ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 418 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 498|ئىنكاس: 26

مىكروفون ئىشلىتىش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
44 سائەت
شۆھرەت
185
پۇل
558
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2011-9-4
نادىر
3
جۇغلانما
185
يازما
103
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 14:18:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئەزىز دوسلار ، ئادەتتە ئۈنگە ئالغان ۋاقتىمىزدا چوقۇم مىكروفون (تۆۋەندە قىسقارتىپ مىك دەپ ئاتايمىز!!) ئىشلىتىمىز. يىقىندا بىر كەسىپداش ئىنىمىز مەندىن مەسلەھەت سوراپ كىلىپتىكەن،ئۇنىڭ دىيىشىچە ؛ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ياخشى ،ئەمما ئۈنگە ئالغان ئاۋازى ئۇنى رازى قىلالماپتۇ،شۇڭا مىنىڭ تەكلىۋىمنى ئاڭلاپ باققۇسى كىلىپتىكەن. مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ بىر قانچە تەكلىۋىمنى ،ۋە تەجىرىبەمنى سۆزلەپ بەردىم... شۇنىڭدىن ھىس قىلدىم ،مۇشۇ جەھەتتىكى بىلىملەرمۇ ھەممىمىزگە بەك مۇھىم ئىكەن،شۇڭا دوسلىرىمىزغىمۇ مۇشۇ جەھەتتىكى تەجىرىبىلىرىمنى سۇندۇم،پايدىلىق تەرەپلىرى بولسا پايدىلىنارسىلەر!!!!!  ئاۋال مىك تاللاش توغرىسىدا تەكلىپ.؛؛                            1- قانچە قىممەت بولسا شۇنچە ياخشى دىگەن قاراش؛ mic.jpg
بۇ راستىنى دىگەندە بىر تەرەپلىمە قاراشتۇر،چۈنكى قىممەت مىكلارنىڭ ئاۋاز سۈپىتى ھەقىقەتەن ياخشى بولسىمۇ ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ ئاۋازىغا ماس كىلىشى ناتايىن،. ئۇنىڭدىن سىرىت ئۈنگە ئالغۇچىنىڭ سەۋىيەسى،ئۈنگە ئالغان مۇھىت،باشقا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنە دىگەندەك ئەھۋاللارمۇ ئاۋازنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئەمسە سىز ئادەتتىكى مىك بىلەن قىممەت مىكنىڭ پەرىقى يوقمۇ ؟دەپ سورىشىڭىز مومكىن، ئەلۋەتتە پەرىقى بار ، ئاددىي تىلدا چۈشەندۈرگەندە قىممەت ياخشى مىك تە ئۈنگە ئالسىڭىز ئاسانراق تەڭشەيسىز،ئەرزان مىكتە ئالسىڭىز سەل تەستىرەك تەڭشەيسىز.... (يۇقىرىدا ئېيتىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى كەسپىي مىك كە قارىتىلغان،ھەرگىزمۇ كەسپىي ئەمەس مىك بىلەن سىلىشتۇرماڭ!!!)  يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا ناخشىچىنىڭ ئۆزىدىكى سەۋىيە ، قانداقتۇر بۇنى پالانى مىك تە ئوقۇغان،ياكى پوكونى داڭلىق مىك تە ئوقۇغان دىيىش ھىچنىمىنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ. بىر ياخشى ناخشىچىنىڭ ئۆزىدە EQ,COMPRESSOR، ياخشى ھازىرلانغان بولىدۇ،ئۇنىڭ ئاۋازىغا باشقا نەرسىلەرنى ئارتۇقچە ،كۆپ قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوق،بۇ جەھەتتە ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئاكىمىز بىز گە ئۈلگە بولالايدۇ،ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئادەتتىكى مىك بولسۇن ياكى قىممەت بىك بولسۇن تەڭشەش ئىنتايىن ئاسان... شۇڭا ئاۋاز چىقىرىش سەۋىيەسىمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر!! ئەمدى گەپكە قايتىپ كەلسەك مىك تاللىغاندا ئۆز ئەھۋالىمىزغا قاراپ نورماللىرىنى تاللىساق بولىدۇ،مەسلەن؛akg c3000b،akg c414،rodi،blue دىگەنگە ئوخشاش،،،(مىسالغا ئالغان مىك لەر بولسا بەزىلىرىنى مەن ئىشلىتىپ باققان،يەنە بەزىلىرىنى مىنىڭ ئەتىراپىمدىكى كەسىپداش دوسلىرىم ئىشلىتىپ باققان،شۇڭا مۇشۇلارنى مىسالغا ئالدىم! باشقا ياخشى مىك لەر مۇ بەك جىق!!)                                                             2-مىك نى ئىشلىتىش توغرىسىدا ؛   بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن قاراشلار ۋە ئۇسۇللار مەۋجۇت،ھەممە ئۇسۇلنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىگى بار،!! مىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلۇم بولسا ؛ناخشىچى بىلەن مىك نىڭ ئارلىغىنى ئىمكان بار بىر غىرىچ ئارلىقتا تۇرغۇزۇش،(ئۆزۈمنىڭ ئاۋازىغا تەتبىقلىدىم !)نىمىشقا دىگەندە يىراق قويساق ئاۋازنىڭ يۇقىرى چاستوتىسى كۈچلۈك،تۆۋەن چاستوتىسى تۆۋەنرەك كىرىدۇ!! بۇنىڭدا ئەڭ ئىھتىيات قىلىدىغان مەسلە بولسا ئاۋازنىڭ كۈچلۈكلىگىدىن مىك نىڭ كۆتۈرۈش دائىرىسىدىن ئۆتۈپ كىتىش،بۇ چاغدىكى ئاۋاز يىرتىلىپ كەتكەندەك ئىنتايىن يىقىمسىز چىقىپ قالىدۇ!! ھەتتا مىك نى بۇزۇپ قويىشىمۇ مومكىن !!بەزى ۋاقىتتا نوېندو نىڭ ئاۋاز كىرىش چىرىغى ،ۋە كىرگەن ئاۋازنىڭ يىزىلىشى نورمال ،ئەمما ئاۋاز بىرخىل يىقىمسىز چىقىپ قالىدۇ،بۇ ئىشمۇ مىك نىڭ ئاۋازنى كۆتۈرۈش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەننىڭ ئىشىدۇر!!بۇنىڭدىن قانداق ساقلىنىمىز دىگەندە 1-دىن ناخشىچىنىڭ ئاۋاز كۈچىنى ئاڭلايمىز ،ئەڭ كۈچلۈك يىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىنى مۆلچەرلەيمىز، ئاۋاز بەك قاتتىق ياكى كۈچلۈك بولسا مىك تىن سەل يىراقراق تۇرغۇزىمىز، بىراق 50-30سانتىمىردىن ئىشىپ كەتمىسە ئەڭ ياخشى،بولمىسا ئاۋاز يىراقتىن چىقىۋىلىپ تەڭشەشكە قولايسىزلىق ئىلىپ كىلىدۇ!! 2-دىن مىك نىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىداردىن پايدىلىنىمىز،مەسلەن ؛ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغانakg c3000b  akg c414 مىكلەرنىڭ ئۆزىدە-10(مىنوس 10)دىسبىل كونۇپكىسى بار ،بۇنى ئىشلەتسەك مىكنىڭ يىراقتىكى نەرسىلەرگە بولغان ئىنكاسى تۆۋەنلەيدۇ،يىقىندىكى ئاۋازلارنىمۇ تۆۋەنرەك ئالىدۇ!! 3-دىن مىك ئاۋازىنى كۈچەيىتكۈچ،ياكى مىك ئۇلانغان ئاۋاز سۇپىسىنىڭ تەڭشىلىشىگە دىققەت قىلىش كىرەك !!  مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا ئۈنگە ئىلىڭ ،چوقۇم قايتا -قايتا سىناپ مىكنىڭ ئاۋاز دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىككە تىرىشىڭ!!                         3- مۇھىم نۇقتا مىك ئۇلانغان سىم،،،،،،،،،  بەزى دوسلىرىمىز  مىك نىڭ ياخشىسىنى ئاۋاز كارتىسىنىڭمۇ ياخشىسىنى ئالىدۇيۇ بىراق سىمغا كەلگەندە پىقسىقلىق قىلىپ قالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئالغان ئاۋاز دىگەندەك چىقماي ،تەڭشەپ بولالماي زىرىكىدۇ!! ئاۋاز كارتىسى،ھەم مىك مۇھىم بولغىنىدەك بۇ ئىككىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان سىممۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر،سىمنىڭ ۋەزىپىسى بەك ئىغىر ،مىك تارتىۋالغان ئاۋازلارنى بۇزماي ئاۋاز كارتىسىغا يوللاش ئىنتايىن زىل ئىشتۇر!! شۇڭا سىمنىڭ كەسپىي ھەم ياخشىسىنى تىپىشىمىز ،ھەم ئىشلىتىشىمىز لازىم!! ئىشەنمىسىڭىز كەسپىي ياخشى سىمنى ئىشلىتىپ بىقىڭ ،ئۈنگە ئالغان ئاۋازنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھىس قىلالايسىز!!!                                                         4-ئۈنگە ئىلىنىۋاتقاندا مىك نىڭ تەۋرىنىپ كەتمەسلىگىگە چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش كىرەك،!! مىك كە توك بىرىگلىك ئەھۋالدا قەتئى يۆتكىمەسلىك،ناخشا ئوقۇۋاتقاندا تەۋرەنمەسلىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كىرەك!! بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلانمىساق ،ئاۋازنى ياخشى ئىلىش ئەمەس ھەتتا ئامىراق مىك ىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز!! توك ئۇلانغان ئەھۋالدا يەرگە چۈشۈپ كەتسىغۇ،بولدى،،باغاق تارقىتىپ نەزىرىسىنى بىرىۋەتسەكلا بولىدۇ،مەرھۇم مىككىئاخۇننىڭ!!!!                           5-دىن مىك ئىشلىتىشتە جانلىق بولۇشىمىز كىرەك،،،،،،مەسلەن؛ سۇناي،كاناي،دىگەندەك ئاۋاز دىسبىلى كۈچلۈك سازلارغا قارىتا،زورلاپ توك بىرىدىغان مىك ئىشلەتمەسلىك كىرەك!! چۈنكى مىكنى يىقىن قويساق ئاۋاز يىرتىلىپ كىتىدۇ،يىراق قويساق ئاۋاز تولۇق ئىلىنمايدۇ دە ئۆينىڭ ئاۋازى دىگەندەك شاۋقۇنلار ئارلىشىۋىلىپ كىيىنكى تەڭشەشكە زور دەرىجىدە قولايسىزلىق ئىلىپ كىلىدۇ!!! بۇ مەسلىنى قانداق ھەل قىلىمىز دىگەندە ئۈنگە ئالغاندا  Shure/ SM57 ، Shure/ SM58S،دىگەنگە ئوخشاش تارتىشى بىرقەدەر توۋەنرەك مىكلارنى ئىشلەتسەك تامامەن بولىدۇ، بۇ مىكنىڭ بىرسى نىڭ ئۈنۈمى تازا ياخشى بولمىسا بىرلا ۋاقىتتا ئىككىنى تەڭلا ئىشلەتسەك بولىدۇ!!! بۇ بىر ئاقىلانە تاللاش!!!                                        ئاخىرىدا كىچىككىنە قوشۇمچە قىلاي، بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە مىك نى تەڭ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟؟؟؟؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ،مەسلەن؛3دانە مىكنى ناخشىچىنىڭ ،ياكى مۇزىكانىتنىڭ ئوخشاشمىغان نۇقتىسىغا قويۇپ بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە يولغا ئالساق kop yol mhk.jpg
،شۇ ناخشىچىنىڭ ھەرخىل نۇقتىدىكى ئاۋاز تۈسىنىڭ تېخىمۇ ئەينەن ئىلىنىشىغا كاپالاەتلىك قىلغىلى بولىدۇ!! بىراق بۇ سىزنىڭ كىيىنكى ئۈنۈملەش خىزمىتىدىكى ئىقتىدارىڭىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ  ،ئۇنداق بولمىغاندا ئەكىسىچە ئۈنۈم بىرىپ ئۈنگە ئىلىنغان ئاۋازنى بۇزۇپ قويىسىز،ئاڭلاشقىمۇ يىقىمسىز تەسىر بىرىدۇ!!  شۇڭا سەۋىيەرىڭىزگە قاراپ ئىش تۇتۇڭ!!! (يۇقۇرىدىكى سۇناي ،كاناي توغرۇسىدا سۆزلىگەنلىرىمنى ئۆزۈم سىناپ باققان،ئۈنۈمىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولغان!!بىراق ناخشىچىنىڭ ئاۋازىنى مەنمۇ ئۇنداق ئىلىپ باقمىغان!!)                   يىقىندا قەشقەردىكى گىتتار چالىدىغان ئىنىمىز مىرسالىجاننىڭ بىرقانچە مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ قالدىم،ئۇ مۇزىكىلاردىكى گىتتار ئاۋازى تولىمۇ يىقىملىق چىقىپتىكەن،مىرسالىجاندىن بۇنى قانداق ئۈنگە ئالغانلىقىنى سورىسام ئۇ ماڭا بىرلا ۋاقىتتا2يولغا سىم بىلەن ھەم مىك بىلەن ئۈنگە ئىلىپ بىرلەشتۇرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى، gt.jpg
!ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ مىك ئادەتتىكى مىك بولغانلىقتىن پەقەت مىك بىلەن ئالغاندا ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ تولۇق كىرمىگەندەك تەسىر بىرىپ قويغانلىقىنى،شۇڭا سىم ئۇلاش ئارقىلىق مىك تە ئىلىنماي قالغان قىسىمىنى تولۇقلاپ ئىلىشقا تىرىشقانلىقىنى دەپ بەردى! گىتتارچى دوسلىرىمىزنىڭ بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!!(ئەلۋەتتە مىرسالىجاننىڭ سەۋىيەسى ھەم چىلىۋاتقان گىتتارى ئۇنتۇلمىسۇن،ئۇنىڭدىن بىلىشىمچە گىتتار ئىسپانىيەدە ياسالغان بولۇپ خەلق پۇلىغا 13000يۇەنگە ئىلىپتىكەن!!)                     ماقالەمدىكى كەمتۈك يەرلەر بولسا دوسلىرىمىزنىڭ تۈزۈتۈپ ئوقۇشىنى ،تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇللىرى بولسا ،بىرلىكتە پايدىلىنىشقا يوللىشىنى ئۈمىت قىلىمەن!! دوسلىرىمىزغا ئامەت يار بولسۇن!!!!   
                               بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلىيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-13 16:30  

دۇنيادىن ھامان بىر كۈنى كىتىمىز،،،،،،

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2014 سائەت
شۆھرەت
2262
پۇل
2960
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-8
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2262
يازما
2621

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 14:53:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىليارجان مىنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى....مۇنبەر قۇرۇلۇپ 5- يىلغا قەدەم قويدۇق،ئىزچىل تەكىتلەيدىغىنىمىز مۇشۇنداق تېمىلارنى ،تەجىربىلىرىمىزنى يازما قىلىپ يوللاپ،بىزدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرساق دەپ تەكىتلەپ كىلىۋاتىمىز.
ھەممەيلەن بىلىدىغانلىرىمىزنى ،كاللىمىزغا قانداق تەجىربىمىز كەلسە شۇنى يازساق،ئۆز-ئارا تەكلىپ-پىكىر بېرىشسەك،بىزدە ئىسىل مەزمۇنلار تولۇقلۇنۇپ بارىدۇ...........تېمىڭىزغا رەھمەت.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2014 سائەت
شۆھرەت
2262
پۇل
2960
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-8
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2262
يازما
2621

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 15:00:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىليارجاننىڭ تېمىدا مىرسالىجاننىڭ گىتتار ئاۋازنى ئۈنگە ئېلىش توغۇرلۇق دىگەنلىرىنى كۆرۈپ، 2008-يىلى يوللىغان بۇ تېما ئىسىمگە كەپ قالدى....
بۇ دوسلارنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرلۈپ قالغان بولسا يەنە بىر قىتىم كۆرۈپ بېقىڭلار
تېما ئىسمى: گىتتار ئاۋازىنى ئۈنگە ئېلىش تېخنىكىسى
ئادىرىسى:http://www.makanmusic.com/bbs/fo ... wthread&tid=314

Rank: 2

توردا
19 سائەت
شۆھرەت
116
پۇل
379
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-19
تىزىملاتقان
2010-10-1
نادىر
0
جۇغلانما
116
يازما
85
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 15:08:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېيتقان ناخشىسىمۇ .ئاۋاز ئېلىش .ماستىر تېخنىكىسىمۇ بەك يۇقىرىكەن بۇ بۇرادەرنىڭ .رەھمەت كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدۇق.

Rank: 2

توردا
42 سائەت
شۆھرەت
171
پۇل
535
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2011-10-24
نادىر
0
جۇغلانما
171
يازما
74
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 15:55:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى تىمىلارنى كۆرسە ئادەم باشقىچە خۇشال بوپ قالامدۇ ،قانداق؟رەھمەت.نۇرغۇن دوستلىرىمىز دىققەت قىلمايدىغان نازۇك مەسىلىدىن بىرنى تىما قىلىپ يوللاپسىز.
2كۈن بولدى،ئەزا كىرىش ئورنى كۆرۈنمەيدۇ،مىنىڭلا شۇنداق ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
201 سائەت
شۆھرەت
221
پۇل
359
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2008-7-7
نادىر
1
جۇغلانما
221
يازما
351

Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 15:56:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە كۆپ رەخمەت ! ئالدىنقى قېتىملىق تىمىلىرىڭىز بىلەن بۇ تىمىڭىزنى قوشۇپ خېلى ئۈنگە ئېلىپ ماستىرلاشتا خېلى بىلىمگە ئېرىشتىم ،تىمىلىرىڭىزنى سىرىتتا ئىشلىگەنلكىك سەۋەبىدىن قول سېلىپ سىناپ بېقىش توغرا كەلمىدى،خۇدايىم بۇيرىسا ئىشتىن چۈشۈپلا قول سېلىپ ئۆگىنىش ئېلىپ بارىمەن .
.......

Rank: 2

توردا
159 سائەت
شۆھرەت
91
پۇل
444
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-11
تىزىملاتقان
2008-10-10
نادىر
0
جۇغلانما
91
يازما
408
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 16:34:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردە كۇپ قىسىم دۇسلار مۇ مۇزىكا ئىشلەش دىتالىرنى قاچىلاپ بىر يەرگە بىرىپ بۇلدى
ئەمدىكى گەپ مۇشۇ ماستىرلاش قا ياخشى تۇتۇش قىلساق بۇلغۇدەك  بۇلۇپمۇ ناخشا ئاۋازىنى سۇپەتلىك ئۇنگە ئىلىش
دىگەندەك مۇشۇنداق كۇپلەپ تىملار يولنىپ تۇرسا
مەسلەن منىڭ مىكرانۇمىمۇ   ROOD بىلەن AKG  باشتا مىكرافۇن سىتۋلغاندا پەيزى داڭلىق ماركىلىق نى ئالسام ياخشى ئۇنگە ئالىمەن دەپلام ئۇيلاپتىكەنمەن بۇ كۇرز قارشىم خاتاكەن شۇنداق ياخشى مىكرافۇنۇم تۇرپمۇ ئۇزەم ئاۋازغا ئالسام ئۇزەم ئۇيلغاندەك ئۇنۇمگە ئىرشەكمەيمەن بەزەم چاغدا ..
شۇڭا دۇسلار مۇشۇنداق تىمىلار ئۇستىدە كۇپرەل ئىزدىنەيلى

Rank: 2

توردا
31 سائەت
شۆھرەت
184
پۇل
563
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2011-12-9
نادىر
0
جۇغلانما
184
يازما
113
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 17:12:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق قىلىپ 2 ياكى 3 مىكرافۇندا 2 ياكى 3 يولغا ئاۋازغا  ئالغىلى بولىدۇ ؟ ھەر بىر مىكرافىننىڭ ئاۋاز يۇلى ئايرىم بولامدا ؟؟
┽ . .Kadirla_→KaDrigNi BilGanLani . . ★_

Rank: 2

توردا
44 سائەت
شۆھرەت
185
پۇل
558
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2011-9-4
نادىر
3
جۇغلانما
185
يازما
103
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 17:15:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياڭراق يوللىغان ۋاقتى  2012-1-13 17:12
قانداق قىلىپ 2 ياكى 3 مىكرافۇندا 2 ياكى 3 يولغا ئاۋازغا  ئ ...

ئەلۋەتتە ئايرىم بولىدۇ دە قىرىندىشىم،كارتىڭىزنىڭ مانچە كىرىش مانچە چىقىش دىگەن يەرلىرى بىكار چىقمىغان،شۇ بىرلا ۋاقىتتا چىقىش كىرىشكە قارىتىلغاندۇر!!!
دۇنيادىن ھامان بىر كۈنى كىتىمىز،،،،،،

Rank: 4

توردا
208 سائەت
شۆھرەت
680
پۇل
2096
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2009-5-10
نادىر
0
جۇغلانما
680
يازما
585
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 17:18:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن ئىليارجان رەھمەت سىزگە.ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ.ئۆتكەندە سەنئەت گۈلزارى پىروگىراممىسىدا ئەنۋەر سەمەت ئەپەندىمنى زىيارەت قىپتىكەن شۇچاغدا بۇ ئاكىمىز كەسپىي ئاۋازغا ئېلىشنى ئۆگىنىدىغانلار 2-3يىل مىكروفۇننى قانداق توغۇرلاشنى ئۆگەنمىسە بولمايدۇ دەۋاتىتتى .زادى مۇھىم ئىشدە بۇ مىك نىڭ ئىشى.
ياشا ئۇيغۇرۇم

Rank: 3Rank: 3

توردا
486 سائەت
شۆھرەت
381
پۇل
917
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
381
يازما
1141

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 17:28:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل تېما بوپتۇ ئەىراپلىق يېزىپسىز تېمىڭىزغا رەخمەت بۇ بىلىملەردىمۇ خەۋەردار بولدۇق
بىلگەننى ئۈگەت بىلمىگەننى ئۈگەن
تەتىلدە دەم ئېپ كۈنۈپ قېپ دەرىس ئۈتۈش خوش ياقمايۋاتىدىغۇ بىرادەرلەر  

Rank: 3Rank: 3

توردا
135 سائەت
شۆھرەت
258
پۇل
761
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2010-9-3
نادىر
1
جۇغلانما
258
يازما
220
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 17:47:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت دوستۇم..ھەقىقەتەن ئىسىل دەرىسلىك بوپتۇ..
دىمىسىمۇ ناخشا ئوقۇغۇچىنىڭ ئاۋازى ياخشى بولسا مىك بىلەن ئىغىزئارلىقى مۇۋاپىق بولسا مىك ياخشى تەڭشەلسە بەزىدە ئويلىمىغان ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدىكەن..
بۇرۇن مەن 10 نەچچە يۈئەنلىك ئادەتتىكى ئىرجىنىڭ مىكىدا بىرنەچچە ناخشىنى لۇيىن قىپ باققان ئىدىم..سىزيۇقىردا دىگەندەك يامان ئەمەس تەڭشەپتىكەنمەن ..ناخشا ئوقۇغۇچىنىڭ ئاۋازىمۇ ياخشى بولغاچ يامان ئەمەس چىققان..
بولسا مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلىرىڭىزئۈزۈلمىسۇن..

Rank: 2

توردا
112 سائەت
شۆھرەت
72
پۇل
383
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2010-12-7
نادىر
0
جۇغلانما
72
يازما
161
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 18:11:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ! ناھايتىمۇ تەپسىيلى يېزىپسىز!

Rank: 3Rank: 3

توردا
185 سائەت
شۆھرەت
339
پۇل
1185
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2011-9-23
نادىر
1
جۇغلانما
339
يازما
295
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 18:36:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىىڭزغاكۆپرەھمەت ...ئاۋازغائېلىشقادا ئىر يىڭى بىلىمگەئىگەبولدۇم....ماستىرلاش مەخپىيتىڭىزنىڭ 3-قىسمىنى كۆرسەك بولاتتى

Rank: 2

توردا
159 سائەت
شۆھرەت
91
پۇل
444
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-11
تىزىملاتقان
2008-10-10
نادىر
0
جۇغلانما
91
يازما
408
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 20:49:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىليارجان ئۇستاز سىزدى بىر گەپنى سورۋالسام
  ‹بىر ياخشى ناخشىچىنىڭ ئۆزىدە EQ,COMPRESSOR، ياخشى ھازىرلانغان بولىدۇ،›
  EQ دىگەن بىلەن COMPRESSOR دىگەن گەپ ئۇنۇملەشتە بەزەن چاغدا ئۇچىراپ قالدۇ لىكىن مۇشۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۇشەنمەيمەن .ئۇزەم كەسپىي بۇلمغاچقا بەزەن ئاتۇلغۇلارنى چۇشنۇپ كىتەلمىدىم
  EQ بىلەن  COMPRESSOR  بۇ مۇزىكلىدكى قانداق نەرسە تەلىم بەرسڭىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-8 12:30 , Processed in 0.779769 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش