- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-7
- توردا
- 2009 سائەت
- شۆھرەت
- 2260
- پۇل
- 2958
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2621
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2260
- UID
- 1
  
- توردا
- 2009 سائەت
- شۆھرەت
- 2260
- پۇل
- 2958
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-7
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2260
- يازما
- 2621
|
دوستىمىز Musicfan يىقىندا مۇزىكا ئىشلەش ۋە خىزمىتى ئالدىراش بولغانلىق سەۋەب بۇ تېمىنى ئۇنىڭ قوشۇلىشى بىلەن Musicfan ئەپەندىگە ۋاكالىتەن يوللاپ قويدۇم،Musicfan ئەپەندىنىڭ خىزمىتى بىراز بىسىققاندىن كىيىن دوسلار بىلەن پىكىرلىشىدۇ.
Musicfan
مەن ئەسلى تەرتىپ بۇيىچە " كومپىيۇتېر مۇزىكىسى " توغرىسىدا دەسلەپكى بايان دىگەن تىمامنىڭ داۋامىنى يازماقچى ئىدىم MIDI توغرىسىدىكى مەزمۇنلارغا تېخى خېلى بار ئىدى ، لىكىن مۇنبەرگە كىرگەندىن بىرى تورداشلارنىڭ بەزى سۇئاللىرى ، مەسىلەن : Wav , MP3 .......دىگەندەك ھۆججەتلەرنى MIDI غا ئايلاندۇرغىلى بۇلامدۇ ؟ ، Wav , MP3 ناخشىلارنىڭ مۇزىكىسىنى ساقلاپ قېلىپ ئاۋازىنى يوقاتقىلى بۇلامدۇ ؟ دىگەندەك ...ئۇندىن باشقا بەزى تورداشلارنىڭ MIDI توغرىسىدىكى خاتا چۈشەنچىلىرى ، مىنى MIDI ۋە ھەقىقى ئاۋاز ( Wav ) توغرىسىدا بىر نەرسە يېزىشقا ئالدىراتتى ، شۇڭا ئۈزەمنىڭ بىلىشىچە ئالدى بىلەن MIDI توغرىسىدا توختالماقچىمەن
MIDI نىڭ نىمىلىكىنى بىلىش ئاۋاز بىلەن ھەپىلىشىدىغانلار ۋە مۇزىكانتلار ئۇچۇن تولىمۇ مۇھىم " كومپىيۇتېر مۇزىكىسى " بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم .
" كومپىيۇتېر مۇزىكىسى " نىڭ يادروسى MIDI ۋە Digital Audio ( سىفىرلىق ئاۋاز ) ، ھالبۇكى ئەڭ دەسلەپكى " كومپىيۇتېر مۇزىكىسى " MIDI تېخنىكىسى كومپىيۇتېر سىستىمىسىغا كىرگەندىن كىيىن بارلىققا كىلىشكە باشلىغان . يەنى : MIDI تېخنىكىسى كومپىيۇتېر سىستىمىسىغا كىرگەندىن كىيىن ، كومپىيۇتېر دىگەن بۇنەرسە ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان مۇزىكا تەھرىرلەش خىزمەت ماشىنىسىغا ئايلاندى ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، كومپىيۇتېر دىگەن بۇنەرسە ، ئەڭ ياخشى Music Workstation ( ئىلىكتىرونلۇق بىرىكمە چالغۇ ) غا ، چەكسىز ئاۋاز مەنبىيىگە ، ئەڭ ياخشى مۇزىكا ئەترەتكە ، ئۈسكۈنلىرى ئەڭ كەسپى ، ئەڭ تۇلۇق بولغان ئەڭ ياخشى ئۈن ئېلىش ئۈيىگە ئايلاندى ، خوش ... ئۇنداقتا ..
