Mike Senior بىز ئۈچۈن 50 تىن ئارتۇق قۇرلۇش ھۆججەتلىرىنى تەمىنلەپ بىزنىڭ ئۈگۈنىشمىز ئۈچۈن ھەقسىز چۈشۈرۈشنى تەييارلىدى .يۇقۇرى ئىنىقلىقتىكى ھۆججەتلەر ۋە ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى قۇرلۇش ھۆججەتلىرىنى ئەمدى جاپا تارتمايلا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز.
Mike Senior بولسا دۇنياغا داڭلىق ‹mixing secrets› نىڭ ئاپتورى.
مۇزىكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى تەھرىرلەش يەنى ئۈنۈملەش جەريانى ھەرقانداق مۇزىكانىت ئۈچۈن مۇھىم بىر ئۆتكەل،شۇنىڭ ئۈچۈن دائىم مەشىق قىلىپ تۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.شۇنداقلا مەشىق قىلىش ئۈچۈن بۇنداق قۇرلۇش ھۆججەتلىرىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، مۇزىكانىتلار Google دىن : ‹multitrack downloads› (كۆپ يوللۇق چۈشۈرۈش) دەپ ئىزدىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك كۆپ يوللۇق بۇنداق ھۆججەتلەرنى يەنى قۇرلۇش ھۆججىتىنى تاپالمايدۇ،تاپقان تەغدىردىمۇ ئاۋاز سۈپىتى ناچار چىقىدۇ ياكى قىسقىلا مۇزىكا بوپ چىقىدۇ.بۇنداق سۈپەتسىز قۇرلۇش ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلىگەندە ھەقىقىي ئۈگۈنۈش ۋە ئىلگىرلەش رولىغا يىتەلمەي ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋىتىدۇ.
بۇ مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ SOS (قىسقارتىلمىسى)نىڭ قۇرغۇچىسى soundonsound(تولۇق ئاتىلىشى) Mike Senior توردىن بىۋاستە چۈشىدىغان ئامبار تەييارلىدى،بۇنۇڭدا سىزنىڭ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈن 50 تىن ئارتۇق‹پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن› كۆپ يوللۇق ھۆججەت تەمىنلەندى.بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز.
ھەر بىر قۇرلۇش ھۆججىتى ZIP شەكلىدە پىرىسلانغان ھالەتتە،24-bit/44.1kHz دائىرسىدىكى يۇقۇرى ئۆلچەمدە WAV فورماتىدا تەمىنلەنگەن.سىز رەھبەر دىتالىڭىزغا بىۋاستە ئەكىرىپلا ئىشلىتەلەيسىز.
ئۇسلۇب جەھەتتە ئاممىباپ ئۇسلۇپ ۋە rock ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكىلار تەمىنلەنگە ،MP3 دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ شۇ قۇرلۇش ھۆججىتىنىڭ ئەسلى مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ بېقىشقا بولىدۇ،شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزگەياققان مۇزىكىلار ياكى ناخشىنىڭ قۇرلۇش ھۆججىتىنى چۈشۈرەلەيسىز.
بۇلارنىڭ سېخلىغىنى بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكانىتلىرىمىزمۇ ئۈگەنسە ياخشى بولىتى!
بۇلار بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدۇ،بەلكى ھەر ئايدا توختىماي يېڭى قۇرلۇش ھۆججەتلىرىنى يوللايدۇ.بىزمۇ ھەقسىز چۈشۈرەلەيمىز.
ئەمسە بۇلارنىڭ بۇ بىتىگە كىرىپ چۈشۈرۈشنى باشلاڭ.
(چۈشۈرۈش سەۋەبىنى يازسىڭىز ئادىرىس كۆرۈنىدۇ)
سەيياھ، ئەگەر بۇ تىمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ
|