- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- توردا
- 160 سائەت
- شۆھرەت
- 417
- پۇل
- 1182
- تىزىملاتقان
- 2009-1-21
- ھوقۇقى
- 30
- يازما
- 358
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 417
- UID
- 481
 
- توردا
- 160 سائەت
- شۆھرەت
- 417
- پۇل
- 1182
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- تىزىملاتقان
- 2009-1-21
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 417
- يازما
- 358
|
بۇ كۆرنۈشلەر بىزنىڭ ئانا سەھرالىرىمزدا ھېلى ھەم كۆزگە دائىم چېلىقىپ تۇرىدىغان، دىلنى ئىزدىغان، ئادەمنى ئېغىر تىنقلارغا مۇپتىلا قىلىدىغان تۇرمۇش كارتىنىلىرى...
مەن مۇشۇ ناھىيلەرنىڭ قوشنىسدىكى تەكلىمان دەشتىگە يېقىن ئېشەك، قوي ... تىزىكى ئارلاش موك تۇپىلىق كاتاڭ يوللاردىن قوي ھەيدەپ جاڭگالغا بېرىپ، ئوتۇن تىرىپ، ھەلەپ ئىتىپ، كىچىسى يەر ئېقىتىپ، خامان تىپىپ چوڭ بولغان سەھرا بالىسىمەن... تېخى ئەمدىگىچە مەھەللىمىزدىكى چوڭلار گارمۇن چالىدىغان قويچى مۇئەللىم دەپ ئاتايدۇ مىنى!
ھەي!... ... ئۇلارنىڭ بىچارىلىكى، بىرئاز ھاماقەت ئارلاش بىغۇبار-ئاقكۈڭۈللىكىنى، بەزىدە قۇڭىدىكى ئشتىنىنى سالدۇرۋالساڭمۇ تۇيمايدىغان، ھەم تۇيسىمۇ غىڭ قىلىشقا پىتىنالمايدىغان يۇۋاش، بىغەم، ساددىلىغىنى، مەيلى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بولمىسۇن ياكى ئۇششاق-چۈششەك ئېلىم-سېتىمدىكى بازار-رەستىلەر، توي-تۆكۈن نەزىر چىراق، ھېيت-ئايەملەردىكى يىغىلىشلار، كەنتىنىڭ تۈرلۈك ئاشار-سەيسىلىردە بولمىسۇن... .... شۇنچىلىك خالىسانە، شۇنچىلىك پىداكار ھەم چىدامچان ئىكەنلىكىنى نەچچە مىڭ قېتىملاپ ھېس قىلىمەن.
قاق سەھەردە نامازلارغا بېرىپ پۈتۈن جامائەت قول ئېلىشىپ شۇنچىلىك يىرىك ۋە ھارارەتسىز تۇيۇلىدىغان قوللارنى تۇتقان چاغدا؛ باغ، ھويلا ئاراملىرىغا چىتلاق ئورناتمىغان، ئىشكلىرىگە قۇلۇپ سالماي نەندىن-نەگە كەتكەن ئىگىسىنى كۈتۈپ تۇرغان، پۈتۈن ئادەملەرنى يات كۆرمەي قۇرسىقى ئاچمىسا قاۋاپمۇ قويمايدىغان ئۇرۇق ئىتلىرى بار ... موڭ تۇپىلىق ھويلا-ئاراملىق مەھەللىلەردىن ئۆتكەندە؛..... مال بازىردا، ئاشلىق بازىردا، توخۇ بازىردا، دوختۇرخاندا... قاشتېشى كولاشقا چىققاندا... تۈگمەندە،ماتاڭچى، ناۋاي، لەمپۇڭچى، قادىچى.... ئالدىلىرىدا يەنە نۇرغۇن جاي ۋە نۇرغۇن... چاغلاردا ئۇلارنىڭ تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان، قەلەم بىلەن يېزىشقا مۇۋاپىق سۆز ۋە جۈملە تاپقىلى بولمايدىغان نۇرغۇن ياخشى خىسلەت، ئەۋلىيالارچە ئېسىل خۇلىقى بارلىقىنى ئونمىڭ قېتىملاپ، يۈزمىڭ قېتىملاپ ئېتراپ قىلىمەن!
ئەمما ... ... ئەمما خىجالەتتىن يۈزۈم قىزارسىمۇ، مىڭلاپ ئەپسۇس يىسەممۇ زادى دەۋالمىسام بولمايدىغان قىسمەن ئىللەتلىرىگە نۇرغۇن قېتىم نەق مەيداندا شاھىت بولغانمەن! ئۆزنىڭ بالىسىغا ئۆزى‹‹ مۇئەلىمىڭگە يان! ئۇنى بىرسەۋەپ بىلەن ئۆزەڭنى تىللاتقۇزغىن، ياكى ئۇ سىنى ئۇرسۇن،بۇرنىڭ قانىسۇن، بىرەر يىرىڭ كۆكەرسۇن... ئاندىن ئالدىدىن قاچ-دە، ئۇدۇل پالانى تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيگە بارغىن، شۇ چاغدا بالامنى تېپىپ بەر دەپ كۆتمەك ئەپەندەكنىڭ ئانا-مانىسىنى كۆزىگە كۆرسەتكىلى مەن بار ، ئۇقتۇڭما؟! بولسا مۇشۇ ئىشنى بىر قاملاشتۇرالمىغىنىڭنى كۆرەي قېنى، شۇچاغدا ئىگەكىم!!... ماقما گۇي!..›› دەپ بالىسنى نۇقۇپ تۇرۇپ مەكتەپكە يولغا سېىلىپ بىرنەچچە كۈندىن كىين مەكتەپنى بېشىغا كىيىپ، راسىت دىگەندەك مۇئەللىمگە ئاڭلىغۇسىز گەپلەر بىلەن ھاقارەت قىلىپ، ھەتتا ئادەم باشلاپ كىرىپ مۇئەللىمنى ئۇرۇپ ... ئۆز بالىسغا ۋەدە قىلغىنىدەك مۇئەللىمنىڭ ئانا-مانسىنى كۆزىگە كۆرسىتىپ قۇيىدىغان،ئۆز بالىسىنى ئۆزى يۇقىتىۋېتىپ بىزگە ئۈسكەن، ھېچقانداق ئاكتىيورلۇق مەكتەپلىرىدە ئۇقۇمىغان بولسىمۇ ‹‹تىياتېر ›› دېگەننى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينايدىغان قېرىنداشلىرىم بىلەن بىللە‹‹كىنو›› ئىشلەشكە مەجبۇر بولغانمەن!...
ئۆستەڭ بېشىدا، يەرگە سۇ تۇتقاندا.... مىنى ئاتايىن توختىتىپ تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا، كۆزىنى قىزارتىپ تۇرۇپ ، يۈزىدە ئادەم چۈشىنىش تەس بولغان بىرخىل بىغەرەزلىك چىراي ھالىتىدە... ‹‹ ھوي! مۇئەللىم ، ئۆزلىرى ئاڭلىسام ئايدا ئىككى ئۈچ مىڭ كويچە مۇئاش ئالىدىكەنلا، قوڭلىرىنى غىت قىسىپ، يەر تېرىيمەن، دەپ يۈرگۈچە، جانلىرنى ساقلاپ، خۇدانىڭ بەرگىنىگە شۈكىرى قىلىپ ....›› بۇ گەپلەرنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىماي قويغانمەن!...
ھەر ماۋسۇملۇق ئۇقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، تۇراقسىز ئوقۇغۇچىلارنى يىغىشقا بارغاندا نەچچە ئون قېتىملاپ سۈرىتى يوقارقى فىلىمگە ئوخشاش سىياقتىكى قېرىنداشلىرىم بىلەن مەن ۋە ئۇقۇتقۇچى بۇرادەرلىرىم ئۇرۇشۇپ، تىللىشىپ ۋە ھەتتا پەيچىسوغا كىرىپ، ئۇ يەردىمۇ غۇرۇرىمىز، ئوقۇتقۇچىلىق، مۇھىمى ئىنسانلىق قەدىر قىممىتىمىز ئازار يەپ ...ھەي!، خەپ! ئىگەكىم!... دەپ ھەسىرەت ئەيلەپ، ئۇلۇغ-كىچىك تىنىشلاردا ئەڭ ئالدىنىقى قاتاردا تۇرغانمەن! مۇشۇنداق پەيىتلەردىكى ھېس-تۇيغۇلىرىمنى خاتىرەمگە- كۆڭلۈمگە پۈتۈپ قويغانمەن....
بولدىلا...! ئىشقىلىپ ئىشلار مۇرەككەپ! يوقارقىلار بىر مىللەت تۇپىنىڭ ئۆتمۈشتە سىياسىغا تۇتقان پۇزۇتسىيسى، ياشاش ئالاھىدىلىكى، ھاكىمىيەت تەرەپتىن بىرىلگەن ئىمتىياز، ھۇقۇق، مەجبۇريەتلىرى، ئۇمۇمى پىسخىك ساپاسى، ئىرسىيەت-گىن قۇرۇلمىلىرى، ئىلگىرى كىين داۋاملاشقان بارلىق قىلمىش ئەتمىشلىرى، ئاخىرى ئىگىمىز تەرەپتىن ئالدىدىن بەلگىلەنگەن تەقدىر-قىسمىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشكەن! قالغىنى بۇ بەك چوڭ تېما ئىكەن، بۇ توغۇرلۇق كارغا كەلگۈدەك بىر نەرسە يېزىش ئويۇم بار... |
|