MIDI دىگەن نىمە ؟
MIDI دىگەن بۇ ئاتالغۇ Musical Instrument Digital Interface نىڭ قىسقارتىلمىسى بۇلۇپ ، خەت بۇيىچە تەرجىمە قىلساق : " مۇزىكا چالغۇلىرىنى سىفىرلاشتۇرۇش ئېغىزى " ياكى " چالغۇلارنى سىفىرلاشتۇرۇش ئېغىزى " دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ، ئوبدان تەھلىل قىلساق ، چالغۇ بىلەن باشقا ئۈسكىنە ئوتتۇرىسىدا سانلىق مەلۇمات يوللاش قۇبۇللاشنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ ، مەسىلەن : MIDI كىرىش چىقىش ئېغىزى بار ھەرقانداق چالغۇ
بىلەن Sequencer يەنى ( MIDI تەھرىرلەش ئۈسكىنىسى ) { Sequencer نىڭ تەرجىمىسىگە مۇۋاپىق سۆز تاپالمىدىم ) ياكى MIDI كىرىش چىقىش ئېغىزى بار ھەرقانداق چالغۇ بىلەن كومپىيۇتېر ئوتتۇرىسىدىكى سانلىق مەلۇمات يوللاش قۇبۇللاشنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ ، " چالغۇلارنى سىفىرلاشتۇرۇش ئېغىزى " دىگەن جۈملىدىكى " ئېغىز " ھەرگىزمۇ قاتتىق دىتالنىڭ كىرىش چىقىش ئېغىزىنى كۆرسەتمەيدۇ ، ئۇ بىر كومپىيۇتېر كەسپى ئاتالغۇ بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ھەقىقى مەنىسى " كىلىشىم " يەنى چالغۇ بىلەن ئۈسكۈنلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگنىڭ ئۆلچەم قېلىپى .
دوستلار دىققەت قىلغان بۇلىشى مۇمكىن ،ھازىرقى كومپىيۇتېر ئانا تاختىسىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاۋاز كارتىسى بار 865 تىپلىق ئانا تاختىدىن بۇرۇنقى ئانا تاختىلارنىڭ ئاۋاز كارتىسىدا مەسىلەن 845 ، 815 ، 810 ، دىگەندەك ئانا تاختىلارنىڭ ئاۋاز كارتىسىدا MPU-401-MIDI-Interface دىگەن خەت بار بىر ئېغىز بار ( ئۇزۇنچاق كەلگەن )
بەزىلەر بۇنى ئۇيۇن قۇرالى چاتىدىغان ئېغىز دەپ قويىدۇ ، مانا بۇ دەل MIDI كىلىشىم ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان
قاتتىق دىتال ئېغىزى ھىساپلىنىدۇ ، بۇ ئارقىلىق بىر كومپىيۇتېرغا ھەرقانداق MIDI كىرىش چىقىش ئېغىزى بار ھەرقانداق چالغۇنى، مەسىلەن : MIDI رويال ، MIDI گىتتار قاتارلىقلارنى چېتىپ كومپىيۇتېردىكى MIDI تەھرىرلەش دىتاللىرىغا MIDI سىگىنال يوللىيالايمىز ،
بۇنىڭدىن شۇنى كۈرۋېلىشقا بۇلىدۇ كومپىيۇتېر ئاللىقاچان MIDI كىلىشىم ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلىشىپ بولغان
ناۋادا ئاۋازغا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئېلىكتېر ئۈسكۈنلىرى MIDI كىلىشىم ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشسا
ئەمەلىيەتتە ھازىر ئۇنداق ئۈسكۈنىلەر كۆپ . مەسىلەن رويال ، كومپىيۇتېردىن باشقا ، MIDI تۇنۇيدىغان يانفۇن
سىنبار ( VCD )، سائەت دىگەندەك ......بۇلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز - ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرغىلى بۇلىدۇ . يەنى بىر رويالدا
ئىشلىگەن MIDI مۇزىكىنى، MIDI كىلىشىم ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشقان باشقا رويالدا ، كومپىيۇتېردا يانفۇن سىنبار سائەت قاتارلىقلاردا ئاڭلىيالايمىز ،
بۇ خۇددى ھازىرقى ئۇيغۇر تور بەتچىلىگىدىكى Unicode ئۆلچىمىگە ئوخشايدۇ ، Unicode قا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بىر توربەتتىكى مەزمۇننى يەنە بىر Unicode قا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان تور بەتكە چاپلىساق ، ئاساسى جەھەتتىن نۇرمال كۈرىنىدۇ ( ئەسلى پۇتۇنلەي نۇرمال كۈرۈنۈش كىرەك ئىدى ، بۇ جەھەتتە ئىزدىنىۋاتقان دوستلىرىمىزنىڭ ئۇزاققا قالماي بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز )
ئەمدى MIDI دىگەن ئاتالغۇنى زاغرا تىلدا ئىپادىلىسەك : MIDI ئاۋاز بولماستىن بەلكى بۇيرۇق يەنى بىز رويالنىڭ
بىر بارمانچۇقىنى ( تىلىنى ) باسقاندا بۇ MIDI سىمى بىلەن ھېلىقى MPU-401-MIDI-Interface ئېغىزى ئارقىلىق كومپىيۇتېر تۇنۇيدىغان ئىككىلىك ساناق سىستىمىسىغا ئايلىنىپ Sequencer دىتالىغا ( MIDI تەھرىرلەش دىتالىغا يەنى Cubase , Nuendo , Sonar , Cakewalk دىگەندەك دىتاللارنى كۆزدە تۇتىدۇ ، ئادەتتە بۇ دىتاللار MIDI كىلىشىم ئۆلچىمىگە تۇلۇق ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان ، MIDI كىلىشىم مەزمۇنىنى تۇلۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلىدۇ ) كىرىدۇ ئۇنىڭدىن كىيىن Sound Module ( ئاۋاز مەنبىئى )غا كىرىپ ھەقىقى ئاۋازغا ئايلىنىپ ، ياڭراتقۇ ئارقىلىق قۇلىقىمىزغا يىتىپ كىلىدۇ ، يۇقارقى جەريانلارغا قانچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ ؟ سىز رويالنىڭ بارمانچۇقىنى باسقان ھامان ئاۋاز ئاڭلايسىز ، دىمەك يۇقارقى جەريانلارغا شۇنچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ .
يۇقارقى جەريانلارنى ئاددىلاشتۇرساق :
رۇيال====MIDI سىگىنال ====>MIDI تەھرىرلەش دىتالى =-===MIDI سىگىنال ====> ئاۋاز مەنبىئى ====ھەقىقى ئاۋاز =====>ياڭراتقۇ =====>قۇلاق
ئەمدى بۇيەردە Sound Module ( ئاۋاز مەنبىئى ) دىگەن گەپ پەيدا بولدى ، MIDI بولسا سان - سىفىر بۇيرۇقتىن ئىبارەت
ئۇ ئاۋاز مەنبىئى ئارقىلىق ھەقىقى ئاۋازغا ئايلىنىپ ئۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ قۇلىقىمىزغا يىتىپ كىلىدۇ
ئۇنداقتا ئاۋاز مەنبىئى دىگەن نىمە؟ ئۇ كومپىيۇتېرنىڭ قانداق يىرىدە بۇلىدۇ ؟
ئاۋاز مەنبىيىنىڭ نىمىلىكىنى بەك چۈشەندۈرسەك باشقا مەزمۇنغا ئۆتۈپ كىتىمىز ،ھازىرچە بۇنى بىر ئاددى قىلىپ MIDI كىلىشىم ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن لازىم بۇلىدىغان ھەرخىل چالغۇلارنىڭ ئاۋازى ۋە مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەرخىل ئاۋاز ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئۈسكىنە دەپ تۇرايلى ، ئۇ ئادەتتە كومپىيۇتېرنىڭ
ئاۋاز كارتىسىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇلىدۇ ،
1991 - يىلى MMA تەشكىلاتى ( MIDI Manufacturers Association ) مۇزىكا دۇنياسىغا مىسلىسىز تەسىر كۆرسەتكەن General MIDI ( ئۆلچەملىك MIDI ) ئاۋاز مەنبىىيىنى ، ( قىسقارتىپ GM ئاۋاز مەنبىيى دىيىلىدۇ )
بىكىتىپ چىقتى ، بۇ ئاۋاز مەنبىئى 128 چالغۇنىڭ ئاۋازىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، چالغۇ ئاۋازلىرىنىڭ نۇمۇر تەرتىۋى
000-127 گىچە ، يەنى15 گۇرۇپپا چالغۇ ئاۋازلىرى ، 1 گۇرۇپپا دومباق، 47 خىل ئۇرغۇلۇق چالغۇ ئاۋازلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ئۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۈۋەندىكىچە :
پىئانىنو گۇرۇپپىسى
0 Acoustic Grand Piano )
1 Bright Acoustic Piano
2 Electric Grand Piano
3 Honky-tonk Piano
4 Rhodes Piano
5 Chorused Piano
6 Harpsichord
7 Clavichord
ئۇرغۇلۇق چالغۇ گۇرۇپپىسى
8 Celesta
9 Glockenspiel
10 Music box
11 Vibraphone
12 Marimba
13 Xylophone
14 Tubular Bells
15 Dulcimer
كۇنۇپكىلىق چالغۇ گۇرۇپپىسى
16 Hammond Organ
17 Percussive Organ
18 Rock Organ
19 Church Organ
20 Reed Organ
21 Accordian
22 Harmonica
23 Tango Accordian
گىتتار گۇرۇپپىسى
24 Acoustic Guitar (nylon)
25 Acoustic Guitar (steel)
26 Electric Guitar (jazz)
27 Electric Guitar (clean)
28 Electric Guitar (muted)
29 Overdriven Guitar
30 Distortion Guitar
31 Guitar Harmonics
باس گىتتار گۇرۇپپىسى
32 Acoustic Bass
33 Electric Bass(finger)
34 Electric Bass (pick)
35 Fretless Bass
36 Slap Bass 1
37 Slap Bass 2
38 Synth Bass 1
39 Synth Bass 2
ئىسكىروپكا گۇرۇپپىسى
40 Violin
41 Viola
42 Cello
43 Contrabass
44 Tremolo Strings
45 Pizzicato Strings
46 Orchestral Harp
47 Timpani
ئوركېستېر گۇرۇپپىسى
48 String Ensemble 1
49 String Ensemble 2
50 Synth Strings 1
51 Synth Strings 2
52 Choir Aahs
53 Voice Oohs
54 Synth Voice
55 Orchestra Hit
تروبىلىق چالغۇ گۇرۇپپىسى
56 Trumpet
57 Trombone
58 Tuba
59 Muted Trumpet
60 French Horn
61 Brass Section
62 Synth Brass 1
63 Synth Brass 2
يەللىك چالغۇ گۇرۇپپىسى
64 Soprano Sax
65 Alto Sax
66 Tenor Sax
67 Baritone Sax
68 Oboe
69 English Horn
70 Bassoon
71 Clarinet
نەي گۇرۇپپىسى
72 Piccolo
73 Flute
74 Recorder
75 Pan Flute
76 Bottle Blow
77 Shakuhachi
78 Whistle
79 Ocarina
بىرلەشمە ئاۋازلار
80 Lead 1 (square)
81 Lead 2 (sawtooth)
82 Lead 3 (caliope lead)
83 Lead 4 (chiff lead)
84 Lead 5 (charang)
85 Lead 6 (voice)
86 Lead 7 (fifths)
87 Lead 8 (bass+lead)
بىرلەشمە ئاۋازلار ( 2 )
88 Pad 1 (new age)
89 Pad 2 (warm)
90 Pad 3 (polysynth)
91 Pad 4 (choir)
92 Pad 5 (bowed)
93 Pad 6 (metallic)
94 Pad 7 (halo)
95 Pad 8 (sweep)
بىرلەشمە تەقلىدى ئاۋازلار
96 FX 1 (rain)
97 FX 2 (soundtrack)
98 FX 3 (crystal)
99 FX 4 (atmosphere)
100 FX 5 (brightness)
101 FX 6 (goblins)
102 FX 7 (echoes)
103 FX 8 (sci-fi)
ھەرقايسى مىللەت چالغۇلىرى
104 Sitar
105 Banjo
106 Shamisen
107 Koto
108 Kalimba
109 Bagpipe
110 Fiddle
111 Shanai
ئۇرغۇلۇق چالغۇلار ( 2 )
112 Tinkle Bell
113 Agogo
114 Steel Drums
115 Woodblock
116 Taiko Drum
117 Melodic Tom
118 Synth Drum
119 Reverse Cymbal
تەقلىدى ئاۋازلار
120 Guitar Fret Noise
121 Breath Noise
122 Seashore
123 Bird Tweet
124 Telephone Ring
125 Helicopter
126 Applause
127 Gunshot
General MIDI دۇمباق گۇرۇپپىسى
35 Acoustic Bass Drum
36 Bass Drum 1
37 Side Stick
38 Acoustic Snare
39 Hand Clap
40 Electric Snare
41 Low Floor Tom
42 Closed Hi-Hat
43 High Floor Tom
44 Pedal Hi-Hat
45 Low Tom
46 Open Hi-Hat
47 Low-Mid Tom
48 Hi-Mid Tom
49 Crash Cymbal 1
50 High Tom
51 Ride Cymbal 1
52 Chinese Cymbal
53 Ride Bell
54 Tambourine
55 Splash Cymbal
56 Cowbell
57 Crash Cymbal 2
58 Vibraslap
59 Ride Cymbal 2
60 Hi Bongo
61 Low Bongo
62 Mute Hi Conga
63 Open Hi Conga
64 Low Conga
65 High Timbale
66 Low Timbale
67 High Agogo
68 Low Agogo
69 Cabasa
70 Maracas
71 Short Whistle
72 Long Whistle
73 Short Guiro
74 Long Guiro
75 Claves
76 Hi Wood Block
77 Low Wood Block
78 Mute Cuica
79 Open Cuica
80 Mute Triangle
81 Open Triangle
1991 - يىلى MMA تەشكىلاتى ( MIDI Manufacturers Association ) بۇ 128 چالغۇنىڭ ئاۋازىنى ئۆز ئىچىگە GM ئاۋاز مەنبىيىنى بىكىتكەندىن كىيىن ، پۇتكۇل MIDI غا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەر مۇشۇنىڭغا ئۇيغۇنلاشتى مۇنداقچە ئېيتقاندا بىز يۇقاردا تىلغا ئالغان ، ھەرخىل رويال ، ئىلىكترونلۇق بىرىكمە چالغۇ ، كومپىيۇتېر ئاۋاز كارتىسى MIDI تۇنۇيدىغان يانفۇن ، سىنبار .....قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە GM ئاۋاز مەنبىيىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى شۇڭا بىز GM ئاۋاز مەنبىيى بار رويالدا ياكى كومپىيۇتېرنىڭ GM ئاۋاز مەنبىيىدىن پايدىلىنىپ بىر مۇزىكا ئىشلەپ ئۇنى يۇقارقى ئۇنى يۇقارقى ئۈسكۈنىلەرنىڭ قايسىسىدا قويساق ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيمىز
ئەمدى دوستلار تۈۋەندىكىدەك ئەھۋالغاكۆپ ئۇچۇرغان بۇلىشى مۇمكىن ، مەلۇم بىر رىيالدا مۇزىكا ئىشلەپ يۇمىشاق
دىسكىغا كۆچۈرۈپ ، ئۇنى باشقا بىر رويالدا ياكى كومپىيۇتېردا قويسا بەزى ئاۋازلار ئۆزگۈرۈپ كىتىدىغان ياكى قالايمىقان چىقىدىغان ئەھۋال كۈرىنىدۇ ، نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ ؟
بۇنىڭ جاۋابىنى تۈۋەندىكىدەك چۈشەندۈرىمىز : بىز باشتا MIDI نى بۇيرۇق ۋە سان - سىفىر دىدۇق ، بۇيەردە بىز رىيالدا مۇزىكا ئىشلىگەندە يۇمىشاق دىسكىنىڭ خاتىرلەيدىغىنى ھەقىقى ئاۋاز بولماستىن بەلكى شۇ مۇزىكىنىڭ پۇتكۇل
ئۇچۇرلىرى ، يەنى : مۇزىكىغا قانچە يول ئىشلەتتىڭىز ، قايسى گۇرۇپپىدىكى قانچىچى ئاۋازنى ( چالغۇنى ) ئىشلەتتىڭىز ، رىيالدا قايسى بارمانچۇقنى باستىڭىز ، قانچە قېتىم باستىڭىز ، ئاۋازلارنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ،يۇقىرى تۈۋەنلىكى قاتتىق يۇمىشاقلىقى ، ھەرخىل سىرىلما ، كۈچلۈڭ ئاجىز ھىسىياتلىرى ....ۋاھاكازالار ..قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى خاتىرلەيدۇ ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئۇچۇرلارنى خاتىرلىگەن يۇمىشاق دىسكىنى باشقا بىر رويالغا ياكى كومپىيۇتېرغا سالساق ، بۇلار يۇمىشاق دىسكىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ ، ئەگەر ئەسلى ئىشلەنگەن مۇزىكىنى GM ئاۋاز مەنبىيى يەنى 128 ئاۋازنىڭ ئىچىدىكى ئاۋازلاردىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن بولسا ، ئۇنى ھەرقانداق GM ئاۋاز مەنبىيى بار MIDI قويغۇچتا قويساق نۇرمال قويىلىدۇ
MIDI مۇزىكا تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ GM ئاۋاز مەنبىيى يەنى 128 ئاۋاز ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى ، چۈنكى مۇزىكىغا نىسبەتەن چالغۇلارنىڭ ۋە.ئاۋازلارنىڭ كۆپ خىل رەڭدار بۇلىشى مۇزىكىنىڭ خارەكتىرى ۋە ئىپادىلەش كۈچىنى ئۆزگەرتىدۇ شۇنىڭ بىلەن MMA تەشكىلاتى ( MIDI Manufacturers Association ) توختىماي GM ئاۋاز مەنبىيىدىن باشقا XG قاتارلىق كۈلىمى تېخىمۇ زور بولغان ئاۋاز مەنبەلىرى ئۆلچىمىنى بىكىتىپ چىقتى ، ئۇندىن باشقا Sampler ( نۇسقا ئالغۇ ، بۇتەرجىمىمۇ جايىغا چۈشمىدى ) قاتارلىق ئۈسكۈنلەرنىڭ ياردىمىدە ئۈزىمىز ئاۋاز مەنبەسىنى كۆپەيتىش شارائىتىغا ئىگە بولدۇق ، ھازىر بولسا كومپىيۇتېر مۇزىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ DXi - VST. SF2 ,Giga شەكىلدىكى يۇمىشاق ئاۋاز مەنبەلىرى مەيدانغا كەلدى ، دىمەك ئاۋاز مەنبىيى جەھەتتىن چەكسىز مەنبەگە ئىگە بولدۇق دىسەكمۇ بۇلىدۇ شۇڭا بىز ھازىر مۇزىكا ئىشلىگەندە GM ئاۋاز مەنبىيى ۋە XG ئاۋاز مەنبىيى بىلەن چەكلىنىپ قالمايمىز . ئەگەر بىز XG ئاۋاز مەنبىيىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىگەن مۇزىكىنى ( ھازىرقى چىقىۋاتقان Yamaha 530, 630, 730, 540, 640, 740, 1000 , 2000 تىپلىق ئىلىكترۇنلۇق رىياللار ۋە ھەرخىل ئىلىكترۇنلۇق بىرىكمە چالغۇلارنىڭ ھەممىسىدە GM ئاۋاز مەنبىيى ۋە XG ئاۋاز مەنبىيى بار ، ئاۋاز سانى ئەڭ كام دىگەندىمۇ 500 دىن كام ئەمەس ) كومپىيۇتېردا قويساق ، توغرا چىقماسلىقى مۇمكىن ، چۈنكى كومپىيۇتېرنىڭ ئاۋاز كارتىسىدا GM ئاۋاز مەنبىيى يەنى 128 ئاۋاز بار ، دىسكىدا خاتىرلەنگەن نۇرغۇن ئۇچۇرلار نىسبەتەن كومپىيۇتېرنىڭ ئاۋاز كارتىسىدا ئۇنىڭغا لايىق ئىنكاس چىقمەيدۇ ، بۇ خۇددى " ئەلكاتىپ " قاچىلانغان كومپىيۇتېرغا " خۇشقەلەم " دە ئۇرغان خەتنى چاپلىسا ، قالايمىقان كۈرۈنۈپ قالغاندەك ئىش .
يىغىنچاقلىساق MIDI نىڭ ھەقىقى مەنىسى " كىلىشىم " يەنى چالغۇ بىلەن ئۈسكۈنلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگنىڭ ئۆلچەم قېلىپى . MIDI مۇزىكا دىگىنىمىز ، شۇ مۇزىكىنى ئىشلەش جەريانىدىكى رىيال بىلەن كومپىيۇتېر ئوتتۇرىسىدىكى پۇتكۇل ئۇچۇر خاتىرسىدىن ئىبارەت
1983 - يىلى MIDI دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپ مىسلىسىز تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى ، MIDI نىڭ دۇنياغا كىلىشى مۇزىكا دۇنياسىنى پۇتۇنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى ، MIDI ئارقىلىق بىز مۇزىكىلارنى خۇددى Word يېزىق بىرتەرەپ قىلغاندەك ، Photoshop رەسىم بىر تەرەپ قىلغاندەك ئەركىن ئازادە توسقۇنسىز بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولدۇق . |
|