- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- توردا
- 74 سائەت
- شۆھرەت
- 387
- پۇل
- 708
- تىزىملاتقان
- 2011-8-17
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 112
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 387
- UID
- 1683
 
- توردا
- 74 سائەت
- شۆھرەت
- 387
- پۇل
- 708
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- تىزىملاتقان
- 2011-8-17
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 387
- يازما
- 112
|
LOVEMUSIC يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 12:58 
ياخشى مەسلەھەت بوپتۇ ،مەن بايا مەدىكار ئەپەندىنىڭ تىم ...
lovemusicئەپەندىمنىڭ تەكلىۋىگە كۆپ رەھمەت،سىرلىق ئەپەندىمنىڭ باشتىكى تېمىسىدا بۇتوغرىسىدا قىسقا توختالغان ئىدۇق،بۇيەردە مەن يەنە بىر نەچچە كۆزقارشىمنى قويۇپ ئۆتەي:
1.كەمىنە بۇسېستىمىنىڭ ئۇمۇمى سىغىمىنى4.5GBئەتراپىدا كونتىرول قىلشىمدىكى سەۋەب،توربۇشلۇغىغا چىقىرىپ،تەمىنلەش قىلىنسا،ئاسانلا بىر ئوپتىك دېسكىغا سىغىپ،قاچىلاشقا ئاسان بولىشىنى كۆزدە تۇتقان ئىدىم.
2.ئاۋاز ئۈنۈملىرى ئەزەلدىن يۇقىرى سىغىمنى ئىگەللەيدۇ،شۇنداقلا بەزى ئۈنۈملەر باشقا دوسلارغا كېرەك بولسا،بەزى دوسلار بىرلا قېتىممۇ ئىشلەتمەسلىگى مۇمكىن،شۇڭا مەنە رەھبەر دېتال قاچىلاش،ئاۋاز ئۈنۈمى قاچىلىمسالىقنى ئويلىغان ئىدىم.
3.سېستىمىنىڭ باشقا ھەرخىل قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە نورمال قاچىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس ئەمەس،مەسىلە كەسپى يۇمشاق دېتالنىڭ نورمال ئەسلىگە قايتۇرۇلۇپ،خىزمەتنى دەمال باشلىشىدا.شۇڭا كەمىنە رەھبەر دېتالىغا ئوخشاش يۇمشاق دېتالنىڭ ئاپتوماتىك قاچىلىنىپ،ئاپتوماتىك تىزىملاش قىلىشىنى سىناق قىلماقچى،بۇنداق بولغاندا قاچىلاش تېخىمۇ ئاسانغا توختاپ،كەسپى يۇمشاق دېتالنىڭ باشقا دېسكا رايونىغا قاچىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،سېستىما رايونىنىڭ پاكىز بولىشىغا پايدىلىق.
4.ھەممە دوسلارغا Acrionsنى قاچىلاڭ دېگىلى بولماس،بۇيۇمشاق دېتال ئىقتىدارى نوچى بولغان بىلەن،دوسلار تولۇق چۈشىنىپ پايدىلىنىشىغا يەنە كۆپ ۋاقىت بار.
5.ھەممە نەرسە تەييار بولغان بىر قاتتىق دېسكىنى باشقا كومپىيوتىرغا كىلونلاش ئانچە تەس ئەمەس،شۇنداقلا قاتتىق دېتال سەپلىمىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىغىدىن ئەنسىرەس ھاجەتسىز،پەقەت كىلونلاشتىن بۇرۇن،ئاساسى قاتتىق دېسكىدىكى سېستىمىغا سەل تەڭشەش قىلساقلا كۇپايە.
6.دوسلار ئىشلەتكەن رەھبەر يۇمشاق دېتال ئوخشىماسلىغى مۇمكىن،شۇڭا مېنىڭچە بولسا بىر نەچچە رەھبەر يۇمشاق دېتالنى بۇسېستىمىدا تەمىنلەپ،سېستىما ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن،رەھبەر دېتالنى تاللانمىدىن تاللىساق،ئاپتوماتىك قاچىلاپ بېرىدىغان قىلساق،دوسلار قانداق قارايدىكىن؟
كاللام بەك جايىدا ئەمەس.. ئۇنتۇپ قالغان يەرلەرنى يەنە تولۇقلارمەن. |
|