يازغۇچى\布鲁斯小伙\تەرجىمە\ماكان
يازغۇچىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىندى،رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
مۇزىكا ئىشلەشتە بىز ئوخشاشلا پىئانىنو ۋە نەيلىك چالغۇ،تارىلىق چالغۇلاردىن ئايرىلالمايمىز(نەيلىك چالغۇ،تارىلىق چالغۇلار تۆۋەندە قىسقارتىلىپ:سېمفونىيىلىك چالغۇ دەپ ئىلىنىدۇ)،بۇ چالغۇلار مۇزىكىدا كام بولسا بولمايدىغان چالغۇلاردۇر.شۇڭا پىئانىنو ۋە سېمفونىيىلىك چالغۇلارنى تاللىغاندا پەرۋاسىزلىق قىلساق قەتتئى بولمايدۇ.بۇ باپتا بىز مۇزىكا ئىشلەشتە كۆپ قوللىنىلىدىغان كىشىلەر كۆپ ئىشلىتىدىغان پىئانىنو ۋە سېمفونىيىلىك چالغۇلار قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئالدى بىلەن پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللار بىلەن تونۇشۇلى.
1-EastWest ئىشلەپ چىققان چوڭ پىئانىنو Galaxy Steinway

بۇ پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتالنى بېلگىيەنىڭ Galaxy ئاۋازغا ئىلىش ئۆيىدە، 5 دانە Bruel & Kjaer ئاۋازغا ئىلىش مېكرافونى بىلەن ئاۋازغا ئىلىپ،Neumann plus SPL / Brauner Atmos ئۆي ئىچى ئاۋازغا ئىلپ بىر تەرەپ قىلىش يەنى 采样 قىلىش ئۈسكۈنىسى بىلەن 5.1 يول بىلەن ئاۋازغا ئالغان چوڭ پىئانىنو ئاۋاز تۈسى قىستۇرما يۇمشاق دىتالى.ئاۋازنىڭ بوش،چىڭ چىلىنىشى جەھەتتە 10 نەچچە خىل دەرىجىدە چىلىنىپ ،ئاۋازنىڭ چىنلىغى،ئاۋازنىڭ سۈپىتى،مۇكەممەل بولىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.ھەجىمى:6.7GB ،دوسلارغا تەۋىسسىيە قىلىمەن.
2-EAST WEST شېركىتنىڭ پىئانىنوسى Boesendorfer 290

Boesendorfer 290 بولسا sos ژورنىلىنىڭ 5 يۇلتۇزلۇق دەرىجىسىگە ئېرىشكەن.بۇ قىستۇرما يۇمشاق دىتال Boesendorfer ماركىلىق پىئانىنونىڭ پۈتۈن ئالاھىدىلىگەىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ئاۋازنىڭ چىڭ ۋە يىنىك چىلىنىلىشىدا 16 خىل دەرىجە بىلەن چىلىنغان.بۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىڭىز خۇددى راس پىئانىنو ئاڭلاۋاتقاندەك ھىسىياتتا بولىسىز.Dxi نى قوللايدۇ. ھەجىمى :3.3GB ،دوسلارنىڭ ئىشلىتىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن.
3-گېرمانىيە Steinberg شېركىتىنىڭ The Grand 2 پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتالى

The Grand 2 بولسا The Grand چوڭ پىئانىنوسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن نەشىرى،ئاۋاز سۈپىتىگە گەپ كەتمەيدۇ.
The Grand 2 نىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكلىرى:
يېڭىچە پىئانىنو تېلى
ئالىي دەرىجىلىك پىئانىنونىڭ ئاۋازىنى ئۆرنەك ئىلىپ ياسالغان
4يوللۇق ئىستىرو ئاۋازلىق،ئۈستەل يۈزىدە پىئانىنونىڭ ئورنىنى خالىغانچە يۆتكىيەلەيسىز
HALion 3 نىڭ RAMSave تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن
پىئانىنونىڭ ئاۋازنى ئۆز ئەينەن چىقىرىپ راس پىئانىنودەكلا ئاۋاز سۈپىتىگە ئىگە
ئاۋازنىنىڭ ئۇزۇنلىغىنى باشقۇردىغان پۇت تاختىسى بار
4 خىل ئاۋاز تۈسىگە ئىگە :Natural, Soft, Bright, Hard يەنى :تەبئى ،يۇمشاق،سۈزۈك،قاتتىق
چوڭلىغى 3G ئەتراپىدا.دوسلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىغا تەۋىسسىيە قىلىمەن.
4-Native Instruments شېركىتى ئىشلەپ چىققان Akoustik Piano

Akoustik Piano بولسا 4 خىل Boesendorfer 290 ،Imperial،Steinway D،Bechstein D 280 ۋە Bechstein D 280قاتارلىق داڭلىق پىئانىنونىڭ ئاۋازىنى ئۆرنەك قىلىپ ئىشلەپ چىققان بىرىكتۈمە چالغۇ،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋاز ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئاۋازغا ئىلىش ئۆيى،چوڭ چىركاۋ،جاز مۇزىكىلىق ۆۇلۇبلارنىڭ ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ.شۇنداقلا ئىستىرولۇق ئاۋازلارنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ،ھەجىمى:6.9GB،قاچىلىغاندىن كىيىنكى ھەجىمى:20G.
5-Synthogy شېركىتى ئىشلەپ چىققان Synthogy Ivory 1.5 پىئانىنو قىستۇرما يۇمشاق دىتالى

Synthogy Ivory 1.5 ھازىر كىشىلەر تەرىپىدىن غالجىرلاشقان ،دەششەت قىستۇرما يۇمشاق دىتال دەپ تەرىپلەشمەكتە.ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل پىئانىنولاردىن 9' Concert Grand،290 Imperial Grand،C7 Grand قاتارلىقلارنىڭ ئاۋاز تۈسىدىن تەركىپ تاپقان،ئۇنىڭ ئاۋاز تۈسى سېفىرلىق ئاۋاز تۈسى بولۇپ،ئاۋاز تۈسلىرىنى خالىغانچە كونتىرول قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ،ھەجىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ 10 دانە DVD پىلاستىنكىسى.
6-يۇقۇرىدا بىز سۆزلەپ ئۆتكەن پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللارغا سىلىشتۇرغاندا 4Front شېركىتى ئىشلەپ چىققان TruePianos بولۇپ ئۇنىڭ چوڭلىغى ئاران 50M،ئاۋاز تۈسى خلى بوپ قالىدۇ.

truepianos ھەقىقەتەن ئەپچىل،ئىسىل پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتال،ئۇ ھەجىمى چوڭ پىئانىنىنو ئاۋاز تۈسىدىكى باشقا قىستۇرما يۇمشاق دىتاللارنىڭ يۈزىنى يەرگە قارىتىپ قويىدۇ،چۈنكى ئۇنىڭ ھەجىمى كىچىك تۇرۇپ ئاۋاز سۈپىتى خىلىلا ياخشى،كونكىرىتى چۈشۈنەي دىسىڭىز بۇنى قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ .
7-تۆۋەندە ئىلىكتىرونلۇق پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتال Elektrik Piano نى تونۇشتۇرىمەن

Native Instrumentsشېركىتى ئىشلەپ چىققان دەرىجىدىن تاشقىرى ئىلىكتىرونلۇق قىستۇرما يۇمشاق دىتال Elektrik Piano،ئۇ دۇنيادىكى داڭلىق ئىلىكتىرونلۇق پىئانىنولارنىڭ ئاۋازىنى چىقىرالايدۇ، يەنى تۆۋەندىكىلەر:Fender Rhodes MK I / MK I、the Hohner Clavinet ،the Wurlitzer piano،ھەجىمى :3CD،1.8G ،ئلىكتىرونلۇق پىئانىنو تاللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇشىنى تاللاڭ.
8-يەنە بىر نۇسخىدىكى ئىلىكتىرونلۇق پىئانىنو قىستۇرما يۇمشاق دىتال ounge Lizard

Lounge Lizard بولسا ئىلىكتىرونلۇق پىئانىنو تىپىدىكى بىرىكتۈرمە چالغۇ، ھەجىمىمۇ كىچىك،ئاۋاز سۈپىتى ئازىراق ناچار،كىچىك ھەجىملىك پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتالنى ئىشلىتىدىغان دوسلارنىڭ ياخشى ھەمرىيى.
پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللار بىلەن مۇشۇ يەرگىچە تونۇشۇپ ئۆتىلى، مۇزىكا ئىشلىگەندە سېمفونىيىلىك چالغۇلار كام بولسا بولمايدىغان چالغۇلاردۇر.شۇڭا سېمفونىيىلىك چالغۇلارنى تاللىغاندا پەرۋاسىزلىق قىلساق قەتتئى بولمايدۇ،مۇزىكا ئىشلىگەندە سېمفونىيىلىك چالغۇلار مۇزىكانىتلارنىڭ ئەڭ ئىنچىكلىك بىلەن تاللايدىغان چالغۇلىرىدۇر،تۆۋەندە بىز بىر نەچچە سېمفونىيىلىك چالغۇ ئاۋاز تۈسىگە ئىگە قىستۇرما يۇمشاق دىتاللار بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى.
9-East West شېركىتىنىڭ Symphonic Orchestra مەسھۇلارتلىرى كىشىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سېمفونىيە ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللاردۇر.

East West شېركىتىنىڭ بۇ مەھسۇلاتى ھەجىمىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ latinum Editon(ئاق ئالتۇن نەشىرى)،Gold Editon(سېرىق ئالتۇن نەشىرى)،Silver Editon(كۈمۈش نەشىرى) قاتارلىق 3 خىلغا بۆلىنىدۇ،ئۈستىدىكى رەسىمدىكىسى ئاق ئالتۇن نەشىرى،ئۇ:سېمفونىيلىك ئوركىستوردىكى پۈتۈن سازلارنىڭ ئاۋاز تۈسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنى:تارىلىق چالغۇ،ياغاچ نەي،كاناي،جاڭ-دۇمباقلاردىن تەشكىل تاپقان،ئاق ئالتۇن نەشىرى جەمى 19DVD پىلاستىنكىسى.سېرىق ئالتۇن نەشىرى 4 دانەDVD پىلاستىنكىسى، بۇ نەشىرى GRAMMY مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن11.3GB.
ئۇنخڭ بخلگن 90 نەچچە يۈرۈش كوڭ تىپتىكى كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ئىشلەپ چىققان،ئاۋاز تۈسى ۋە ئاۋاز سۈپىتى شۇنداق ئىسىل مەسھۇلات.
10-Steinberg شېركىتىنىڭ سېمفونىيە ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتالى HALion String Edition

HALion String Edition كىشىلەر ئەڭ جىق ئىشلىتىدىغان سېمفونىيە ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتال،ئۇنى سېمفونىيە ئاۋاز تۈسىدىكى چالغۇ ئامبىرى دىسەكمۇ بولىدۇ،8 تۆۋەن ئاۋازلىق ئىسكىرىپكا،10 چوڭ ئىسكىرىپكا،16 ئوتتۇرا ئاۋازلىق ئىسكىرىپكا ۋە بەزى غەيرى ئاۋاز تۈسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
تىتىرەڭگۈ ئاۋاز،ئۇلۇنۇپ چىقىدىغان ئاۋاز،كامالچە ئاۋاز قاتارلىق ئۇسلۇبلاردا ئىشلەتكىلى بولىدۇ،ئورۇنلاش ئۇسلۇب جەھەتتە:legato, tremolo, pizzicato,spiccato قاتارلىق ھەر خىل ئۇسلۇب ۋە ھىسىياتتا چالغىلى بولىدۇ.ھەجىمى:5.1GB
11-ھەجىمى كىچىكرەكىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ Edirol HQ-OR Orchestral

روۋلاند نىڭ سېمفونىيە ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتالى Edirol HQ-OR Orchestral بىر دانە CD ،ھەجىمى كىچىك،ئاۋاز تۈسى ساپ،جەمى 16 يولى بار،ئۇنى ئىشلەتكەندە ئاۋاز تۈسلىرىنى ئۆزگەرتىش شۇنداق ئەپلىك،ھەقىقەتەن بولىدىغان قىستۇرما يۇمشاق دىتال،سېتىلىش باھاسى:385 ئامىرىكا دوللىرى،دوسلارغا تەۋىسسىيە قىلىمەن.
12- سېمفونىيلىك ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئىچىدە ھەجىم جەھەتتە ئەڭ چوڭى:Vienna Symphonic Library

ۋيېنا سېمفونىيەسى GIGA شەكلىدىكى ئاۋاز تۈسى،VSL ...ئۈلگە ئىلىش ۋە چىلىش سايمىنىنى بىرلەشتۈرۈپ Vienna Instruments نى چىقاردى.
ئاۋاز تۈسلىرى:Strings、 Chamber Strings、Orchestral Strings I & II、 Harps, Brass I & II、Woodwinds I & II、Percussion ،ئاۋاز تۈسى 44.1kHz/24bit لىق ئىستىرولۇق ئاۋاز،ھەجىمى ھەقىقەتەن چوڭ،550GB، سېمفونىيە ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللار ئىچىدىكى گىگانىت. |