ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 273 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 163|ئىنكاس: 16

[مەدىكار]GHOSTقورالى بىلەن سېستىمىنى زاپاسلاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
47 سائەت
شۆھرەت
137
پۇل
398
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-24
تىزىملاتقان
2011-8-17
نادىر
4
جۇغلانما
137
يازما
80
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 20:25:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەشغۇلات سېستىمسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن،كېرەكلىك يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ قويىمىز،لېكىن ئىشلەتكەنسېرى سېستىمدا كاشىلا كۆرۈنسىلا ،يەنە مەشغۇلات سېستىمىسنى قايتا قاچىلايمىز دە،بىربىرلەپ يۇمشاق دېتال قاچىلاشنى باشلاپ كېتىمىز،بۇ بەكلا ئاۋارىچىلىق ئىش!!!
  كەمىنە چە بولسا ،مۇنداق قىلساق مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن:
1.ئالدى بىلەن سېستىمىنى پاكىز قىلىپ قاچىلايمىز،قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى تولۇق ۋە يېڭىلاپ قاچىلايمىز.
2.چوقۇم سېستىما قاچىلانغان دېسكا رايونىغا قاچىلاشقا تېگىشلىك يۇمشاق دېتالنى شۇ رايونغا قاچىلايمىز.
3.سېستىمدىكى 我的文档,我的图片دىگەن ھوججەتلەرنى باشقا دېسكا رايونىغا يۆتكىۋېتىمىز،مەسىلەن Dدېسكىغا.بۇنداق بولغاندا مۇ ھوججەت قىسقۇچقا ئاپتوماتىك ساقلىنىدىغان ماتىرىياللار،سېستىمىنى قايتا قاچىلىساقمۇ يوقاپ كەتمەيدۇ.
4.ئاندىن ئۆزىمىز ئىشلتىدىغان كەسپى يۇمشاق دېتاللارنى باشقا دېسكا رايونىغا قاچىلاپ قويىمىز،مەسىلەن مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دېتالى ۋە ئاۋاز ئۈنۈملىرى دىگەندەك،بۇلارنى Eدېسكىغا قاچىلىدۇق دەپ تۇرايلى.
5.بۇيۇمشاق دېتاللار قاچىلىنىپ تەييار بولغاندىن كېيىن،ئاندىن بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالىنى قاچىلايمىز.

    يۇمشاق دېتاللارنى باشقا رايونغا قاچىلىغىنىمىز بىلەن،بارلىق تىزىملاش جەدۋېلى تەڭشەلمىسى دىگەنلەر يەنىلا شۇ Cرايوندىكى سېستىما تەڭشەلمىسىگە يېزىلىدۇ،ئۇنداق بولسا ھازىر بۇ مۇقىم سېستىمىنى بىر نۇسخا زاپاسلاپ قويۇپ،سېستىما كېيىن مەسىلە كۆرۈنگەندە زاپاستىن قايتۇرىۋالساقلا،يەنە شۇ تەڭشەش،يۇمشاق دېتال قاچىلاش دىگەندىن قۇتىلىپ قالىمىز ئەمەسمۇ،ئۇنداق بولسا مەشغۇلاتنى باشلايلى.

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~`
مەشغۇلات دەرىسلىگى بولسا تەقلىدي مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلدى،ئىشلتىلگەن مۇھىت VMware8.0يۇمشاق دېتالى تەمىنلىگەن.
تەقلىدى مۇھىتتىكى قاتتىق دېسكا چوڭلىغى 40GBقىلىپ،ئىچكى ساقلىغۇچ512MBقىلىپ تەڭشەلدى.
مەشغۇلات سۈرەتلىرىنى تۇتۇشقا Snagitيۇمشاق دېتالى ئىشلىتىلدى.
سېستىما زاپاسلاش قورالىغا GHOST11.2نۇسخىسى ئىشلتىلدى.
زاپاس مەشغۇلات مۇھىتى سېستىما قاچىلاش دېسكىسى تەمىنلىگەنPEمەشغۇلات مۇھىتى.


~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~`
سۈرەتتكى بولسا نورمال قاچىلاپ،تەڭشىلىپ بولغان XPسېستىمىسى،بىز بۇ سېستىمىنى GHOSTقورالى بىلەن بىر نۇسخا پىرىسلاپ قويماقچى:
b1.png


ئەمدى كومپىيوتىرنى قايتا قوزغىتىپ،BIOSقا كىرىپ،سېستىما يېتەكلەشنى CD-ROMغا تەڭشەپ ساقلاپ چىكىنىمىز،كومپىيوتىر شۇنىڭ بىلەن سېستىما قاچىلاش دېسكىسىدىن يېتەكلىنىپ دېسكىنىڭ مەشغۇلات تاللانمىسىغا كېلىمىز،بۇنىڭدن ئستىرىلكا كۆرسەتكەنWINPE微型维护系统نى تاللاپ،ئىجرا قىلىمىز
b2.png


شۇنىڭ بىلەن سېستىما PEدىن يېتەكلىنىپ ،مەشغۇلاتقا كىرىدۇ،
b3.png


PEسېستىمىسى نورماللىشىپ بولغاندىن كېيىن ،ئۈستەل يۈزى ياكى قورال قىسمىدىن GHOST11نى قوش چېكىپ قوزغىتىمىز:
b4.png


شۇنىڭ بىلەن يۇمشاق دېتال قوزغىلىدۇ،قوزغالغاندىن كېيىن،كەينىدىكى بولسا بۇيرۇق قىسمى،بۇنى ئۆچۈرمەڭ!!!ئالدىدىكى بولسا مەشغۇلات قىسمى،بىز مەشغۇلات قىسمىنى ئىشلتىمىز شۇڭا سۈرەتتىكى OKنى بېسىڭ
b5.png


ئەمدى يۇمشاق دېتالنىڭ مەشغۇلات قىسمىغا كەلدۇق،بۇنىڭدا 4 تاللاش بار:
b6.png


1.Local--بۇنى مەشغۇلات باشلاش دەپ تۇرىلى
2.Option--بۇ تەڭشەش قىلىش
3.Help--بۇياردەم،يۇمشاق دېتالنىڭ مەشغۇلات چۈشەندۈرىلشى
4.Quit---بۇ چېكىنىپ چىقىش.
  سۈرەتتىكى تاللاشقا بولمىغان ئورۇنلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن،بۇنى ھازىر ئىشلەتمەيمىز.

ئەمدى ئۈستىدىكى Localنى باسساق،يېڭى تاللاش ئېچىلىدۇ
b7.png


بۇنىڭدا 3چوڭ تاللاش ۋە ھەربىر تاللاشنىڭ تارماق تاللانمىسى بار،3چوڭ تاللانما:
1.Disk--قاتتىق دېسكا
2.Partition--دېسكا رايونى
3.Check--تەكشۈرۈش
1- چوڭ تاللانما بولسا بارلىق قاتتىق دېسكىغا بولغان مەشغۇلاتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،بۇنىڭ تارماقلىرى:
1.To Disk--دېسكىدىن دېسكىغا،يەنە كېلون مەشغۇلاتى بىر قاتتىق دېسكىدىن يەنە بىر قاتتىق دېسكىغا كېلونلاش
2.To Image---قاتتىق دېسكىنى پۈتۈن ھالىتى بىلەن باشقا قاتتىق دېسكىغا پىرىسلاپ ساقلاپ قويۇش،بۇنىڭدا قاتتىق دېسكىدىكى بارلىق رايونلار بىراقلا بىر ھوججەت قىلىپ ساقلىنىدۇ.
3.From Image---دېسكا پىرىسGHOھوججىتنى ئېچىش،بۇ تاللانما ئالدىن ساقلاپ قويغان پۈتۈن دېسكا پىرىس ھۆججىتىنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
  دىققەت:
ئۇقۇشماي بۇتۈرنى تاللاپ،ئادەتتىكى GHOھوججەتنى دېسكا تاللانمىسى بىلەن قايتۇرۇپ سالسىڭىز،ھەممە دېسكا رايونىدىن ئايرىلىپ،ھوججەتلەر يوقاپ كېتىدۇ،شۇڭا تاللانمىغا بەك دىققەت قىلىڭ!!!


ئەمدى 2- چوڭ تاللانمىنى كۆرۇپ باقىلى
b8.png


1.To Partition---دېسكا رايونىدىن دېسكا رايونىغا،يەنەى ئىككى دانە قاتتىق دېسكىنى رايوندىن رايونغا كىلونلاش مەشغۇلاتى.
2.To Image---دېسكا يونىنى پىرىسلاپ ساقلاش،ئىشلتىدىغىنىمىز دەل مۇشۇ تاللانما.
3.From Image---ئالدىن پىرىسلاپ ساقلاپ قويغان GHOھوججەتنى قايتۇرۇش مەشغۇلاتى،سېستىما قاچىلاش دېسكىنىڭ قىلىدىغان ئىشى دەل مۇشۇ پىرىسلانغان سېستىما GHOھوججىتىنى Cدېسكىغا قاچىلاپ بېرىش.

  ئەمدى بۇ مەشغۇلات تاللانما تۈرلىرى بىلەن تونۇشتۇق ،بىزنىڭ قىلماقچى بولغىنمىز پەقەت سېستىما قاچىلانغانCرايوننى زاپاسلاپ قويۇش،شۇڭا 2-تاللانما‹partition›نىڭ ئىچىدىكى‹to image› نى تاللايمىز،ئاندىن كۆزنەك ئېچىلىدۇ:
b9.png


كۆزنەكتە قاتتىق دېسكىمىزنى كۆرسىىتپ بەرمەكتە،ئەگەر كومپىيوتىرڭىزدا بىردىن ئارتۇق قاتتىق دېسكا بولسا،تاللىغاندا دىققەت قىلىڭ،نومۇر قويۇلغان ئورۇنلار بولسا،دېسكىنىڭ خاسلىق ئۇچۇرلىرى:

b10.png

1.دېسكا-1 نومۇرلۇق
2.سىغىمى--كەمىنەنىڭ40960MBيەنى 40GBدەپ تۇرۇپتۇ
3.type--تىپى
4.سىلىندىر سانى--كىتايچە柱面دېيىلىدۇ
5.ماگنىت باش سانى--255--كىتايچە磁头数دىيىلىدۇ.
6.سېكتور--كىتايچە扇区数دېيىلىدۇ
قاتتىق دېسكىنى توغرا تاللاپ بولساق،Okنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز
b11.png



ئاندىن يېڭى كۆزنەكتە تاللىغان قاتتىق دېسكىنىڭ دېسكا رايون ئەھۋالى كۆرىنىدۇ،بۇنىڭدا:

1.part--دېسكا رايون سانى
2.دېسكا رايون خاسلىغى--Primary--بولسا ئاساسى رايون،يەنى سېستىما قاچىلىنىدىغان،سېستىمىنى يېتەكلەشكە بولىدىغان رايون،ئادەتتەCرايون دىگەن شۇ،ئاستىدىكى Logicalبولسا كەڭەيتىلمە رايوندا قۇرۇلغان لوگىكىلىق رايوننى كۆرسىتىدۇ،مەسىلەن D Eدىگەندەك رايونلار.
ID--نومىرى07كەن،يەنە بىر 0بولسا007بوپ قالغۇدەك
4.بۇنىڭدا قاتتىق دېسكىنىڭ دېسكا رايونىنىڭ ئىشلەتكەن ھوججەت سېستىمىسى،كەمىنەNTFSھوججەت سېستىمىسى ئىشلەتكەن.
5.دېسكا رايون نامى--مەن Cرايوننىڭ ئىسمىنى پەرىقلەندۇرۇش ئاسان بولسۇن دەپXPقىلىپ قويۇپ قويغان،Dرايوننىڭ ئىسمىنى DDقىلىپ قويغان ئىدىم.
6.رايوننىڭ سىغىمى--بۇنىڭدا Cدېسكا سىغىمى 15005MBيەنى 15GB،كەينىدىكى Dرايون بولسا25952MBيەنى 25GBچوڭلۇقتا ئايرىلغان.
7.بۇنىڭدا كۆرسەتكىنى بولسا ھازىرغىچە ئىشەتكەن دېسكا سىغىمى،كەمىنەCرايونغان سېستىما قاچىلاپ2401MBئىشلىتىپتىمەن،Dرايون بولسا159MBئىشلىتىپتىمەن.
  ساقلىماقچى بولغىنىمىز سېستىما قاچىلانغانCرايون بولغاچقا ،مائوس بىلەن تاللايمىز:
تاللاپ بولغاندىن كېيىن،okنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز
b12.png


ئەمدىكى كۆزنەكتە بۇ سېستىما پىرىسىنى قايسى دېسكا رايونىغا قويۇشنى بىكىتىپ بېرىمىز،Cرايوننى زاپاسلىغاندىكىن باشقا رايونغا قويىشىمىز كېەكتە،شۇڭا ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن1-ئورۇننى بېسىپ،بۇنىڭدىن ساقلايدىغان دېسكا رايونىنى تاللايمىز،كەمىنە Dرايوننى تاللىدىم
b13.png


تاللاپ بولغاندىن كېيىن،ساقلايدىغان ھوججەتكە نام بېرىمىز،پەرىقلەندۈرۈشكە ئاسان بولىدۇ،كەمىنە نامىنى madikarدەپ يازدىم،يېزىپ بولغاندىن كېيىن،ئوڭ تەرەپتىكى‹save› ساقلاش كونۇپكىسىنى باسىمىز
b14.png



ئاندىن يېڭى كۆزنەك ئېچىلىپ،بۇنىڭدا تۆۋەندىكى 3 تاللاش كۆرىنىدۇ:
b15.png


1.NO--سېستىما زاپاستىن چېكىنىپ،ئالدىنقى كۆزنەككە قايتىش
2.Fast--تېز سۈرئەتتە پىرىسلاش،بۇنىڭدا پىرىسلانغان ھوججەتنىڭ سىغىمى سەل چوڭراق بوپ قېلىشى مۇمكىن،لېكىن كۆپىنچە مۇشۇنى ئىشلتىمىز.
3.Higt--يۇقىرى ھالەتتە پىرىسلاش،بۇنىڭدا ۋاقىت سەل كوپ كېتىدۇ،لېكىن پىرىس ھوججەتنىڭ سىغىمى كىچكرەك چىقىدۇ.


كەمىنە بۇنىڭدا Fastنى تاللاپ داۋاملاشتۇردۇم،ئاندىن يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ:

بۇنىڭدا مەشغۇلاتنى باشلايمۇ دەيدۇ،ماقۇل دەپyesنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز
b16.png


شۇنىڭ بىلەن بۇ كاساپەت سېستىمىنى Dدېسكىغا  مۇشۇ ھالىتىنى ساقلىغان ئاساستا زاپاسلاشنى باشلىۋەتتى.
b17.png


مەشغۇلات ئاياقلاشتى،ئەمدى Continueنى بېسىپ،ئاندىن quitنى بېسىپ چېكىنسەك بولىدۇ
b18.png


b19.png


سۈرەتتە زاپاس ساقلانغان سېستىما،سىغىمى 1GBبوپتۇ،كېيىىن سېستىمىدا مەسىلە كۆرۈنسە،شاقلا قىلىپ،PEمۇھىتىغا كرىپلا،GHOST قورالى بىلەن بۇ ھوججەتنى Cدېسكىغا قايتۇرساقلا،ئەسلىدىكى پېچەت سېستىما قايتىپ كېلىدۇ،شۇنداقلا يۇمشاق دېتال قاچىلايمەن دەپ ئاۋارە بوپمۇ يۈرمەيمىز.

b20.png


~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
يۇقارقى تېما بولسا سېستىما زاپاسلاپ قويۇش توغرىسىدىكى بىرنەچچە خىل ئۇسۇلنىڭ بىرى،كەينىدىكى تېمىدا بولسا،يەنە باشقا قوراللار بىلەن ۋە Windows7ئۆزى تەمىنلىگەن قورال بىلەن مەشغۇلات قىلىش توغرىسىدا توختىلىمىز.

دوسلارغا سالامەتلىك مەڭگۇ يار بولسۇن،ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق ۋە ئائىلەڭلار بەختكە چۆمسۇن.

مەدىكاردىن

  دىققەت:
بۇتېما پەقەت ‹ماكان مۇزىكا مۇنبىرى›ۋە ‹ ئاقىللار مۇنبىرى› تەۋە،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز،مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ.

Rank: 2

توردا
338 سائەت
شۆھرەت
138
پۇل
862
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-29
تىزىملاتقان
2009-1-12
نادىر
0
جۇغلانما
138
يازما
422
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 20:31:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىماققىمۇ بۇ مەشغۇلاتنى قىلىش  تەس  ئوخشايدۇ.
ۋاقىت تۇلىمۇ قىممەتلىك ، ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى

Rank: 8Rank: 8

توردا
47 سائەت
شۆھرەت
137
پۇل
398
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-24
تىزىملاتقان
2011-8-17
نادىر
4
جۇغلانما
137
يازما
80
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 20:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
YAMAHA يوللىغان ۋاقتى  2011-12-26 20:31
قارىماققىمۇ بۇ مەشغۇلاتنى قىلىش  تەس  ئوخشايدۇ.

ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس،دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئورۇن بولسا،deskتاللانمىسى ۋەpartitionتاللانمىسىنى پەرقلەندۈرۈشتە، بىرسى پۈتۈن قاتتىق دېسكىغا قارىتا مەشغۇلات بولسا،كەينىدىكىسى دېسكىدىكى رايونغا قارىتا مەشغۇلات

Rank: 3Rank: 3

توردا
464 سائەت
شۆھرەت
232
پۇل
576
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
232
يازما
1082

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 20:40:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا رەخمەت مۇشۇنداق قىلسا كۆپ ئاۋارىچىكىقتىن قۇتۇلۇپ قالامدۇ نىمە ؟  

Rank: 8Rank: 8

توردا
47 سائەت
شۆھرەت
137
پۇل
398
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-24
تىزىملاتقان
2011-8-17
نادىر
4
جۇغلانما
137
يازما
80
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 20:50:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكان ئەپەندىمنىڭ كومپىيتىرنى مۇشۇنداق قىلدۇق،كەسپى يۇمشاق دېتاللىرىنى باشقا دېسكا رايونىغا قاچىلاپ،پەقەت سېستىماقاچىلانغان Cرايوننى بىرنۇسخا ساقلاپ قويدۇق

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
162 سائەت
شۆھرەت
40
پۇل
419
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
تىزىملاتقان
2011-2-13
نادىر
5
جۇغلانما
40
يازما
185

makan

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 21:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكان ئەپەندىنى ئەسلى سىز ھۇرۇن قىلىۋېتىپتىكەنسىز-دە ......

تېمىڭىزغا رەھمەت ، چوقۇم ئۆگىنىشكە تېگىشلىك مەشغۇلاتلار ئىكەن ...
مۇزىكىنى بىز ئىشلەيمىز ، مۇزىكا بىزنى ئەركىنلىككە باشلايدۇ !

Rank: 3Rank: 3

توردا
45 سائەت
شۆھرەت
312
پۇل
921
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-29
تىزىملاتقان
2010-10-8
نادىر
0
جۇغلانما
312
يازما
204
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 21:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئىسىل جۇما ، رەھمەت بۇرادەر ، ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولغانتى .....ئەمدى win7نىڭ زاپاسلىشىنى تىزرەك چىقىشىنى كۈتەي . قولىڭىز ئالتۇندىن ياسالمىغان بولغىتى ھە .....
باللا waves v8 نى cubase5تە نورمال ئىشلىتەلىدىڭلىمۇ ؟ ياردەم ...

Rank: 1

توردا
94 سائەت
شۆھرەت
33
پۇل
537
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-29
تىزىملاتقان
2011-8-14
نادىر
0
جۇغلانما
33
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 23:03:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىلىسىنىڭ زاپاسلىنىشى پەرىق قىپ كەتمەيدۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
164 سائەت
شۆھرەت
221
پۇل
932
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-29
تىزىملاتقان
2011-9-23
نادىر
1
جۇغلانما
221
يازما
258
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 23:39:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوجىك يوللىغان ۋاقتى  2011-12-26 23:03
ئىككىلىسىنىڭ زاپاسلىنىشى پەرىق قىپ كەتمەيدۇ

ئەسسالامۇئەلەيكۇمlogic  ئەپەندىم ،سىزنىمۇ 64-bit سىستىما ئشلىتىدۇ دەيدۇ،، tirlogy  ،ATMOSPIHERA  ،Neudeo3.2  لارنى نۇرمال ئشلىتىۋاتمسىز؟(WIN764I-BIT مۇھىتىدا)

Rank: 3Rank: 3

توردا
94 سائەت
شۆھرەت
383
پۇل
784
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-29
تىزىملاتقان
2010-12-23
نادىر
0
جۇغلانما
383
يازما
72
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 15:56:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ،usbلىق جەنپەن،ماۋۇس شارايىتىدا سېستىمىنى قانداق قاچىلايدۇ؟جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.
دوسلار يىقىندىن بۇيان مۇنبەر نورمال ئچىلمايۋاتىدىغۇ ،سىلەرنىڭمۇ شۇنداقم

Rank: 3Rank: 3

توردا
45 سائەت
شۆھرەت
312
پۇل
921
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-29
تىزىملاتقان
2010-10-8
نادىر
0
جۇغلانما
312
يازما
204
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 20:38:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادىرىم ......win7نىڭ زاپاسلاش دەرىسلىكىنى قاچان يوللايسىز ؟ بەك تەقەززا بوپكەتتىم
باللا waves v8 نى cubase5تە نورمال ئىشلىتەلىدىڭلىمۇ ؟ ياردەم ...

Rank: 1

توردا
94 سائەت
شۆھرەت
33
پۇل
537
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-29
تىزىملاتقان
2011-8-14
نادىر
0
جۇغلانما
33
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 23:13:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيۇم يوللىغان ۋاقتى  2011-12-26 23:39
ئەسسالامۇئەلەيكۇمlogic  ئەپەندىم ،سىزنىمۇ 64-bit سىستىما  ...

4.3Neudeoنى  بۇرۇن ئىشلەتكەن  تىرلوجىي نىمۇ ھەم شۇنداق ،يېقىندىن بۇيان لوجىك ئىشلىتىۋاتىمەن

Rank: 1

توردا
94 سائەت
شۆھرەت
33
پۇل
537
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-29
تىزىملاتقان
2011-8-14
نادىر
0
جۇغلانما
33
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 23:15:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sonar يوللىغان ۋاقتى  2011-12-27 15:56
رەخمەت سىزگە ،usbلىق جەنپەن،ماۋۇس شارايىتىدا سېستىمىنى ...

ئاساسى تاختىڭىزGIGABYTE ئوخشىمامدۇ ؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
94 سائەت
شۆھرەت
383
پۇل
784
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-29
تىزىملاتقان
2010-12-23
نادىر
0
جۇغلانما
383
يازما
72
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 01:34:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاساسى تاختا intel dx58so2
http://item.taobao.com/item.htm?id=9619149490
دوسلار يىقىندىن بۇيان مۇنبەر نورمال ئچىلمايۋاتىدىغۇ ،سىلەرنىڭمۇ شۇنداقم

Rank: 8Rank: 8

توردا
47 سائەت
شۆھرەت
137
پۇل
398
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-24
تىزىملاتقان
2011-8-17
نادىر
4
جۇغلانما
137
يازما
80
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 11:22:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sonar يوللىغان ۋاقتى  2011-12-27 15:56
رەخمەت سىزگە ،usbلىق جەنپەن،ماۋۇس شارايىتىدا سېستىمىنى ...

قاچىلاشقا بولىدۇ،لېكىن BIOSتا USBمائوس تەڭشەلمىسى ئوچۇق بولىشى كېرەك..ئاساسى تاختىنىڭ كىتابچىسىنى تاشلىۋەتمىگەن بولسىڭىز قاراپ بېقىڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-1-29 19:41 , Processed in 0.736205 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش