىلى يېزىپسىز ~   ئۈستىدىكى ئىككىسى چۈپەن نى تەييارلاپ بوپتۇ .    ھەممىمىز بىلىشىمىزچە يېزىپ تۇرايلى .  بۇنىڭ يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە كۆپ پايدىسى بولىدۇ .

Rank: 2

توردا
180 سائەت
شۆھرەت
97
پۇل
323
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-8
تىزىملاتقان
2008-7-10
نادىر
0
جۇغلانما
97
يازما
245
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-13 19:22:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ...

Rank: 1

توردا
0 سائەت
شۆھرەت
6
پۇل
58
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-28
تىزىملاتقان
2011-10-6
نادىر
0
جۇغلانما
6
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-21 22:17:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دىگەن كەسپى ياڭراتقۇ ،مىكروفىن ،تىڭشۇغۇچ ، مىدى رويال قاتارلىق مۇزىكا ئىشلەش ئەسۋاپلىرىنى قەيەردىن سىتىۋالىمەن ؟ ئۈرۈمچىدە ساتىدىغان يەرنىڭ ئادىرسنى يوللاپ بەرسىڭىزبوپتىكەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-12 17:23 , Processed in 0.205874 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش