ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 393 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1942|ئىنكاس: 5

گىتتار،باس ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1999 سائەت
شۆھرەت
2225
پۇل
2909
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-1
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2225
يازما
2617

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-3-25 23:16:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گىتتار،باس ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇما يۇمشاق دىتاللار



يازغۇچى\布鲁斯小伙\تەرجىمە\ماكان


يازغۇچىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىندى،رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ



ھازىرقى زامان مۇزىكىلىرىدا گىتتار ۋە باس قاتارلىق چالغۇلار  ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ،ئاساسەن  ھەرقانداق مۇزىكىلاردا بۇ چالغۇلارنىڭ ئاۋازنى ئاڭلىيالايمىز،
بۇ باپتا بىز كومپىيۇتىر مۇزىكا ئىشلىرىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان گىتتار ۋە باس ئاۋازلىق قىستۇرما يۇمشاق دىتاللار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
بۇ ئارقىلىق دوسلار ئۆزلىرىگە لايىق دەپ قارىغانلىرىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
1-كومپىيۇتىر مۇزىكچىلىغىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان گىتتار ئاۋزلىق قىستۇرما يۇمشاق دىتالشۇنداقلا كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغىنى:تەقلىدىي گىتتارچى Virtual Guitarist يەنى ئاپتوماتىك تەڭكەش قىلىپ بېرىدىغان گىتتارچى (虚拟吉他手)، ۋە تەقلىيدىي ئىلىكتىرونلۇق گىتتارچى:VG Electric Editionئىككى خىل(虚拟电吉他手).






تەقلىيدى گىتتارچى(虚拟吉他手): قاپاق گىتتارنىڭ ۋە ئىلىكتىرونلۇق گىتتارنىڭ  ئاۋاز  تۈسلىرى ۋە پاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەقلىيدى ئىلىكتىرونلۇق گىتتارچى(虚拟电吉他手) :پۈتۈنلەي ئىلكتىرونلۇق گىتتارنىڭ ئاۋاز تۈسى ۋە پاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
تەقلىدى گىتتارچى بىزگە تونۇشلۇق بولغانSteinberg شېركىتى ياساپ چىققان شۇنداق ئىسىل قىستۇرما يۇمشاق دىتال،سىز رىيالىڭىزنىڭ خالىغان ئاكوردىنى باسسىڭىز ئۇ سىزگە ئاپتۇماتىك ھالدا سىزگە شۇنداق چىرايلىق گىتتار پاسلىرىنى  تەڭكەش قىلىپ بېرىدۇ،ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى پاسلىرى تولۇق بولۇپ سىزنىڭ مۇزىكا ئىشلىشىڭىزدىكى ياخشى گىتتارچىڭىز بوللايدۇ.(باكالىق گىتتارچى )

2-ئاۋاز تۈسى   ھەقىقى گىتتارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش چىقىدىغان ياردەمچىڭىز :RealGuitar




RealGuitar ھەقىقىي گىتتارنىڭ ئاۋازنى ئۆرنەك ئىلىش ئارقىلىق ياسالغان قىستۇرما يۇمشاق دىتال،ئۇنىڭ ئاۋاز تۈسى شۇنداق راس بولۇپ ،ئۇنىڭ pattern باشقۇرۇش كونۇپكىسى ۋە ئىقتىدارى بار،شۇنداقلا نۇرغۇن MIDI پاسلىرى بار بولۇپ ،ئۇسۇلۇبلىرى تولۇق.سىز قانداق ئۇسلۇبتىكى پاسلارغا كېرەكلىك بولسىڭىز ئۇ سىزگە شۇ خىل ئۇسلۇبتىكى پاسلارنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
ئۇنىڭدا پاسلارنى چىلىۋاتقاندا گىتتارنىڭ يۇقۇرى تۆۋەن قىسىملىرىدا ئورۇنلاش  ۋە ئاكورد چىلىش شۇنداقلا SOLO ئويناش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بىمالال قىلغىلى بولىدۇ. ئەڭ يۇقۇرى نەشىرى:2.0، گىتتار چىلىشنى بىلمەيدىغان دوسلارنىڭ ياخشى ھەمرىيى.

3- ئىلكتىرونلۇق گىتتار قىستۇرما يۇمشاق دىتالى :Slay



Slay ئىلىكتىرونلۇق گىتتار ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلغان قىستۇرما يۇمشاق دىتال،ئۇنىڭدا پاس يەنى تەڭكەش  يوق،پەقەت ئاۋاز تۈسى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىلىكتىرونلۇق گىتتارنىڭ ئاۋازى.ئاۋاز تۈسى بىر قەدەر ئىلىكتىرونلۇق ، شۇنداقلا تەڭشەش بىر قەدەر ئاسان،ئۇ قىستۇرما دىتالدا گىتتارنىڭ رەڭگىنى ۋە ئاۋاز تۈسلىرىنى ئۆزگەرتەلەيسى،ئۆزگەرتىش شەكلى ئالاھىدە.ئۇسۇل مۇزىكىلىرى ۋە ئىلىكتىرونلۇق مۇزىكىلارنى ئىشلەشتىكى ياخشى ھەمرا.ئەڭ يۇقۇرى نەشىرى:2.0
4-گىتتار ئاۋاز تۈسلىرى ئىچىدىكى ھۆكۈمران قىستۇرما يۇمشاق دىتالPC.Electric.Clean.Guitar



LPC.Electric.Clean.Guitar گىتتار ئاۋاز تۈسى دەششەت ئىسىل قىستۇرما يۇمشاق دىتال،ئاساسەن گىتتار بىلەن ئورۇنلىنىدىغان ھەر خىل ئۇسلۇب ۋە ماھارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، 3DVD بولۇپ چوڭلىغى:10G،پىرىستىن يىشىپ قاچىلىغاندا 10G دىن يۇقۇرى ھەجىمگە ئۆرلەيدۇ،كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ قاتتىق دىسكىسى چوڭ بولسا قاچىلاڭ(بەكلا چوڭكەن)،LPC.Electric.Clean.Guitar نىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى بار ،GIGA ۋە NKI دىن ئىبارەت.
ئۈستىدىكى رەسىم NKI نۇسخىسى،GIGA نى ياخشى كۆرىدىغان دوسلار GIGA نۇسخىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

5- پاسلىق گىتتار ئاۋاز تاسىدىكى(LOOP ئاۋازلىق) قىستۇرما يۇمشاق دىتال:VCP120



VCP120 بولساUeberschall شېركىتى ئىشلەپ چىقارغان قىستۇرما يۇمشاق دىتال بولۇپ،ئۇنىڭدىن باشقا VLP120、PLP120、BPM120 قاتارلىقلىرى بار.VCP120 بولسا پاسنى ئاساس قىلغان يەنى LOOP ئاۋازلىق قىستۇرما يۇمشاق دىتال،ئاۋاز تۈسى ۋە LOOP ئاۋازلىرى شۇنداق ئىسىل،لىكىن ئۇنىڭ پاسلىرىنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتىمىز ئازىراق ئاز،ھازىرقى زامان مۇزىكىلىرىنمى ئىشلەشكە ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس،HIP HOP、  R&B ۋە RAP خىلدىكى مۇزىكىلارنى ئىشلەشكە بىر قەدەر مۇۋاپىق.

6-ئاساسى گىتتار ئاۋاز تۈسىدىكى گىتتار( ئاۋازلىقLOOP) قىستۇرما يۇمشاق دىتالiquid Instrument Guitar



بۇ SOLO لۇق ئاساسى گىتتار بولۇپ LOOP ئاۋازلىق قىستۇرما يۇمشاق دىتال بولۇپ Ueberschall شېركىتى ئىشلەپ چىقارغان،ئۇ قاپاق گىتتار ۋە ئىلىكتىرونلۇق گتتارلارنىڭ SOLO تۈسىدىكى قسقا ئاۋازلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، چىلىش ئۇسلۇبلىرى :Funk, RnB, Pop, Rock, Blues, Fusion, Jazz, Western قاتارلىق ئۇسلۇبلار،ئۇنىڭ مۇستەققىل SOLO ۋە تەڭكەش SOLO ئاۋاز تۈسلىرى بار.
ھەممە SOLO ئاۋاز تۈسلىرىنىڭ سۆرىتىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ،شۇنداقلا ئۇدارنى يۇقۇرى تۆۋەن قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ.گىتتار چىلىشنى بىمەيدىغان دوسلار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىسىل گىتتار SOLO لىرىنى چالالايدۇ .ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.

BASS



1-BASS ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئاكىسىنى Trilogy دىسەك بولىدۇ.



Spectrasonics شېركىتى ئىشلەپ چىققان BASS ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتال Trilogy ھەر بىر مۇزىكا ئىشلەيدىغان كىشىلەرنى كەم بولسا بولمايدىغان يۇمشاق دىتالى.ئاۋاز تۈسى دەششەت ئىسىل،مۇزىكا ئىشلەشتىكى ھەقىقي تاللىشىڭىز.ئۇ قاپاق باس ،ئىكلىتىرونلۇق باس،.........قاتارلىق نەچچە يۈز خىل ئاۋاز تۈسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ قاتلامغا بۆلۈپ بىرلەشتۇرۇش(نەچچە خىل باس ئاۋازلىرىنى بىللە ئىشلىتىش دەپ چۈشۈنىلى) تېىخنىكىسىنى قوللانغان.ئاۋاز تۈسى ئالامەت ئىسىل،ھەجىمى 5 دانە CD ،دوسلارغا تەۋىسسىيە قىلىمەن.

