ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 419 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 370|ئىنكاس: 19

[مەدىكار]بىرنەچچە خىل سېستىما قاچىلاش ئۇسۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
64 سائەت
شۆھرەت
285
پۇل
533
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2011-8-17
نادىر
4
جۇغلانما
285
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 23:35:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ھازىر كۆپىنچە GHOSTپىرىسىدىكى سېستىما قاچىلاپ ئىشلتىمىز،چۇنكى GHOSTپىرىسىدىكى سېستىما قاچىلاشقا قولايلىق،قاچىلىنىش سۈرئىتى تېز بولىشى بىلەن بىزگە ناھايىتى تونۇشلۇق،لېكىن مۇشۇنداق بولىسمۇ بەزى دوسلار نورمال قاچىلاش قىلالمايدىغان،قاچىلىنىش تىزىملىگگە كەلگەندە ئىككىلنىپ قالىدىغان ئىشلار مەۋجۇت،شۇڭا كەمىنە بىر قىسقا دەرىسلىك تۈزۈپ قويۇشنى قارار تاپتىم.ئىلگىرى نورمال قاچىلاش ئۇسۇلى توغرىسىدا كۆپلىگەن تېما يازغان ئىدىم.ئۇلارمۇئاقىللار  مۇنبەرىدەبەلكىم باردۇر.
بۇقېتىم مەشغۇلات توردىن چۈشۈرگەن GHOSTسېستىمىغا قارىتا،كېلەركى تېمىدا نورمال قاچىلاش دېسكىنىڭ بىرنەچچە قاچىلىنىش ئۇسۇلى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىنىدۇ.
    قۇرۇق گەپنى ئازقىلىپ تېمىغا كېلەي،بۇگۈنكى سېستىما  قاچىلاش ئۇسۇلىمىز تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە تۇرگە بۆلىنىدۇ:
1.توردىن چۈشۈرگەن سېستىما ISOھوججىتىنى دېسكىغا ئويۇپ،ئوپتىك دېسكىدىن يېتەكلەپ قاچىلاش.
2.توردىن چۈشۈرگەن ISOھوججەتنى دېسكىغا ئويماي،PEسېستىمىدا قاتتىق دېسكىنىڭ ئۆزىدىلا قاچىلاش.
3.توردىن چۈشۈرگەنISOھوججەتنى winrarبىلەن يېشىپ،ئۇدۇللا‹دېسكىدا قاچىلاش› بۇيرىغى بىلەن قاچىلاش.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~`
تېمىدا ئىشلەتكەن سۈرەتلەرSnagitيۇمشاق دېتالىدا ئۈستەل مۇھىتىدا تۇتۇلدى.
دېسكا ئويۇشقا بولسا ھورمەتلىكAshampoo Burning Studio 11يۇمشاق دېتالى ئىشلىتىدى.
تېمىدىكى سېستىما قاچىلاش تەقلىدى مۇھىتىغا VMwareيۇمشاق دېتالى تەمىنلىگەن تەقلىدى مۇھىت ئىشلتىلدى
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
1.ئوپتىك دېسكىغا ISOھوججەتنى ئويۇپ،ئوپتىك دېسكىدىن يېتەكلەپ سېسىتما قاچىلاش
    ئالدى بىلەن بىردانە قۇرۇق بولغان ئوپتىك دېسكىنى دېسكا ئاپاراتىغا سېلىپ،ashampoيۇمشاق دېتالىنى قوزغىتىمىز:
a1.png


ئاندىن مەشغۇلات يۈزىدە سۈرەتتىكى ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن تاللانما‹创建 刻录 浏览光盘映像›تاللانمىسىنى باسىمىز
a2.png


باسقاندىن كېيىن كېڭەيتىلمە تاللانما ئېچىلىدۇ،بۇنىڭدىكى 1-تاللانما‹从光盘映像刻录›نى باسىمىز.
a3.png


ئەمدىكى كۆزنەكتە بىزدىن ISOھوججەتنى كۆرسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ،‹浏览›كونۇپكىسىنى باسىمىز
a4.png


ئاندىن دېسكا رايونىدىكى ISOھوججەتنى كۆرسىتىپ تاللاپ،‹确定›قىلىمىز،سۈرەتتىكىدەك


شۇنىڭ بىلەن يېڭى كۆزنەك ئېچىلىپ،بۇISOھۆججەتنى دېسكىغا نورمال ئويغىلى بولىدىغانلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ
a5.png


،لېكىن بىز يەنە تەڭشەش قىلىمىز.ئاستىدىكى ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن‹更改选项›تاللانمىسى بىلەن،دېسكا ئويۇش مەشغۇلاتىغا سەل ئۆزگەرتىش قىلىمىز:
a6.png


تەڭشەش تاللانمىسى ئېچىلغاندىن كېيىن،ئويۇش سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىمىز،كەمىنە4xسۈرئەتكە ئەكەلدىم.بۇنداق بولغاندا ۋاقىت جىق كەتسىمۇ،لېكىن ئويۇلغان دېسكىنىڭ سۈپىتىگە ياخشى.باشقا يەرگە ئېيتىشماي،‹确定› بېسىپ،مۇقىملاشتۇرىمىز.
ئەمدى كۆزنەك ئاستىدىكى‹刻录 DVD›نى باسساق،ئويۇشنى باشلايدۇ
a7.png

a8.png


دېسكا ئويۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن،ئاپتوماتىك ھالدا دېسكىنى چىقىرىپ بېرىدۇ،شۇڭا ھېچنىمىگە ئېيتىشماي،چېيىڭىزنى ئىىچىپ تۇيۇڭ..
a9.png


شۇنداق قىلىپ،قولىمىزدا بىردانە سېستىما قاچىلاش دېسكىسى بولدى،ئەمدى ئوپتىك دېسكا بىلەن سېستىمىنى يېتەكلەپ قاچىلاش قىلساق بولىدۇ.
  تولۇقلىما:
  سېستىما قاچىلاش ئوپتىك دېسكىدا،قاچىلىندىغان سېستىمىدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن قولايلىق قوراللار بىللە تەمىنلەنگەن بولىدۇ،مەسىلەن PEمۇھىتى،دېسكا قوراللىرى،سسېتىما ئابونىت مەخپى نومىرىنى يوقىتىش دىگەندەك قوراللار،شۇڭا بۇنداق بىردا ئوپتىك دېسكا قولىڭىزدا بولسا،ناھايىتى قولايلىق بولىدۇ،شۇڭا ئوبدان ساقلاپ قويۇڭ.
  ئەمدى سېستىما قاچىلاشنى باشلايمىز،كومپىيوتىرنى قوزغىتىپ،‹del›كونۇپكىسىنى بېسىپ،سېستىما يېتەكلەشنى CD-ROMئوپتىك دېسكىغا توغرىلايمىز،
a10.png

a11.png



ئاندىن بايام ئويۇۋالغان دېسكىنى دېسكا ئاپاراتىغا سېلىپ،‹F10›كونۇپكىنى بېسىپ،مۇقىملاشتۇرۇپBIOSتەڭشەشتىن چېكىنىمىز
a12.png


كومپىيوتىر قايتا قوزغىلىپ،ئوپتىك دېسكا بىلەن يېتەكلىنىپ،دېسكىنىڭ تاللانمىسىغا كېلىدۇ،بۇۋاقىتتا 1-تاللانما‹安装Windows›تاللىساقلا،ئاپتوماتىك ھالدا GHOSTنى قوزغىتىپ،سېستىما GHOپىرىس ھوججىتىنى Cرايونغا قايتۇرۇشنى باشلايدۇ
a13.png



،شۇڭا ھېچنىمە بىلەن ئېيتىشماي،تامىقىڭىزنى يەۋېرىڭ.قاچىلاش ئاياقلاشقاندىن كېيىن،ئاپتوماتىك قوزغىلىپ،نورمال مەشغۇلات سېستىمسىغا كىرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭمۇ مەشغۇلاتىمىز ئاياقلىشىپ،تورغا چىقىشىنى تەڭشىسەكلا بولىدۇ.


~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
2.توردىن چۈشۈرگەن ISOھوججەتنى دېسكىغا ئويماي،PEمۇھىتىدا قاچىلاش قىلىش
PEمۇھىتىغا كىرىش ئۈچۈن ئوخشاشلا قولىمزدا بىردانە PEمۇھىتى بولغان سېستىما دېسكىسى ياكى PEسېستىمىسى قاچىلانغان يېتەكلىگىلى بولدىغان بارماق دېسكا بولىشى شەرىت،ئاندىن ئوخشاشلا BIOSقاكىرىپ،يېتەكلەش تەرتىۋىنى مۇشۇ سايمانلارغا قارىتى،PEبىلەن سېستىمىنى يېتەكلەيمىز:
كومپىيوتىر قوزغىلىپPEمۇھتىغا كىرگەندىن كېيىنPEبىلەن تەمىنلەنگەن ‹虚拟光驱› قورالى بىلەن ISOھوججەتنى تەقلىدىي ئوپتىك دېسكىغا قاچىلاتقۇزىمىز.
ئاندىن PEمۇھىتى تەمىنلىگەن GHOST11قورالىنى قوزغىتىمىز
a14.png


ئاندىن GHOSTقوزغالغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى تەرتىپ بىلەن مەشغۇلات قىلىمىز
  1. local  
  2. partition
  3. from image
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ئاندىن ئېچىلغان كۆزنەكتە،پەسكە تارتىپ،تەقلىدىي ئوپتىك دېسكىنى كۆرسىتىپ،ئۇنىڭدىكى سېستىما GHOھۆججىنى تاللاپ.‹open›نى باسىمىز
a15.png

a16.png

ئاندىن يېڭى كۆزنەكتە ئوخشاشلا‹ok›كونۇپكىسىنى باسىمىز
a17.png


دىققەت: ئەمدى مۇھىم باسقۇچقا كەلدۇق،بۇ رەسىمدىكىسى بولسا ھازىقى قاتتىق دېسكىنىڭ ئۇچۇرى،‹drive›تۈرىدە 1-قاتتىق دېسكا،‹size›تۈرىدە قاتتىق دېسكىنىڭ سىغمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،
a18.png



ئەگەر سىزنىڭ كومپىيوتىڭىزدا بىرنەچچە قاتتىق دېسكا بولسا،ئۇۋاقىتتا چوقۇم سېستىما قاچىلاپ ئىشلتىۋاتقان ئاساسلىق قاتتىق دېسكىنى دېسكا سىغىمى بويىچە مۇشۇ ئورۇندا توغرا بېكىتىشىڭىز كېرەك،بولمىسا باشقا قاتتىق دېسكىغا قاچىلاپ سېلىپ،مۇھىم ھوججەتلەردىن ئايرىلىپ قالدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ،ئادەتتە ھەرقايسى دېسكا رايونلىرىغا ئېنگىلىزچە نام قويىۋالساق، پەرىق لەندۈرۈش ئاسان بولىدۇ،مەسىلەن Cرايونغا systemدەپ نام قويساق،GHOSTيۇمشاق دېتالى بۇ نامنى رايون تاللانمىسىدا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ،ئادىشىپ قالمايمىز.تاللاپ بولۇپ كۆزنەك ئالمىشىمىز
a19.png



بۇكۆزنەكتە بولسا دېسكىنىڭ رايون رايونغا ئايرىلىش ئەھۋالى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ،ئۈستىدىكى ‹primary›بولسا ئاساسى رايون دىگەنلىك،يەنى سېستىما يېتەكلىيالايدىغان ئاساسى رايون‹活动分区›بولىدۇ،مەشغۇلات سېستىمىسى مۇشۇنداق ئاساسى رايونغا قاچىلىنىدۇ،يەنى كۆپىنچە تىلغا ئالغان Cرايون.ئاستىدىكى ئىككىنچى قۇردىكىسى بولسا‹logical›لوگىكىلىك رايون،يەنى‹扩展分区،逻辑分区›دىگەن دېسكا رايونى،كۆپىنچەD،Eدىگەن رايونلار،شۇڭا خاتاتاللاپ يۈرمەي‹primary›نى تاللاپ داۋاملاشتۇرىمىز.
ئەمدى مۇشۇ رايونغا قايتۇرام دەيدۇ،‹yes› نى بېسىڭ،
a20.png


ئەمدى دېسكا رايونى ‹NTFS›ئىكەن،ئۇچى بۇچى،تارانچى دەيدۇ،
a21.png


كارىڭىز بولماي يەنە ‹yes›نى بېسىڭ.شۇنىڭ بىلەن كاساپەت سېستىما قاچىلاشنى باشلايدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن ئوپتىك دېسكىدا يېتەكلەپ قاچىلىغاندىنمۇ ئىىتتىك ھالدا سېستىمىنى قاچىلاپ بولىمىز
a22.png


~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
3.مەشغۇلات سېستىمىسىدا تۇرۇپ،IOSھوججەتنى قاچىلاش
توردىن چۈشۈرگەن بۇنداق IOSسېستىما دېسكىلىرىنىڭ ھەممىسىدە‹硬盘安装器›،يەنى قاتتىق دېسكىدا تۇرۇپ قاچىلاش دىگەن بىردانە يۇمشاق دېتال بىللە تەمىنلەنگەن بولىدۇ،شۇڭا بىز سېستىما IOSھوججىتنى winrarيۇمشاق دېتالى بىلەن مەلۇم دېسكا رايونىغا يېشىپ بولۇپ،يېشىلغان ھۆججەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ،硬盘安装器نى قوزغىتىپ،قاچىلاش قىلساقلا كۇپايە

سۈرەتتە يېشىلگەن ھۆججەت،ئاندىن 硬盘安装器قوزغىتىلىدۇ
a23.png


a24.png


بۇيۇمشاق دېتال قوزغىلىپ،تېزدىن قاتتىق دېسكىنىڭ ھازىرقى دېسكا رايون ئەھۋالىنى ئوقۇش قىلىدۇ،ئاندىن GHOھوججەتنى تاپىدۇ،ياكى ئۆزىمىز GHOھوججەتنى كۆرسىتىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ،قاچىلىنىدىغان دېسكا رايونىنىمۇ ئۆزى ئاپتوماتىك تاپىدۇ،ئاندىن بىز پەقەت‹执行›نى باسساقلا،كومپىيوتىر قايتا قوزغىتىلىپ ئاپتوماتىك ھالداGHOSTقورالىنى قوزغىتىپ،سېستىما قاچىلاشنى باشلايدۇ،شۇڭا بىزنىڭ مەشغۇلاتقا ئارىلىشىشمىز ھاجەتىسىز ،شۇنداقلا BIOSقا كىرىپ يېتەكلەش تەڭشەشمۇ ھاجەتسىزدۇر
a25.png



دىققەت:
  يۇقارقى سۈرەتتە كۆرگىنمىزدەك بىردانە سېستىما GHOھوججىتىدىن باشقا يەنە بىردانە‹HD-4.GHO›ھوججىتىمۇ تۇرۇپتۇ،ھەرگىزمۇ ئۇنى تاللاپ سالماڭ!!!،بۇ ھۆججەت بولسا يېڭى قاتتىق دېسكىنى تېزدىن 4رايونغا ئايرىشقا ئىشلتىدىغان ھوججەت!!!تاللاپ سېلىپ قايتۇرۇپ سالسىڭىز،قاتتىق دېسكىڭىزدىكى بارلىق رايونلارنى يۇيۇپ تاشلاپ،4 رايونغا بۆلۈپلا قاراپ ئولتۇرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن قاتتىق دېسكىدىكى بارلىق ھوججەتتىن ئايرىلىپ قالىسىز!!!!


   شۇنداقلا 硬盘安装器بولسا XPسېستىمىسدا ماس كېلىدۇ،WIN7سېستىمسىىدا بولسا،بۇيۇمشاق دېتال قوزغىتىش بۆلىكىگە ئۇچۇر يازالمىغانلىقتىن،سېستىما قاچىلاش مەقسىتىگە يېتەلمەي قالىمىز،بۇۋاقىتتا يۇقارقى PEئۇسۇلنى ئىشلەتسەك بولىدۇ。

Rank: 2

توردا
166 سائەت
شۆھرەت
125
پۇل
428
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
تىزىملاتقان
2008-10-28
نادىر
0
جۇغلانما
125
يازما
165
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 23:43:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يو.......نوچى تېما بىلەن توشتۇرۋەتتىڭىزغۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
64 سائەت
شۆھرەت
285
پۇل
533
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2011-8-17
نادىر
4
جۇغلانما
285
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 23:43:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى ئاقىللار مۇنبىرىدە يازغان ئىدىم،بۇگۈن ماكان ئەپەندىمنىڭ ماقۇللىغى بىلەن، ماكان مۇنبىرىگە كۆچىرىپ كەلدىم ،دوسلارغا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس...شۇنداقلا سېستىما زاپاسلاش دەرىسلىگى جىددى تۈزۈلمەكتە

Rank: 3Rank: 3

توردا
489 سائەت
شۆھرەت
395
پۇل
940
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
395
يازما
1144

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 01:15:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت تېمىڭىزغا ياخشى تېما بوپتۇ
تەتىلدە دەم ئېپ كۈنۈپ قېپ دەرىس ئۈتۈش خوش ياقمايۋاتىدىغۇ بىرادەرلەر  

Rank: 3Rank: 3

توردا
188 سائەت
شۆھرەت
363
پۇل
1230
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2011-9-23
نادىر
1
جۇغلانما
363
يازما
302
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 02:25:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە مەدىكار ئەپەندىم يەنە بىر مەسىلىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز ؛  سېستىما يېتەكلىيالايدىغان ئاساسى رايون قوشۇش(سېستىما يېتەكلىيالايدىغان ئاساسى رايۇن كۆپەيتىش ،ياكى؛بىرنەچچە سىستىماقاچىلاپ ئىشلىتىش ) ئۇچۇن ، رايۇننى قايسى ھالەتتە تەڭشەيمىزكى ، كۆرسەتمە بەرسىڭىز

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2280
پۇل
2996
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2280
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 10:33:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
win 7 نى مەدىكار دوستىمىز تەڭشەپ قاچىلاپ بەردى.شۇنىڭ بىلەن nuendo 3.2 نى مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلىدىم،شۇنداقلا hypersonic2 مۇ نورمال قاچىلاندى..رەھمەت ئاتاش~~~

Rank: 4

توردا
210 سائەت
شۆھرەت
685
پۇل
2141
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
تىزىملاتقان
2009-5-10
نادىر
0
جۇغلانما
685
يازما
597
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 13:26:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مەنمۇ ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام مەدىكار بۇرادەر .لوجىك بۇرادەرلەر قاچىلاپ بىرەركەن .ئۆزۈم قاچىلاشقا يەنە كۆزۈم يەتمەيۋاتىدۇ.
ياشا ئۇيغۇرۇم

Rank: 4

توردا
210 سائەت
شۆھرەت
685
پۇل
2141
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
تىزىملاتقان
2009-5-10
نادىر
0
جۇغلانما
685
يازما
597
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 13:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qqنۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويامسىز .يا مىنى قوشىۋېلىڭ ،سورايدىغانلىرىم باتتى.1746223513
ياشا ئۇيغۇرۇم

Rank: 8Rank: 8

توردا
64 سائەت
شۆھرەت
285
پۇل
533
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2011-8-17
نادىر
4
جۇغلانما
285
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 13:55:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيۇم يوللىغان ۋاقتى  2011-12-26 02:25
رەھمەت سىزگە مەدىكار ئەپەندىم يەنە بىر مەسىلىنى كۆرسى ...

   قاتتىق دېسكىدا رايونغا ئايرىش ئادەتتە كۆپ قىلىدىغان مەشغۇلات بولسىمۇ،X86ئۆلچىمىدە قاتتىق دېسكىنىڭ رايونغا ئايرىلىشىغا قاتتىق تەلەپ بار.
MBR---主引导记录=بۇقاتتىق دېسكىنىڭ مۇھىم ئۇچۇر ساقلانغان قىسمى،بۇنىڭدا قاتتىق دېسكىنىڭ رايونغا ئايرىلىش ئەھۋالى،يېتەكلەش كودى،رايون ئايرىلىش ئورنى دىگەندەك ئۇچۇرلار ساقلىنىدۇ،بۇئورۇن قاتتىق دېسكىدا0ئورۇن،0ماگنىت باش،1سېكتوردا بولىدۇ،بۇئورۇن قاتتىق قوغدىلىدىغان ئورۇن،MBRبۇزۇلسا ئادەتتە قايتۇرۇش قىلساق بولىدۇ،ئەگەر قايتۇرۇش قىلالماي قايتا قۇرساق قاتتىق دېسكىدىكى رايون ئايرىلىش ھوججىتى يوق بولۇپ،ئۇچۇردىن ئايرىلىدىغان گەپ.!!!شۇڭا MBRنى بىرپارچە ساقلاپ قويۇش بەك مۇھىم.بۇنىڭغا DeskGeniusيۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.

  قاتتىق دېسكا رايونغا ئايرىلغاندا X86ئۆلچىمى بويىچە، ئاساسى رايون ۋە كەڭەيتىلمە رايوننىڭ قاتتىق دېسكىدى سانى 4تىن ئاشماسلىغى كېرەك،يەنى سىز4دانە ئاساسى رايون قۇرالايسىز.
  بۇنىڭدىكى ئاساسى رايون 主分区بولسا سېستىما يېتەكلەش ئۇچۇرلىرى يېزىلىدىغان ئورۇن،مەسىلەن سىز سېستىمىنى كەڭەيتىلمە رايونDغا قاچىلىغان بولسىڭىز،ئۇۋاقىتتاBOOTھوججەتلىرى يەنىلا ئاساسى رايون بولغانCدېسكىغا يېزىلىدۇ،چۈنكى كومپىيوتىر قوزغىلىپ،BIOSقاتتىق دېتاللانى يېتەكلەپ بولغاندىن كېيىن،مەشغۇلات سېستىمسىنى يېتەكلەشنى MBRغا يوللاپ بېرىدۇ،MBRئۆزىدىكى يېتەكلەش جەدۋېلىنى ئوقۇپ،ئاساسى رايوندىكى سېستىما يېتەكلەش بۇيرىقىنى ئىچكى ساقلىغۇچقا ئەكىرىپ بەرگەندىن كېيىن،مەشغۇلات سېستىمىسى مۇشۇ يېتەكلەش بۇيرىغى بىلەن قوزغىلىش قىلىدۇ..
سۈرەتتە كەمىنەنىڭ دېسكا رايون ئەھۋاللىرى:
des.png


1-قاتتىق دېسكىغا Windows7سېستىمىسى قاچىلانغان،ئاندىن ئىككى لوگىكىلىق رايونغا ئايرىلغان،يەنە بىردېسكا رايونغا ئايرىلمىغان،3-قاتتىق دېسكا ئاساسى رايون بىلەن 5رايونغا ئايرىلغان،بۇ قاتتىق دېسكا سېستىما قاچىلاش تەڭشەش دىگەندەك سىناققا ئىشلتىمەن.

des1.png

سىزنىڭ كومپىيوتىرغا مەسىلەن بىرنەچچە قاتتىق دېسكا قاچىلىغان بولسىڭىز،بۇقاتتىق دېسكىلارنىڭ ھەممىسدا چوقۇم بىردىن ئاساسى رايون بولىدۇ،پەقەت مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان ئاساسى رايونلا.سېستىمىنى يېتەكلەپ،مەشغۇلات سېستىمسىنى ئىشلىتىشكە يوللاپ بېرىدۇ.كەڭەيتىلمە رايون قۇرۇلغاندىن كېيىن،بۇرايونغا قۇرىدىغىنىمىز بولسا لوگىكىلىق رايونلار،ئادەتتەD,Eدەپ تىلغا ئالغان رايونلار.سۈرەتتە يېشىل كاتەكچە ئىچىدىكى E Gدىگەن رايونلار دەل شۇ كەڭەيتىلمە رايوننىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان لوگىكىلىق رايون ھېساپلىنىدۇ.

بىرنەچچە سېستىما قاچىلاپ ئىشلتىمەن دېسەك،مەىسلەن XPبىلەن Windows7سېستىمىسى قاچىلانغان قوش سېستىما،بۇنىڭغا ئاساسى رايون ئايرىپ تەڭشەپ يۈرۈش ھاجەتىسىز،ئاددى ئۇسۇلى بولسا،ئالدى بىلەن Xpنى قاچىلاپ،ئاندىن Windows7نى قاچىلاش،ئەلبەتتەwind7نى باشقا دېسكا رايونىغا قاچىلاپ قويساق بولىدۇ،يەنەبىر ئۇسۇل بولسا ،بىرلا دېسكا رايونىغا بۇئىككى سېستىمىنى قاچىلاش.ئەگەر ئالمىنىڭ MACسېستىمسىنىمۇ قاچىلايمەن دېسىڭسىز،ئۇنداقتا مۇنبەردە بۇتوغرىسىدا تېمابار.

كەمىنە قوش سېستىما ئىشلەتسەممۇ،قوشۇمچە سېستىما تەقلىدىي مۇھىتتا ئىشلەيدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
64 سائەت
شۆھرەت
285
پۇل
533
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2011-8-17
نادىر
4
جۇغلانما
285
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 13:58:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  1. 315713786
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
كەمىنەنىڭ QQنومىرى:

Rank: 3Rank: 3

توردا
54 سائەت
شۆھرەت
422
پۇل
1167
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2010-10-8
نادىر
1
جۇغلانما
422
يازما
242
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 14:46:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇردىرىم «مەدىكار»دىسەم ، ئالتۇن دىدى زەگە......بەك ئىسىل بالا مۇشۇ . قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، 备份قىلىشنىڭ دەرىسلىگەنىمۇ مۇشۇنداق پەچەت چىقىرۋەتسىڭىز تىخىمۇ تولۇق  بولاركەن ، ھەم ئىشەنچلىك....
باللا waves v8 نى cubase5تە نورمال ئىشلىتەلىدىڭلىمۇ ؟ ياردەم ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
167 سائەت
شۆھرەت
69
پۇل
464
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
تىزىملاتقان
2011-2-13
نادىر
5
جۇغلانما
69
يازما
187

makan

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 14:52:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ... يامان ئېسىل تېما بوپتۇ ...
مۇزىكىنى بىز ئىشلەيمىز ، مۇزىكا بىزنى ئەركىنلىككە باشلايدۇ !

Rank: 3Rank: 3

توردا
371 سائەت
شۆھرەت
376
پۇل
1456
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
تىزىملاتقان
2009-1-12
نادىر
0
جۇغلانما
376
يازما
533
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 16:03:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە  ياخشى تېما بوپتۇ
ۋاقىت تۇلىمۇ قىممەتلىك ، ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى

Rank: 3Rank: 3

توردا
113 سائەت
شۆھرەت
452
پۇل
917
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2010-12-23
نادىر
0
جۇغلانما
452
يازما
86
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 23:49:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ،usbلىق جەنپەن،ماۋۇس شارايىتىدا سېستىمىنى قانداق قاچىلايدۇ؟جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.
دوسلار يىقىندىن بۇيان مۇنبەر نورمال ئچىلمايۋاتىدىغۇ ،سىلەرنىڭمۇ شۇنداقم

Rank: 3Rank: 3

توردا
188 سائەت
شۆھرەت
363
پۇل
1230
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
تىزىملاتقان
2011-9-23
نادىر
1
جۇغلانما
363
يازما
302
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 00:02:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدىكار يوللىغان ۋاقتى  2011-12-26 13:58
كەمىنەنىڭ QQنومىرى:

0.jpg
  بۇمىنىڭ كومپىيوتىرىمنىڭ رايۇنغا ئاريرىلىش ئەھۋالى  سىزنىڭچە نۇرمالمۇ؟ سىستىما يىتەكلش رايۇندىن بىرنى كۆپەيتەيدىگەنتىم ،،،،ئاۋارە قىلدىم،،،،بولسا چ چ  نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-12 22:10 , Processed in 0.378498 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش