ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 391 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1684|ئىنكاس: 7

پىئانىنو،سېمفونىيە چالغۇلىرى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1996 سائەت
شۆھرەت
2216
پۇل
2891
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2216
يازما
2614

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-3-26 21:45:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يازغۇچى\布鲁斯小伙\تەرجىمە\ماكان



يازغۇچىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىندى،رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ



مۇزىكا ئىشلەشتە بىز ئوخشاشلا پىئانىنو ۋە نەيلىك چالغۇ،تارىلىق چالغۇلاردىن ئايرىلالمايمىز(نەيلىك چالغۇ،تارىلىق چالغۇلار تۆۋەندە قىسقارتىلىپ:سېمفونىيىلىك چالغۇ دەپ ئىلىنىدۇ)،بۇ چالغۇلار مۇزىكىدا كام بولسا بولمايدىغان چالغۇلاردۇر.شۇڭا پىئانىنو ۋە سېمفونىيىلىك چالغۇلارنى تاللىغاندا پەرۋاسىزلىق قىلساق قەتتئى بولمايدۇ.بۇ باپتا بىز مۇزىكا ئىشلەشتە كۆپ قوللىنىلىدىغان كىشىلەر كۆپ ئىشلىتىدىغان پىئانىنو ۋە سېمفونىيىلىك چالغۇلار  قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئالدى بىلەن پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللار بىلەن تونۇشۇلى.

1-EastWest ئىشلەپ چىققان چوڭ پىئانىنو  Galaxy Steinway



بۇ پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتالنى بېلگىيەنىڭ Galaxy ئاۋازغا ئىلىش ئۆيىدە، 5 دانە Bruel & Kjaer ئاۋازغا ئىلىش مېكرافونى بىلەن ئاۋازغا ئىلىپ،Neumann plus SPL / Brauner Atmos ئۆي ئىچى ئاۋازغا ئىلپ بىر تەرەپ قىلىش يەنى 采样  قىلىش ئۈسكۈنىسى بىلەن 5.1 يول بىلەن ئاۋازغا ئالغان چوڭ پىئانىنو ئاۋاز تۈسى قىستۇرما يۇمشاق دىتالى.ئاۋازنىڭ بوش،چىڭ چىلىنىشى جەھەتتە 10 نەچچە خىل دەرىجىدە چىلىنىپ ،ئاۋازنىڭ چىنلىغى،ئاۋازنىڭ سۈپىتى،مۇكەممەل بولىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.ھەجىمى:6.7GB ،دوسلارغا تەۋىسسىيە قىلىمەن.

2-EAST WEST شېركىتنىڭ پىئانىنوسى Boesendorfer 290



Boesendorfer 290 بولسا sos ژورنىلىنىڭ 5 يۇلتۇزلۇق دەرىجىسىگە ئېرىشكەن.بۇ قىستۇرما يۇمشاق دىتال  Boesendorfer  ماركىلىق پىئانىنونىڭ پۈتۈن ئالاھىدىلىگەىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ئاۋازنىڭ چىڭ ۋە يىنىك چىلىنىلىشىدا 16 خىل دەرىجە بىلەن چىلىنغان.بۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىڭىز خۇددى راس پىئانىنو ئاڭلاۋاتقاندەك ھىسىياتتا بولىسىز.Dxi نى قوللايدۇ. ھەجىمى :3.3GB ،دوسلارنىڭ ئىشلىتىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن.

3-گېرمانىيە Steinberg شېركىتىنىڭ The Grand 2 پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتالى



The Grand 2 بولسا The Grand چوڭ پىئانىنوسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن نەشىرى،ئاۋاز سۈپىتىگە گەپ كەتمەيدۇ.