2-يەنە بىر دەششەت ئىسىل BASS ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتال:Hardcore Bass



Hardcore Bass  بولسا 7 خىل تىپتىكى(ماركىلىق) BASS نى ئۈلگە قىلىپ ئىشلەنگەن.
MUSICMAN STINGRAY  ________ باس
LAKLAND 5594 ______________بۇ 5 تارىلىق باس
1961-يىلى ئىشلەنگەن باسFENDER JASS------- ماركىسى يوق
1963- يىلى ئىشلەنگەنHner ________________ماركىسى يوق
1965- يىلى ئىشلەنگەن GIBSON--------------باس
1966- يىلى ئىشلەنگەنSILVERSTONE ______ باس
1972- يىلى ئىشلەنگەنRICKENBACKER ____ باس
NATIVE شېركىتىنىڭ KONTAKT يۇمشاق دىتال ئۈستەل يۈزىنى ئاساسى گەۋدە قىلغان.
ئاۋاز تۈسى ئىنتايىن ياخشى قىستۇرما يۇمشاق دىتال.دوسلارغا تەۋىسسىيە قىلىمەن.

3-يۇقۇرىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكىنىمىز BASS ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتال،ئەمدى  تونۇشتۇردىغىنىم  ئاپتوماتىك يەنى ئۆزلىگىدىن تەڭكەش قىلىپ بېرىدىغان BASS ئاۋازلىق قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرى ،تەقلىدىي باس گىتتارچى:،虚拟贝司手)Virtual Bassist)



Steinberg شېركىتى ئىشلەپ چىققان Virtual Bassist بولسا 25 خىل ئۇسلۇبتىكى باس ئاۋاز تۈرى يەنى پاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ،دۇنيادىكى پۈتۈن ئۇسلۇبلار بۇنىڭغا يۇغۇرۇلغان،ئۇ تولغانما مۇزىكا،مودا مۇزىكا، reggae،hip hop ،قاتارلىق نۇرغۇن ئۇسلۇبلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئىسىل باس پاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،Steinberg شېركىتىنىڭ يەقلىدىي گىتتار،تەكلىدىي ئىلىكتىرونلۇق گىتتار.تەقلىدىي دۇمبا قاتارلىق قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرىدىن كىيىن ئىشلەپ چىققان قىستۇرما يۇمشاق دىتالى.سىز رىيالنىڭ ئاكوردىنى باسسىڭىزلا ئۇ سىزگە ئاپتۇماتىك ھالدا با ئاۋازلىرىنى تەڭكەش قىلىپ بېرىدۇ،سىز ئۇنىڭ ئاۋازلىرىنى مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالىنىڭ ئىچىگە ئىكىرىپ MIDI ئاۋازلىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز،قاچىلاپ ئىشلىتىپ بېقىڭ ئالامە ئىسىل قىستۇرما يۇمشاق دىتال.

4-يەنە بىر خىل تەقلىيدى باس گتتارچى قىستۇرما يۇمشاق دىتال:BroomstickBass



BroomstickBass نۇرغۇنلىغان باس بىلەن ئورۇنلانغان پاسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىستۇرما يۇمشاق دىتال،سىز رىيالدا ئاكوردنى باسسىڭىزلا شۇنداق چىرايلىق، گۈزەل مىلودىيەلىك پاسلارنى ئورۇنلاپ بېرىدۇ.ئەسلى بۇ قىستۇرما يۇمشاق دىتالنى 1- بولۇپ تونۇشتۇراي دىگەن ،لىكىن بۇنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز ئازىراق ئۈمۈتسىزلىنىسىز،چۈنكى بۇ باس ئاۋازلىق قىستۇرما يۇمشاق دىتالنىڭ باس ئاۋاز تۈسى چىنلىقتىن ئازىراق يىراق ،بىراز يالغاندەك چىقىپ قالغان،لىكىن بۇنىڭ ئارتۇقچۇلىغى :سىز بۇ قىستۇرما يۇمشاق دىتالنىڭ مىلودىيىسىنى يەنى MIDI مىلودىيىسىنى مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالىغا ئىكىرىپ،ئاۋاز تۈسىنى باشقا قىستۇرما يۇمشاق دىتالغا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز يەنىلا ئىسىل ،چىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى مىلودىيەگە ئېرىشەلەيسىز،(MIDI يولىغا مۇشۇ يۇمشاق دىتالنى ئىچىپ،مىلودىيەسىنى ئىكىرىپ بۇ يۇمشاق دىتالنىڭ ئورنىغا باشقا يۇمشاق دىتالنى قايتىدىن ئىكىرىڭ دىمەكچى).چۈشەنمىسىڭىز بۇ توغۇرلۇق ئىنكاس يېزىڭ،مۇزىكا ئىشلەشنى بىلىدىغانلا بۇنى چۈشۈنىدۇ،يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر چۈشىنەلمەيدۇ،مۇسۇلمانداچلىق ئاستا -ئاستا ،كىيىن چۈشۈنىۋالىسىز.بۇ قىستۇرما  يۇمشاق دىتالنىڭ مىلودىيىسى ھەقىقەتەن ئىسىل.

