[تۈرك ناخشىچى بارىش مانچو

[ 
مەھمەت بارىش مانجو 1943- يىلى 2-قەھرىتان(1-ئاي) دا تۈركىيىدە تۇغۇلغان. ئائىلە فامىلىسى مانجو، 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىردا تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە بارىش (تىنچلىق) دەپ نام قويىدۇ. ئانىسى رىققەت خانىم تۈرك مىللى مۇزىكا سەنئەتكارى ئىدى. ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا مۇزىكىغا قىزىقىشقا باشلايدۇ. مۇزىكا ھاياتىغا گالاتاساراي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە قەدەم قويغان بارىش مانجونىڭ دوستلىرى بىلەن قۇرغان تۇنجى گۇرۇپپىنىڭ ئىسمى «كافادارلار»، ئىككىنچىسى « خارمونىلەر» ئىدى.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە بېلگىيە خان جەمەتى گۈزەل سەنئەت ئاكېدىمىيىسىدە 1963-1971 يىللىرى ئارىسىدا رەسىم، گرافىك، بېزەپچىلىك بىلىمى ئالدى. بېلگىيىدە ئامېرىكىلىق، بېلگىيىلىك، ئىتاليىلىك، جەنۇبىي ئافرىقىلىق ئىنگىلىز مۇزىكانتلاردىن تەركىپ تاپقان Lemistgrees ناملىق گۇرۇپقا قاتناشتى. بۇ مەزگىلدە پارىژدا كونسېرت قويدى. 1966 يىلى پارىژدا ئىككى لېنتا چىقاردى.
1970- يىلى تۈركىيىگە قايتىپ فۇئات گۈنئەر ۋە مەزھەر ئالانسون بىلەن بىرلىكتە « قايغۇسىزلار» ناملىق گۇرۇپنى قۇرىدۇ ۋە ئانادولۇ خەلق ئاھاڭىدا مۇزىكا ئىشلەشكە باشلايدۇ. ئونىنچى فاتىفون تەخسىسى « تاغلار تاغلار» ناھايىتى كۆپ تارقىتىلدى. بەش ئايدا 700مىڭى سېتىلىدۇ ۋە ئالتۇن تەخسە مېدالنى ئالىدۇ. 1978- يىلى لالە بىلەن ئۆيلىنىدۇ، دوغۇخان(شەرقى خان) ۋە باتىخان (غەربى خان) ئىسىملىك ئىككى ئوغۇللۇق بولىدۇ. 1980- يىلى ئالتۇن ئۆرپتە « Nick The Chopper » ۋە « مەن بىر ناخشا» ناملىق بۇلغارچە ناخشىسى بىلەن ئالتۇن مېدال ئالىدۇ. چەتئەللەردە بىرقانچە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا مېھمان بولۇپ قاتناشتى. بىرقانچە دۆلەتتە كونسېرت قويدى.
1975-يىلى تۇنجى پلاستىنكىسى بولغان «2023» نى چىقاردى
1978-يىلى لالە خانىم بىلەن توي قىلىپ، Doğukan (شەرقى قان) .Batıkan(غەربى قان) ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى.
1980 -يىلى “Ben Bir Şarkıyım” ( مەن بىر ناخشىمەن) ناملىق بۇلغارچە ناخشىسىنى ئېيتىپ ئالتۇن مېدال ئالدى.
چەتئەللەردە نۇرغۇن قېتىم كونسېرت بەردى.
1988- يىلى TRT1 تېلېۋېزىيىسىدە باشلانغان بالىلار ۋە ئائىلە ھەققىدىكى بىلىم، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش مەزمۇن قىلىنغان « يەتتە ياشتىن 77 ياشچە» پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، 1998- يىلى 370 سان ئېكرانغا چىقىپ ، تۈرك تېلېۋىزىيەچىلىكىدە ئەڭ چوڭ رېكورت ياراتتى. ئىشلىگەن 200 دىن كۆپ ناخشىسى بىلەن 12 ئالتۇن مېدال ئالدى. بۇ ناخشىلارنىڭ بىر قىسمى يۇنانچە، بۇلغارچە، ئەرەبچە، پارسچە، كۈرتچە، ياپونچە، ئىبرانىچە، فرانسۇزچە،ئېنگلىزچە تىللارغا تەرجىمە قىلىندى ۋە ئىنكاسلار يېزىلدى. مۇزىكا ۋە تېلېۋىزىيە ھاياتىدا ساناقسىز مۇكاپاتلارنى ئالغان بارىش مانجو 1991 – يىلى دۆلەت سەنئەتچىسى مۇكاپاتى، شۇ يىلى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتى پەخرى دوكتۇر ئۇنۋانى، خەلقئارا تېخنىكا مۇكاپاتى، ياپونىيە خەلقئارا مەدەنىيەت ۋە تىنچلىق مۇكاپاتى، بېلگىيە خانلىق Leopold II Şövalyesi نىشانى، تۈركمەنىستان جۇمھۇر رەئىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن تۈركمەنىستان پۇقراسى مۇكاپاتى قاتارلىق شان-شەرەپلەگە مۇيەسسەر بولغان.
بارىش مانجو 1999- يىلى 1- ھۇت(2-ئاي) دا ۋاپات بولدى.
ۋاپات بولغان كۈنى بۇ ئۇلۇغ سەنئەتكارغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت بايرىقىنى بىر كۈن يېرىم چۈشۈردى.
ئۇنىڭ ناخشىلىرى نۇرغۇن يەرلىرىگىچە تارالدى،ھەتتا بەزى ناخشىلىرى بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تارقىلىپ ئېيتىلدى.
ئۇنىڭ ۋەكىللىك پىلاستىنكىلىرىدىن « تاغلار-تاغلار ». «قول تۈگمىلىرى» ، « چۈشىنىسەن شۇنداقمۇ؟ »،« ئېسىل باھانە» ،« سۆزلە زالىم سۇلتان»، «جان بەدەندىن چىقمىغۇچە» ،« گۈلپەمبە»،« چۈش»،«ئەلى يازار ۋەلى بۇزار» ،« ئىشەك دوستۇم » ،« ئەگرى -بۈگرى» ،« بىھۇدە ئۆتتى»....قاتارلىقلار بار.
بۇ يازماكۈركۈم گۈلى بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى http://video.sina.com.cn/v/b/14578807-1052927072.html
،http://www.trt.net.tr/medya/resim/2009/02/03/e701a16e-e4a3-4bc8-8014-8f06a89320bb-800x600.jpg

[media=x,500,375]
http://www.trt.net.tr/medya/resim/2009/02/03/e701a16e-e4a3-4bc8-8014-8f06a89320bb-800x600.jpg
http://www.56.com/u54/v_NjU5MTI4MzU.html[/media][media=x,500,375]
http://www.trt.net.tr/medya/resim/2009/02/03/e701a16e-e4a3-4bc8-8014-8f06a89320bb-800x600.jpg
http://www.56.com/u72/v_NTQ2NDM2NjE.html[/media]http://video.sina.com.cn/v/b/14578807-1052927072.htmlمۇناسىۋەتلىك تور بىكەتلەر:
http://www.barismancomix.com
[media=x,500,375]http://www.trt.net.tr/medya/resim/2009/02/03/e701a16e-e4a3-4bc8-8014-8f06a89320bb-800x600.jpg[/media
]http://www.izbasar.com/693 |