The Grand 2 نىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكلىرى:
يېڭىچە پىئانىنو تېلى
ئالىي دەرىجىلىك پىئانىنونىڭ ئاۋازىنى ئۆرنەك ئىلىپ ياسالغان
4يوللۇق ئىستىرو ئاۋازلىق،ئۈستەل يۈزىدە پىئانىنونىڭ ئورنىنى خالىغانچە يۆتكىيەلەيسىز
HALion 3 نىڭ RAMSave تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن
پىئانىنونىڭ ئاۋازنى ئۆز ئەينەن چىقىرىپ راس پىئانىنودەكلا ئاۋاز سۈپىتىگە ئىگە
ئاۋازنىنىڭ ئۇزۇنلىغىنى باشقۇردىغان پۇت تاختىسى بار
4 خىل ئاۋاز تۈسىگە ئىگە :Natural, Soft, Bright, Hard يەنى :تەبئى ،يۇمشاق،سۈزۈك،قاتتىق
چوڭلىغى 3G ئەتراپىدا.دوسلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىغا تەۋىسسىيە قىلىمەن.

4-Native Instruments شېركىتى ئىشلەپ چىققان Akoustik Piano



Akoustik Piano بولسا 4 خىل   Boesendorfer 290 ،Imperial،Steinway D،Bechstein D 280  ۋە Bechstein D 280قاتارلىق  داڭلىق پىئانىنونىڭ ئاۋازىنى ئۆرنەك قىلىپ ئىشلەپ چىققان بىرىكتۈمە چالغۇ،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋاز ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئاۋازغا ئىلىش ئۆيى،چوڭ چىركاۋ،جاز مۇزىكىلىق ۆۇلۇبلارنىڭ ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ.شۇنداقلا ئىستىرولۇق ئاۋازلارنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ،ھەجىمى:6.9GB،قاچىلىغاندىن كىيىنكى ھەجىمى:20G.

5-Synthogy شېركىتى ئىشلەپ چىققان Synthogy Ivory 1.5 پىئانىنو قىستۇرما يۇمشاق دىتالى



Synthogy Ivory 1.5 ھازىر كىشىلەر تەرىپىدىن غالجىرلاشقان ،دەششەت قىستۇرما يۇمشاق دىتال دەپ تەرىپلەشمەكتە.ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل پىئانىنولاردىن 9' Concert Grand،290 Imperial Grand،C7 Grand قاتارلىقلارنىڭ ئاۋاز تۈسىدىن تەركىپ تاپقان،ئۇنىڭ ئاۋاز تۈسى سېفىرلىق ئاۋاز تۈسى بولۇپ،ئاۋاز تۈسلىرىنى خالىغانچە كونتىرول قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ،ھەجىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ 10 دانە DVD پىلاستىنكىسى.

6-يۇقۇرىدا بىز سۆزلەپ ئۆتكەن پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللارغا سىلىشتۇرغاندا 4Front شېركىتى ئىشلەپ چىققان TruePianos بولۇپ ئۇنىڭ چوڭلىغى ئاران 50M،ئاۋاز تۈسى خلى بوپ قالىدۇ.



truepianos ھەقىقەتەن ئەپچىل،ئىسىل پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتال،ئۇ ھەجىمى چوڭ پىئانىنىنو ئاۋاز تۈسىدىكى باشقا قىستۇرما يۇمشاق دىتاللارنىڭ يۈزىنى يەرگە قارىتىپ قويىدۇ،چۈنكى ئۇنىڭ ھەجىمى كىچىك تۇرۇپ ئاۋاز سۈپىتى خىلىلا ياخشى،كونكىرىتى چۈشۈنەي دىسىڭىز بۇنى قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ .

7-تۆۋەندە ئىلىكتىرونلۇق پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتال Elektrik Piano نى تونۇشتۇرىمەن



Native Instrumentsشېركىتى ئىشلەپ چىققان دەرىجىدىن تاشقىرى ئىلىكتىرونلۇق قىستۇرما يۇمشاق دىتال Elektrik Piano،ئۇ دۇنيادىكى داڭلىق ئىلىكتىرونلۇق پىئانىنولارنىڭ ئاۋازىنى چىقىرالايدۇ، يەنى تۆۋەندىكىلەر:Fender Rhodes MK I / MK I、the Hohner Clavinet ،the Wurlitzer piano،ھەجىمى :3CD،1.8G ،ئلىكتىرونلۇق پىئانىنو تاللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇشىنى تاللاڭ.

8-يەنە بىر نۇسخىدىكى ئىلىكتىرونلۇق پىئانىنو قىستۇرما يۇمشاق دىتالounge Lizard



Lounge Lizard بولسا ئىلىكتىرونلۇق پىئانىنو تىپىدىكى بىرىكتۈرمە چالغۇ، ھەجىمىمۇ كىچىك،ئاۋاز سۈپىتى ئازىراق ناچار،كىچىك ھەجىملىك پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتالنى ئىشلىتىدىغان دوسلارنىڭ ياخشى ھەمرىيى.

پىئانىنو ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللار بىلەن مۇشۇ يەرگىچە تونۇشۇپ ئۆتىلى، مۇزىكا ئىشلىگەندە سېمفونىيىلىك چالغۇلار كام بولسا بولمايدىغان چالغۇلاردۇر.شۇڭا  سېمفونىيىلىك چالغۇلارنى تاللىغاندا پەرۋاسىزلىق قىلساق قەتتئى بولمايدۇ،مۇزىكا ئىشلىگەندە سېمفونىيىلىك چالغۇلار مۇزىكانىتلارنىڭ ئەڭ ئىنچىكلىك بىلەن تاللايدىغان چالغۇلىرىدۇر،تۆۋەندە بىز بىر نەچچە سېمفونىيىلىك چالغۇ ئاۋاز تۈسىگە ئىگە قىستۇرما يۇمشاق دىتاللار بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى.

9-East West شېركىتىنىڭ Symphonic Orchestra مەسھۇلارتلىرى كىشىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سېمفونىيە ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللاردۇر.



East West شېركىتىنىڭ بۇ مەھسۇلاتى ھەجىمىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپlatinum Editon(ئاق ئالتۇن نەشىرى)،Gold Editon(سېرىق ئالتۇن نەشىرى)،Silver Editon(كۈمۈش نەشىرى) قاتارلىق 3 خىلغا بۆلىنىدۇ،ئۈستىدىكى رەسىمدىكىسى ئاق ئالتۇن نەشىرى،ئۇ:سېمفونىيلىك ئوركىستوردىكى پۈتۈن سازلارنىڭ ئاۋاز تۈسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنى:تارىلىق چالغۇ،ياغاچ نەي،كاناي،جاڭ-دۇمباقلاردىن تەشكىل تاپقان،ئاق ئالتۇن نەشىرى جەمى 19DVD پىلاستىنكىسى.سېرىق ئالتۇن نەشىرى 4 دانەDVD پىلاستىنكىسى، بۇ نەشىرى GRAMMY مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن11.3GB.
ئۇنخڭ بخلگن 90 نەچچە يۈرۈش كوڭ تىپتىكى كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ئىشلەپ چىققان،ئاۋاز تۈسى ۋە ئاۋاز سۈپىتى شۇنداق ئىسىل مەسھۇلات.

10-Steinberg شېركىتىنىڭ سېمفونىيە ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتالى HALion String Edition



HALion String Edition كىشىلەر ئەڭ جىق ئىشلىتىدىغان سېمفونىيە ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتال،ئۇنى سېمفونىيە ئاۋاز تۈسىدىكى چالغۇ ئامبىرى دىسەكمۇ بولىدۇ،8 تۆۋەن ئاۋازلىق ئىسكىرىپكا،10 چوڭ ئىسكىرىپكا،16 ئوتتۇرا ئاۋازلىق ئىسكىرىپكا ۋە بەزى غەيرى ئاۋاز تۈسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
تىتىرەڭگۈ ئاۋاز،ئۇلۇنۇپ چىقىدىغان ئاۋاز،كامالچە  ئاۋاز قاتارلىق ئۇسلۇبلاردا ئىشلەتكىلى بولىدۇ،ئورۇنلاش ئۇسلۇب جەھەتتە:legato, tremolo, pizzicato,spiccato قاتارلىق ھەر خىل ئۇسلۇب ۋە ھىسىياتتا چالغىلى بولىدۇ.ھەجىمى:5.1GB

11-ھەجىمى كىچىكرەكىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ Edirol HQ-OR Orchestral



روۋلاند نىڭ سېمفونىيە ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتالى Edirol HQ-OR Orchestral بىر دانە CD ،ھەجىمى كىچىك،ئاۋاز تۈسى ساپ،جەمى 16 يولى بار،ئۇنى ئىشلەتكەندە ئاۋاز تۈسلىرىنى ئۆزگەرتىش شۇنداق ئەپلىك،ھەقىقەتەن بولىدىغان قىستۇرما يۇمشاق دىتال،سېتىلىش باھاسى:385 ئامىرىكا دوللىرى،دوسلارغا تەۋىسسىيە قىلىمەن.

12- سېمفونىيلىك ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئىچىدە ھەجىم جەھەتتە ئەڭ چوڭى:Vienna Symphonic Library



ۋيېنا سېمفونىيەسى GIGA شەكلىدىكى ئاۋاز تۈسى،VSL ...ئۈلگە ئىلىش ۋە چىلىش سايمىنىنى بىرلەشتۈرۈپ Vienna Instruments نى چىقاردى.
ئاۋاز تۈسلىرى:Strings、 Chamber Strings、Orchestral Strings I & II、 Harps, Brass I & II、Woodwinds I & II、Percussion ،ئاۋاز تۈسى 44.1kHz/24bit لىق ئىستىرولۇق ئاۋاز،ھەجىمى ھەقىقەتەن چوڭ،550GB، سېمفونىيە ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللار ئىچىدىكى گىگانىت.

Rank: 1

توردا
53 سائەت
شۆھرەت
7
پۇل
44
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-28
تىزىملاتقان
2008-3-9
نادىر
0
جۇغلانما
7
يازما
75
يوللىغان ۋاقتى 2008-3-26 22:38:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ ھەممىسنى قاچىلساق ئادەمنىڭ كاللىسى ئۇماچ بوپ كەتكىدەك

Rank: 1

توردا
82 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-27
تىزىملاتقان
2008-3-3
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
100
يوللىغان ۋاقتى 2008-3-27 15:47:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك پەيزە دېتاللاركەن
  چۇشۇرۋالغىلى بولارمۇ؟؟؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
شۆھرەت
63
پۇل
59
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
تىزىملاتقان
2008-3-9
نادىر
0
جۇغلانما
63
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى 2008-3-28 13:05:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە Edirol HQ-OR Orchestral  بار  ئىدى ،  ئەمما  تازا  ئىشلىتەلمەيۋاتىمەن ،  بۇنى  ئىشلىتىشنى  چۈشەندۈرىدىغان  دەرىسلىك  بارمىدۇ ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1996 سائەت
شۆھرەت
2216
پۇل
2891
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2216
يازما
2614

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-3-28 20:00:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىسلىگى ئەلۋەتتە بار،مەن ئىزدەپ باقاي

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1996 سائەت
شۆھرەت
2216
پۇل
2891
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2216
يازما
2614

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-3-29 18:08:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە رەسىملىك ،ئىشلىتىش ئۇسۇلى بار كۆرۈپ بېقىڭ

                   كىرىش

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
شۆھرەت
63
پۇل
59
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
تىزىملاتقان
2008-3-9
نادىر
0
جۇغلانما
63
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى 2008-4-2 11:33:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ،  بىلمىسەم  يەنە  تارتىنماي  سورايمەن .

Rank: 1

توردا
51 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-26
تىزىملاتقان
2009-1-24
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-27 20:09:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىپسىز،مۇمكىن بولسا چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يۇللاپ قويسىڭىز  چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقساق...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-1 02:55 , Processed in 0.333107 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش