ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 418 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1186|ئىنكاس: 1

كومپىيۇتېر مۇزىكىسىدىن سۇئال جاۋاپلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2009 سائەت
شۆھرەت
2260
پۇل
2958
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2260
يازما
2621

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-9-17 13:26:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

musicfan



سۇئال سورىغۇچى : قىزىلگۈل
جاۋاپ بەرگۈچى : Musicfan

1. مۇزىكا سېزىمى بار ئەمما كەسپىي نۇقتىدىن سەۋىيىسى 0 ئادەمنىڭ كومپيۇتىر مۇزىكىسىنى تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۆگىنىۋالالىشى مۇمكىنمۇ؟
2. تىللىق چالغۇلارنى بىمالال چالالايدىغان ، خەنزۇتىلى سەۋىيىسى كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگنىشكە يېتىدىغان بىرى كومپيۇتىر مۇزىكىسىنى ئۆگەنمەكچى بولسا ئەڭ دەسلەپ ئىشنى نەدىن باشلىشى كېرەك ؟
3. كومپيۇتىر مۇزىكسىنى يەنى كومپيۇتىردىن پايدىلىنىپ يۇمشاق دېتالدا مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن كەسپىي بىلىمنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىنىڭ قانداق رولى بولىدۇ ؟
4. بۇنىڭ ئۈچۈن كەسپىي كومپوزىتورلار بىلىشكە تېگىشلىك بارلىق بىلىمنى چوقۇم بىلىش تەلەپ قىلىنامدۇ؟
5. ھەرقايسى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئاساسىي پەرقى قايسى تەرەپلەردە بەكرەك ئىپادىلىنىدۇ ؟
6. كومپيۇتىردىن پايدىلىنىپ مۇزىكا ئىشلەشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن يەنە قانداق زۆرۈر شەرتلەر لازىم؟ ( قاتتىق دېتالنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. )
7. كومپيۇتىر بىلىمىنىڭ قانچىلىك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ ؟
8. تەخمىنەن قانچىلىك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن؟ ( ئەڭ زور تىرىشچانلىقتا )

كەسپىي سوئال
1. كومپيۇتىردا ئىشلەنگەن مۇزىكا بىلەن ھەقىقىي مۇزىكىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
2. كومپيۇتىر مۇزىكىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكى قايسى ؟
3. چەتئەللەرنىڭ كومپيۇتىر مۇزىكىسىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالى قانداق ؟
4. داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ ناخشىلىرىدا ئىشلىتىۋاتقىنى كومپيۇتىردا ئىشلەنگەن مۇزىكىلارمۇ؟
5. كومپيۇتىردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان ئاۋاز ئۈنۈملىگۈچنىڭ ھازىرقى سەنئەت ساھەسىدىكى ئېتراپ قىلىنىش، قوللاشقا ئېرىشىش ئەھۋالى قانچىلىك ؟ بۇنىڭ ھەققىي ئاۋازلىق ناخشىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى قانداق ؟

-----------------------------------------------------------------------------------------------------

1. مۇزىكا سېزىمى بار ئەمما كەسپىي نۇقتىدىن سەۋىيىسى 0 ئادەمنىڭ كومپيۇتىر مۇزىكىسىنى تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۆگىنىۋالالىشى مۇمكىنمۇ؟

مۇمكىن . تەۋرەنمەس چىدامچانلىق بولسا چوقۇم

2. تىللىق چالغۇلارنى بىمالال چالالايدىغان ، خەنزۇتىلى سەۋىيىسى كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگنىشكە يېتىدىغان بىرى كومپيۇتىر مۇزىكىسىنى ئۆگەنمەكچى بولسا ئەڭ دەسلەپ ئىشنى نەدىن باشلىشى كېرەك ؟

كومپىيۇتېر مۇزىكىسىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىدىن باشلاپ چۈشىنىشنى ئويلايدىغانلار . مۇنداقچە ئېيتقاندا كومپىيۇتېر مۇزىكىسىنى ھەقىقىي ماھىيتىدىن چۈشىنىپ ئۈگۈنىشنى خالايدىغانلار كومپىيۇتېرنى كەسپى ئۇسكۈنىلەرتەلەپ بۇيىچە قۇراشتۇرۇپ . كومپىيۇتېر مۇزىكىسىغا ئائىت خەنزۇچە نۇرغۇن كىتاپ ماتىرىياللار بار. توردىمۇ نۇرغۇن ماتىرىياللار بار . شۇلارنىڭ بىرىنجى بېتىدىن باشلاش كىرەك .

3. كومپيۇتىر مۇزىكسىنى يەنى كومپيۇتىردىن پايدىلىنىپ يۇمشاق دېتالدا مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن كەسپىي بىلىمنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىنىڭ قانداق رولى بولىدۇ ؟

مۇزىكا ئىشلەيدىغان دىتاللار. كەسپى نەزىرىيەۋى بىلىملەر ئاساسىدا تۈزىلىدۇ . كەسپى بىلىم قانچە يۇقىرى بولسا . دىتاللارنىڭ ئىقتىدارىدىن شۇنچە تۇلۇق شۇنچە جانلىق پايدىلانغىلى بۇلىدۇ . ئادەم قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىمكان بار دىتاللارغا قىلغۇزغىلى بۇلىدۇ . ۋاقىت جەھەتتە ئۇتقىلى بۇلىدۇ مەسىلەن : بەزىلەر يانفۇننى . سۆزلىشىش . قىسقا ئۇچۇر يوللاش . تورغا چىقىش . يانفۇن بانكىسى ئىشلىتىش ....ئىشقىلىپ يانفۇننىڭ ھەممە ئىقتىدارىدىن جانلىق پايدىلىنىدۇ . بەزىلەر شۇنچە ئىقتىدارلىق نەچچە مىڭ سوملۇق يانفۇننى 50 سوملۇق يانفۇنغا ئوخشاش . تېلىفۇن ئۇرۇش ۋە قۇبۇل قىلىشقىىلا ئىشلىتىدۇ ..
دىمەك ئىقتىدار ئىسىراپچىلىقى بولمايدۇ

4.بۇنىڭ ئۈچۈن كەسپىي كومپوزىتورلار بىلىشكە تېگىشلىك بارلىق بىلىمنى چوقۇم بىلىش تەلەپ قىلىنامدۇ؟

ياق . كومپىيۇتېردىن پايدىلىنىغان كومپىزىتورلار كۆپ ئەمەس . بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەڭ قىلىمەن دىيىش ئاسان ئەمەس . چۈنكى ھەقىقىي كومپىزىتور بۇلۇش ئۇچۇن بەك ئۇزۇن جەريان كىتىدۇ . ئەگەر ھەر ئىككىلىسىدە تەڭ يىتىشكەن ئادەم بولسا بۇنداق ئادەمگە گەپ كەتمەيدۇ

5. ھەرقايسى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئاساسىي پەرقى قايسى تەرەپلەردە بەكرەك ئىپادىلىنىدۇ ؟

. ئىقتىدار . كۈرۈنۈش . قۇلايلىقلىق . قۇشۇمچە دىتاللىرىنىڭ ئاز كۆپلىگى ..يەنە نۇرغۇن جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ . لىكىن ھازىر كۇچلۇك رىقابەت ئارقىسىدا بۇ پەرق ئاساسەن قالمايۋاتىدۇ . ھەممىسى ئاجايىپ قالتىس دىتاللار . قايسىنىڭغا كۇنەلىسىڭىز شۇنى ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ .

6. كومپيۇتىردىن پايدىلىنىپ مۇزىكا ئىشلەشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن يەنە قانداق زۆرۈر شەرتلەر لازىم؟ ( قاتتىق دېتالنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

كومپىيۇتېر مۇزىكىسى قاتتىق دىتال بىلەن ئوخشايدۇ ، يۇمىشاق دىتال دىگەن تولا گەپ

7.كومپيۇتىر بىلىمىنىڭ قانچىلىك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ ؟

3 -سۇئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ

8. تەخمىنەن قانچىلىك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن؟ ( ئەڭ زور تىرىشچانلىقتا

-كومپىيۇتېر ئاساسى بىلىمىڭىز .تىل ، كەسپى بىلىمىڭىزغا باغلىق . ھەممىسى تەل بولسا بىرە ئايدا ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدىغان بۇلىسىز. ئاندىن كىيىن مەڭگۇ توختىمايسىز

----------------------------------------------------------------------------------------------------

1 - كومپيۇتىردا ئىشلەنگەن مۇزىكا بىلەن ھەقىقىي مۇزىكىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

كومپىيۇتېر مۇزىكىسىنىڭ ھەم مۇشۇ ساھەنىڭ ئاخىرقى تەرەققىيات نىشانى كومپىيۇتېرمۇزىكىسى بىلەن ھەقىقىي مۇزىكىنىڭ پەرقىنى ئازايتىش .ھەم يوق قىلىش . دەرۋەقە كومپىيۇتېر مۇزىكىسى مىسلىسىز تەرەققىي قىلىپ بۇ نىشانغا ئاساسەن يېقىنلاشتى . ھازىر كومپىيۇتېردا ئىشلەنگەن مەيلى ئوركىستېر مۇزىكىلار بولسۇن مەيلى زامانىۋى مۇزىكىلار بولسۇن ھەقىقىي مۇزىكىدىن كۆپ پەرق قىلمايدۇ . بۇنى ھەتتا كەسپى مۇزىكانتلارمۇ ئايرىيالمايدۇ . لىكىن مىنىڭ قارىشىمدا كومپىيۇتېر مۇزىكىسى مەڭگۈ ھەقىقىي مۇزىكىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ يەنى ھىسىيات جەھەتتە ئورنىنى باسالمايدۇ . مەسىلەن . مەن بىر ئوركىستېر مۇزىكا ئىشلىگەن بولسام . 50 - 60 مۇزىكاتنىڭ قىلغان ئىشىنى مەن بىر ئادەم قىلىمەن . دىمەك بۇ يەردە بىر ئادەمنىڭ ھىسىياتى چىقتى دىگەن گەپ . ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەرقانداق دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىزىتور . ھەرقانداق چالغۇنىڭ چېلىش قانۇنىيىتى بىلسىمۇ . لىكىن ئۇنىڭ ھىسىياتىنى شۇ چالغۇنى چالغان مۇزىكانتتەك چىقىرالىشى مۇمكىن ئەمەس . بۇلۇپمۇ كامانچىلىق . يەللىك سازلارنىڭ ھىسىياتىنى بىز ھەممە چالغۇنىڭ ئاۋازىنى چالغاندا MIDI رىيال ياكى MIDI گىتتار دىگەندەك ئۈسكۈنىلەردىن پايدىنىلىنىمىز. بۇ ئۈسكىنىلەردە ھەممە چالغۇنىڭ . ھىسىيات پۇراقلىرىنى چىقىرىش بەك تەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مۇزىكانت بىز مۇزىكىنى 10 قېتىم چالسا، ۋاقىت شارائىت ، مۇھىت سەۋەبىدىن 10 خىل ھىسىياتتا چېلىش مۇمكىن ..
قىسقىسى مۇزىكا . ھىسىيات . پۇراق ، شىۋە بىلەن ئۇرە تۇرىدىغان نەرسە ، بۇلارنى ئۆزئەسلى بۇيىچە كومپىيۇتېرمۇزىكىسىدا ئىپادىلەش . شۇ كومپىزىتورغا ناھايتى يۇقىرى سەۋىيە . تېخنىكا تەلىۋىنى قويىدۇ . شۇڭا ھازىر كومپىيۇتېر مۇزىكىسى شۇنچە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ كومپىيۇتېردا مۇزىكا ئىشلەيدىغانلار مۇزىكىنىڭ ئاساسى قىسمىنى مەسىلەن . دۇمباق ، باس ، قىسىملىرىنى كومپىيۇتېردا ئىشلىسىمۇ بەزى ھالقىلىق جايلارنى ھەقىقىي چالغۇدا چېلىپ ئۇرۇنلاپ بىرلەشتۇرىدۇ

2 - كومپيۇتىر مۇزىكىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكى قايسى ؟

بۇ بەك چوڭ تىما . مەن يېقىندا " سەنئىتىمىز تەرەققىي قىلدىمۇ " ۋە " سەنئەت پاخاللىقى " توغرىسىدا ئايرىم بىر يازما يوللايمەن شۇنىڭدا پەن - تېخنىكىنىڭ ۋە كومپيۇتىر مۇزىكىسىنىڭ ئارتۇقچىلىق . يىتەرسىزلىگى ئۈستىدە تەپسىلى توختىلىمەن . ھازىر ۋاقىت ئىسىراپ قىلماي

3 - . چەتئەللەرنىڭ كومپيۇتىر مۇزىكىسىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالى قانداق ؟

تەرەققىياتىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن . ھازىر بۇ ساھەدىكى تەرەققىياتلارنى سىناپ بېقىش ئۇياقتا تۇرسۇن . خەۋەرلىرىنى كۇرۇپ بۇلۇشقىمۇ ئۈلگۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ كىشى شۇنداقتىمۇ قىسقىچە دەپ باقاي . لىكىن بۇ بەك ئاز بىرقىسمى
1 - قاتتىق دىتال جەھەتتە . كومپىيۇتېر مۇزىكىسىغا ئائىت قاتتىق دىتاللارنى ئىشلەيدىغان زاۋۇتلار كۆپىيىۋاتىدۇ . مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى يىڭىلىنىپ . ئىقتىدارلىرى ئېشىۋاتىدۇ . مەسىلەن . ئاۋاز كارتىسى ، ئاۋاز مەنبىيى ، MIDI رىيال ، MIDI گىتتار ، MIDI يەللىك ئەسۋاپ . ھەرخىل ئۈنۈملىگۈچ .ۋاھاكازالار .....
2 - يۇمىشاق دىتال جەھەتتە . قۇمدەك مۇزىكا ئىشلەيدىغان دىتاللار بار ھازىر . ئەڭ كەسپى دىتاللار دەپ قارىلىۋاتقان Cubase , Fruityloops , Nuendo , Samplitude , Sonar , Sound Forge , Wavelab , Audition لارنىڭ ئالدى 30 - 40 قېتىم كەينى 10 نەچچە قېتىم نەشرىنى يىڭىلاپ بولدى . قىستۇرما دىتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭدىن بەك ۋەھشى بۇلاۋاتىدۇ
تەقلىدى دۇمباقچى ، تەقلىدى باس گىتتارچى ، تەقلىدى گىتتارچى ، ئىشقىلىپ ھەرقانداق چالغۇلارنىڭ تەقلىدى قىستۇرما دىتاللىرى مەيدانغا چىقىپ ھەقىيقى چالغۇچىلارغا كۇچلۈك خىرىس پەيدا قىلدى . كومپىيۇتېردىكى مۇشۇ تەقلىدى قىستۇرما دىتاللارنىڭ تەسىرىدىن . ئۆز كەسپىنى تاشلىۋەتكەن مۇزىكانتلارمۇ خېلى بار
3 - ئاۋازغا ئېلىش ، تەھرىرلەش جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغا ئاۋاز ئېلىش ئۆيلىرى ئاساسەن كومپىيۇتېردىن پايدىلىنىدۇ . مۇشۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئاۋازغا ئېلىش ئۆيلىرىدە ئىشلىتىدىغان ھەرخىل ئۈسكۈنە . ئۈنۈملىگۈچلەرنىڭ . يۇمشاق دىتال شەكىلدىكى قىستۇرما دىتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئادەمنى تېخىمۇ چۈچىتىدۇ . ئاساسەن قاتتىق قاتتىق دىتاللارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ بولدى . مۇنداقچە ئېيتقاندا . نەچچە مىڭ ھەتتا نەچچە يۇز مىڭ سوملۇق
ئۈسكۈنىلەرنىڭ رولىنى . نەچچە مىڭ سوملۇق (بىزگە نىسبەتەن ھەقسىز دىتاللار)قىستۇرمايۇمىشاق دىتاللارئوينىيالايدۇ
4 - ئۇن - سىن پىلاستىنكىلىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بەزى كەسپى مۇزىكا ئەترەتلىرىدىن باشقىلارنىڭ ئاساسەن كومپىيۇتېر بىلەن قىلىنىدۇ . كەسپى مۇزىكا ئەترەتلىرى ئەمىلى چالغان بىلەن ئاۋازغا ئېلىش ئىشلىرى يەنىلا كومپىيۇتېردا تاماملىنىدۇ
5 - ھازىر چەتئەللەردە " كومپىيۇتېر مۇزىكا كىچىلىگى " ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ . رىيال بىلەن لەپتۇن كومپىيۇتېر بىر لەشتۇرۇپ ئىشلەنگەن يىڭى ئۈسكىنىدىن 4 - 5 نى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ ئادەمنى تاڭ قالدۇرغىدەك مۇزىكىلارنى ئۇرۇنلاۋاتىدۇ

4 - داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ ناخشىلىرىدا ئىشلىتىۋاتقىنى كومپيۇتىردا ئىشلەنگەن مۇزىكىلارمۇ؟

ئاساسەن شۇنداق . كەسپى مۇزىكا ئەترەتلەرياكى ئوركىستېر ئۈمەكلەر ناخشا كىچىلىگى ياكى مۇزىكا كىچىلىكلىرىدە مۇزىكىلارنى ئەمىلى چالىدۇ . ئۇنى پىلاستىنكا قىلىپ تارقىتىش ئۇچۇن مەن بايا دىگەندەك . كومپىيۇتېردىن پايدىلانغان ئاۋاز ئېلىش ئۆيلىرىدە ئاۋازغا ئېلىپ تارقىتىدۇ

5 - كومپيۇتىردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان ئاۋاز ئۈنۈملىگۈچنىڭ ھازىرقى سەنئەت ساھەسىدىكى ئېتراپ قىلىنىش، قوللاشقا ئېرىشىش ئەھۋالى قانچىلىك ؟ بۇنىڭ ھەققىي ئاۋازلىق ناخشىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى قانداق ؟

بۇنىڭ ئىجابى ھەم سەلبى تەسىرلىرى بار، بۇنى ھېلىقى يازماقچى بولغان يازمامدا چۈشەندۈرەي

Rank: 2

توردا
159 سائەت
شۆھرەت
91
پۇل
444
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-11
تىزىملاتقان
2008-10-10
نادىر
0
جۇغلانما
91
يازما
408
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-3 15:13:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ياخشى سۇرالغان سۇئال ھەم  ئەستايدىل بىرلگەن جاۋاپ بۇپتۇ  .؟:)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-8 04:43 , Processed in 1.345828 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش