- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-1
- توردا
- 63 سائەت
- شۆھرەت
- 283
- پۇل
- 531
- تىزىملاتقان
- 2011-8-17
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 89
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 283
- UID
- 1683
 
- توردا
- 63 سائەت
- شۆھرەت
- 283
- پۇل
- 531
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-1
- تىزىملاتقان
- 2011-8-17
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 283
- يازما
- 89
|
مۇنبەردە تېما يازغاندا سۈرەت چىقىرىشقا توغرا كېلىپ قالسا،بەلكىم تور بوشلۇغىغا چىقىرىپ،ئاندىن سۈرەت ئۇلىنىش ئادرىسىنى تېمىغا قىستۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىشلتىشىمىز مۇمكىن،لېكىن مۇنبىرىمىزنىڭ ھازىرقى نۇسخسىدا تېمىغا ئۇدۇللار كومپىيوتىرىمىزدىكى سۈرەتلەرنى چىقىرىش ئىقتىدارى قوشۇلغان ۋە ئېچىۋېتىلگەن،چىقارغان سۈرەتلىرىمىزنى مۇنبەر تەمىنلىگەن بوشلۇق ساقلاپ بېرىدۇ،ناھايىتى قولايلىق.كەمىنە تۆۋەندە بۇ تېمىغا رەسىم قىستۇرغاچ،يازغان تېمىمىزغا سۈرەت چىقىرىش ئۇسۇلى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەي.
ئالدى بىلەن تېمىنى يازىمىز،ئاندىن تېمىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن رەسىم قىستۇرىدىغان ئورۇننى بوش قويۇپ،قۇر ئاتلاپ قويىمىز،بۇنداق بولغاندا كەينىدىكى مەشغۇلاتتا تەمتىرەپ قالمايسىز..ھى ھى ھى ....
ئەمدى تېمىنى يېزىپ بولدۇق،سۈرەتلەرنى چىقىرايلى:
تېما تەھرىر رايونىنىڭ ئۇستىدىكى سۈرەت كونۇپكىسىنى بېسىڭ،ئاندىن كۆزنەك ئېچىلىدۇ:
بۇبولسا سۇرەت چىقىرىش كۆزنىكى،بىرنەچچە تاللانما بار:
توردىكى رەسىم----بۇ بولسا توردىكى رەسىمنىڭ ئادرىسىنى كىرگۈزۈپ،باشقا تور بىكەتتىكى سۈرەتنى تېمىغا قىستۇرۇشقا ئىشلتىلىدۇ.
ئالبوم رەسىمى---مۇنبەر تەمىنلىگەن مەھەللە ئىقتىدارىدىكى ئەلبومغا چىقرىلغان رەسىملەردىن تاللاشتا ئىشلتىسىز،لېكىن باشتىلا ئەلبوم قۇرغان بولىشىڭىز ۋە سۇرەتلەرنى ئەلبومغا چىقىرىپ بولغان بولىشڭىز كېرەك.
رەسىم تىزىمى----تېمىغا قىستۇرۇلغان رەسىملەرنىڭ تىزىمىنى كۆرۇش،يەنى سۈرەتلەرنى بىر قۇركۆرۇپ بىكىتىش،ئادەتتە ئىشلىتىپ كەتمەيمىز.
توپ چىقىرىش---كومپىيوتىرىمىزدىكى سۈرەتلەرنى تېمىغا توپ چىقىرىش،بۇگۈنكى مەشغۇلاتىمىز دە مۇشۇ تۈردە مەشغۇلات قىلىمىز،شۇڭا ‹浏览›كونۇپكسىنى بېسىڭ:
ئاندىن كۆزنەك ئېچىلىپ،كومپىيوتىردىكى ساقلىغان ئورۇندىن تېمىغا كېرەكلىك سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ بىكىتىمىز
ئاندىن ‹上传›كونۇپكىسىنى باسساق،تاللانغان سۈرەتلەر مۇنبەرگە چىقىرىلىشقا باشلايدۇ
ھەممە رەسىم چىقىرىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇقىملاشتۇرساق بولىدۇ،
چىقىرىلغان رەسىملەر كۆزنەكتە تۇرماقتا،ئەمدى شۇ تېمىنىڭ ماس كەلگەن ئورنىنى تاللاپ،سۈرەتنى چەكسەكلا سۈرەت شۇيەرگە قىستۇرىلىدۇ،
سۈرەت قىستۇرىلغاندا نومۇر بىلەن قىستۇرىلىدۇ،شۇڭا ئەنسىرەپ كەتمەڭ،تېما رەسمى تەستىقلانغاندىن كېينلا ئاندىن سۈرەتنى رەسمى كۆرگىلى بولىدۇ
ئەمدى مەشغۇلات ئاياقلاشتى،تېمىنى يوللاپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقىنى كۈتەيلى
t7.png (8.54 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)
|
|