- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-1
- توردا
- 63 سائەت
- شۆھرەت
- 283
- پۇل
- 531
- تىزىملاتقان
- 2011-8-17
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 89
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 283
- UID
- 1683
 
- توردا
- 63 سائەت
- شۆھرەت
- 283
- پۇل
- 531
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-1
- تىزىملاتقان
- 2011-8-17
- نادىر
- 4
- جۇغلانما
- 283
- يازما
- 89
|
ئەسسالام ئەلەيكوم.ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى،ئوبدان تۇرۇشلىمۇ؟..يازمىغىلى،بۇگۇن كەمىنە تۆۋەندىكى تېمىنى دوسلارغا سۇنماقچى،قېنى ..قۇرۇق گەپنى ئازقىلىپ،تېمىنى باشلاي:
كومپىيوتىر سېستىمىمىزنى زاپاسلاپ قويۇشقا GHOSTيۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز،لېكىن بۇيۇمشاق دېتالنىڭ ئارتۇقچىلىغى كۆپ بولسىمۇ،ئوخشاشلا كۆپ كەمچىلىگى بار،مەسىلەن قوبىلەن مەشغۇلات قىلساق،DOSھالەتكە كىرىپ،ئېنگىلىز تىلىدا مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ،بۇكۆپىنچە دوسلارغا ناتۇنۇش بولغان مەشغۇلات،توغرا مەشغۇلات قىلمىساق،قاتتىق دېسكىدىكى باشقا رايونلاردىن ئايرىلىپ قالىدىغان گەپ،شۇنداقلا Windowsكۆزنەك ھالىتىدە ئىشلتىشكە بولمايدۇ،ئۇزۇلمەي زاپاسلاشقا بولمايدۇ(يەنى كونازاپاسقا يېڭى ئۇچۇريازغىلى بولماسلىق)دىگەندەك...شۇنداق بولسىمۇ دوسلار مۇشۇنى ئىشلتىپ كېلىۋاتىمىز。
لەپتوپ ئىشلەتكەن ياكى ماركىلىق كومپىيوتىر ئىشلەتكەن دوسلار بىلىشى مۇمكىن،بۇ كومپىيوتىرلاردا سېستىما ئەسلىگە قايتۇرۇش تەمىنلەنگەن بولىدۇ،كومپىيوتىر قوزغىلىپ مەلۇم كونۇپكىنى باسساق،سېستىمىنى زاۋۇتتتىن چىققان ھالەتكە كەلتۇرۇپ بېرىدۇ،لېكىن بۇنىڭ زىيىنى بولسا،باشقا قاتتىق دېسكا رايونلىرىنى يوقىتش بولىدۇ!!!
ئۇنداقتا باشقا قولايلىق يۇمشاق دېتال يوقمۇ؟..ياق ئەلبەتتە بار..ئۇبولسىمۇAcronis True Image Home ،تۆۋەندەقىسقارتىپATIHدەپ ئالىمىز،بۇيۇمشاق دېتال دۇنياغا داڭلىق بولغان سېستىما زاپاسلاش،زاپاسنى ئەسلىگە قايتۇرۇش يۇمشاق دېتالى،ئىلگىرى ئېنگىلىزچە ئىدى،يېقىندا خەنزۇچە نۇسخىسىنى بازاغا ساپتۇ،لېكىن بۇ ھەقلىق يۇمشاق دېتال(شۇنداق بولسىمۇ دوسلارنىڭ بۇنىڭ تىزىملاش نومىرىنى تېپىۋېلىشىغا ئىشىنىمەن.لېكىن تېمىدا تەمىنلەنمەيدۇ)،بۇيۇمشاق دېتال پۇتۇنلەي Windowsسېستىما كۆزنەك ھالىتىدە خىزمەت قىلىدۇ،شۇنداقلا زاپاسنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش مەشغۇلاتىمۇ پۇتۇنلەي كۆزنەك ھالەتتە،DOSدىگەندەك مەشغۇلاتقا كىرىش كېرەك ئەمەس.زاپاسلاش مەشغۇلاتى تەلىۋىمىز بويىچە بولىدۇ،سېستىمىنى زاپاشلاس،مۇھىم ھوججەتلەرنى زاپاسلاش،ئەخلەت ئۇچۇر يوقتىش،ئىشقىلىپ يامان جىق..تۆۋەندىكى تېمىمىزدا ئالدى بىلەن بۇنى قاچىلاش ۋە زاپاسلاش بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~`
دىققەت:ھەرقانداق يۇمشاق دېتالنىڭ نەشىر ھوقۇقى شۇ شېركەت ۋە پىروگىراممىرغا تەۋە،شەخىسلەرنىڭ پىروگىراممىنى يېشىۋېتىش،ساختىلاش ۋە سېتىش ھوقۇقى يوق!!باشقىلارنىڭ ئەقلىي ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىڭ،بۇيۇمشاق دېتال سىزگە ياراپ قالسا،ھەقلىق نۇسخسىنى سېتىۋېلىڭ.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
يۇقىرىدا تەكىتلەش بەكمۇ زۆرۇر!!..شۇڭا دوسلار بەك ئويلاپ كەتمەڭلار:
ATIHيۇمشاق دېتالى Microsoftشېركتىنىڭ مەشغۇلات سېستىمىلىرىنى ئوبدان قوللايدۇ،مەيلى XPياكى WIN7بولسۇن،نورمال خىزمەت قىلىدۇ،تېمىمىزدىكى مەشغۇلات بولسا Microsoft Windows XP professional SP3سېستىمىسىدا ئېلىپ بېرىلدى،سۇرەتلەرنى تۇتۇش قولايلىق بولسۇن ئۇچۇن،مۇلازىمەت سۇپىسىغاVMware workstation7يۇمشاق دېتالىدامەھھۇم كومپىيوتىر سىناق سۇپىسى ئىشلەندى.سۇرەت تۇتۇشقابولسا گېرمانىيەAshampo Snapيۇمشاق دېتالى ئىشلتىلدى،ئاساسى كومپىيوتىر سېستىمىسى Windows7旗舰版32bitنۇسخىسى.
سۈرەتتە سىناق سۇپىنىڭ سېستىما ئەھۋالى:
تۆۋەندىكىسى بولسا خىزمەت ھالىتى:
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئادرىسىتن يۇمشاق دېتالنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى چۇشۇرىمىز:
http://www.acronis.com.cn/homeco ... 011_trial_zh-CN.exe
چۇشۇرپ بولغاندىن كېيىن،EXEھوججەتنى ئىجراقىلىپ قاچىلاشنى باشلايمىز:
ئىجرا بولغاندىن كېيىن ئۇستىدىكى安装نى بېىسپ قاچىلاش قىىلىمىز.يەنى ئاۋۇ4تۈرنىڭ ئەڭ ئۇستىدىكى..
ئەمدى ئاستىدىكى كېيىنكى قەدەم 下一步نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز
سۇرەتتىن كېلىشمنامىگە قوشۇلىمەن تاللانمىسى 接受协议نى تاللاپ.下一步بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز:
سۇرەتتىكىسى بولسا بۇشېركەتنىڭ ئابونىتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا قوشۇلىش قوشۇلماسلىغى تەلىۋى،قوشۇلسىڭىزئۈستىدىكىنى تاللاڭ،قوشۇلمىسىڭىز،ئاستىدىكىنى تاللاپ داۋاملاشتۇرۇڭ
ئەمدى تىزىملاش كۆزنىكىگە كەلدۇق،ئۈستىدىكى 安装试用版بولسا ۋاقىتلىق سىناق نۇسخا قاچىلاش،ئاستىدىكى بولسا تىزىملاش نومىرى بىلەن رەسمىلەشتۈرۈش،شۇڭا تىزىملاش نومىرى بولسا،ئاستىدىكى تاللانما بولىدۇ،كەمىنە ئاستىدىكى تاللانما بويىچە تىزىملاش نومىرىنى كىرگۈزۇپ تولۇق نۇسخا قاچىلىدىم:
ئەمدىكىسى بولسا،قاچىلاش تاللانمىسى،جەمئى 3تۈر،典型安装بولسا ئاساسلىق تۈرلىرىنى قاچىلاش،自定义بولسا ئۆزىمىز تاللاپ كېرەكلىك دەپ ئويلىغان ئىقتىدارىنى قاچىلاش،完整بولسا بارلىق ئىقتىدارلىرى بىلەن تولۇق قاچىلاش،كەمىنە 3-تۈر بويىچە قاچىلاش قىلدىم.
قاچىلاش تۈگىگەندىن كېيىن كومپىيوتىرنى قايتا قوزغىتىمىز،شۇنىڭ بىلەن قاچىلاش ئاياقلاشقان بولىدۇ
شۇنىڭ بىلەن بۇ يۇمشاق دېتال كومپىيوتىردا ئورۇن ئالدى...
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~···
ئەمدى تېمىنىڭ داۋامى بولغان ئىشلتىش قىسمىغا كەلدۇق
ئۈستەل يۇزىدىكى يۇمشاق دېتالنىڭ تېزقوزغىتىشىنى قوش چېكىپ يۇمشاق دېتالنى قوزغىتمىز
بۇيەردە3تاللاش بار...
1.备份我的关键数据مەنىس بولسا مېنىڭ مۇھىم سانلىق مەلۇماتلىرىمنى زاپاسلاش
2.使用备份助理زاپاسلاش ياردەمچسىنى ئىشلتىش
3.转到主屏幕ئاساسى ئىكرانغا قايتىش
بىز بىرىنچى قېتىم ئىشلەتكەچكە يۇقىرىكى 3-تۈربولغان 转到主屏幕تاللانمىسىغا كىرىمىز
بۇئاساسى مەشغۇلات رايونىدا بىرنەچچە مەشغۇلات تاللانمىسى بار،بۇلار بولسا:
1.磁盘和备份分区قاتتىق دېسكا ۋە دېسكا رايونى زاپاسلاش
2.不间断备份ئۈزۈلدۈرمەي زاپاسلاش
3.文件备份ھۆججەت زاپاسلاش
4.电子邮件备份ئىلخەت زاپاسلاش
5.创建可启动媒体سېستىما يېتەكلىگىلى بولىدىغان سايمان قۇرۇش(مەسىلەن بارماق دېسكا دىگەندەك)
6.浏览备份زاپاس ھۆججەتنى كۆرۇش
ئاستىدا بولسا ئەسكەرتىش:无备份。无法会服您的数据دىمەكچى:زاپاس يوق.سانلىق مەلۇماتنى قايتۇرغىلى بولمايدۇ(بىز تېخى قۇرمىدۇق ئەمەسمۇ)
ئەمدى ئوڭ تەرەپ ئۇستىگە قاراڭ:
بۇيەردە工具和使用工具بار..بۇبولساقورال ۋە قوللىنىشچان قوراللار..
بىز ئەمدى مۇشۇ يەردە بۇنى تاللاپ مەشغۇلاتىمىزنى باشلايمىز:
ئەمدى تولۇق بولغان قوراللار تىزىملىگىگە كىردۇق،بۇقوراللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي،سول تەرەپتىن باشلاي...
保护工具 قوغداش قوراللىرى
1.acronis启动恢复管理器 قوزغىتىش ئەسلىگە كەلتۇرۇش قورالى
2.应急媒体生成器 جىددى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇسكىنىسى ياساش
3.Acronis Secure Zone سېستىما ئەسلىگە كەلتۇرۇش رايونى باشقۇرۇش
单击备份 زاپاسلاشنى باشلاش
磁盘管理 قاتتىق دېسكا باشقۇرۇش:
1.克隆磁盘 قاتتىق دېسكا كېلونلاش
2.添加新磁盘 يېڭى قاتتىق دېسكا قوشۇش
安全和隐私 بىخەتەرلىك ۋە شەخسىلىك
1.Acronis Drive Clianser قاتتىق دېسكا تازىلاش،يەنى ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلمەيدىغان ھالەتتە كۆزدىن يوقىتىش
2.查看磁盘当前状态 دېسكىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى كۆرۇش
3.文件粉碎 ھۆججەتنى كۆزدىن يوقتىش..يەنى كېرەكسىز دىگەن ھۆججەتلرنى ئۆچۇرۇش
4.系统清理 سېستىما تازىلاش....
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئەمدى ئوڭ تەرەپكە كەلدۇق:
1.映像加载 زاپاس ھوججەتنى قاچىلاش(ئالدىن زاپاسلىغان مەخسۇس شەكىلدىكى ھۆججەت،GHOھۆججەتكە ئوخشاپ كېتىدۇ)
2.卸载映像 زاپاس ھۆججەتنى قاچىلاشتىن چۇشۇرۇش
备份转换 زاپاس ھۆججەتنى ئايلاندۇرۇش
1.将Acronis备份转换为Windows备份...يەنى Acronisزاپاس ھوججىتنى Windowsزاپاس ھۆججىتگە ئالماشتۇرۇش(بۇمەشغۇلات خۇددى AVIھۆججەتنى RMVBقىلغانغا ئوخشايدۇ)
2.将Windows备份转换为Acronis备份..يەنى Windowsزاپاس ھۆججىتىنى Acronisزاپاس ھۆججىتىگە ئالماشتۇرۇش(بۇمەشغۇلاتRMVBھۆججەتنى AVIھۆججەتكە ئالماشتۇرغانغا ئوخشايدۇ)
备份设置传输....زاپاسلاش ئىقتىدارىنى ئەۋەتىش(بۇنى تەرجىمە قىلغانلار تەيۋەنلىك ئوخشايدۇ)
1.导入备份设置...زاپاسلاش تەڭشىكىنى ئەكىرىش(يەنى بىز قانداق زاپاسلاش كېرەك دىگەن بىرقاتار تەڭشەلمىنى ئايرىم ساقلىۋالغان بولسا،بۇيۇمشاق دېتال يېڭى قاچىلانغاندىن كېيىن،تەڭشەپ ئولتۇرماي شۇ ساقلانمىنى ئەكىرىپ بەرسەك بولىدۇ،يەنى بارلىق تەڭشەلمە خاتىرىسى دىگەندەك)
2.导出备份设置....زاپاسلاش تەڭشەلمىسىنى چىقىرىش(يەنى بارلىق تەڭشەلمىمىزنى ئايرىم ھوججەت قىلىپ چىقىرىۋېلىپ،كېيىنچە قايتا قاچىلاپ قالساق،تەڭشەپ ئولتۇرماي شۇھۆججەتنى ئەكىرىپ بەرسەك بولىدۇ..قېرىپ سۆزنى تەكرار قىلىدىغان بوپ قاپتىمەن دېسە..)
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~`
ئەمدى كەمىنە سۆزلىمەكچى بولغىنىم بولسا،قاتتىق دېسكىدا يوشۇرۇش رايون قۇرۇپ،بارلىق زاپاسنى شۇرايونغا بىكىتىۋېتىپ،مەسىلە كۆرۇنگەندە شۇرايوندىن مەشغۇلات قىلىش بولىدۇ،بۇنداق قىلىشىمدىكى سەبنى كەينىدە چۇشەندۈرۇپ ئۆتەي،ھازىر مەشغۇلاتىمىزنى باشلايمىز
شۇنداق قىلىپ بۇيەردە ئۈستىدىكى 保护工具تاللانمىسىدىكى AcronisScure Zoneتاللانمىسىغا كىرىمىز
بۇيەردە بىزدېسكىغا مەشغۇلات قىلىمىز،نىمۇ دېدىڭىز؟دېسكىغامەشغۇلات قىلىپ بۇزۇپ قويىمىز دېدىڭىزما؟ ھا ھا ھا..ئەنسىرەپ كەتمەڭ،بۇ بىز دېسكا مەشغۇلاتى قىلىدىغان دېسكا قوراللىرىغا ئوخشاش مۇرەككەپ ئەمەس،بىز پەقەت رايونى چوڭاراق بولغان بىر رايوننى تاللاپ بەرسەك بولىدۇ،ھازىر قاتتىق دېسكىلارنىڭ سىغىمىمۇ چوڭ بولغانكىن ئەنسىرەپ كەتمەڭ....كەمىنە سىناق سۇپىدە پەقەت ئىككى رايون قۇرغانلىغىم ئۇچۇن،Dرايوننى تاللاپ بەردىم
لېكىن يەنە سورىسشىڭىزمۇمكىن،بۇDرايون يېتەكلەش ئىقتىدارى بولمىغان كەڭەيتىلمە رايون دەپ،بۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن،Acronisئوخشاشلا يېتەكلەپ كېتىۋېرىدۇ:
سۈرەتتەAcronisبۇ30GBرايوندىن15GBنى ئايرىۋالماقچى بوپتۇ،لېكىن بۇنى ئۆزىمىز تەڭشەپ بەرسەك بولىدۇ،يەنى تاياقچىنى ئوڭ سول سۈرۈش ياكى قىممىتىنى كىرگۇزۈش قىلساقلا بولدى
كەمىنە مۇشۇنداق تەڭشىدىم....تەۋسىيەرىم بولسا،سىزWIn7ئىشلەتكەن بولسىڭىز ئۇنداقتا كەم دىگەندىمۇ20GBئورۇن بېرىڭ،XPبولسا ئۇنداقتا15GBبولسا بولىدۇ
شۇنداق قىلىپ بوش ئورۇن بىكىتىپ بەردۇق،لېكىن رەسمى باشلىمىدۇق،سۇرەتكە قاراڭ
بۇئەسلى دېسكا ھالىتى،ئاستىدىكى بولسا ئايرىغاندىن كېيىنكى دېسكا رايون ھالىتى
ئەمدى بىز Acrionisنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش قىلىمىز
ئەمدىكى كۆزنەك بولسا بۇ ئايرىپ چىقىلغان رايونغا مەشغۇلات قىلىشنى توساش ئۇچۇن مەخپى نومىر بەلگىلەپ قويۇش
ئاستى ئۇستىگە مەخپى نومىرنى يېزىشنى تەكىتلەپ ئولتۇرماي،ئاستىدىكى بولسا مەخپى نومىرنى ئەسلىتىش ئۇچۇن قىلىدىغان تاللانما
مەن مۇنداق توشقۇزۇپ قويدۇم....سىز خالىغانچە توشقۇزۇڭ،لېكىن مەخپى نومىرنى ئېسىڭىزگە كەلتۇرەلەيدىغان بولسۇن،XPدىمۇ مۇشۇنداق مەخپى نومىر ئەسلەتمىسى بولىدىغان..بۇلار ئاياقلاشقاندىن كېيىن 继续نى باسساق مەشغۇلات باشلىنىدۇ،تەخمىنە نەچچە مىنىۇت كېتىشى مۇمكىن..بەك تېز..
بۇيەردە بىر كىچىك كومپىيوتىر توختىماي چۆگىلەپ مەشغۇلات قىلىۋاتىدۇ
ئەمدى مەشغۇلاتىمىز ئاياقلاشتى،ماۋۇXPنىڭ باشقۇرىش تاللانمىسىىدىكى دېسكا باشقۇرۇشقا قاراپ باقايلى
يەنى بۇيەردە Dدېسكىنىڭ بىقىنىدىلا Acronisنىڭ دېسكا رايونى تۇرماقتا ،لېكىن بۇ چۇشىنىكسىز رايون دەپ كۆرسىتىلمەكتە..بۇنداق بولغىنىمۇ ياخشى...مەخپى نومىر بولغاندىكىن،باشقىلار بۇرايانغو مەشغۇلات قىلالمايدۇ
مانىڭغا قاراڭ...بىر يېڭى رايون تۇرمامدۇ...ھاھاھاھاھ.....ئېچىپ باقاي دېسەم مەخپى نومىر تەلەپ قىلدى كاساپەت
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~`
شۇنداق قىلىپ تەڭشەش ئاياقلاشتى،بىز ئەمدى زاپاسلاش مەشغۇلاتى قىلىمىز،يەنىلا ئالدىنقى تۇرگە قايىتىمىز،بۇنىڭدىن 单击备份نى تاللايمىز
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~``
شۇنداق قىلىپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا زاپاسلاش دېسكا رايونى قۇرىۋالدۇق،ئەگەر زاپاس رايون ئىشلەتمەي،زاپاس ھوججىتى قۇرۇشنى تاللىساق ئۇۋاقىتتا بىزئېرىشىدىغىنىمىز پەقەتلا بىردانەGHOگە ئوخشاش بولغان تاق ھۆججەت خالاس،ئۇۋاقىتتا بىز بۇيۇمشاق دېتالدىن توغرا پايدىلانمىغان بولىمىز،شۇڭا كەمىنەنىڭ مەشغۇلاتىمۇ شۇ بارلىق زاپاسلاشنى ئايرىم بولغان مەخسۇس رايونغا يۆتكىۋېتىپ،كېلىشمەسلىكتىن ساقلىنىش!!ئۇنىڭ ئۇستىگە يەنە بىر ئىقتىدارنى تونۇشتۇرۇپ قوياي،بىز بەزىدە يۇمشاق دېتال سېتىۋالساق،تىزىملاش نومىرى بىر قاتتىق دېسكىغا دىگەندەك بولىدۇ،قاتتىق دېسكا ياكى سايمان ئالماشسا يەنە تېلىفون قىلىپ سورايدىغان گەپ،لېكىن بىزAcronisبىلەن زاپاسلىغان ھۆججەتنى قايتۇرۇش قىلساق بۇنداق ئەھۋال يوق دىيەرلىك.باشقا سەپلىمە،باشقا قاتتىق دېتال بولغان كومپىيوتىرغا نورمال قايتۇرۇپ ئىشلىتىۋېرىمىز......
ئەمدى بىز ئالدىنقى ئورۇندىكى 保护工具تاللانمىسىغا كىرىپ،单击备份نى بېسىپ.سېستىمىنى زاپاسلاش قىلىمىز:
ئاستىدىكى 立即备份نى باسساق بولىدۇ،كومپىيوتىر قايتا قوزغىلىپمۇ يۇرمەيدۇ،مەشغۇلات ئاستىدا داۋاملىشىدۇ..بىزكۆپىنچە قاچىلىغان GHOST XPسېستىمىلىرى GHOقىلىشىتن بۇرۇن سېستىما تەڭشەلمىسىدە مېنىڭ ھوججىتىم我的文档نى Dدېسكىغا يوتكىۋەتكەن بولىدۇ،لېكىن بىز GHOھۆججەت ياسىساق،پەقەتCرايوننى پىرىسلايمىز،لېكىن我的文档بولسا Dرايوندا بولغاچقا،بۇنى پىىرسلاش قىلالمايمىز،لېكىنAcronisبولسا سېستىما تىزىملاش جەدۋېلىنى ئوقۇپ،我的文档نىڭ ئورنىنى بىلىپلا،ئاپتوماتىك زاپاسلاس تىزىمىلىگىگە ۋە توختىماي زاپاسلاش تىزىملىگىگە كىرگۇزۇپ قويىدۇ،بىز ھوججەت ساقلىساقلا،ئاپتوماتىك زاپاسلاپ بېرىدۇ...
ھەرىكەتنى باشلىۋەتتى..
مەشغۇلات ئاياقلاشتى.....ئەمدى بىز سېستىما بۇزۇلغاندا سېستىمىغا كىرمەي،سېستىمىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش قىسمىنى تەڭشەيمىز،ئوخشاشلا保护工具تاللانمىسىغا كىرىپ،Acronis启动恢复管理器نى تاللايمىز:
بۇنىڭدىن激活تاللانمىسىنى تاللاپ،سېستىما قوزغىلىۋاتقاندا F11كونۇپكىسىنى بېسىپ،سېستىما ئەسلىگە كەلتۇرۇش تاللانمىسىغا كىرىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىمىز،قوزغاتمىساق،ئۇنىڭغا كىرگىلى بولمايدۇ!!!
بۇئىقتىدارنى قوزغاتماقتا
قوزغىتىپ بوپتۇ...ئەمدى ئوبدان بولدى،سېستىمىدا مەسىلە كۆرۇنسە،ۋېرۇس بۇزغۇنچىلىق قىلسا،كومپىيوتىرنى قوزغىتىپF11نى بېسسپ سېستىما ئەسلىگە كەلتۇرۇش مەشغۇلاتى قىلساق بولىدۇ،GHOSTدىنمۇ قولايلىق..
سۇرەتتىكى ئىككى كىچىك چەمبىرەك بولسا不间断备份يەنى توختىماي زاپاسلاشنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقانلىغىنى ئىپادىلەيدۇ،سېستىمىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ دەپ ئويلاپ كەتمەڭ،بۇبەك جىمجىت خىزمەت قىلىدۇ.
ئوڭ كونۇپكىنى ئۇنىڭ ئۇستىدە باسساق،تاللانمىسىنى كۆرىمىز،بۇلار:
1.暂停--ۋاقتىنچە توختىتىش
2.浏览与恢复..زاپاسنى كۆرۇش ۋەئەسلىگە قايتۇرۇش
3.清理..تازىلاش
4.编辑备份设置...زاپاسلاش تەڭشەلمىسىنى تەڭشەش
زاپاسلاش تەڭشەلمىسىنى تاللىساق كۆزنەك ئېچىلىدۇ..بۇنىڭدىن قايسى ھوججەتلەرنى كۆزىتىپ تۇرۇشنى بەلگىلەپ بېرىمىز،سول تەرەپ تاللىغان تاللانما،ئوڭ تەرەپتە بولسا،تاللاپ تۇرۇپ بىكىتىپ بېرىمىز:
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئەمدى بىز سېستىما بۇزۇلغاندا ،كومپىيوتىرنى قايتا قوزغىتىپ F11بىلەن زاپاسنى قايتۇرۇش كۆزنىكىنى كۆرۇپ باقايلى
سۇرەتتە كومپىيوتىر قوزغىلىپ،قاتتىق دېتال تەكشۇرۇشتىن كېيىنكى كۆزنەك،كۆزنەكتەF11نى بېسىپ،سېستىما ئەسلىگە قايتۇرۇش يېتەكچىسىگە كىرىش ئۇچۇرى كۆرۇنمەكتە،بۇئۇچۇر ئادەتتە2سىكۇنىتقا بارمىغان ۋاقىتتا كۆرىنىدۇ،شۇڭا تېزدىن F11نى بېسىڭ
ئەمدى Acronisسېستىمىنى يېتەكلەپ،سېستىما قايتۇرۇش كۆزنىكىگە ئېلىپ كەلدى،بۇنىڭدا ئۇستىدىكى تاللاش بولسا Acronisقا كىرىش،ئاستىدىكى بولسا،Windowsسېستىمسىغا كىرىش،مائوس بىلەن ئۇستىدىكىنى تاللايمىز ئەلبەتتە
Acronisقوزغالماقتا
سەل ساقلا دەيتۇ يا....
شۇنداق قىلىپ بۇنىڭغا ئوقۇشلۇق كىردۇق،ئەمدى قاراپ بېقىڭ،ئەسلىدىكى Windowsتىكى كۆزنەك مەشغۇلاتىدىكى ھۇنەرلەر بۇيەردىمۇ بارمىكەن...سول تەرەپتىكى 备份تاللانمىسىنى باسساق زاپاسلاش مەشغۇلاتى قىلالايمىز
ئۇنىڭدىكى 恢复تاللانمىسىنى باسساق ھوججەت ياكى سېستىمىنى ئەسلىگە كەلتۇرەلەيمىز
ئاستىدىكى 工具和实用工具تاللانمىسىدايۇقىرىدا تونۇشتۇرغان قوراللار تۇرماقتا....شۇنداقلا بىز ئەگەر بىرەر بارماق دېسكا ۋەياكى ئوپتىك دېسكىغا 应急媒体生成器قورالى بىلەن جىددى قوزغاش ئەسۋابى قىلىپ ياسىۋالساق(خۇددىPEقوزغىتىش بارماق دېسكىسىغا ئوخشاش)،ۋاقتى كەلگەندە شۇنىڭ بىلەن سېستىمىنى قوزغىتىپلا ئەسلىگە كەلتۇرۇش قىلىۋېرىمىز،
ئەمدى 恢复تاللانمىسىدا سېستىمىنى ياكى ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۇرمەكچى بولساق توۋەندىكىدەك كۆزنەكتە مەشغۇلات قىلىمىز،
شۇنىڭ بىلەن Acronisنى ئىشلتىش تېمىمىز بۇيەردە ئاخىر لاشتى .
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~`
يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق سېستىما زاپاسلاش تېمىسى ئاياقلاشتى،كېلەر قېتىمقى تېمىدا بولسا Windows7نىڭ زاپاسلاش ئىقتىدارى بىلەن تونۇشىپ ئۆتىمىز،كەينىدىكى تېمىلاردا بولسا Windows7سېستىمىسنى ئەلالاشتۇرۇش،قاتتىق دېتاللار كونتىرول قىلىش،سېستىما ھوججەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە 64bitسېستىمىسىنى ئىشلتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئورۇنلار توغرىسىدا قىسقىچە تونۇشۇش قىلىمىز.
دوسلارنىڭ ۋاقتىنى ئەپ قويدۇم،كەچۈرۈڭلار،تېمىدا سۈرەتلەر سەل كۆپ(51پارچە)،شۇڭا تېمىنىڭ ئېچىلىشى سەل ئاستا بوپ قېلىشى مۇمكىن،شۇنداقلا تېمىدا ئىملا خاتالىغى بولىشى مۇمكىن،...سۈرەتلەر ئېچىلغاندىن كېيىن،سۈرەتنى قوش چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ. |
|