5-بۇ قىستۇما يۇمشاق دىتالنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەي،بۇ CUBASE نىڭ ئىچىدە بار قىستۇرما يۇمشاق دىتال  (自带)،ئىسمى:VB-1



ئاۋاز تۈسى يامان ئەمەس بوپ قالىدۇ،بۇنى قاچىلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،CUBASE نىڭ ئىچىدە بار قىستۇرما يۇمشاق دىتال ،ئىلىكتىرونلۇق مۇزىكىلارنى ئىشلەشكە يىتىدۇ.

6-تەقلىيدى(BASS合成器) بىرىكتۈمە BASS ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇما يۇمشاق دىتال BassStation



BassStationتەقلىيدى بىرىكتۈمە BASS ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇما يۇمشاق دىتال ،ئۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى مۇزىكىلار ۋە ئىلىكتىرونلۇق مۇزىكىلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ.

7-KORG نىڭ بىرىكتۈمە BASS ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇما يۇمشاق دىتالى MS-20



MS-20 ياپونىيەنىڭ دۇنياغا مەشھۇر KORG شېركىتى ئىشلەپ چىقارغان  بىرىكتۈمە BASS ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇما يۇمشاق دىتال،ئالدىنقىسىغا ئوخشاشلا ،ئۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى مۇزىكىلار ۋە ئىلىكتىرونلۇق مۇزىكىلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ.

8-Ueberschall شېركىتى ئىشلەپ چىققانLOOP ئاۋازلىق باس  قىستۇرما يۇمشاق دىتالiquid Instrument BASS



Ueberschall شېركىتى ھەقىقەتەن يامان ،ئۇ ئىشلەپ چىققان بۇ قىستۇرما يۇمشاق دىتال ئارقىلىق MIDI نوتىلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق ئىسىل باس ئاۋازلىرىغا ئېرىشەلەيمىز،.ۇنىڭ سۆرىتىنى،ئاۋازنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىگىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيمىز،سىزنىڭ مۇزىكا ئىشلىشىڭىزدىكى ياخشى ھەمرىيىڭىز.
مۇشۇنىڭ بىلەن گىتتار ۋە  باس ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتاللارنى تونۇشتۇرۇشۇم تۈگىدى،سىز بۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزىڭىز ياخشى ۆرىدىغاننى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ،كىلەركى باپتا رىيال ئاۋاز تۈسىدىكى ۋە نەيلىك ،تارىلىق چالغۇلارنىڭ ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرمە يۇمشاق دىتاللارنى تونۇشتۇرىمەن.

Rank: 1

توردا
82 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-27
تىزىملاتقان
2008-3-3
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
100
يوللىغان ۋاقتى 2008-3-26 10:40:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ تولىسى مەندە يوقكەن ..
    چۇشۇرۇش ئادىرسى بولغان بولسا.......؟؟؟؟؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1999 سائەت
شۆھرەت
2225
پۇل
2909
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-1
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2225
يازما
2617

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-3-26 11:32:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈش ئادىرىسى توك ئىشەكتە بار.
بۇ ئادىرىسقا كىرىپ يۇمشاق دىتالنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزلا بولىدۇ.
                                  كىرىش

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
شۆھرەت
63
پۇل
59
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
تىزىملاتقان
2008-3-9
نادىر
0
جۇغلانما
63
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى 2008-3-27 12:51:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى  تەمىنلىگەن  بولسىڭىز   سىزدىن  تېخىمۇ  مىننەتدار  بولغان  بولاتتۇق .:) :)

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
شۆھرەت
63
پۇل
59
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
تىزىملاتقان
2008-3-9
نادىر
0
جۇغلانما
63
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى 2008-3-27 12:53:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە   توك  ئىشەكتىن  پايدىلىنىپ  چۈشۈرەمدۇق  ،  رەخمەت  سىزگە ،  بۇ  توك  ئىشەكتە  ھەممە  نەرسە  بارمۇ  نىمە  ،  خىپىرسونىكنىمۇ  شۇ  توك  ئىشەكتە  چۈشۈرگەن  ئىدىم .

Rank: 1

توردا
18 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-17
تىزىملاتقان
2008-6-20
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى 2008-7-11 22:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاپ باقمىغان دىتاللاركەن شۇنداقلا ياخشى دىتاللاركەن رەخمەت
UpFile/UpFace/2710.jpg
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-1 18:04 , Processed in 0.352039 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش